باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 259 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8228
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2012-04-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 12:55

پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن

ئىسلام دىنى ھېچقانداق بىر دىن ياكى ھېچقانداق بىر پەلسەپە كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان دەرىجىدە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەردى. ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى ئىبادەت تۈزۈمىگە كىرگۈزدى، شۇڭا پاكىزلىق مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
ئىسلام دىنىنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، بەش ۋاقىت ناماز ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرىدىغان روھى مۇنچىنىڭ ئورنىدىكى ئىبادەت بولۇپ، مۇسۇلمان بۇ نامازلىرى ئارقىلىق خاتالىقلىرى ۋە يامان ئىشلىرىدىن پاكلىنىدۇ ۋە قول يىغىدۇ.
ئىسلامدىكى ناماز باشقا دىنلاردىكى نامازلاردىن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنىڭ قاتارىدىن ھېسسىي پاكلىنىشنىڭ شەرت قىلىنغانلىقىدۇر. ناماز جەننەتنىڭ ئاچقۇچى بولسا، تاھارەت ئېلىش نامازنىڭ ئاچقۇچى، رەسۇلۇللاھ: «تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنىدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
تاھارەت ۋە پاكلىق: نىجىس (مەينەت) نەرسىلەردىن پاكلىنىش ۋە تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. نىجىس نەرسىلەردىن پاكلىنىشتىن مەقسەت: ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنى، كىيىم-كىچەكلىرى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇننىڭ قان يۇقى، چوشقا، ئىنسان ۋە ھايۋاننىڭ تەرەتلىرىگە ئوخشاش نىجىس ياكى مەينەت نەرسىلەردىن پاكىز بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
يەنە بىر تۈرلۈك تاھارەت ھېسسىي مەينەتچىلىكتىن پاكىزلىنىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ھۆكمىي نەرسىدىن پاكىزلىنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. شەرىئەت كىچىك پاكلىق ئۈچۈن تاھارەتنى شەرت قىلدى، يەنى توپا، چاڭ-توزاڭ ۋە كىرلىشىشكە ئۇچرايدىغان مۇئەييەن ئەزالارنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. چوڭ تاھارەت ئۈچۈن غۇسلى قىلىش (يەنى بەدەنلىرىنى تولۇق يۇيۇش)نى شەرت قىلدى. كىچىك ۋە چوڭ پاكلىقنى كۆپ تەكرارلىنىدىغان سەۋەبلەرگە باغلىدى، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئۇ سەۋەبلەرگە تاھارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشى لازىم.
ئۇنىڭدىن سىرت ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ بەدەن ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سۈننەت ۋە مۇستەھەپ (يەنى ساۋابلىق ئىش) دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇش جەريانىدا قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا پاكىزلىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھەپ دەپ تەكىتلەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى غۇسلى قىلىش يەنى يۇيۇنۇشنى مۇستەھەپ دەپ بەلگىلىدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەر بىر مۇسۇلمان ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن يۇيۇنۇشى لازىم» دېگەن. (ئىمام ئەھمەد، نەسەئى، ھاكىم رىۋايەت قىلغان. سۈننەت (يەنى ھەدىس شەرىف يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلىرى) ئېغىز، قولتۇق، ئەۋرەت ۋە چاچ… دېگەندەك مۇئەييەن ئەزالارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. رەسۇلۇللاھ: «كىمنىڭ چېچى بولسا (يەنى كىم چاچ قويغان بولسا) چېچىنى ھۆرمەتلىسۇن» (يەنى چېچىنى تاراپ ۋە يۇيۇپ تۇرسۇن) دېگەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).
ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى مەسجدتە ئىدى، شۇ چاغدا چاچلىرى ۋە ساقاللىرى چۇۋالچاق بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە -خۇددى چېچىڭنى ئوڭشىۋال دېگەن تەرىقىدە- ئىشارەت قىلغان ئىدى، ئۇ ئادەم چېچىنى ئوڭشاپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «چېچىڭ چۇۋالچاق كەلگىنىڭدىن، چېچىڭنى ئوڭشاپ كەلگىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېگەن. (مالىك رىۋايەت قىلغان).
دېمەك، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەندەك، كۆرۈنۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن.
شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ بىر ئادەم ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا، قولىنى يۇيماي تۇرۇپ، يەپ-ئىچىدىغان نەرسىلەرگە قولىنى سېلىشتىن توسقان. تاماق يەپ بولغاندىن بولۇپمۇ گۆش يېگەندىن كېيىن قولىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان ۋە گۆش يەپ قولىنى يۇيماي كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان: «كىم گۆشنىڭ يۇقىنى قولىدىن يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاپ قېلىپ، كېسەل بولۇپ قالسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەپىيلىمىسۇن»، (ئەبۇداۇۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى يەنى كۆرسەتمىلىرى ھويلا ئارام، كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. رەسۇلۇللاھ: «ھويلا ئاراملارنى پاكىز تۇتۇڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش مەينەت بولماڭلار» دېگەن، (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كوچا ۋە يوللاردىن كىشىلەرگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋىتىشنى ياكى تازىلىۋېتىشنى سەدىقە قىلغانلىق بولىدۇ دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. شۇنداقلا كوچا، يول ياكى كىشلەر سايىدايدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ھەر قانداق بىر ئورۇنغا چوڭ كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق چەكلىگەن. بۇ توغرىدا: «سۇ بويى، يولنىڭ دوقمۇشى ۋە سايىدايدىغان ئورۇنغا تەرەت قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا لەنەتكە قالىسىلەر» دېگەن.
دېمەك، ئىسلامنىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرى پاكىزلىق ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى قوغداشتا ھەر قانداق بىر نەزەرىيەدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىسلام دىنى پاكىزلىققا نېمە ئۈچۈن مۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشى بىر قانچە ئېتىبارلار ئۈچۈن بولغان.
-1پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان خىسلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ: «اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى، 222-ئايەت) .شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى ھېسابلاندى: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) .بۇ يەردىكى پاكلىق ياكى پاكىزلىق مەنىۋى پاكىزلىقنى يەنى شېرىك، مۇناپىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاك بولۇشنى؛ شۇنداقلا ھېسسىي پاكىزلىق يەنى ئومۇمى ۋە خۇسۇسي پاكىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-2پاكىزلىق سالامەتلىك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يولى، ئىسلام دىنى بەدەننىڭ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، سالامەت بولۇش يەككە ئادەمنىڭ تەييارلىقى بولسا، كوللېكتىپ ئۈچۈن زاپاس بايلىقتۇر، كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ئەۋزەلدۇر. بەدەن مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئامانەت، شۇڭا بەدەن مەسىلىسىدە سۇسلۇق قىلىش ۋە بەدەننى كېسەلگە تاشلاپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ: «بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار» دېگەن (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
-3پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان گۈزەللىك كۆرۈنىشى بىلەن ياسىنىش ئۈچۈن شەرتتۇر، رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئۇ گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن. چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەر بىلەن ياسىنىش ۋە ئىسراپ قىلماستىن ياخشى نازۇ نېمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ۋە بەھرىمەن بولۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان كىيىم-كىچەكلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»، (ئەئراف سۈرىسى، 31،32-ئايەت).
-  4پاكىزلىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈش كىشلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىسىدۇر، چۈنكى قەلبى رۇس ئىنسان مەينەت ۋە پاسكىنا ئىشلاردىن سەسكىنىدۇ ۋە شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلاردىن نېرى تۇرىدۇ. مانا بۇ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ سىرىدۇر.
شۇنداقلا ئۇ مەسچىتكە بارماقچى بولغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىيازنىڭ پۇراقلىرىدىن يېقىمسىزلىق ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازنى خام يېيىشتىن چەكلەشنىڭ سىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «كىم سامساق ياكى پىياز يىگەن بولسا، مەسچىتكە كەلمەي ئۆيىدە ئولتۇرسۇن» دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
دېمەك، بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھەدىسلەر سامساق ۋە پىيازغا ئوخشاش يېقىمسىز پۇرىقى بار نەرسىلەرنى خام يىيىشتىن چەكلەيدۇ ۋە ئۇ ئادەمنىڭ شۇ ۋاقتىدا مەسچىتكە يېقىنلىشىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تاماكا چېكىپ، كىشىلەرگە ئازار بېرىدىغان كىشلەر ئەلۋەتتە مەسجدنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ. سامساق ۋە پىياز ھالال نەرسە، تاماكا دېگەن ھارام نەرسە: «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»، (ئەئراف سۈرىسى،157-ئايەت).ساغلام مىجەز، ئەقىل ۋە تەجرىبە تاماكىنىڭ ھەر ھالدا ياخشى نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دېمەك، پاكىزلىق، كىيىم-كىچەكنى چىرايلىق ۋە يارىشىملىق كىيىش، مۇھىت ۋە بەدەن تازىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ئىسلام دىنى بۇ قىممەت قاراشلىرىنى 14 ئەسىر بۇرۇن بۇيرۇغان، تەشەببۇس قىلغان ۋە رىغبەتلەندۈرگەن.
 

مەنبە: بۇيۇك ئىسلام تورخاتىرىسى
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23

رەھمەت تېمىڭىزغا،پاكىزلىق دىنىمىز ئەڭ تەشەببۇس قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى...
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 17:05

راست  ئىسلامدا  پاكىزلىك ئالاھىدە  تەكىتلىنىدۇ
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 18:36

رەھمەت!ئاللاھ ھەممىمىزگە پاكىزلىق ئاتا قىلسۇن
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.