ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
كېسەللەرگە تائاملارنى كۆپ زورلىماسلىق
‹تىرمىزى›دىكى: ئەقەبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كېسەللىرىڭلارنى يېمەك - ئىچمەككە زورلىماڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تائام ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىدۇ». [2040 - ھەدىس]
بەزى پىشقەدەم تىۋىپلار مۇنداق دېدى: بۇ نېمە دېگەن پايدىسى كۆپ ئىلاھى ھېكمەتكە يولغان پەيغەمبىرانە سۆز ھە؟! بۇلۇپمۇ تىۋىپلارغا! چۈنكى كېسەل ئادەمنىڭ يېمەك - ئىچمەككە كۆڭلىنىڭ تارتماسلىقى - تەبىئىتىنىڭ كېسەللىك بىلەن جىددىي ئېلىشىۋاتقانلىقىدىن ياكى ئىشتىھانىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىگىدىن بۇلىدۇ. ئىشتىھانىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بولسا - تەبىئى ھارارەتنىڭ سۇسلاپ قېلىشى ۋە پەسلەپ كېتىشىدىن بۇلىدۇ. شۇنداق ھالەتتە ئۇنى قانداقمۇ يېمەك - ئىچمەككە زورلىغىلى بۇلىدۇ؟
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاچلىق - بەدەننىڭ ھەزىم قىلىنىپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇقلۇق تەلەپ قىلىشتۇر. ئۇ بۇ ئارقىلىق يىراق - يېقىن ئەزلارنى جەلب قىلىدۇ. بۇ جەلب قىلىش ئاشقازانغا بېرىپ توختايدۇ. شۇ چاغدا ئىنسان ئاچلىقنى ھېس قىلىدۇ ۋە يېمەكلىك تەلەپ قىلىدۇ. كېسەل ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئۆزىدىكى خىلىتلارنىڭ پىشىش ۋە ئۇنى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق جەريانلارغا مەشغۇل بۇلۇپ قالغاندا، ئۇنى يېمەك - ئىچمەك زورلاش - ئۇنىڭ تەبىئىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى توختىتىدۇ، يەنى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقىنى تاماق ھەزىم قىلىشقا يۆتكەيدۇ. بۇ جەريان كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە سەۋەب بۇلۇپ قالىدۇ. بۇلۇپمۇ كېسەل ئەسلىدىنلا ئېغىر بولسا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بۇلىدۇ، ھېلىقى قۇرققان ئاقىۋەت يۈز بېرىپ قالىدۇ.
ھەرقانداق ھالەت ۋە ۋاقىتتا پەقەت كېسەلنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالغۇدەكلا ئۇزۇقلۇق بېرىش لازىم. تەبىئەتكە ئېغىر كېلىدىغان نەرسىلەرنى بەرمەستىن، مىزاجىغا مۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك بېرىش كېرەك. مەسىلەن: نىلۇپەر، ئالما، قىزىلگۈل... لەرگە ئۇخشاش يەڭگىل نەرسىلەرنى بېرىش لازىم. يەنە چۈجە شۇرپىسى بېرىش لازىم. ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى خۇشپۇراق ئەتىر ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ياخشى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش لازىم. تىۋىپ دېگەن كېسەل تەبىئىتىنىڭ خىزمەتكارى ۋە ياردەمچىسى، ئۇ ئازاب سالغۇچى ئەمەس..
يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، ياخشى قان بەدەنگە ئۇزۇقلۇق بۇلىدۇ، بەلغەم دېگەن خام (پىشمىغان)قان. ئەگەر بەزى كېسەللەرنىڭ بەدىنىدە بەلغەم كۆپ بولسا (ئۆزى ياخشى ئۇزۇقلانمىسا)، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىپ خام قاننى پىشۇرۇپ، ئۇزۇقلۇق قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە باشقا يېمەكلىكلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ. ئادەم تەبىئىتى ئۇ - ئىنسان بەدىنىنى ئۇنىڭ ھايات مۇددىتىدە قوغداش، سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن ئاللاھ ئەۋەتكەن قۇۋۋەتتۇر.
يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، گاھى نادىر كېسەللەردە كېسەلنى تاماق يېيىشكە زورلايمىز، بۇ ئەقىلدىن ئاداشقان كېسەللەردە شۇنداق بۇلىدۇ... بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىدىكى ھەدىس ئۇمۇملۇق ئىچىدىن مەخسۇسلاشتۇرۇلغان ھەدىس بۇلۇپ مەزمۇنى: گاھى كېسەللەر تاماقسىز ھالدا ساق ئادەمدىنمۇ بىر قانچە كۈن ئۇزۇن ياشىيالايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« ئاللاھ ئۇلارغا يېمەك - ئىچمەك بېرىدۇ»دېگەن سۆزىدە تىۋىپلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەنادىن باشقا يەنە بىر ئىنچىكە مەنا بار بۇلۇپ، ئۇنى قەلب ۋە روھ ئىشلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەملەرلا تۇنۇپ يېتەلەيدۇ... قەلب ئىشلىرىنى بىلىدىغان ئادەملەر يەنە ئادەم تەبىئىتىدىكى روھنىڭ تەبىئەتكە تەسىرىنى - تەبىئەتنىڭ روھقا بولغان تەسىرىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنچىكە مەنا مۇنداق: ئىنساننىڭ قەلبى ياخشى كۆردىغان، يامان كۆردىغان ياكى قورقىدىغان بىر ئىشقا مەشغۇل بولسا، يېمەك - ئىچمەكنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، قورسىقى ئاچمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ ھەتتا ئىسسىق، سۇغۇقنىمۇ سەزمەيدۇ، گاھىدا قاتتىق ئاغرىقنىمۇ سەزمەيدۇ، ھەرقانداق ئادەم بۇ ئەھۋاللارنى باشتىن ئۆتكۈزمەي قالمايدۇ.
ئەگەر ئىنسان تۇيۇقسىز بىر ئىشقا يۇلۇقۇپ قالسىمۇ قورساقنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئەگەر يۇلۇققان ئىش خۇشاللىق بولسا خۇشلۇق كۈچى تاماق ئورنىدا تۇرىدۇ، قان چىرايىغا تەپچىپ چىقىدۇ، يۈزلىرى يۇرۇپ كېتىدۇ... چۈنكى خۇشاللىق يۈرەك قانلىرىنى كېڭەيتىدۇ، تۇمۇرلار قانغا تولىدۇ. ئەزالار ئادەتلەنگەن يېمەكلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسىگە يۇلۇقتى. ئادەم تەبىئىتى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىگە ئېرىشسە باشقا نەرسىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
ئەگەر يولۇققان نەرسە ئەلەملىك يا ئەندىشىلىك ياكى قۇرقۇنۇچلۇق بولسا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىسى - يادى ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىش، يۇقىتىش، قوغداش بىلەن بۇلۇپ كېتىدۇ... تاماق ئېسىگە كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا، غەلبە خۇشاللىقى ياماق قۇۋۋىتىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ، ئەگەر مەغلۇپ بولسا، ئۇنىڭ كۈچى مەغلۇبىيەت مىقدارى بىلەن ئاجىزلايدۇ... ئەگەر تەڭ چىقىپ قالسا، قۇۋۋەت گاھى ئاشكارا، گاھى مەخپى بۇلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئارىسدىكى ئۇرۇش راست ئۇرۇشقا ئوخشايدۇ، غەلىبە غالىبلارغا، ئەمما مەغلۇپ بولغۇچى يا ئۆلىدۇ، يا جاراھەتلىنىدۇ يا ئەسىرگە چۈشىدۇ.
كېسەلگە ئاللاھ تائالا تىۋىپلار دېگەندىنمۇ كۆپ مەدەتلەرنى بېرىدۇ... (تىۋىپلار: قان بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ دەپ قارايدۇ)بۇ مەدەت شۇ كېسەلنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ۋە سۇنۇقلىقىغا قارىتا بۇلىدۇ... بەدەننىڭ قەلبى قانچە سۇنۇق بولسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە شۇنچە ئېرىشىدۇ، ئەگەر ئۇ كېسەل ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىدىن بولسا، ئۇنىڭغا روھى ئۇزۇقلۇق ھاسىل بۇلۇپ، تەبىئىتىدىكى قۇۋۋەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇنىڭ روھى يېمەكلىك بىلەن ئۇزۇقلانغاندىمۇ بەكرەك جانلىق بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى، مۇھەببىتى، ئۈلپەتداشلىقى، خۇشاللىقى... ئاشقانسېرى، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىياقى، رازىمەنلىكى قاتتىق بۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز، تىۋىپلارمۇ دىئاگىنوز قۇيالمىغان، بىلىممۇ ئۇ يەرلەرگە يەتمەيدىغان دەرىجىدە بىر قۇۋۋەتنى سېزىدۇ.
ئەمما تەبىئىتى بۇ مەنالاردىن يىراق ۋە قاتتىق بولغان، روھى دۇنياسىغا پەردە تارتىلىپ كەتكەن ئادەملەرگە قارالسا - ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۆز ئاشىقلىرىنىڭ مۇھەببىتى تۇلۇپ كەتكەن، ئۇ ئاشىقلىرى: يا سۈرەت يا ئابرۇي ياكى ئىقتىساد ياكى بىلىم.... كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھاللىرىنى تالاي قېتىم كۆرگەن.
«سەھىھ بۇخارى»دا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئارقا ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتاتتى، لېكىن ئەسھابىلىرىنى بۇنداق قىلىشتىن توسايتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:« مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، رەببىم ماڭا ئۇزۇقلۇق بېرىدۇ».
ھەممىگە مەلۇمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بېرىدىغان ئۇزۇقلىقى ئىنسان ئادەتتە يەيدىغان ئۇزۇقلۇق ئەمەس... ئۇنداق بولمىغاندا ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقاننىڭ نېمە ئەھمىيتى؟ شۇڭا ئۇ:‹رەببىم ماڭا ئۇزۇقلۇق بېرىدۇ› دېگەن. ئۇ يەنە: ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش جەھەتتە ئۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئايرىپ، ئۇ ئۇلار قادىر بولالمايدىغان ئىشلارغا قادىر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ئۇ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە ئوخشاش يەيدىغان، ئىچىدىغان بولسا‹ مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن› دېمەيتتى. بۇ خاتا مەنانى قەلب ۋە روھى ئۇزۇقلۇقىدىن نېسىۋىسى ئاز، ۋۇجۇدىدا ئۇنىڭ تەسىرى يوق، جىسمانى ئۇزۇقلوقتىن روھى ئۇزۇقلۇقنىڭ تەسىرى يۇقىرى تۇرىدىغىنىنى بىلمەيدىغان ئادەملەرلا قۇبۇل قىلىدۇ.
مەنبە: پەيغەمبەر تىبابىتى