查看完整版本: [-- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاۋانگارىت 6-روتا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ئەتراپىمىزدا -> مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاۋانگارىت 6-روتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2012-03-29 20:04

[attachment=16165]

بۇ ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ، تاتار ، مۇڭغۇل ، خۇيزۇ قاتارلىق ئون ئۈچ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئاۋانگارىت روتا بولوپ ، ئەلى ئۇرايىم قاتارلىق مىننەۋۋەر ئەسكەرلەر بارلىققا كەلگەن . 60 يىلدىن ئارتۇق شانلىق تارىخقا ئېگە قسىمدۇر ..
1949-يىلى 12-ئايدا ،ئەسلى مىللىي ئارمىيە بولغان قوشۇندىن ئازادلىق ئارمىيە قىسىمغا قېتىلغان .
1979-يىلى يېڭى ئۇزۇن سەپەردىكى ئىلغار قوشۇن.
.1983-يىلى ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى 6- روتا دەپ باھالانغان . 1987-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن تەرىپىدىنمۇ شۇنداق باھالانغان .
1995-يىلى ئىلغار كوللىكتىپ .
2007-يىل تىل جەھەتتىن ئىلغارلاشقان روتا دەپ باھالانغان .
1- دەرىجىلىك كوللىكتىپ ئوردىنىدا بىر قېتىم .
2- دەرىجىلىك ئىلغار كوللىكتىپ ئوردىنىدا بىر قېتىم .
3- دەرىجىلىك ئوردىنغا ئۈچ قېتىم ئېرىشكەن .

رەگەتكىدەك گەپ قىلىماي ، قىزىل گۈلدەك چىرايلىق كۆڭلۈڭلار بىلەن پىكىرلىشەرمىز .





sirik 2012-03-29 20:17
بىرونىۋىكنىڭ ئىچى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنۇرىغا ئوخشاش ئىسسىق بولىدىكەندە
 [attachment=16166]
ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرى دەپ قالماڭلار،6-روتىدىكى مىللىي جەڭچىلەر جۇما
[attachment=16167]
 كاۋاپچىنى تۇنۇغانسىلەر

رەسسام 2012-03-29 20:19
،كەپسىز بالىلار ئەسكەرلىكتە تۇرۇپ كەلسە ئىنتىزامچان ،قائىدە ئۇقۇدىغان ،چىدامچان بۇلوپ چىقىدۇ،،،،لىكىن دۇلىتمزىدە ئەسكەرلىككە ئوتمەك  بەك تەستە....

abdul 2012-03-29 20:19
زامانغا بېقىپ ئىش تۇتقانلا دانا بۇلۇر دىگەن شۇ دە

abdul 2012-03-29 20:30
باشقىلارغا زوتالىق قىلىشنى ئۈگىنىپ كەلمىسلا بولاتتى شۇ

abdul 2012-03-29 20:30
كاۋاپچى  ئالىمجان ئىكەنغۇ

تاھىربەگ 2012-03-29 20:31
بىزنىڭ پەيجاڭ تۇرامدۇ نىمە؟    ئاۋۇ بالىنى بەكلا ئوخشىتىپ كەتتىم.  ھەربىي مەشىق قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.  قاھار پەيجاڭ ۋە سەيرۇللا (قازاق) پەيجاڭنىڭ قول ئاستىدا ئىدىم. نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن بۇ ئىككەيلەن...
   ھەربىي مەشىق بەكلا كۆڭۈللۈك بولىدۇ ئىشقىلىپ.  چىڭقى چۈشتە، ھاۋا ئوچۇق، قۇياش ھەممە يەرنى قىزىتىپ تۇرغان ۋاقىتتا بىزنىڭ لىيەن بىلەن يەنە بىر لىيەننىڭ باللىرى لىجىڭ (ھەربى ھالەتتە تىك تۇرۇش) تۇرۇشتا بەسلىشىپ قالدۇق.  ئاخىرقى چىمپىيون مەن بولغان. ساق بىر سائەت 25 مىنۇت  شەپكە بېشىمدا تەتۈر قويۇقلۇق (كىچىككىنە مىدىرلىساملا چۈشۈپ كىتىدۇ، يېڭىلگەن بولىمەن) ھالەتتە، مىدىر سىدىر قىلماي تۇرۇپتىكەنمەن.   تەرلىگىنىمدىن خۇددى سۇدىن ھازىرلا چىققاندەك بولۇپ كەتكەن.  ئەتراپىم بىرمىتىر دائىرىدە ھۆل بولۇپ كىتىپتىكەن چىققان تەردىن.
   بەك كۆڭۈللۈك ئىشقىلىپ...   

رەسسام 2012-03-29 20:33
[quote]بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-03-29 20:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ پەيجاڭ تۇرامدۇ نىمە؟  
--سىز ئەسكەر بۇلغانما؟؟؟؟

تاھىربەگ 2012-03-29 20:37
بىلىپ تۇرۇپ قارا... چالمىڭە ئەدەمنى.

تاھىربەگ 2012-03-29 20:39
دادام 80 مىڭنى بىرىپمۇ ماڭدۇرالمىغان مىنى ئەسكەرلىككە.  قوشنىمىزنىڭ بالىسى 120مىڭنى بېرىپ ماڭدى.

رەسسام 2012-03-29 20:40
[quote]بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-03-29 20:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 7-قەۋەت (رەسسام) نىڭ يازمىسىغا :
بىلىپ تۇرۇپ قارا... چالمىڭە ئەدەمنى.  
----سىزنى چالىدىغان تەنبۇر بۇلمىسىڭىز يا؟؟؟   

abdul 2012-03-29 20:42

رەسسام 2012-03-29 20:48
[attachment=16181][attachment=16182][attachment=16172]
[attachment=16173]
[attachment=16174]
[attachment=16175]
[attachment=16175][attachment=16176][attachment=16177][attachment=16178][attachment=16179][attachment=16180]

agah 2012-03-29 21:38
كېلىشكەن باللاكەن ھە ..يېنىمىزدا بىر پاي ئوق پارتىلىسا ئون ئەركەكنىڭ پۇتلىرى يۇمشاپ كېتىشى مۇمكىن لېكىن ما باللانىڭ يېنىدا پارتىلىسا بانان يەپ تۇرۇپ كۆزىنى ئالايتىپ قاراپ قويار ..

تاھىربەگ 2012-03-29 23:10
ئەسكەر بولمىغان. ئەمما ھەربى مەشىق قىلغان.

تاھىربەگ 2012-03-29 23:11
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى 13899196193 نىڭ 2012-03-29 21:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 9-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا :
تاھىربەگ سىز ئەسكەر بولغانمۇ ، دادىڭىز 80 مىڭنى بىرىپمۇ يولغا سالاممىغانمۇ      



 خېلى بۇرۇنقى ئىشلار بۇ.  ھازىر ئەرشەلاغا ئەچچىقىمەن دىسىمۇ بارمايمەن.

urkax610 2012-03-29 23:31
80 مىڭ  ياكى 120 مىڭ بىرىپ ئەسكەر بۇلغان ئۆزلىرى ھەقىقى ئەخمەق ،، چەت دەۋلەتتە ئەسكەر بۇلمايمەن دەپ پاربىرىدۇ..
ئەسكەر بۇلغاننىڭ نىمىگە پايدىسى.2 يىل تۇشقۇزۇپ بۇلۇپ ئەڭ ياخشى بۇلغاندىمۇ ئاساسى قاتلام ياكى دادۇيگە مىڭ بىڭ  بۇلىدىغان گەپ ئالغان مائاش 1000 دىن ئاشمايدۇ.   120 مىڭنى ياخشى كەسىپ ئۈگۈنۈشكەياكى ھۈنەرگە دەسمى قىلغان ياخشى بۇنىڭدا سىز ئاش قالمايسىز...........

eltabir9 2012-03-30 03:10

biliwal 2012-03-30 11:07
فېلىمگە قارىغاندا خېلى بۇرۇن ئېلىنغاندەك قىلىدۇ. ھازىر بەلكىم بۇ روتىدا  ئۇيغۇرچە بۇيرۇقلار بىرىلمەسلىكى مۈمكىن.
قوينى  «قاسساپ جەڭچى»لەر  سويىدىكەن

pakdiyar 2012-03-30 12:53
كاۋاپچى  

xewah 2012-03-30 13:16
ئۇيغۇرچە كاماندا بەرسە بولىدىكەنا ....
بىزنىمۇ ھەربى مەشىق قىلدۇرغاندا .... بەك قىينالغان خەنزۇچە بىلمىگەنلىكىمدىن دەۋاتقان ھەممە گىپى ئوخشاش<< چىت >>
دەپلا ئاڭلىنىدۇ قۇلىنىمغا ...........
ئۇيغۇرچە كۇماندا بەرسە شۇنداق ئۆزگىچە بولىدىكەن ..!

رەسسام 2012-03-30 14:35
ھۇي باللا مۇنۇ يەردە مىللى 9-رۇتا دەپ بىر گەپ باركەن ،سىياسىي كۇمىسسارىنىڭ ئىسمى سۇپاخۇن ئىكەن ،ئاڭلاپ بىقىڭلار،،،،،،،،،،،،،،،،،
--http://www.uycnr.com/wqhg/xwjd/

باھادىر0997 2012-03-30 15:13
مەن تۇرغان قىسىمدىمۇ مىللى 5-رۇتا دەپ بىر ئەترەت بار ئىدى ،مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش

salmanuyghur 2012-03-30 16:31
ھەقىقەتەن نوچى رۇتىكەن،زەنجى تاپان دىگەننى ھەيدەپلا قويىدىكەن...چىگرىنى قاتتىق قوغداڭلا ،بۆلگۈنچىلەر كىرىۋالمىسۇن....

dulbarqin310 2012-03-30 17:54
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى eltabir9 نىڭ 2012-03-30 03:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


ماۋۇ كاساپەت نېمە قىلۋاتىدۇ، فورمىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ.

kelem 2012-04-20 16:12
ئالىم دىگەن كاۋاپچىمۇ    ھەربىچە   كىيىم كىيىۋاپتۇغۇ ....

udunbay 2012-04-20 18:36
ئالىم سۇلاشمۇ ئاۋۇ

قۇتلان 2012-05-03 09:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-03-29 20:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزنىڭ پەيجاڭ تۇرامدۇ نىمە؟    ئاۋۇ بالىنى بەكلا ئوخشىتىپ كەتتىم.  ھەربىي مەشىق قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.  قاھار پەيجاڭ ۋە سەيرۇللا (قازاق) پەيجاڭنىڭ قول ئاستىدا ئىدىم. نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن بۇ ئىككەيلەن...
   ھەربىي مەشىق بەكلا كۆڭۈللۈك بولىدۇ ئىشقىلىپ.  چىڭقى چۈشتە، ھاۋا ئوچۇق، قۇياش ھەممە يەرنى قىزىتىپ تۇرغان ۋاقىتتا بىزنىڭ لىيەن بىلەن يەنە بىر لىيەننىڭ باللىرى لىجىڭ (ھەربى ھالەتتە تىك تۇرۇش) تۇرۇشتا بەسلىشىپ قالدۇق.  ئاخىرقى چىمپىيون مەن بولغان. ساق بىر سائەت 25 مىنۇت  شەپكە بېشىمدا تەتۈر قويۇقلۇق (كىچىككىنە مىدىرلىساملا چۈشۈپ كىتىدۇ، يېڭىلگەن بولىمەن) ھالەتتە، مىدىر سىدىر قىلماي تۇرۇپتىكەنمەن.   تەرلىگىنىمدىن خۇددى سۇدىن ھازىرلا چىققاندەك بولۇپ كەتكەن.  ئەتراپىم بىرمىتىر دائىرىدە ھۆل بولۇپ كىتىپتىكەن چىققان تەردىن.
   بەك كۆڭۈللۈك ئىشقىلىپ...   


مەشىقنى بوشاشتۇرۇپ قويماڭ جۇمۇ تايىرجان ئۇكام، كىين ئۆتەلمەي قالماڭ يەنە................

نەمرۇللا 2012-05-04 14:08

tawut 2012-05-19 23:13
پاھ ... ئالامەت ھە ... قىسىمدىمۇ ئۇيغۇرچە كوماندا برىشكە يول قويىدىكەن ھە ؟ نىمىدېگەن ياخشى سىياسەت بۇ .
لېكىن بۇ قىسىمنىڭ قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىلىپ قانداق ئىشلاردا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمەپتۇ .
گەپنى ئوچۇق ئېيتقاندا  ھەربىينىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى _ ئادەم ئۆلتۈرۈش. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شۇنداق ، كېڭەيمىچىلىك قىلىپ تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈنمۇ ئۆلتۈرىدۇ.. . ئىشقىلىپ  ھەربىيلەرنىڭ ئۆگەنگىنى ، مەشىق قىلغىنى ،چېنىققىنى ..ھەممىسى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋاستىلىرى، ئەمما قاچان كىمنى ئۆلتۈرۈشتە ئۇلار مۇتلەق ئەركىن ئەمەس، ھەممە بۇيرۇق يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ قولىدا .  ئەسكەرلىك ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك. ئەسكەرلەردىكى ئىنتىزام ،چىدامچانلىق ، بىرلىكلىك كىشىنى قايىل قىلىدۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلەرلا ئەمەس ،بەلكى رەھبەر بارلىققا كەلتۈرىدۇ...

جەڭچى 2012-06-23 16:34
ئەسكەر بولمىغان ئەرنى  ھازىر ئىتىڭلار  

ئادىلجان0994 2012-06-24 19:20
بۇ روتا قۇرۇقلۇق ئارمىيە 8-دىۋىزىيە 22-پولىكنىڭ قارمىقىدا...تۇلۇق ئاتىلىشى 69231-قىسىم مىللى ئالتىنچى روتىسى ،، تۇرۇشلۇق ئورنى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدا... باشتىكى تانكا بىرونىۋېك ئەسكەرلەر روتىسىمۇ مەلۇم قىسىمنىڭ مىللى بىرونىۋېىك روتىسى ....      مەن 8-دىۋىزىيە24-پولىك مىللى 9-روتىدىن... 69233-قىسىم9-روتا.. تۇرۇشلۇق ئورۇن شىخەنزە شەھرى.

ئىزچىلار 2012-07-11 10:51
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى  

دھۋت 2012-07-15 18:59
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

medeniyet 2012-07-15 19:33
ئىنكاسلارنى ئوقۇغاچ خىزمەتدىشىمىنىڭ بۇ تور بېكىتىنمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار!

http://www.iuyghur.com

جۇڭگودا بالىياتقۇ ئىجارىگە بېرىلمەكتە.
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەپەندىم!
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «بىرىنچى قىزلار»


查看完整版本: [-- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاۋانگارىت 6-روتا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.114929 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us