باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1110 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 18:31

كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى

1 -
قاتار ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، رايون بوشلۇقىنى تولدۇردى
قاتار زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟ بۇ - بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان زور كۆلەملىك نامايىشنى قوللىغان، مىسىر ئازادلىق مەيدانىدىكى ئىنقىلابچىلارغا مەدەت بەرگەن، غەرب ئەللىرىنىڭ لىۋىيەگە ئارىلىشىشىغا ئاكتىپ قاتناشقان، ھازىر سۇرىيە ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشتە ئوتتۇرىغا چىققان پارس قولتۇقىدىكى كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ رەھبەرلىرى دائىم ئويلايدىغان مەسىلە.
بۇ رايوندىكى باشقا رەھبەرلەر تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتقان ئەرەب يېڭى تەرتىپىگە باش قاتۇرۇۋاتقان چاغدا، قاتار بۇ ئۆزگىرىشتىن خۇش بولدى، ئىسلامىزىمچىلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچكە ئايلانغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى ھەمدە مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. قاتار ئۆزگىچە خىيالى بار دۆلەت، چوڭ دۆلەتلەر سىياسىيسىدا رول ئويناشقا ئامراق، ئۇ ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قۇرغان ھەمدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى ياراشتۇرغان.
بىر داڭلىق ئەرەب سىياسىي تەھلىلچىسى ئېيتقاندەك، بۈگۈنكى ئەرەب ئاممىسىنىڭ ئويغىنىشى دەۋھەگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بۇ ئەرەب دەۋرى، بۇ قاتارنىڭ تەسىر كۈچىنى پۇل ۋە تاراتقۇدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئورۇن – سىياسىيغا ئېرىشتۈردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ماھىيەتتىن قارىغاندا، قاتار مىسىردەك مۇشۇنداق ئەڭ چوڭ ئەرەب دۆلىتى، شۇنداقلا ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى باشلامچىسىدا كۈچىنى كۆرسىتەلمەسلىك بوشلۇقىنى تولدۇردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، خەتىرى كىچىك دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئامراق. قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كەسكىن قارشىلىشىش مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىققا ئايلاندى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن سۈرىيەنى چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىردەكلىكى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىش جەريانىدا، پارس قولتۇقى رايونى ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلاشتى. يېقىندا دەۋھە سۈرىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئەۋجىگە چىققاندا دەۋھەمۇ بىرىنچى بولۇپ باشار ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى.
قوشنا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، قاتار ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۇزاقتىن بۇيان ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئەرەب باھارىدىكى سايلامدا تەدرىجىي غەلىبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، دەۋھە ئۇلار بىلەن غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈككە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكىتى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا چىقتى.

داۋامى بار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
[ بۇ يازمىنىpakdiyar 2012-03-31 18:58قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09

ياخشى تىمىكەن . داۋامىغا تەشنابىز .   
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
لۇتپۇللا.520
.ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11134
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 615 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-15
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 00:50

ياخشى تىمىكەن
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 10:44

سىياسىي تەھلىل..............................ھەممىسى ئوز چۇمىچىگە چوغ تارتىدىغانلار......... ئاللاھ ھەقەقەتەن ھەق بىلەن بىللە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 12:22

2 - داۋامى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى يېقىندا: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قاتار يېقىندا سۇنغان سۈرىيەگە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قىسمىنى ئەۋەتىش تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېدى. بۇمۇ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاستىرتتىن بىلدۈرۈشى. قاتار ئەمىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋە قوراللىق قىسىم باش قوماندانى خاماد بىن خەلىفە ئەلسانى ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىدە ئاڭلىتىلغان پىروگراممىدا مەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، قىرغىنچىلىقنى توسۇشىنى قوللايمەن، دېدى.

خاماد بۇنىڭ بىلەن سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبىرىگە ئايلاندى. بىراق ئۇ ئەرەب ئەللىرى قىسمىنىڭ سۈرىيەگە قانداق ئارىلاشسا ئاندىن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتمىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىلى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەكلىپى تاپشۇرۇۋالمىدى، مەيلى ئەرەب دۆلەتلىرى ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھازىرغىچە سۈرىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، دېدى. ئەمما قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش تەكلىپىنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېدى.

رۇسىيە گېزىتى: قاتار ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى «كۈچ مەركىزى» بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ

2008-يىلى 5-ئايدا، قاتار ئوتتۇرىغا قويغان لىۋان ئىچكى ئۇرۇش كېلىشىمى بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە لىۋان پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇندىن باشقا، دەۋھە ئوتتۇرىغا چىقىپ يەمەن، سومالى ۋە چادنىڭ توقۇنۇشىنى ياراشتۇردى، ھەمدە جىبۇتى بىلەن ئېرىترىيەنىڭ چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقىمۇ كۈچ چىقاردى. بىنورمال جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتتە، قاتارنىڭ دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى يەنىلا ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ خىزمەتلەرنىڭ لىۋىيە ۋە سۇرىيە كىرىزىسىدىكى رولى تېخىمۇ شۇنداق.

قاتار نېمە سەۋەبتىن بۇنچە جانلىنىپ كەتتى؟ كىچىككىنە قاتارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتقان سەۋەب تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچىدىن، تەبىئىي گازنىڭ ئېكسپورتى مالىيە كۈچىنى روشەن كۈچەيتتى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا قاتارنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتى %500 ئاشقان. ئىككىنچىدىن، قاتار كۈچلۈك تەشۋىقات ئاپپاراتىغا ئىگە، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۇنيادىكى داڭلىق تاراتقۇغا ئايلاندى. ئۈچىنچىدىن، قاتار ۋاشىنگتون بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، ئامېرىكىنىڭ قاتاردا ئىككى ھەربىي بازىسى بار.

داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىpakdiyar 2012-03-31 18:57قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 12:30

سىياسى_«ھاكىميەتنىڭ قورغىنى »دەپ تەبىرلەپتىكەن قەدىمىقى گىرىكلار....
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 13:02

3 - داۋامى


نۆۋەتتە قاتار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى ئاپپاراتلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە قاتارنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13 ئاشقان، دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى مەزگىلىدىمۇ ئېشىش نىسبىتى %9.5كە يەتكەن. 2011-يىلى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %14كە يەتكەن. قاتارنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىسى بىلەن ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بارلىق نەتىجىلەرنى تەبىئىي گاز ئېكسپورتتى ياراتقان. قاتارنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئېكسپورتى 2003-يىلدىكى 13 مىليون توننىدىن 2011-يىلى 75 مىليون توننىغا يەتكەن.

تاراتقۇ قاتارنىڭ رايون رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم قورالى. دۇنيادا تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ تاراتقۇلارنىڭ بىر بولغان قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتاردا. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلنىڭ بېشىدا بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرگۈچىلەر 50 مىليونغا يەتكەن. 1995-يىلى قۇرۇلغان چاغدا، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭىدىن ئەمىر بولغان شەيخ خاماد بىن خەلىفە ئەلسانىنىڭ قوللىشىغا ھەمدە 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئەرەب دۇنياسى مەسىلىلىرىگە ئىزچىل ئېتىبار بېرىشى ھەمدە ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق قىزىق مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىشى قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نامىنى چىقاردى. «ئەرەب باھارى» پارتلىغاندا، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى. ئىستانسا باشلىقى ۋاداخانفانىڭ ئورنىنى خانلىق ئەزا، قاتار تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىگىلىدى، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى خانلىق جەمەت بىۋاسىتە كونترول قىلىدۇ.

كىچىك دۆلەت قاتارنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئىرادىسى: ئوتتۇرا شەرق ئۆزگىرىشىدە ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىش

قاتارنىڭ ئەمىرى خاماد قاتارنىڭ كىچىك بولسىمۇ چوڭ دۆلەتلەرگە، رايون ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قاتارنى «غەربىي ئاسىيادىكى سىنگاپورغا» ئايلاندۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ لى گۇاڭياۋدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قاتارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭ، مېھمانلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، چىقىشالمايدىغان تەرەپلەرنىڭمۇ بۇ دۆلەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى-خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، قاتار بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن. 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەت قويۇق ھەربىي مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى قوماندانلىق مەركىزى ۋە بىرلەشمە ھاۋا ھۇجۇمى مەركىزى قاتارغا قۇرۇلغان. 13 مىڭ ئامېرىكا ئوفىتسېر ئەسكىرى قاتاردا تۇرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مىسىر بىلەن لىۋىيە ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەتتا پەلەستىن رادىكال تەشكىلاتى خاماسنىڭ سىياسىي رەھبىرى خالىد ماشالنىڭمۇ قاتاردا ئۆيى بار، ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ قاتاردا ئىشخانىسى بار.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، قاتارنىڭ لىۋىيە، سۇرىيە ، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى»-بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار. بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار قاتار ئىسلامىزىم رەھبەرلىرىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلدى. قاتارنىڭ تاراتقۇلىرى قاتارنىڭ ھەممىگە تەڭ قارايدىغان سىياسىتىنى تىلغا ئالغاندا، چاقچاق ئارىلاش: پۇل خەجلىسىلا ھەر قايسى جايدىكى كىشىلەرنى قاتارغا ئەكەلگىلى بولىدۇ دېدى.

نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولغان قاتار ھەقىقەتەنمۇ باي. قاتارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2010-يىلى %19.4 كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. لىۋاننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى تالار ئاتلاس مۇنداق دېدى:قاتارنىڭ ئاڭ فورماتسىيەسى يوق. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامىزىمنىڭ يېڭى كۈچلىرى بىلەن دوست بولغاندىلا قاتارنىڭ بۇندىن كېيىن شۇ رايوندا تەسىر كۈچىنى زورايتالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بەزىلەر قاتارنىڭ مەقسىتىنى ناپالىيوننىڭ مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالىتىگە ئوخشاتتى. يەنە بەزىلەر قاتارنى ئاغمىچى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆزگىرىشىدەك بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى قايتىدىن تىكلىمەكچى دېدى. تارىختا قاتار چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇزۇن يىل بوزەك قىلىنغان، 1760-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى، ئەنگلىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندەك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ كەلگەن، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆزگىرىشى شەك شۈبھىسىزكى قاتارغا بىر پۇرسەت بولدى.

داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىpakdiyar 2012-03-31 18:59قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 19:14

بۇ دۆلەت ماڭغا ئانچە ياراپ كەتمەيدۇ.غەرپ دۆلەتلىرى نەگە ھۇجۇم قىلسا شۇلارنىڭ كەينىدىن پوداق كۆتۇرۇپ ماڭىدىكەن.ھاكىمىيەتلەرنى جەڭ قىلمايمۇ ئاغدۇغىلى بولىدىغۇ     
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 19:21

4- داۋامى

قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت بولۇپ باھالاندى

يېقىندا، فوربىس ژۇرنىلى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈشى ۋە زور مىقداردىكى تەبىئىي گاز زاپىسى قاتارنى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇردى. 2010-يىلى قاتارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 88 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى. دۇنيادىكى 3-چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە قاتار نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كاپىتالىنى جەلپ قىلماقتا. بۇندىن باشقا، قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئايرودۇرۇم، پورت، تۆمۈر يول ياسايدۇ. بۇ تىزىملىكتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن كۇۋەيت دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى 15نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

ئەنگلىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىمارەتنى قاتار شىركىتى سېتىۋالدى

سېلىنىۋاتقان ئەنگلىيە شارد بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇشقا ئايلىنىدۇ. بىراق بۇ شەرەپ ئەنگلىيەگە مەنسۇپ بولماي، قاتارغا مەنسۇپ بولدى.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، پارس قولتۇقىدىكى بۇ دۆلەت ئەنگلىيەنىڭ بىر قاتار داڭلىق مۈلۈكلىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى. قاتار سېرىق قۇشقاچ پورتى پۇل مۇئامىلە رايونىدىكى كۆپ قىسىم يەر مۈلۈككە ئىگە ناخشىچى قۇشقاچ گۇرۇھىنىڭ پېيىنى كونترول قىلغۇچى، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق باركىلاي بانكىسىدىكى ئەڭ چوڭ پايچىك، لوندوندىكى ئەڭ قىممەت يەرنىڭ بىرى بولغان-خايد باغچىسىمۇ قاتارنىڭ ئىلكىدە. لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئولىمپىك كەنتىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىمۇ قاتارغا تەۋە بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى داڭلىق تۈرلۈك ماللار شىركىتى خاررودمۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىلكىدە. قاتار يەنە ئەنگلىيەدىكى چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى سېينىسبارىينىڭ ئاساسلىق پايچىكى، لوندون ئاكسىيە بازىرىدىكى %20 پاي ھوقۇقى قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسىغا تەۋە. بۇندىن باشقا، قاتار ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئەنگلىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان، ئەنگلىيە ئۆتكەن يىلى %85 تەبىئىي گازنى قاتاردىن ئىمپورت قىلغان. 2011-يىلىنىڭ 4-پەسلىدە بۇ نىسبەت %95.5 كە يەتكەن.

مول نېفىت بايلىقى بار قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2011-يىلىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىش نىسبىتى %20 كە يېتىپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قاتار مەبلەغ سېلىش ئىدارىسى نەچچە ئون مىليارد فوندسىتىرلىڭلىق مۈلۈك ۋە دۇنيادىكى تەسىر كۈچى زور مال مۈلۈك فوندىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنگلىيەگە 10 مىليارد فوندستېرلىڭ مەبلەغ سالغان. رايون توقۇنۇشى قورشىۋالغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، ئەنگلىيەگە مەبلەغ سېلىش شەك شۈبھىسىزكى خەتەردىن ساقلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشنىڭ بىرى. بىراق ئەنگلىيەلىكلەر قاتار ئەنگلىيەگە قانچە كۆپ مەبلەغ سالسا، ئەنگلىيە قاتارغا شۇنچە يۆلىنىپ، دۇچ كېلىدىغان خەتىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

داۋامى بار
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى