كۆمسەم پىشارمۇ ، ياپسام پىشارمۇ ؟ ›› دەپ يۈرۈۋەرمەڭ
شىنجاڭ گېزىتى
پاتىمە ئەيسا
ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: 3 – ئاي كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەمئىي 50 نەچچە مەيدان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. بۇنداق پائالىيەتلەردە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىش ئورنى تاپقان، لېكىن ھەر يىلى مۇشۇنداق پۇرسەتتىن ئوبدان پايدىلانماي، ئىش ئورنى تاللاپ، ‹‹كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ؟›› دەپ يۈرۈپ، ئىش تاپالماي يۈرۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش –– ھۆكۈمەتنىڭمۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ يىل 2 – ئايدا زۇڭلى ۋېن جياباۋ بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز ئىككى ئىش، ئۇنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ بىرى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا قايتىش مەسىلىسى، يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى دېدى. تۆۋەندە ئىككى ياش توغرىسىدىكى مۇنۇ مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي.
ئەمەتجان بىلەن ھەسەنجان 2000 – يىلى شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتتى، ئۇلار دەسلىپىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەندە ئەمەلدىن قالغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈردى، كېيىن ئاشكارا خادىم قوبۇل قىلىش بويىچە ئىمتىھانغا بىر نەچچە قېتىم قاتنىشىپ باقتى، لېكىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئاخىرى ئەمەتجان ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ياغاچچىلىققا شاگىرت بولۇپ كىردى. بەش يىلدا ھۈنەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىدى. ئۇ ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلغاچقا، ئىشلىرى تېز يۈرۈشۈپ يىراق – يېقىندا داڭقى چىقتى.
ھەسەنجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشى توغرىسىدا كۆپ ئەقىل كۆرسەتتى، بىرەر ئىش قىلىمەن دېسە دەسمى سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەسەنجان رەسىمخانا ئاچىمەن دېسە، ئاۋات رەستىدىن رەسىمخانا ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئىشلىرى دەسلەپ خېلىلا يۈرۈشۈپ قالغانىدى، لېكىن كېيىن خېرىدارلار سۈرەتنى قەرەلىدە، تەلەپ بويىچە ئالالمىغانلىقتىن دۇكانغا كەلمەيدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىشتىن زېرىكىپ، ئاياغ سودىسى ياخشىكەن، دەپ قاراپ، ئاياغ دۇكىنى ئاچتى. بۇ ئىشىمۇ خېلى يۈرۈشۈپ قالغاندا، دۇكاندىكى ماللىرىنى بىراقلا باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋېتىپ، توخۇ – ئۆردەك باقمىچىلىقىغا تۇتۈش قىلدى، بىر يىلدىن كېيىن بۇنىڭدىنمۇ زېرىكىپ، كىيىم – كېچەك سودىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن بۇ سودىنى ياخشى ئاقتۇرالماي دۇكىنىنى تاقىۋېتىپ بىكار يۈردى. ئەمەتجان ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا كۆڭۈل بېرىپ يول تاپقان، پۇل تاپقان. ئەمما ھەسەنجان بىر ئىشنىڭ پېشىنى مەھكەم تۇتالماي ‹‹شاختىن – شاخقا قونۇپ›› يۈرگەچكە قىلغان ئىشىدىن بەرىكەت تاپالمىغان.
ئادەتتە، جاھاندا بىر ئىشنى باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قالىدىغانلار ساناقلىقلا بولىدۇ. كۆپلەر نىشانىغا يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەي، داۋاملىق تىرىشىش، ئىزدىنىش ئارقىلىقلا يېتەلەيدۇ. ئەمەتجاننىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەستايىدىل، سەمىمىي، ئىخلاسمەن بولغاندىن باشقا، جاپا چېكىشتىن قورقماي نىشاننى توغرا تاللاپ داۋاملىق تىرىشقانلىقىدا. ئادەمدە نىشان، تىرىشچانلىق، ئىزچىللىق بولمىسا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ‹‹كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ؟›› دەپ يۈرۈۋەرمەي، دىتىمىز، ئىقتىدارىمىز يېتىدىغان بىر ئىشنى مەھكەم تۇتۇپ، بىر نىشاننى كۆزلەپ توختىماي ئىلگىرىلەيلى. قىممەتلىك ۋاقتىمىز، كۈچ – قۇدرىتىمىز بىكارچىلىقتا بىھۇدە ئىسراپ بولۇۋەرمىسۇن. سەمىمىزدە بولسۇنكى، چاتقاللىقلاردىكى مېڭىش قىيىن چىغىر يوللار ئاخىرى ھامان كەڭرى دالىغا، داغدام يوللارغا تۇتاشماي قالمايدۇ.