باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 837 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى
islam yoli
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-04-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 23:01

سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ قەدىمقى زاماندىن تارتىپ شامان دىنىغا ئېتقات قىلىپ كەلگەندى. بۇدىن كۆك تەڭرىچىلىك دىنى دەپمۇ ئاتىلىپ.ھونلار دەۋرىدىن تارتىپ (مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا)مىلادىنىڭxئەسىرگىچە پۈتۈنتۈركى خەلىقلەرنىڭ كۆپ قېسىمى ئېتقات قىلىپ كەلگەن دىن بولغان.
شەرقى ئۇيغۇرلار (ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار)مىلادىنىڭ 8-ئەسىردە ئۇيغۇر- ئۇرخۇنقاغانلىقىنىڭ قاغانى بوگو قاغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن شامان دىنىدىن چىقىپ مانى دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان .غەربى ئۇيغۇرلاردىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى(تارىم ۋادىسى)دا ياشىغانلىرى مىلادىنىڭ 1ئەسىردىن باشلاپ شامان دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.( بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيا مۇنىدىن كىيىن قالسا بۇددا دىنىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كۇچا كۈسەن خاندانلىقىدىن چىققان كومراجىۋامۇ ئۇيغۇر ئىدى)
مىلادىنىڭ 840-يىلى شەرقى ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچكەندىن كىيىن قىسقا بىر مۇددەت مانىي ئېتقادىدا قالغان بولسىمۇ(تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىغا كۆچكەنلىرى)غەربى ئۇيغۇرلار ئارسىدا (بۇلۇپمۇ تارىم ۋادىسىدا)چۇڭقۇريىلتىز تارىتقان بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە مانىي دىنىدىن چىقىپ بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلىشقا باشلىغان.
مىلادى 10-ئەسىردە (سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتۇن بۇرۇن)ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىك قىسىمى بۇددا دىنىدا ئىدى.
بۇددا دىنى مىلادىدىن 4ئەسىر بۇرۇن ھىندىستاندا پەيدا بۇلۇپ مىلادىنىڭ 2-ئەسىرىگە كەلگەندە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە تارقالغان.
(بۇددا)دىگەن سۆز (ئاڭ-سىزىم،ئەس-ھۇش)دىگەن مەناغا ئىگە ئىمىش، بۇددا دىنىنى تارقاتقان كىشى ساكيامونى (مەنىسى ساكلارنىڭ ئەۋلىياسى ئۇ مىلادىدىن 565يىل بۇرۇن تۇغۇلۇپ مىلادىدىن 485يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن)بۇلۇپ ئۇ ھىمالايا تىغىنىڭ باغرىدا ياشىغان(ھازىرقى نېپال)شاكى قەبىلىسىنىڭ بەگچىكى ئىددى.ساكيامۇنى ياش چىغىدىلا ئۆزى قىينالغان مەسىلىلەر (ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلىشى،قېرىشى ئاغرىشى ئۆلۈشى ۋە خىلمۇخىل دەرىت-ئەلەملەرنى تارتىشى قاتارلىق مەسلىلەر)گە توغرا جاۋاپ تىپىپ ئىنسانلارنى قانداق قىلغاندا ئازاپۈئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بۇلدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئولانغان.ئۇ ئاخىر29ياشقا كىرگەندە يېرىم كىچىدە ئاتقا مىنىپ باشقا بىر قەبىلىنىڭ ئورمانلىقىغا كەتكەن.ئۇ ئورمانلىقتا 6يىل دەرۋىش بۇلۇپ ياشىغان.ئۇبىر لىپا دەرخنىڭ تۈۋىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئەگەرئۈزۈل-كىسىل ئەقلى-ھۇشۇمغا كەلمىسەم (ئويغانمىسام)،ئۇستىخانلىرىم پارە-پارە بۇلۇپ كەتسە كىتىدۇكى،ئورنۇمدىن قوپمايمەن دەپ قەسەم ئېچكەن.
ئۇ35ياشقا كىرگەن يىلى ،كېچىدە بىريۇرۇق يۇلتۇز شەرىق تەرەپتە كۆرۈنۈش بەرگەنمىش ،شۇچاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ بۇددا دىنىنى ئىجاد قىلغانمىش.
شۇنىڭدىن باشلاپ ساكيامونى ھىندى يىرىم ئارىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرغا بېرىپ بۇددا ئەقىدىلرىنى تارقاتقان.
بۇددا دىنى ھىندىستاندىكى ماۋرىيە خانلىقىنىڭ (مىلادىدىن 230يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 185يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۈكۈم سۈرگەن)خانى ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 273-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 237-يىلغىچە)كەشمىر ،كاندارا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ئۆلكىسىگە توغرا كىلىدۇ)قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.ئاسوكا ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى بىلەن شىمالى قىسمىنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن.ئۇ مىلادىدىن 260يىل بۇۇرۇن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق بۇددا دىنىنى تەشۋىق قىلغان.
بۇددا دىنى كۇشان ئېمپىريىسى (مىلادىدىن 50 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 420-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن )دەۋىردە ،ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا خېلى جىددى سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بولسا كۇشان ئىمپىراتۇرى قەنشقا 3 بىربۈلۈم مەشھۇر بۇددا سىرامانلىرى (راھىبلىرى)نى باشلاپ ئۆزى خوتەنگە كەلگەن.
بۇددا دىنى مىلادىنىڭ 1-ئەسىردىن 4-ئەسىرىگىچە بولغان مەزگىلدە خوتەن،قەشقەر ،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ھۈكۈمران دىن سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان.
بۇددا دىنى ئاۋال خوتەنگە تارقالغان بولسىمۇ،ئەمما كۇچا 4-ئەسىردە بۇددىزىمنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنگە ئايلانغان.شۇچاغدا كۇچادا يۈزلىگەن بۇددا ئېبادەتخانىللىرى ،10مىڭ راھىپ ۋە راھىبە بولغان.ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋتى (غەرىپتە بۇددىزىم )ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ:*كۇچادا بۇددانىڭ راۋاجلىنىپ يۈكسەك پەللىگە يىتەلىشى بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنە بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئالى مۇقام راھىبلىرىنىڭ بولغانلىقى ،يەنە بىرتەرەپتىن بۇ راھىبلارنىڭ خان تەرپىدىن ھىمايە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان …..قايتىپ كەلگەندە (كوماراجىۋا ھىندىستاندىن قايتىپ كەلگەندە )كۇچا خانى بەگ چوڭ ئاقسۇغا بىرىپ ئۇنى قارشى ئالغان.خان كوماراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىدە ئالتۇن تەخىت ياسىتىپ ،تەخىت ئۈستىنى روم دۇخاۋىسى بىلەن قاپلاتقان ،خان كوماراجىۋانىڭ تەخىتكە چىقىپ ئولتۇرىشىنى ئۆتۈنگەن.*
ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى خەنزۇلارغا تۇنۇشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان .بۇنىڭدا كۇچالىق مەشھۇر بۇددىس،شائىر،ئۇلۇغ تەرجىمان كوماراجىۋا(بۇ ئىسىم ھىندىچە)نىڭ مىلادىنىڭ 5-ئەسىرىدە چاڭئەنگە كىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن بۇددا نوملىرىنى ھىندىچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغانلىقنى ئەسكە ئېلىشى يىتەرلىك.
بۇددا دىنى نىمە ئۈچۈن ئاسىيا دىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتتى بۇنىڭ سەۋەپلىرى بار.
بۇددا دىنىدا بۇدۇنيادا ياخشىلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ،يامانلىق قىلغانلار ئۇدۇنيادا ئازابىنى تارتىدۇ،دىگەن قاراش تەرغىپ قىلىنغان.لىكىن بۇددا دىنىنى كىشىلەرنى ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ ،كۆرەشنى ئىنكارقىلىدۇ.شۇڭا ھىندىستاندىكى ياكى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردىكى ھۈكۈمىران ئەزگۈچىلەر بولسۇن تۇلا چاغلاردا بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزھۈكۈمىرانلىقىنى چىڭىتىش ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشقان. شۇڭا بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ ھۈكمىران خانلار ۋە بەگلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن.ئۇلار ئاۋام خەلىقنى شۇدىنغا ئېشەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرىنى قوللانغان.
بۇددا دىنى پەيدا بولغاندىن كىيىنلا بىرنەچچە ئىقىمغا ئايرىلغان.ئۇنىڭ بىرى ماخىيانا (قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا كىچىك كولۇڭگو دەپ ئاتىلىدۇ)ئېقىمى ھىساپلىنىدۇ.
ياپۇنىيە تارىخچىسى يۈشى لىياۋنىڭ (غەرىپتە بۇددىزىم)ناملىق ئەسىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلار ماخيانا ئېقىمىغا ئىتقات قىلغانكەن.
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ئېتقات قىلغان بۇددا دىنى توغىرسىدا ئېيتىدىغانلىقىمىز ھازىرچە شۈنچىلىك.
تۈۋەندە سىتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى توغرىسىدا توختىلىمىز.
سىتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەر مەۋجۈت.بۇ توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.بىرقەدەر ئېشەنچىلىك بولغان تارىخ پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،سىتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىدا ئەبۇ نەسىر سامانى رول ئوينىغان.ئەبۇنەسىر سامانى ئەسلىدە سامانلار پاتىشاھلىقى (مىلادىنىڭ 870 -يىلدىن مىلادىنىڭ 1000-يىلىغىچە ھۈكۈم سۈرگەن)نىڭ شاھزادىسى ئىدى.ئۇسامانى پاتىشاھى ناسىر 3نىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 914-يىلىدىن 943-يىلىغىچە پاتىشاھ بولغان)سامانلارنىڭ ھۈكىمىران تەبىقىسى ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىچكى كۆرەشتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ قارىخانلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە قىچىپ كەلگەنكەن. ئۇنى ئوغۇلچاق قاناتئاستىغا ئېلىپ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.بەزى تارىخچىلار ئەبۇ نەسىر ساماننىڭ قەشقەرگە كېلىشىدىكى سەۋەبىنى يۇقارقىدەك چۈشەندۈرىدۇ.
بەزى تارىخچىلار بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەبۇ نەسىر ساماننى سامانى پاتىشاھى ناسىر 1سىتوق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلىش مەقسىتىدە بۇخارادىن قەشقەرگە يولغا سالغان دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنىڭ قايسى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر سىتۇق بۇغراخاننى مۇسۇلمان قىلغان كىشى بەربىر ئەبۇ نەسىر سامانى بۇلۇپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ نەسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دىگەن يۇرىتنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سىتۇق بۇغراخانغا يۇلىقىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ.بۇ ئىككى سەخىس ئارسىدىكى ئارلىق بارغانسىرى قۇيۇقلىشىدۇ.ئاخىرى سىتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ.سىتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ،قەشقەردە ئىسلام دىنىغا كىرىپ (يۇشۇرۇن ھالدا بولسا كىرەك)مۇسۇلمان بولغانلارمۇ ئاز بولمىسا كىرەك.سىتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قاتتىق كۆرەشلەردىن كىيىن تاغىسى ئوغۇلچاتنى يىڭىپ (ئوغۇلچاتنى ئۆلتۈگەن بۇلىشى مۇمكىن)قارىخانلار تەخىتكە چىقىدۇ.مانا شۇ ۋەقە مىلادىنىڭ 920-يىلى يۈز بەگەن .
ئىسلام دىنى سىتۇق بۇغراخاننىڭ بۇددىس ئۇيغۇرلارغا قارشى توختىماي ئېلىپ باغان قانلىق كۆرەشلىرى ئارقىلىق قەشقەر،يەكەن،ئاقسۇ،بالاساغۇن ،بارىسغان (ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى)قاتارلىق جايلاردا يەتتە سۇدىكى شامان دىنىغا ئېتقات قىلدىغان قارلۇقلار ئارسىغا يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ.
بۇددىس ئۇيغۇرلار سىتۇق بۇغراخانغا ناھايىتى قاتتىق قارىشلىق كۆرسىتىدۇ.سىتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 943-يىلى بالا ساغۇننى ئىسلامدىنىغا قارىشلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنلىرىنىڭ قۇلىدىن تارتىۋالىدۇ.
سىتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 920-يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قارىخانلار بىلەن سامانلارنىڭ مۇناسىۋىتى خىلى يىقىنچىلىققا قاراپ تەرەققى قىلغان.مىلادىنىڭ 921-يىلى سامانلارنىڭ خوراسان ئۆلكۈسىدە كۈتۈرۈلگەن شىئەلەر ئىسسىيانىنى باستۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن سىتۇق بۇغراخان خۇراسانغا كەلگەن.قارىخانلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە سىتۇق بۇغراخاننىڭ سامانلار ئېچىدىكى ئىسسىيانلارنى باستۇرىشىغا كۈچ چىقارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان سامانلار پاتىشالىقى سىتۇق بۇغراخانغا كۆپ جەھەتتىن ياردەم قىلدى .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماۋرەئوننەھرى،خوراسان،ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە نۇرغۇن ئالىم لار كەلدى.مانا شۇ مۇسۇلمان ئالىملىرى سىتۇق بۇغراخانغا( ئابدىكىرىم) دىگەن ئاتنى قويغان.سىتۇق بۇغراخان دەۋرىدە (مىلادى 920-يىلدىن 956-يىىلغىچە)قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنگىرات موزىيدا ساقلانماقتا.
سۇتۇق بۇغراخان نىمە ئۈچۈن بۇددا دىنىنى تەرىك ئىتىپ مۇسۇلمان بولدى؟دۇنيادا سەۋەپسىز بىرەر ئېش بولمىغاندەك 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشىدا ناھايىتى چوڭ سەۋەپلەر بار.كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا ئېتقات قىلغان ئۇيغۇرھۈكمىرانلىرى بۇددا دىنىدىن پايدىلىنىپ خەلىق ئۈستىدىكى ھۈكىمىرانلىقنى چىڭىتىش ۋە ئۇزارتىشنى ئويلىغان.ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلغاندىن كىتىن جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىتىشقا باشلىغان.چۈنكى بۇددا دىنى تەركى دۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ كۆرەش قىلىشنى تەشەببۇش قىلماتتى.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ بۇددا دىنىغا قارىغاندا جەڭگىۋار ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا ئىسلام دىنىغا كىرىش تۇيغۇسى ئويغاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى شامان،بۇددا ،زوروئاستىر،مانى ،مانى خرىستىيان قاتارلىق دىنلارغا ئىشنىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىنى جەھەتتە بىرلا دىنغا ئىشىنىدىغان قىلغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدىكى دىنى ئايرىمىچىلىق ئاساسىدا پەيدا بولغان زىدىيەتنى تۈگىتىپ بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرغۇلى بۇلىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپلەر ئىسلامدىنىنى ئاسىيادىكى خەلىقلەر ئارسىغا ئۇمۇمى يۈزلۈك چۇڭقۇر يىلتىز تارىتقۇزۇش ئۈچۈن قۇلارال كۈچى ئىشلىتىشتىن كۈرە دىپلۇماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.8-ئەسىردە ئەرەپلەر ئوتىرا ئاسىيا خەلىقلىرىنى مۇسۇلمان قىلىشقا كۈچەپلا قالماستىن شەرقى ئاسىيادا ياشايدىغان شەرقي تۈرۈكلەرنىمۇ ،شەرقى ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىشقا ئۇرۇندى.مەسلەن ئەرەپ ئۆممەۋىىلەر خەلپىلىكىنىڭ خەلپىسى ھىشام(724-743)مىلادىنىڭ 730-يىلى شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ پايتەختى ئوتوكۈنگە ئەلچى ئەۋەتىپ شەرقى تۈرۈك قاغانى بىلگە قاغاننى شامان دىنىدىن چىقىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان بولسا ،ئەرەپ ئابباسلەر خەلپىلىكى (750-1258)نىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئابدۇللا بىننى ئابباس مىلادىنىڭ 750-يىلى تامىم بىننى بەھرئەل مۇتاۋۋىنى ئۇيغۇر- ئۇرخۇن قاغانىنىڭ پايتەختى قارابالسۇنغا ئەۋەتىپ قاغان بايانچۇرنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا ئۈندىگەن.شەرقى تۈرۈكلەرمۇ شەرقى ئۇيغۇرلارمۇ ئەرەپ ئەلچىللىرىگە ئۈزۈرخالىق ئىيتىپ تۈرلۈك سەۋەپلەرگە شامان دىنىنى تەرىك ئىتىپ ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنغا ئايلىنىپ ئاسىيا ئافرىقا ،ياۋرۇپادا ناھايىتى چوڭ تەسىر ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولغاندى.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 10570 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-05-09

بۇنىڭدا مەشھۇر .داڭلىق .ئۇلۇغ بۇتسىت كۇماراجۋا بۇ نىمە گەپ؟ئۇلۇغ  
يىڭلمەس ئىرادە.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11056
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 01:24

رەخمەت،ياخشى تېما يوللاپسىز.
دوستلىشىش
شاھمۇرات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11251
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-25
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 01:24

ساكيامونىنى ئالەمدىن ئۆتكەن دىمەي ئۆلگەن دېسىڭىز توغرا بولىدۇ ئۇنداق لەنىتىلارغا ئۆلگەن دېگەن ئىسىممۇ كۆپلۈك قىلىدۇ.
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 02:10

سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كيىن ئۇنىڭ تاغىسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئاپىسىنى ئەمرىگە ئالىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە سۇتۇق بۇغراخاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدۇ ، سۇتۇق بۇغراخان سەبداشلىرى بىلەن يۇشۇرنۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئىسلام تاراتقۇلىرىغا ئۇچراپ قېلىپ ئۇلاردىن ئىسلام دىنىنىى قۇبۇل قىلىدۇ،بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن بىللە قېلىچۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگۈنىدى ، چوڭ بولغاندىن كىيىن خانغا ھۇجۇم قوزغاپ تاغىسى ئېلىۋالغان ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالىدۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى خەلىققە تارقىتىدۇ ،شۇنىڭدىن كېيىن  دۇنيا تارىخىدا پادىشاھنىڭ  ئىسلام دىنىنى خەلققە تارقاتقان مىللەت بىردىن-بىر  ئۇيغۇرلار بولۇپ يېزىلىدۇ ، دۇنيادا تۇنجى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىمۇ قەشقەردە قۇرۇلىدۇ ،
man kangsay azasian
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 10:54

.( بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيا مۇنىدىن كىيىن قالسا بۇددا دىنىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كۇچا كۈسەن خاندانلىقىدىن چىققان كومراجىۋامۇ ئۇيغۇر ئىدى)

باتىل ئېتقادقا تۆھپە قوشقان ئۇيغۇرىمىزدىن  ئارتۇقچە پەخىرلىنىپ كەتمەي  تارىخى ساۋاق ئالغىنىمىز ياخشىمىكىن.....ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ جاھىليەت تارىخىنى كۆچەپ تەشۋىق قىلىپ كىتىشكە تەتقىق قىلىپ كىتىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ.ئاللاھ ئەجداتلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن...ئۇيغۇر جاھىليەت تارىخى توغرىسىدا ئەلمانى يازغۇچىلىرىمىز نۇرغۇن تەتقىقات كىتاپلىرىنى يازغان،شۇ يىتەرلىك مىنىڭچە.بۇ بىر تەكلىپ قېرىندىشىم.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 13:30

بىز ئىتقاد  قىلمىغان دىن قالمىغانمۇ نىمە  ھەممە دىنغا ئىتىقاد  قىلىپ بېقىپتىكەنمىز  ئەمەسمۇ  ئاللاھ  بىزلەرنى  ئەمدى بۇنداق  خاتا يوللاردىن  ساقلىغاي
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 13:39

سۇتۇق بۇغراخان دىگەن روماننىڭ ئىلكىتاپ نۇسخىسى لازىممۇ؟
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 14:29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تاھىر بەگ ئەپەندى ،ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن...azina@yahoo.cn
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 16:07

8-قەۋەت (salmanuyghur) نىڭ يازمىسىغا

بۇيەردىن چۈشۈرۋىلىڭ

   http://d.1tpan.com/tp1568180040
  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ