ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،كەڭساي تورىنى قۇرغۇچى قېرىنداشلار،باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ۋە ئېسىل تېمىلىرى بىلەن مىللىتىمىزنى مەنپەتلەندۈرىۋاتقان يازارمەن دوسىتلار ،ھەممىڭلارغا يېڭى ئەزادىن ئوتلۇق سالام! ئۆزۈم گەرچە يازغۇچى بولمىساممۇ، ئەمما تۆۋەندىكى تېمام ئارقىلىق سىلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ قوياي دېگەن ئۈمۈدىدىمەن.يېتەرسىزلىكلەر بولسا تۈزىتىشكە تىرىشىمەن.
ئوغۇلنىڭ ئۆلۇمى
بۇ بىر ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن ،ئۆيگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان ياش ئەسكەرنىڭ ھېكايىسى.
ئۇ سان-فىرانسىسكودا تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىغا مۇنداق دەپ تېلىفۇن قىپتۇ:
_ئاپا-دادا،مەن ئۆيگە قايتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.لېكىن مېنىڭ بىر ئۆتۇنۇشۇم بار ئىدى،مەن بىر دوستۇمنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى.
_ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئوغلۇم.
_لېكىن بۇ يەردە سىلەر چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىر ئىش بار.
ئوغلى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
_ئۇ جەڭ مەيدانىدا ئېغىر يارىلانغان،ئېھتىياتسىزلىقتىن مىناغا دەسسىۋالغانلىقتىن بىر بېلىكى بىلەن بىر پۇتىدىن ئايرىلغان .ئۇنىڭ ھازىر بارارغا جايى يوق ،شۇڭا ئۇنى مەن بىلەن بىللە قايتىپ بىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۇرسۇنمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن...
_ئوغلۇم،ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن تولىمۇ قايغۇرىۋاتىمىز، بەلكىم بىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ياخشىراق تۇرۇشلۇق جاي تېپىپ بېرەرمىز.
_ياق...ئاپا-دادا،مەن ئۇنى پەقەت بىز بىلەن بىللە تۇرسىكەن دەيمەن.
دادىسى دەپتۇ:
_ئوغلۇم...سەن ئۇقمايسەن،بۇنداق بىر مېيىپ ئادەمنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانچىلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدىغىننى...بىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىمىزغا تۇرمۇشىمىز بار،بۇنداق ئىشلارنىڭ ئائىلىمىزگە پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىشىنى خالىمايمەن.ئەڭ ياخشىسى ئۆزۇڭ يالغۇز قايتىپ كەلگىن،ئۇ ئادەمنى ئۇنتۇپ كەت...ئۇ ئۆزى چىقىش يولى تاپالايدۇ.
ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،ئوغلى تېلىفۇننى قويۇۋېتىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاتا- ئانا بالىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالماپتۇ.ئەمما،ئارىدىن بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئۇلار سان-فىرانسىسكو ساقچى ئىدارىسنىڭ تېلىفۇننى قوبۇل قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ ئېگىز بىنادىن ئۆزىنى ئېتىۋالغانلىقى خەۋىرنى ئاڭلاپتۇ.ساقچى تەرەپ بۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ۋەقەسى دەپ ھۆكۇم چىقىرىپتۇ.ئوغىلنىڭ ئۆلۈمىدىن يۈرىكى پۇچىلانغان ئاتا-ئانا ئايروپىلان ئارقىلىق سان -فىرانسىسكوغا يېتىپ كەپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تونۇۋېلىشى ئۈچۈن شۇ شەھەرلىك جەسەت ساقلاش ئۆيىگە باشلاپ كېلىنىپتۇ. ئۇلار ئوغلىنى تونۇپتۇ ،ئەمما ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى شۇكى،ئوغلىنىڭ پەقەت بىر بېلىكى بىلەن بىر پۇتىلا تۇراتتى.بۇ ئىشنى ئۇلار ھەرگىزمۇ ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ باقىغانكەن.
بۇ ھېكايىدىكى ئاتا-ئانا ،ھازىرقى جەمىئيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشلەرگە ئەينەك بولالايدۇ ،ئەلۋەتتە. بىز ئەتراپىمىزدىكى چىرايلىق ھەم يۇمۇرىستىك تۇيغۇسىغا باي ئادەملەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ دوسىت بولۇپ كېتىمىز-يۇ، بىزگە ئېھتىياجى چۇشكەن ياكى كۆرۇنۈشتە بىئارام قىلغان ئادەملەردىن شۇنچە تېز يىراقلىشىپ،تېزىپ كېتىمىز .
بۇ تىراگىدىيەدىن بىز زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالالىدۇق؟
مەنبە:'English Salon 'دېگەن ژورنالدىن تەرجىمە قىلىندى.