باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 524 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لىكىن بۈگۈن خىجىل قىلدى بىر ئانا
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
ئۆسۈش: 905 %
مۇنبەر پۇلى: 1698 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 11:35

لىكىن بۈگۈن خىجىل قىلدى بىر ئانا

 

بۇ ئەسەر  تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ساقىيە چۈش تەبىر تورىدىن يۆتكەپ كىلىندى.


لىكىن بۈگۈن خىجىل قىلدى بىر ئانا
 
 
ئاپتورى: چىندىل
 
ئىزتىراپلار بىھاجەت دەپ ئويلايمەن،
ئەيىبىمنى يۈزلىرىمگە سالغاندىن.
بىرى دوستۇم تۈزەتمەككە ھەققى بار،
بىرى دۈشمەن نومۇس قىلماس يالغاندىن.
 
لىكىن بۈگۈن خىجىل قىلدى بىر ئانا،
دىدى بالام داموللامدەك بولسىكەن.
خىجىللىقتىن مەڭزىم ياندى ئوت بولۇپ،
ئۇنداق دىمەي كاچات بىلەن ئۇرسىكەن.
 
سەھۋەنلەرگە تولۇپ كەتتى ھاياتىم،
جاۋابىم يوق ئۇتكەن شۇنچە ئاي يىلغا.
بىخۇدلۇقتا ئىسراپ بولغان بۇ ئۆمرۈم،
قانداق ئۆلگە بولغاي سەبى پاك دىلغا.
 
سەللە تونۇم سوراقلايتى ۋىجداننى،
غەزەپ بىلەن دەيتى؛ ئەي سەن رىياكار.
ئالداپ كەتتىڭ نارىسىدە ئىنساننى،
قىيامەتتە سەن ئالقىشتىن جاۋاپكار.
 
سەندىن تولۇق بىلەر سىنى ئىلاھىڭ،
ئۆزۈڭگىمۇ ئايان گۇمراھ ھاياتىڭ.
زۇق ئىننەكە ئەنتەل ئەزىز دىيىلسە،
نىمە دەرسەن تىكلەنگەندە سىراتىڭ.
 
پىچىرلىدىم: ئەزىز ئوغلۇم كەچۈرگىن،
ئالدىنىپتۇ ئاناڭ مەندىن كۆرمىگىن.
مەندىن ياخشى ئادەم بولغىن كەلگۈسى،
ئەل ئىشەنچى ھەرگىز يەردە قويمىغىن. 
ئەل ياخشى دەپ رەببىم يامان دىگەندىن،
بولسام دەيمەن ئەل دىگەندىن ياخشىراق.
مەن پاش قىلاي يىرىپ يۈرەك قىتىمنى،
ئالتۇن ئەمەس مەن بىر مىسمەن پارقىراق.
 
يىغلىمىغىن ئۆلسەم ئەگەر قىرىنداش،
ئاياغىمدىن سۆرەپ بارغىن لەھەتكە.
دىگىن كەتتى نىئمەتلەرگە قەرزدار،
ئەرزىمەيدۇ ئۇھسىنىشقا ھەسرەتكە.
 
داموللامنىڭ قەبرىسى دەپ گۆدەكلەر،
كىلىپ قالسا دىگىل بۇ بىر رىياخور.
كۆرسىتىپ قوي قىڭغىر قىيسىق ئىزىمنى،
ئاگاھ بولسۇن باسقىنىدا ئۇزاق يول.
 
ھاياتىمدىن نەپ ئالمىدى ھىچ كىشى،
ئىبرەت ئالسۇن ئۆلۈمۈمدىن ئەل خەلىق.
چىن دىلىمدىن تۆۋە قىلدىم ئاڭلاڭلار،
رىيا بىلەن ئۆتكەن كۈنگە ۋا دەرىخ.
 
2012/4/2

مەنبە:http://saqiye.com/news_list.asp?id=394لىكىن بۈگۈن خىجىل قىلدى بىر ئانا
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 266
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
ئۆسۈش: 1140 %
مۇنبەر پۇلى: 2935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-09-10

ياخشى شىئىركەن يەنە يوللاپ تۇرارسىز
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 350
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە350دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 3690 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-09-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 21:44

رىياكارلارنى قامچا بىلەن تازا ساۋاپتىغۇ.