باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 418 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتتى،
دوستلىشىش
ئابدۈللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10593
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-31
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 10:34

تۈركىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتتى،

.com2012-03-31 08:19

    تۈركىيە دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتتى، باش ئەلچى تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.كونسۇلخانا خىزمەتلىرىنى 22- مارتتا توختاتقان دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسى تاقىۋېتىلدى.ئەلچىخانىنىڭ ئىنتېرنت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «باش ئەلچىخانىمىز 2012- يىلى 26- مارتتىن ئېتىبارەن بارلىق پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق شەكىلدە توختىتىپ قويىدۇ» دېيىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن قايتۇرۇپ كېلىنگەن دەمەشىق باش ئەلچىسى ئۆمەر ئۆنھون بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، سۈرىيەدىن لىۋانغا ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە قايتتى.    تۈركىيەنىڭ ھەلەپ باش كونسۇلخانىسى بولسا، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.تۈركىيە، بۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكىدەك باياناتلارنى بېرىشنىڭ ئورنىغا روشەن ۋە كونكېرت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1- ئاپرېلدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان «سۈرىيەنىڭ دوستلىرى» يىغىنى ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى: «بۇ يەردىن ھەم كۈچلۈك سىگنال، ھەم بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيەنى توختىتىش، سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى مەزمۇن قىلىدىغان، ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتى بار كونكېرت قەدەملەرنى تاشلاشنى ئويلىشىۋاتىمىز ۋە كۈتمەكتىمىز» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03

نىمىشقىدۇ
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى