ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەڭساي تورىنى قۇرغۇچى قېرىندىشىم،باشقۇرغۇچى بۇرادەرلەر ۋە ئېسىل تېمىلىرى بىلەن مىللىتىمىزنى مەنپەتلەندۈرىۋاتقان يازارمەن دوسىتلار ۋە مەندەك تەييارغا ھەييار بۇلۇپ ئۇزۇق ئېلىۋاتقان مۇنبەرداشلار!ھەممىڭلارغا سالاملار بولسۇن!
بۇ"خوشامەتنامە"نى يېزىشتىكى مەقسىدىمگە كەلسەم،بۇندىن ئىككى يىل مۇقەددەم كەڭسايغا تىزىملىتىپ كىرىپ،ئىسلامغا زىت بولغان بىر قىسىم بايانلارنى كۆرۈپ( دىنى ئەسەرلەرگە يېزىلغان مەسخىرە ئارىلاش ئىنكاسلار ئوغامنى قايناتقان)،ئاچچىقىم كىلىپ كەڭساينى تەرىك ئەتكەن ئىدىم.....ئىككى يىلدىن كېيىن كىرسەم كەڭساي بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىپتۇ،ئىلگىرلەپتۇ.....خۇلاسە كالام،كەڭساي خوجايىنىلىرى ،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ئىمانىي ۋە مىللىي مەسئۇلىيەتنى تۇنۇپ يىتىپ،مۇنبەرداشلارنىڭ ئىسلامىي ئەسەرلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ،دىنىي ئەسەرلەرگە كەڭ كۇشادە ئۇرۇن بىرىپ،ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ ناخشىچى،ئۇسۇلچى بۇلۇپ كەتمىگەنلىگىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىدىن ئىبارەت مىللىي كىملىگىنى ئۇنتۇپ قالماي، دىنىي تېمىلارنى تەستىقلاۋاتىدۇ،جاپا چىكىۋاتىدۇ.....گەرچە كەڭساي ئۈنۋېرسال تور بېكەت بولسىمۇ ئەمما باشقا ئۈنۋېرسال تور بېكەتلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ماختىغۇدەك بىر ئىش قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئەجرىنى قېرىنداشلىرىمىز ئاخىرەت ئالىمىدە ئىنشائاللا كۆرىدۇ...
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت.دۆلەت قانۇنى_ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىنى بەرگەن. دۆلەت بەرگەن ھوقوقتىن تۇلۇق پايدىلانساق دۆلىتىمىزمۇ خوش بۇلىدۇ ئەلۋەتتە....شۇڭا كەڭساينىڭ باشقا تور بېكەتلەرگە ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان خۇدۇكسىرەش ئېڭىنى يوق قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە،بۇندىن كېيىنمۇ ئېتقادىمىز ،مىللىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچەك راۋاجى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!
كەڭسايلىقلارغا رەخمەت،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجىنى بەرگەي!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ!