1.ئاللاھنىڭ قۇدىرتى تەبىئەتتىن ھالقىپ كىتىدۇ .
ئەمىليەتتە ئاللاھ قۇدىرتى ئالەمدىن ھالقىپ كىتىدۇ،يۇقارقى كۆزقاراش ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى كىچىك مۇلچەرلىگەنلىك.
2.غەرىپ ياراتقان پەن-تىخىنكا نەتىجىللىرىنى ئۈگىنىش دىننى ئتقادنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ . نوبىل مۇكاپاتىغا ئرىشكەن ئالىملارنىڭ%95پىرسەنتى دىنغا ئتىقاد قىلىدۇ ،قالغان %5پىسەنتىمۇ ئاتىزىمچى سوۋىت ئتتىپاقى ئالىملىرى.
3.باي بولغاندىن نامىرات بولغان ياخشى.
ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا ،پەيغەمبىرىمىز ۋە ئەڭ دەسلەپكى پەيغەمبەر ئۇممەتلىرى ئاياق باسقان ئوتتۇرا شەرىق زىمىنىغا ئاللاھ بۇنداق بايلىقلارنى نىسىپ قىلمىغان بولاتتى . ئسىڭىزدە بولسۇن، بۇدۇنياغا بىرىلىپ كىتىشنىڭ ھەقىقى مەنىسى زاكاتقا كۆز قىزارتىشتۇر.
4.باشقا مەزھەپتىكى مۇسۇلمان كاپىردۇر. 'ئاللاھ بىر ، مۇھەممەد ئۇنىڭ ئەلچىسىدۇر' دىگەنلا بولسا ئۇنى كاپىر دەيدىغانغا سىز پەيغەمبەر ئەمەس.بىلگۇچى ئاللاھتۇر.
5.غەيرى مۇسۇلمان بىرسى مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن. ئەمىلىيەتتە ،مۇسۇلمانغا قارىشى ھەركەتكە ئۆتگەن غەيرى مۇسۇلمان بىرسى مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن.
6.ھەممە تەغدىر پىشانەمگە پۇتۇلگەن،قەۋمىمنىڭ تەغدىرىمۇ شۇ،چۈنكى تەغدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. ھىچ بولمىدى دىگەندىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىش ياكى پەرىشتىنىڭ ئارقىسىدىن مىڭىشتىن ئىبارەت تاللاشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز ،دىمەك بىلىپ بىلمەي جەننەت ۋە جەھەننەمگە كىرىش تەغدىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەپ قويىسىز. ' بىر قەۋىم ئۆزىنى ئۆزگەرىتمىگۇچە ئاللاھ ئۇنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ'بۇ ئايەتنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
7.گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ،مۇنازىرە قىلىش ئسلامغا زىيانلىق . ئالىملار شۇنچە گۇمان قىلىپمۇ ئاللاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئسپاتلىيالمايلا قالماستىن پەن -تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانسىرى دىنغا ئتىقاد قىلماقتا،بۇگۇنكى كۇندا دىنىمىز مۇنازىردە بارغانسىرى ئۇستۇنلۇكنى ئگەللەپ كىڭەيمەكتە .
8.تەنتەربىيەگە قىزىقىش ،رەسىم سىزىش ،ناخشا ئيتىش ۋە ئاڭلاش قاتارلىق ئشلار ھارام. تەنتەربىيە گۇللەنگەن دۆلەتلەردە مۇسۇلمان تەنھەركەتچىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا تۆھپە قوشماقتا.رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەلتىراشلىقنى چەكلەش بۇددا دىنغا قارىشى تۇرۇش ئۇچۇن قوللىنىلغان ۋاقىتلىق تەدبىر.ئسلامى ناخشا كىنۇلاربولسا مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتماقتا.
9. ئاللاھقا بولغان ئىبادەت ھاياتتىن موھىمدۇر . ئەمىلىيەتتە ئاللاھقا بولغان ئتىقاد ھاياتتىن موھىمدۇر،ئتىقاد ۋە ھاياتلىقنىڭ قايسى بىرى كەم بولسا بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئبادەت قىلالمايسىز.
[ بۇ يازمىنىkroran2010 2012-08-24 17:20قايتا تەھرىرل ]