23.3.2012- جۈمە خۇتبىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم مۇسۇلمانلار مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان ھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ئابدىللا بىن ھۇمەيد جانابلىرى...
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:
"پېقىرلىق ۋە پېقىرلەر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە بولسا، ھالال كەسىپ قىلىش ئارقىلىق تۇمۇش كەچۈرۈش ماختاشقا ۋە ياردەم بېرىشكە ئەرزىيدىغان خىسلەتتۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
كەمبغەللەر ۋە كەمبەغەللىك(پېقىرلىق) جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاساسلىقى بولسا، يەنەبىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە سەلبى تەسىر پەيدا قىلىدىغان،ئوخشاش بولمىغان جىنايى قىلمىشلارغا سەۋەپ بولىدىغان ناچار ئىللەتلەر قاتارىدا بولۇپ، ئۇنى ھەل قىلىش دۆلەت ۋە شەخسلەر ھەمدە بايلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.كەمبەغەللىك ۋە كەمبەغەللەر قانداق بىر دۆلەتتە بولىشى ئەيىبلىك ئىش بولماستىن ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشماستىن قويىۋېتىش ئەيىب ۋە ناچار قىلىقتۇر.
ئىنسانىيەت تارىخى قەدىمقى زاماندىن بىرى كەمبەغەللىك(پېقىرلىق)تىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئىللەتنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشقان. تارىختىن بېرى دۆلەتلەر،بايلار، مۇتەپەككۇلار، بارلىق ئېقىم، مەزھەبلىرىگە قارىماي كەمبەغەللىكنى يوقىتىشقا كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت جەمئىيەتكە بولغان يۈكنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىپ كەلگەن. بەزىدە كەمبەغەللىك(پەقىرلىقتىن)ئاگاھلاندۇرسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن چىقىش يوللىرىنى ئىزدېگەن.
بەزى ئازغۇن ئېقىم، ئازغۇن پىكىردىكى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىدىيولوگىيىسىنى باشقىلارغا تېڭىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قولىنىڭ قىسقىلىقى، كەمبەغەللىكىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كەمبەغەللەرنى ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئەقىدىسى، ئېقىملىرى، ۋە ئىدىيەلوگىيىسىنى تېڭىشقا تىرىشقان.
لېكىن، ئىسلامىي جەمئىيەتلەردە ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، ئىسلام دىنى ھەر قانداق قىيىنچىلىقنىڭ چىقىش يولىنى كۆرسەتكەن بولسا، كەمبەغەللىكتىن قۇرتۇلۇشنىڭمۇ چارىسىنى كۆرسەتكەن. كەمبەغەللىك ئىنساننىڭ تەغدىرى، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت بولسا، كەمبەغەللىككە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىش، كەمبەغەللىكتىن قۇرتۇلۇشمۇ تەغدىر ۋە ھەل قىلىش چارىسىدۇر.
14 ئەسىردىن بېرى ئىسلام دىنى داۋاملىق پەقىرلەرنىڭ ھۇقۇقىنى ھىمايەقىلغان بولسا،كەمبەغەللەرنىڭ بارلىق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلغان.
ھەقىقەتەن كەمبەغەللىك(پېقىرلىق)ئىسلام نەزىرىدە قېچىشقا تىگىشلىك مۇسىبەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇرتۇلۇشقا تىرىشىش ئىبادەتتۇر. پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام پېقىرلىقتىن پاناھ تىلىگەن، بەلكى پېقىرلىقنى كاپىرلىق بىلەن يانداش ھالدا زىكىر قىلغاندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەپ دۇئا قىلغان ۋە مونداق دېگەن: " ئې ئاللاھ مەن سىزدىن كاپىرلىقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن".
يەنە بىر ھەدىستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مونداق دۇئا قىلغان:"ئې ئاللاھ مەن سىزدىن پەقىرلىقتىن، قىسقا قوللۇقتىن، خارلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، مەن سىزدىن زۇلۇم قىلىشتىن ۋە زۇلۇم قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن".
ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رادىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "پەقىرلىق ئىنسان بولغان بولسا ئۆلتۈرگەن بولاتتىم".
قۇرئان كەرىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئاللاھ بەزى كاپىر ئۈممەتلەرنى ئاچارچىلىق بىلەن ئازاپلىغانلىقى، ئۇنىڭ قارشىسىدا قۇرەيش قەبىلىسىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تويغۇزغانلىقى، قورقۇنچتىن ئامانلىققا چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان. بايلىق ياكى كۆڭۈل توقلۇق بولسا ئاللاھنىڭ نېمىتى بولۇپ، خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەبىبى ۋە خەلىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا خىتاب قىلىپ، مەرتىۋىسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ مونداق دېگەن:" سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟"(زۇھا8(
كەمبەغەللىك بىنورمال ھالەت بولۇپ، ئىنسان ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، ياتاق، دورا-دەرمەك، تەلىم-تەربىيەدىن ئىبارەت ئىھتىياجلىرىنى قامداشتىن ئاجىز كېلىدۇ. كەمبەغەللىك ئىھتىياجنى قامداشتىن ئاجىز كىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەزىدە ناچار ئوزۇقلىق سەۋەبىدىن ئوخشاش بولمىغان كىسەللەر تارقىلىپ كېتىدۇ. كەمبەغەللىكتىن كىچىك بالىلارنى سۈيئىستىمال قىلىشتەك ناچار ئىللەتلەر ئورتىغا چىقىدۇ. كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت ب ۇ ئىللەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئولۇق دىنىمىز ئىشلەشكە قۇدرىتى يېتىدىغان ھەربىر مۇسۇلماننى ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن ئىشلەشكە، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشقا چاقىرغان. كەمبەغەللىككە خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىشلەش، ھەرىكەت قىلىشتۇر. ئىشلەش بولسا، ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن كەمبەغەللىككە خاتىمە بېرىپلا قالماستىن زىمىننى گۈللەندۈرىدۇ.
ئىسلام دىنى ئىشلەش، خىزمەت قىلىشنى ئىبادەت قىلىپ بەلگىلىگەن خىزمەتنىڭ پايدىسى ۋە مەنپەئەتى ئىشلىگەن ئادەم بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئەتراپتىكىلەرگە تارقىلىپ باشقىلارمۇ مەنپەئەتلىنىدىغان ئىش بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئىسلامدا خىزمەتنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق، خىزمەت پۇرسەتلىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، ئەقلى ۋە جىسمانىي تالانتىغا لايىق خىزمەت قىلالايدۇ. مەسىلەن؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " راستچىل، ئامانەتدار، ئىشەنچىلىك تىجارەتچى قىيامەتتە سىددىقلار ۋە شېھىدلار بىلەن بىرگە ھەشرى قىلىنىدۇ" دېگەن.
بەزى ئىنسانلار ئۆزىگە لايىق ئىشلارنى پەس كۆرۈپ، ئۇنداق ئىشنى قىلىش بىر خىل خارلىقتەك ھېسسياتتا بولىدۇ، بولۇپمۇ بەزى ئەرەبلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىشلار تارىختىن بىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر ئىللەت. بۇنداق قاراشتا بولۇش ئىسلامنىڭ روھىغا، ئەقىلگىمۇ زىت بىر قاراشتۇر. خىزمەتنىڭ تۈرىنىڭ قانداق بولىشىغا قارىماي ئىسلام دىنى ھالال رىزىق ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتنى ماختىغان. ئەكسىچە ئاجىزلىق، ئىشسىزلىق ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇپ ئىشلىمەي يېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.
ھەرقانداق ھالال كەسىپ ئۈچۈن ئەجرى-ساۋاپ بېرىلىدۇ. خىزمەتكە قارىتا ئىككىنچى بىر قاراش بولسا، بەزى كىشىلەر ئۆز يۇرتىدا خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىشلىمەستىن ئائىلىسىگە يۈك بولۇپ بىكار ياتىدۇ، ئاللاھنىڭ رىزقىنىڭ كەڭلىكى، ئاللاھنىڭ زىمىنىنىڭمۇ كەڭلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ.
"اﷲ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشنى ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. اﷲنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كىيىن اﷲنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر."(مۈلك15)
بىلىش كېرەككى، بەندىنىڭ رىزقى ماكان، زامانغا باغلىق ئەمەس. بىز ياشاۋاتقان بۇ مۇبارەك دىيارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دىن قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئەجرى سىڭدۈرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن خۇش كەپسىلەر، مەرھابا دەيمىز. يەنە دەيمىزكى، بۇ دىيارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان ياشلارمۇ چەتئەللەردىن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلكتە خىزمەت قىلىشى، بەلكى بارلىق ساھەدە شەرەپلىك ھالدا خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى ئۈچۈن رىقابەتلىشىشى، بەلكى شۇ قېرىنداشلىرىنىڭ تەجرىبە، تېخنىكىلىرىنى پۇختا ئىگەللىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بەزى ئىنسانلار باركى، ئىمكانىيەتلىرى يار بېرىپ تۇرسىمۇ، پۇت-قولى ساغلام سەللىمۇلئەزا بولسىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ باشقىلارنىڭ سادىقە زاكاتلىرىغا تايىنىپ ياتىدۇ. كۆپلىگەن ئىنسانلار سادىقىگە مۇھتاج ئەمەس تۇرۇپ بايلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى خارقىلىپ، تىلەمچىلىك دەرىجىسىگە يىتىپ قالىدۇ. بۇ نېمىدىگەن ئېچىنارلىق!!.
ھەقىقەتتە ئىسلام دىنى ئىشلەشكە قادىر بولغان، پۇت-قولى ساق لېكىن ھورۇن ئىنسانلارنىڭ سادىقە، زاكات ئېلىشىنى جايىز كۆرمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنكى، بەندە ئۆزىگە تىلەمچىلىكنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا پېقىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ.
بايلارمۇ ئاللاھ بەرگەن بايلىق نېمەتلەردە ئائىلىسى، تۇققانلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى، يوقسۇللار نىڭ ھەققى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. ئاللاھ بەرگەن بايلىقنىڭ قەدرىگە يېتىشى، بايلىق ئۇنىڭ قولىدىكى ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم. ئاللاھ بارچىمىزنى كەمبەغەللىكتىن ساقلىسۇن، تەكەببۇرلۇققا ئېلىپ بارىدىغان، يوقسۇللارنىڭ ھەققىگە كۆز يۇمىدىغان بايلىقتىن ساقلىسۇن ئامىن!!.
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-03-30 14:10قايتا تەھرىرلىد ]