باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 761 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلامنىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش شەكىللىرى
دوستلىشىش
ئابدۈللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10593
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-31
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 20:36

ئىسلامنىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش شەكىللىرى

ئىسلامنىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش شەكىللىرى:
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى، ئالىملار خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق ناھايىتى چوڭ ئىدى. خەلق ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىلىمدىن تامامەن يىراق ياشاۋاتقان ئەھۋالدا  پارىس، رىم ۋە يۇنان ئالىملىرى ئۇلاردىن ئايرىلىپ تەنھا ياشايتتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلەر بولۇپ تۇراتتى ۋە ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇراتتى.
لېكىن ئىسلام ئۇنداق ئەمەس ئىدى.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىم ئۆگىنىشنى ھەربىر كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن، ئاممىۋى ۋە دىني مەجبۇرىيەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى، ۋە مۇنداق دېدى:
«ئىلىم ئۆگىنىش - ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.»
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن بىلىملىك بولۇش ئۈچۈن، ئىلىم ئۆگىنىشى زۆرۈر بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەر ياكى ئايال مۇستەسنا قىلىنمىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغانلاردىن ھەر بىر كىشى، مەدىنە ئەھلىدىن ئون كىشىگە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش بەدىلىگە ئۇلارنى قويۇۋېتىش پىكرىگە قوشۇلدى ھەم بۇ تەلىم- تەربىيە پروگراممىسىنى ئەمەليەتكە تەتبىقلىدى. ئەلۋەتتە بۇ پىكىر شۇ زاماندا، ھەتتاكى شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئەسىرلەرگىچە، دۇنيا خەلقى بىلمىگەن ھازارى پىكىر ئىدى.
دەرھەقىقەت، ئىسلام ئىسلامغا ئەگەشكەنلەرنى، ئىلىم ئۆگۈنۈش مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئاساسى پائالىيەت قىلىشقا ۋە ئالىملارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھە ۋەسەللەم تۆۋەندىكى ھەدىسىدە دېگىنىدەك، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە بۇيرىدى:
« كىمىكى، ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يوللىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىدىن رازى بولۇپ، ئۇلارغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ، ئاسمان- زېمىندىكى جانلىقلار ۋە سۇدىكى بېلىقلار ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەپ تۇرىدۇ. ئالىمنىڭ ئىبادەتگۇي كىشىدىن ئارتۇقچىلىقى، خۇددى ئاي تولغان كېچىدىكى تولۇنئاينىڭ يۇلتۇزلاردىن پەرقلىق بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر، پەيغەمبەرلەر تىللا ياكى تەڭگە مىراس قالدۇرمىدى، بەلكى ئىلىمنى مىراس قالدۇردى. كىمىكى ئۇ ئىلىمنى ئالىدىكەن، تولۇق نېسىۋىسىنى ئالغان بولدى.»
 
ئىسلامدىكى ئىلمى ھەركەتلەرنىڭ شەكىللىرى:
بۇ كوللېكتىپلىق ئىلمى ھەرىكەت رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى ۋە ئىلگىرى ياۋروپالىقلارنىڭ چۈشى ھېسابلىنىدىغان ھەرخىل شەكىل ۋە تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. بىز بۇ يەردە ئىسلام بەرپا قىلغان كوللىكتىپ ئىلمى ھەركەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن پەقەت ئۈچىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
 
1- ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار
كۈتۈبخانا- دىننىڭ ئىلىم ئېلىشقا قىزىقتۇرىدىغان مۇھىم شەكىللىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرى مۇسۇلمانلار كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلگەن نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى تەسىس قىلغان ئىدى. كىشىلەر ئۇ كۇتۇپخانىلاردا كىتابلارنى ھەقسىز ئوقۇيتتى، كىتابلاردىن لازىملىق بىلىملەرنى كۆچۈرۈۋالاتتى. شۇنداقلا خەلىپە ۋە ۋەزىرلەر بۇ كۇتۇپخانىلاردا، باشقا يۇرتلاردىن ئىلىم ئۆگەنگىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى مېھمان قىلاتتى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى مال- مۈلۈكلىرىدىن سەرپ قىلاتتى. بۇنداق كۇتۇپخانىلارنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرراقلىرىدىن، باغداد، قۇرتۇبە، ئىشبىيلىيە، قاھىرە، قۇددۇس، تىرابلۇس، مەدىنە، سانئا، فاس ۋە قەيرەۋان كۇتۇپخانىلىرىدۇر.
 
2- كەڭ كۆلەملىك ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى:
ئىسلامدىن ئىلگىرى، ئۆلىمالاردىن كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر يوق ئىدى. ئەمما بۇ بۈيۈك دىن پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئىلىم سورۇنلىرى كەڭ تارقالدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا بۇنداق سورۇنلارغا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ سانى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ بولدى.مەسىلەن؛ ئىبنۇل جەۋزىنىڭ سورۇنىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىدى. شۇندقلا، ھەسەن بەسرى، ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، شافىئى، ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىكلارنىڭ سورۇنلىرىغىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قاتنىشىپ تۇراتتى.
بەزىدە ھەربىر مەسچىتنىڭ ئىچىدە، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىلىم سورۇنلىرى بولىدىغان بولۇپ، بۇ سورۇنلاردا تەپسىر، فىقھى، ھەدىس، ئەقىدە ۋە تېبابەتكە ئوخشاش ھەرخىل دەرسلىكلەر سۆزلىنەتتى.
 
3- ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئىلىم يولىدا مال- دۇنيا سەرپ قىلىش:
ئاللاھقا يېقىنلىشىش- ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان پۇلدارلارنى، مەكتەپ ۋە ئىلىم يۇرتلىرىنى قۇرۇش شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەخپىلەرنى بەرپا قىلىش، كۈتۈبخانا تەسىس قىلىش ۋە مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشقا ئۈندىدى.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىمگە پۇل ئاجرىتىش- پەقەت ئىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ، ياخشىلىقنىڭ ئىشىكىگە ئايلاندى.
دەرۋەقە، ئىلىم ئۆگىنىش- ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب ۋە پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىم ئۆگىنىش مەسىلىسى ھەممەيلەنگە خاس ۋە مۇھىم بولغان كوللېكتىپ مەسىلىگە ئايلاندى. كۈتۈبخانا، دەرسخانا ۋە ئىلىم سورۇنلىرى ھەممە يەرگە تارقىلىپ، ساۋاتسىزلىق ئازايدى ۋە تۈگەشكە ئاز قالدى.
 
( دوكتۇر راغىب ئەلسەرجانى )
 
2010- يىلى ماي، دۈشەنبە
 
 تەرجىمىسى: مۇھەممەد
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1128
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1128دانە
ئۆسۈش: 2780 %
مۇنبەر پۇلى: 13592 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-07

ئاللاھ رەھمەت قىلغاي ياخشى تېما يوللاپسىز!
قۇرئاندىكى بىرىنچى سۆرە <<ئوقۇ >>دەپ چۈشكەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 23:52

ياخشى تېمىكەن ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن قېرىدىشىم.رەھمەت،
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 6704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-09-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 11:34

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ! مەن ساقلاپ قويدۇم،بۇ تېمىنى!!!!!!!!! مەن بىر خەنزۇچە تەبلىقتە  ئىسلام مائارىپ مەدىنىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ  ، ھازىرقى كىشىلەر ياۋرۇپادا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،،،ياۋرۇپاغا بېرىپ مەدىنىيەت، ئىلىم ئۇگۇنىۋاتىدۇ،،،  ئىسلام گۇللەنگەن  ۋاقىتلاردە  شۇ ياۋرۇپالىقلار  ئىسلام دىنى دولەتلىرىگە بېرىپ مەدىنىيەت ۋە ئىلىم ئۇگۇنەتتى ، شۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇگۇنۇش ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى........... ئۇلار  ئىسلامنىڭ گۇزەل مەدىنىيەت مائارىپ ئەندىزىسىنى تا ھازىرغىچە قوللۇنىۋاتىدۇ....... شۇما مۇسۇلمانلار ئۆزىنى قايتا تونۇشى ، ئۆز تارىخىنى تونۇشى بەك مۇھىم بولۇپ قالدى دېگەندەك سوزلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم!  
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 12:50

بەك ياخشى تىما ئىكەن  يدىلاپ كاللىغا كىرگۇزىۋالساقمۇ بولغىدەك  ئىلىم  ئۇگەنگەندىلار  ئاندىن  ئاللاھنى  ياخشى چۇشەنگىلى بولىدۇ  ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ  ئاللاھ  ھەممىمىزگە پايدىلىق  مەنپەئەتلىك ئىلىم  بەرگەي  !!!!!!!
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى