[post] قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
ئاھ !ئۆتۈنەي بىر سۆزۈم بار ئاڭلاڭلا
ئۆلۈپتۇ_دەپ ئىڭىكىمنى تاڭماڭلا
باغلاپ تېڭىپ كىپەن ئىچرە ئالماڭلا
بىر چارە قىپ تىرىلدۈرۈپ ساقلاڭلا
مەن قورقىمەن سۇغۇق گۆرگە قويماڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
سالاپەتلىك ياش ئىدىمغۇ مەن تېخى
يۈزلەپ ياشتا ئۆلمىگەنغۇ كۆپ قېرى
نىمانداق تىز كەلدى ماڭا نۆۋىتى
قۇرت-قوڭغۇزغا يەم بۇلامدىم شۇ پېتى
گۆر ئاغزىغا تاشتىن توساق ئەتمەڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
ئۆلۈشۈمگە ئىشەنمەيتتىم ئەزەلدىن
مەغرۇر ئىدىم پۇل-مېلىمدىن ئەمەلدىن
مەست ئىدىمغۇ ئەيشى -ئىشرەت گۈزەلدىن
ياشىسۇن!_دەپ ئېيتقان ناخشا غەزەلدىن
خوشلۇقۇمغا سۇغۇق سۇنى سەپمەڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
قىلىۋالاي -تېخى تۆۋۋە قىلمىغان
قېرىغاندا قىلارمەن -دەپ ئويلىغان
شۇڭا راسا بۇزۇپ -چېچىپ ئوينىغان
گۇناھىم جېق مەن تېخىچە يۇمىغان
پۇرسەت بەرسۇن بىر تىرىلەي تىلەڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
مۇنكىر-نېكىر سۇئال-سوراق سورىسا
قانداق قىلاي قىلمىشىمنى كولىسا
جازايىمغا جەھەننەمنى بۇيرىسا
ئۇسسىغاندا قايناق سۇدا سۇغارسا
قۇتقۇزۇڭلا!-ۋاي ئاغرىسۇن ئىچىڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
بىللىدۇققۇ كىچە -كۈندۈز ھەممىمىز
چىقاتتىغۇ بىر تىنىقتىن نەپسىمىز
بار ئىدىغۇ ئايرىلماسقا ئەھدىمىز
مەڭگۈ بىللە ئۆتۈش ئىدى ۋەدىمىز
جان دوستلۇرۇم ئارقاڭلارغا يېنىڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
قېنى ماڭا ھەمنەپەس،شاش دوستلېرىم
قېنى ماڭا يانتاياق تاغ-چوڭلېرىم
يا ھەسرەتا !ئەسقاتمىدى ماللىرىم
ئەسقاتمىدى خوتۇنلېرىم باللىرىم
مەن قورقىمەن يالغۇزلۇقتىن ،قاچماڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
ئوتقا كىرسەك تەڭ كىرىمىز _دىگەنغۇ
بىللە ياشاپ تەڭ ئۆلىمىز دىگەنغۇ
لىكىن ھازىر جىنازىدا مەنلىغۇ
پۇت-قوللىرى چىڭ تېڭىلغان مەنلىغۇ
بەك قاراڭغۇ،گۆر ئاغزىنى ئەتمەڭلا
قەبرىستانغا يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭلا
مەنبە: قەلىمىم
[/post]
[ بۇ يازمىنىئەلتۈزەر 2012-03-29 20:44قايتا تەھرىرلىد ]