بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-03-29 20:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ پەيجاڭ تۇرامدۇ نىمە؟ ئاۋۇ بالىنى بەكلا ئوخشىتىپ كەتتىم. ھەربىي مەشىق قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. قاھار پەيجاڭ ۋە سەيرۇللا (قازاق) پەيجاڭنىڭ قول ئاستىدا ئىدىم. نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن بۇ ئىككەيلەن...
ھەربىي مەشىق بەكلا كۆڭۈللۈك بولىدۇ ئىشقىلىپ. چىڭقى چۈشتە، ھاۋا ئوچۇق، قۇياش ھەممە يەرنى قىزىتىپ تۇرغان ۋاقىتتا بىزنىڭ لىيەن بىلەن يەنە بىر لىيەننىڭ باللىرى لىجىڭ (ھەربى ھالەتتە تىك تۇرۇش) تۇرۇشتا بەسلىشىپ قالدۇق. ئاخىرقى چىمپىيون مەن بولغان. ساق بىر سائەت 25 مىنۇت شەپكە بېشىمدا تەتۈر قويۇقلۇق (كىچىككىنە مىدىرلىساملا چۈشۈپ كىتىدۇ، يېڭىلگەن بولىمەن) ھالەتتە، مىدىر سىدىر قىلماي تۇرۇپتىكەنمەن. تەرلىگىنىمدىن خۇددى سۇدىن ھازىرلا چىققاندەك بولۇپ كەتكەن. ئەتراپىم بىرمىتىر دائىرىدە ھۆل بولۇپ كىتىپتىكەن چىققان تەردىن.
بەك كۆڭۈللۈك ئىشقىلىپ...