باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1205 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرىنىڭ سەھنىسى بايلارنىڭ يانچىقۇدا.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1070
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1070دانە
ئۆسۈش: 1350 %
مۇنبەر پۇلى: 7536 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-07-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 23:21

ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرىنىڭ سەھنىسى بايلارنىڭ يانچىقۇدا.

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرىنىڭ سەھنىسى بايلارنىڭ يانچىقۇدا
         ئۆتكەندە ئۆينىڭ پەلەمپەي رىشاتكىسىنى ئوڭشاتماقچى بولۇپ سېمۇنىت تېشىدىغان ئۈسكىنە يوق تازا جىلە بولۇپ تۇرسام  ئاغىنەمنىڭ دادىسى ئۆيىنى زىننەۋاتلاۋاتقان ئىكەن، ياغاشچى بولغاندىن كىيىن شۇنداق ئۈسكۈنىسى بولسا كىرەك دېگەن ئۈمۈتتە ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم.ئۆي سىرتى ئاساسەن پۈتۈپ بولغان ئىكەن،بىرلىرىنىڭ ئاۋازى ئۆي ئىچىدىن ئاڭلىنىپتۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن سالامنىڭ يوغىنىنى قىلىپ ئۆي ئىچىگە كىردىم،ئاغىنەمنىڭ دادىسى ۋە باشقا ياغاشچى ئۇستاملار بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىر ئاز گىپىگە قۇلاق سالسام بەزى ئىشكاپ نۇسقىلىرى توغۇرسىدا ئوستاملار بەزى تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرۋاتقان ئىكەن.ئۆي تولىمۇ چىرايلىق زىننەتلەنگەن بولۇپ تاكى ئۆي تورۇسىدىن تارتىپ تاختايلىق يەر يۈزىگىچە مىللىچە ئۇسلۇب ئەجايىپ گەۋدىلەندۈرۈلگەن،ئەگەر سىرچىلارنىڭ ھۆنۈرى قىتىلسا قانچىلىك كۆركەم بوپ كىتەر دەپ قالدىم.ئۆي ئىگىسىگە كىلىش مەخسىتىمنى چۈشەندۈرۈپ ئۇستاملانىڭ رازىلىقى ۋە ئىككى سائەتلىك مۆھلەت بىلەن ۋەدىلەرنى بىرىپ سىمۇنىت تېشىش ئۈسكىنىسىنى ئىلىپ كەتتىم ۋە ھاجىتىمنى تولۇق تۈگىتىپ، ۋەدەم بويچە ئامانەتنى ۋاقتىدا ئۈلگۈرتۈپ ئۆيگە ئاپارسام ئۆي ئىگىسى يوق ئۇستاملار بار ئىكەن ،جابدۇقىنى تاپشۇرۇپ بەرگەش بىرئاز پاراڭلىشىپ قالدىم.مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سورىغاش ھۆنۈرىنى ماختىدىم.ئۇستام بۇ بىر قانچە يىلنىڭ ياغى ھال-ئوقىتىنىڭ ياخشى بولۋاتقىنىنى، بۇ يىلمۇ بىر قانچە يەردە خىلى چوڭ ئىش ئېلىپ پۈتۈرگەنلىكىنى دېگەش،ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسىنىڭ بارلىقىنى،ئاغىرىقچان ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى،ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە بەركىتى بىلەن بۇ قېيىنچىلىقلادىن  خېلى قېنالماي ئۆتۈۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئاما مېنىڭ ماختاشلىرىمنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ پەقەت تەييار ماتىريالنى مىللىچە قىلىپ قوراشتۇرۇپلا قويۋاتقانلىقىنى،بۇ خوددى رەسىم قوراشتۇرۇش ئويۇنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى جانلىق چۈشەندۈرگەش،ئاتا مىراس بۇ ھۆنۈرىنىڭ بەكلا ئاددىلاشقانلىقىنى ،ماشىنىلاشقانلىقىنى بۇرۇن ھەپتە ھەپتىلەپ سىزىپ كىسىپ چىقىرىدىغان گۈل ۋە باشقا نوسقىلارنىڭ ھازىر زاكاز قىلسىلا ئىلىكتۇرۇنلۇق ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاجايىپ سىپتا قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى،شۇڭا بۇ قىلىۋاتغان ئىشىنىڭ ئازراق يولىنى بىلىۋىلىپ ھەتتا مىنىڭمۇ كۆركەم قوراشتۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن چۈشەندۈرگەش،يىقىندا غۇلجىدا مەلۇم بىر باي تەرپىدىن سېلىنغان ھەشەمەلىك ئۆي ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ كەتتى.
   ئوكام،بۇ ئۆينى سالغىنى بەك ياخشى بىر ئىش بولدى،بەزىبىر غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا سىلىنغان ئۆي يوق،كونىلىرى روسچە،يېڭىلىرى ياۋرۇپاچە دىگۈچىلەر بىلەن نەچچە رەت گەپ تالىشىپمۇ قالغانمەن.ھەتتا ئۇيغۇرچە دەيدىغان ئۇسلۇبمۇ يوق،ھەممىسى ئىسلامچە قۇرلۇشلار دىگەندەك گەپلەرنى قىلغانلارمۇ بولغان. مەن قارسام بۇ باي سالدۇرغان بۇ ئۆي دىيارىمىزنىڭ جەنۇب بىلەن شېمال نىڭ ئۇيغۇر مىمارچىلىق جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قۇرلۇش شەھىرىمىزگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن بىسىلغان بىر مۆھۈر بولدى. بىز يەنە قانچىلىك ياشايمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.ئەمما ماۋۇ قۇرلۇش ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسا يۈز يىللاپ ھەتتا مىڭ يىللاپ تۇرغۇسى، كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆرنەك، ئىز بولغۇسى. يەنە بەزى كۆرەلمەسلەرنىڭ كۆزىگە مىخمۇ بوپقالغۇسى. مەن ھۆنەرۋەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالاھىتەن بىر قانچە رەت كۆرگىلى باردىم،قارسام ھەربىر تۈرۈكىگە بىردىن  ئۇستا مىنىۋىلىپ گۈل-نەقىش ئۇيۇۋىتىپتىكەن،ئىشلىتىۋاتقان جابدۇقلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ھەتتا مەنمۇ كۆرۈپباقماپتىكەنمەن، كۆپىنچە ئۇستىلار جەنۇپتىن تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن،مەن تېخى ھەممە ھۆنەرۋەن مەندەك تەييارتاپ بولۇپ كەتتىمىكىن دىسەم،نەدىكىنى قول بىلەن ئويۇلغان گۈل-نوسقىلارغا  قاراپ ماھارىتىگە قول قويدۇم. بىز خەقتە سۆز چۆچەك قىلىدىغانلار كۆپ، شۇ  قۇرلۇش باشلىنا باشلانماي خەجلىنىۋاتقان پۇلغا چىدىيالماي قالغان بەزىلەر خۇددى ئۆزنىڭكىدىن چىقىۋاتقاندىكىدەك شۇ ئۆينى سالغۇچە نامراتلارغا بىرىۋەتسە بولمامدۇ، ۋە يەنە قانداقتۇر بىر گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈشتى.ئەجىبا شۇنچە پۇل تىپىپ، ئىشىنىپ شۇ قۇرلۇشنى بىنا قىلغۇزىۋاتقان بىر باي سەنچە ئەتىراپىغا باقماسمۇ،نامرات يېتىم-يېسىرنىڭ بىشىنى سىلىماسمۇ؟ قارا ئۇكا، شۇ ئۆينىڭ تامچىلىقىنى، ياغاچچىلىقىنى، گەژچىلىكىنى، سىرچىلىغىنى، تۆمۈرچىلىگىنى كىملەر قىلىۋاتىدۇ؟ يەنە شۇ ئۆزىمىز، شەخسەن شۇ ياغاچچىلىقىدا قانچىلىغان ئادەم نان تىپىپ يىدى؟ قانچىلىغان ئۇستا نەقىغە يارشا ھۆنەر ماھارىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆرسەتتى، شۇ باينىڭ يانچۇغىدىكى پۇلى ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرىگە ئۆز ھۆنۈرىنى كۆرسىتىشكە مايدان ھازىرلاپ بەردى دىگەنگەپ.بۇ ئاخىرىدا بىرىپ يەنە شۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلغان جانلىق كۆرۈنۈش بولدى.نەنەلەردىن كېلىپ بۇ ئۆينى زىيارەت قىلغان ساياھەتچى ياكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئادەملەرنىڭ باھالىرىنىمۇ باللىرىم سۆزلەپ تۇردۇ،ھەيرانۇ- ھەۋەستە داڭلاپ ماختاپ كىتەرمىش...
       بۇرۇن بىر زىيالىنىڭ ئىشىنى قىلغاندا"ئىقتىسادى ھايات قانچىلىك بولسا مەدەنىي ھاياتمۇ شۇنچىلىك بولدۇ" دىۋىدى ،بۇگەپنىڭ مەنىسىنى ھازىر چۈشەنگەندەك بولۋاتىمەن،ئەمدى ئويلاپ باقسام ئەسلى قول ئىلىكىڭىزدە بولسا، ياشاش شارايىتىڭىزنى چىرايلىغىراق قىلغىڭىز كىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىزدەك  ھۆنەرۋەنلەرننى تەكلىپ قىلسىز  بىزمۇ شۇ  پۇل تۈرۈتكىسىدە قانداق قىلساق چىرايلىق، سۈپەتلىك بولار دىگەن ئوي بىلەن ھۆنەر تېخىمۇ جانلىنىپ تەرەققى قىلىدىكەن، بىزنىڭ قولىمىزمۇ پۇل كۆرۈپ خاتىرجەم شارائىت يارىتىلسا قۇپساق-تۇرساق شۇ ھۆنەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەم، سىپتىلاشتۇرسام دىگەن ئويدىلام يۈردىغان بوپ قالىمىزكەن. ئاخىردا قىلغان ئەمگىكىمىز يەنىلا شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىي مىراسىنىڭ بىر قىسىمى بوپ قالدىكەن.باي ئىشىنىڭ چىرايلىق ،سۈپەتلىك پۈتكىنىگە خوش، بىزدەك ھۆنەرۋەن ھۆنەرگە چۇشلۇق پۇل ئېلىپ ئىشىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزەلىگىنىمىزگە خوش،ماۋۇ خەلق گىزىت-ژۇرنال،تېلىۋىزۇرلاردا شۇ ئەمگەكلەرنى مىسال ئېلىپ خەلىقىمىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى كۆككە كۆتۈرگىنىگە خوش ،شۇڭا دەيمەن ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنلىرىنىڭ سەھنىسى بايلارنىڭ يانچىقۇدا.
(بۇ بىر ياغاچچى ئۇستامنىڭ ماڭا بايان قىلغانلىرى بولۇپ،قايسى كۈنى تور ئارلاۋىتىپ ساياھەتچىلەر تارتقان مەزكۇر ئۆينىڭ رەسىملىرى ئۇچىراپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ بايانلار يادىمغا يىتىپ تېما قىلپ يوللارپ قويدۇم. تىللاپ كەتمەڭلار يەنە :)      )
 رەسىم مەنبەسى:Google.com
[ بۇ يازمىنىeltabir9 2012-03-28 23:32قايتا تەھرىرلىد ]
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-29

ئەمما كاساپەت بىزەپ قۇيۇپتۇ ئۈينى  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9196
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 10:43

رەسىم:
ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بوپتۇ.بىزدىكى مىللى بىناكارلىقلا ئەمەس،ھويلا ئارام،باغ ۋارانلىرىمىزنىڭ ئۆزىلا كاتتا بىر مەدىنىيەت.لىكىن ئەمىن ئۆي،يېڭى يىزا قۇرۇش دىگەندەكلەر بۇ مەدىنىيتىمىزگە بولغان خىرىسىنى ئاللىقىچان باشلىۋەتتى.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 10:46

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ..........................
اللا
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 13:10

شۇنداق قىلىپ  ئىشىڭىزنى تۇگىتىۋېلىپ  ئۇستامنى گەپكە سېلىپ  ئولتۇردىڭىز  
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 500
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە500دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 5378 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 17:20

ئەمما ماۋۇ ئۆينى بىزەپ قويۇپتۇ جۇمۇ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2033
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-05
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 00:22

بۇ غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ساخاۋەتچى بايلار ساقا ھاجىم بىلەن سادىق ھاجىملارنىڭ قوراسى.بۇ ئىككى باي غۇلجىدا <<ئىناق ئۆي مۈلۇك>> شىركىتىنى قۇرۇپ  غۇلجا خەلقىغەئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك ئالقانلىرى بىلەن كۆپلىگەن ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ بەردى ھەم قىلىۋاتىدۇ. غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يىزىسىغا ئۇستى قاڭالتىرلىق قىلىپ سىلىپ بەرگەن ئىككى قەۋەتلىك يىشللاشقان زامانىۋى ئۈسكۇنىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ شۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى .مەن ئۇلۇغ ئاللا دىن ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىپ گۈللەپ ياشنىشىغا ،تىنىنىڭ سالامەت ،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولىشىغا ھەم شۇنداق ساخاۋەت ئىگىلىرنىڭ دىيارىمىزدىن تىخىمۇ كوپلەپ چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1070
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1070دانە
ئۆسۈش: 1350 %
مۇنبەر پۇلى: 7536 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-07-24
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 02:45

7-قەۋەت (taranqi) نىڭ يازمىسىغا

ئىنكاسىڭىز تېما مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپتۇ.