باشقا ھەر ساھەدىكى دوسلارمۇ ھەم شۇنداق ھامان بىر كۈنى تاشلىۋىتىدۇ، مەڭگۈلۈك ئەمەس ھەرگىزمۇ. بەك ئويلاندىم، ئەڭ ئاخىرى ھېس قىلدىمكى بۇلارنىڭ ھەممىسى دوسلۇققا يارىمايدۇ، پەقەتلا ئۆتكۈنچە خۇشاللىق ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق خالاس، ئەمدى ئويلىسام مىنى ئاپامنىڭ ئىچىگە ئاپىردە قىلغان زاماندىن باشلاپ مىنى مىنۇت سىكۇنت تاشلاپ قويماي ماڭا چەكسىز مىھرى مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، نىمىنى خالىسام شۇنى ماڭا بىرىپ، ھەتتاكى ماڭا چەكسىز مىھرى شەپقەت يەتكۈزگەن ئاپامنىڭ قەلبىگە شۇ مۇھەببەتنى ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايلا ئاتا قىلىۋېتىپتىكەن، ئاتا-ئانامنىڭ شەپقىتى شۇنچىلىك تۇرسا ئۇنىڭ شەپقىتى قانچىلىكتۇ، ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى قانچىلىكتۇ، ھەتتاكى مەن ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ماڭا ئۇ بىرىپتىكەن، ئۇ شۇنداق مۇھەببەت بەرمىسە مەن ئايالىمنى،بالامنى ۋە مەن ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداقمۇ ياخشى كۆرەر ئىدىم، ئۇ بەرگەن مۇھەببەت بولمىسا مەندىكى مۇھەببەت ھېسلىرى قانداقمۇ پەيدا بولسۇن، ئۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىرىپتۇ بىراق مەندىن ھېچ نەرسە سورىماپتۇ، شۇنداقمۇ سېخىلىق بارمۇ، بىر كىشىگە مۇھتاج نەرسىلىرىنى بىرنىمۇ كەم قويماي ھەممىنى تەل قىلىپ بىرىپ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە سورىمىسا، بۇنداق سېخىلىق زادى نەدە؟ مەن بەك ئەقىلسىزكەنمەن، ماڭا ئىنتايىن بەك
كۆيۈمچان، مىنىڭ كىچىككىنە دەرت تارتىشىمنىمۇ خالىمايدىغان، مىنى ئەبەدىلىك بەخىت سائادەتكە كىچە كۈندۈز توختىماي چاقىرىۋاتسا، مەن بەخىت ئىزدەپ سىرداش ئىزلەپ نەلەردە ھېرىپ چارچاپ يۈرۈپتىمەن، توۋا! مەن ئۇنى دوست تۇتماي ئىزلىمەي تۇنۇماسقا سېلىپ تاشلىۋەتكەن ۋاقىتلاردىمۇ مىنى تاشلىۋەتمەي مىھرى شەپقەت يەتكۇزگەن تۇرسا، مەن ئۇنى ئىزلىسەم ماڭا قارىماسمۇ مەندىن يۈز ئۆرەمۇ، نەرسە سورىسام بەرمەسمۇ، دەرت تۆكسەم دەردىمنى ئاڭلىماسمۇ، يىغلىسام ئىچ ئاغرىتماسمۇ، كەچۈرۈم سورىسام كەچۈرمەسمۇ،
ياق ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ،ئىشەنچىم كامىل ، ئەكسىچە بىر قانچە يىللار ئېزىپ تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاخىرى ماڭىدىغان يولنى تاپقان دوستىنى ھەرگىزمۇ رەت قىلمايدۇ، ئۈمىتسىزلەنمەي، يەنىلا ئۈمۈتلۈك بولۇپ ئۇنىڭ رەھمەت ئىشىكىنى چىكەي گەرچە بەك كىچىككەن بولساممۇ، يەنىلا ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىم زور.
بەك ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سوستلۇقنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سۇراپ باقساقلا ھەقىقى دوست تاپماق ئۇچىۋالا قىيىنمۇ ئەمەس .