لوندوندا بولىدىغان بوكىس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 25 ئورۇننى تالىشىش ئۈچۈن كۈرەش ،قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر مۇسابىقىنى خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى.جەمى 250 نەپەر تەنھەركەتچى 25 ئورۇننى تالىشىىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.شۇلارنىڭ ئارىسىدا بوكسچى مۇھەممەت تۇرسۇنمۇ بولۇپ، ئۇ ئۆز ئېغىرلىقى بويىچە بارلىق يەكمۇ-يەككە ئىلىشىشلاردا غالىپ چىقىپ، لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
قازاقىستانلىق تىرېنېر خەمىت بەرايېف(سولدا)، مۇھەممەت تۇرسۇن ۋە ئابدۇشۈكۈر مىجىت(ئوڭدا). 2012-يىلى 12-ئاپرېل، ئاستانا.