شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ساقلىنىش چارىسى
ئەللامە ئۇبنى جىبرىن
مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالامدىن بۇنداق مۈشكىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن ھەدىسلەر كۆپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇنداق دېگەن:« شەيتان بەزىدە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا "ئاللاھنى كىم ياراتقان؟" دەيدىغان شېكنى سالىدۇ. سىلەر شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، چىن قەلبىڭلاردىن"مەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم"دەڭلار. سىلەردىكى بۇ ۋەسۋەسە ھامان يوقىلىدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:«كىمكى قەلبىدە بۇنداق ۋەسۋەسە پەيدا بولغان ئادەم، ھامان،"ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم"دەپ ئىمانىنى يېڭىلىسۇن»دەپ كۆرسەتكەن. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:« شەيتان سىلەرگە كېلىپ" بۇنى كىم ياراتتى؟ "ئۇنى كىم ياراتتى؟" دەپ سورايدۇ، ھەتتا" رەببىڭنى كىم ياراتتى؟"دەپ سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھ تائالاغا شېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەڭلار ۋە ھامان كۆڭلۈڭلارنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىڭلار.» ( بۇخارى رىۋايىتى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:« سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار»دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە:« ئاللاھ تائالانىڭ خەلقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىڭلار. ئەمما ئۇنىڭ زاتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار» دەپ كەلگەن.
يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ دەيمىزكى، بىراۋنى شەيتان ۋەسۋەسىگە سېلىپ، ئىمانغا زىيان يەتكۈزىدىغان خىياللارغا باشلىغاندا، دەرھال بۇ خىيالنى توختىتىپ ۋە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش لازىم. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ۋەسۋەسىدىن ساقلىنىشقا ياردەمچى بولىدۇ:
(1) ئەقىدىگە زىيانلىق قانداقلا بىر ئوي-پىكىر خىيالغا كەلگەن ھامان ئىماننى يېڭىلاپ «ئامەنتۇ بىللاھ»يەنى|( ئاللاھقا ئىمان ئېيتتىم)دېيىش.
(2) شەيتاننىڭ شېررىدىن پاناھ تىلەش ۋە « ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەل كەلىمىلىرىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن، يامان ئىشقا كۈشكۈرتىشىدىن ۋە باشلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن»دېگەن دۇئانى ئوقۇش.
(3) ۋەسۋەسىگە ئۇچرىغاندا، سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈش.
(4) ۋەسۋەسە كەلگەندە خىيالنى باشقا ياققا بۇراپ، زېھىننى باشقا مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق شەيتانغا پۇرسەت بەرمەسلىك.
(5) ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش. چۈنكى ئىخلاس سۈرىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ كامالىي سۈپەتلىرى ئىخچام ھالدا بايان قىلىنغان ھەمدە بۇ سۈرىنى ئۈچ قېتىم ئوقۇش قۇرئان كەرىمنى تامام قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىقتۇر.
(6) ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقانلىرى، نېمەتلىرى ۋە پەزلى-ئىھسانلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسان ئەقلىنى ئاللاھ تائالاغا باشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
[ بۇ يازمىنىalkoyar 2012-04-18 23:06قايتا تەھرىرلىدى ]