باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1209 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئادلوف.گېتلىر
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 5564 %
مۇنبەر پۇلى: 6827 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-09-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 21:33

ئادلوف.گېتلىر



گېتلىر(Adlof Hitler) نىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەممىلا ئادەمگە ئايان قەبىھلىك بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ئۇ 35مىلىيۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە كامىدا 50يىل دۇنيادىكى ھەممىلا دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ۋاستىلىك تەسىر كۆرسەتكەن شەخس بولۇپ قالدى.
ئادولۇف گىتلېر ، 1889 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاۋىستىرىيەنىڭ بىراۋناۋ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . 1905 - يىلى 16 يېشىدا دادىسىدىن يىتىم قېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ، ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىنغا قايتىپ رەسساملىق بىلەن شوغۇللانماقچى بۇلىدۇ ھەم بىر گۈزەل - سەنئەت ئىنىستىتوتىغا ئېلتىماس قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتلاردىكى گىتلىرنىڭ ھاياتى ناھايىتتى قىيىنچىلىق ئىچىدە بولغاچقا 1913 - يىلغىچە ئوغۇللار ياتىقىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . 1913 - يىلى گىتلىر ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىنادىن مىيونخىنغا ئەسكەرلىككە بارىدۇ . 1914 - يىلى گىرمانىيە ۋە ئاۋىستىرىيە ئوتتۇرسىدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى 1 - قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ . گېتلىر گىرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسكەر بۇلۇپ قاتنىشىدۇ . ھەمدەئىككى قېتىم خىزمەت كۆرسىتىدۇ. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىككى گېرمان دۆلىتى-گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ ۋە 1919 - يىلى مىيونخىن ئۇنىۋىرسىتىتىدا شۇئار توۋلاش كۇرىسىغا قاتنىشىدۇ . مانا مۇشۇ ۋاقىتتىكى كۇرۇسنىڭ باشلىنىشى ۋە 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەت ، ئۇنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ سەۋەبچىسى بۇلۇپ قالىدۇ . 1919 - يىلى 8 - ئايدا ئۇ تۇنجى قېتىملىق «يەھۇدىلارنى يوقىتايلى» نامىلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىدۇ . شۇ يىلى 10 - ئايدا گىتلىر " ئەزالار 555 " ناملىق ( گىرمانىيە خىزمەتچىلەر پارتىيىسى ) گۇرۇھىنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ھەم دەسلەپكى 500 ئادىمى بىلەن ئۆزىنىڭ مەخسەتلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرشكە باشلايدۇ . 1920 - يىلى بۇ پارتىيەنىڭ ئىسمى «ناتسىسلار پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتىلىدۇ ھەم گىتلىر بۇ پارتىيەنىڭ باشلىقلىق سالاھىتى بىلەن 1921 - يىلى سايلامغا قاتنىشىدۇ . بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شۇئارى «ساپلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەشۋىق قىلىدۇ. گىتلىرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن فىغىنتىز فىرمىسى ، ئۇنىڭ ئىش ھەركەتلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە «گىرمانىيە خەلىق پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ . فىرانسىيە گىرمانىيەنىڭ بەزى يەرلىرىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن گىتلىر بايېرىندا قاتتىق تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ بېرىدۇ . بۇ قېتىملىق ھەركەتتە نۇرغۇن كىشىلەر قۇربان بۇلىدۇ ھەم گىتلىر 5 يىللىق كىسىمگە بۇيرىلىدۇ . گىتلىر 5 يىللىق تۆرمە ھاياتىدا تۈرمىدىكى سەپداشلىرى رودۇلۇف خەسلار بىلەن بىللە «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتاۋىنى يېزىپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى گىتلىر 13 ئاي بۇرۇن تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ ھەم 1925 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇ قايتىدىن يېڭى «ناتسىسلار پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ . 1925 - يىلى ۋە 1926 - يىللىرى ئۇنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابىنىڭ 1 - ۋە 2 - قىسىملىرى نەشىردىن چىقىدۇ . 1927 - يىلى ئۇ ناتسىسلار پارتىيىسىنىڭ ھوقۇقىنى جاكارلاش نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلىدۇ . 1932 - يىلى گىتلىر رەسمى گىرمانىيە دۆلەت گىراجدانلىقىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ . گىتلىر سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش مەخسىتىدە شۇ يىلى 25 سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشى بىلەن مەخپى ئۇچۇرۇشۇپ ، ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان سانائەتتە پايدا بېرىش توغۇرسىدا ۋەدە بېرىدۇ . شۇ جەرياندا گىتلىر نۇرغۇنلىغان جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ ، يەھۇدىلارنى يوقۇتۇش ھەركىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدۇ . گىتلىرنىڭ بىردىن بىر مەخسىتى گىرمانىيەنى ھەر قانداق بىر باشقا مىللەتنىڭ قېنى ئارلاشمىغان ساپ مىللەتلىك دۆلەت قىلىپ چىقىش ئىدى. 1933 - يىلى گىتلىر گىرمانىيەگە باش مىنىستىر بۇلۇپ سايلاندى.

1938-يىلى گېتلىر چېخىيەنى قوشۇۋالدى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئاۋىستىرىيەنى بىرلەشتۈرۈپ 3-ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ھەلەكچىلىگى بىلەن بولۇپ كەتكەن ئەنگىلىيە فىرانسىيىلەر ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى، گېتلىر يەنە يەڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن پولشانى بۆلۈشۈش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى تۈزدى ۋە 1939 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پولشىغا ھۇجۇم قىلدى، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى رەسمى باشلاندى. گېتلىر ناھايىتى تىزلىك بىلەنلا پولشىنى بېسىۋالدى ۋە فىرانسىيەنىمۇ تىزلىكتە مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەزگىلدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ فىنلاندىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلى بولغاچقا ، گىتلىر يەنە سوېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئىتىپاقداشلىق ۋە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ سوۋېت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. گەرچە گىتلىر نۇرغۇن تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ روسىيەنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكىنىڭمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى، ئۇرۇش سېپىنىڭ زىيادە ئۇزىراپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ھالقىلىقئۇرۇشتا مەغلۇب بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە تۆت دۆلەتنىڭ بۇلىۋېلىشىغا قالىدۇ . روسىيەنىڭ قىزىل ئارمىيىسى بېرلىننى بۆلۈشۈش ئۈچۈن كىرگەندە گىتلىر ئازاپقا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ . بۇ دەل 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىدى .


گېتلىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەسىل قۇرۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ گېرمانىيە ۋە شەرقى ياۋروپادىكى 6مىليۇندىن كۆپ يەھۇدىنى ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئاخىرقى نىشانىنىڭ دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى قىرىپ تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. گېتلىر يەنە رۇسلارنىمۇ پەس ئىرققا مەنسۈپ دەپ قاراپ كامىدا 14مىليۇن رۇسنى غەيرى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ 50مىليۇندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئويلىساق ھەيرانلىقتىن گېتلىرنى دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ ئادەملىك تاجىنى بەرمەي تۇرالمايمىز. گەرچە گېتلىر ياشىغىلى ئەمدىلا 50يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ يەنە نەچچە يۈز يىلغىچە يوقالمايدىغانلىقى ئېنىق. ھىچقانداق سىياسى تەجرىبە، ئىقتىساد ۋە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان بىر چەتئەللىكنىڭ(گېتلىر ئاۋستىرىيەلىك ئەمما گېرمانىيەدە ھوقۇق تۇتقان)، ئۆزى يالغۇزلا 14 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يەنە بىر دۆلەتتە باشلىق بولۇپ ئالەمنى ئىگىز پەس قىلىشى گويا رىۋايەتتەكلا ئاڭلىنىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى گېتلىر تارىختىن بۇيانقى ئەڭ نادىر ناتىق ئىدى. دەل مۇشۇ بىردىنبىر سەۋەپكە تايىنىپ ئۇ گېرمانىيەدە باش كۆتۈرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ھەتتا ئىككىنچى قول ئىز باسارى ۋە ياردەمچىلىرىمۇ يوق ئىدى، ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى ۋە ئۇنىڭ داھىلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئەينى يىللاردىكى گېتلىرنىڭ تەسىرىنى ھىچكىم بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق ئۇرۇشتا يالغۇز بىر شەخسنىڭ رولى بۇنچە چوڭ بولغان ئەمەس. گېتلىرنىڭ تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتا ناۋادا گېتلىر بولمىغان بولسا بۈگۈنكى دۇنيا قانداق بولاتتى؟ دىگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدەش كېرەك...گېتلىر پۈتۈنلەي ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئۇ سوۋېت ئىتىپاقىنى يوقاتماقچى بولغان ئىدى ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتىپاقى يەنىمۇ زورايدى. ئۇ گېرمانىيەنى زورايتماقچى ئىدى ئەمما گېرمانىيە گېتلىردىن كېيىن تەڭ يېرىم زىمىنىدىن ئايرىلدى... دەرۋەقە گېتلىر بولمىسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۇنيانى ئىگىز پەس قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ۋە ئەنگىلىز تىلىنىڭ ياۋروپادىكى كۈچىنىڭ ئېشىشى بۇنچە تېز ۋە كۈچلۈك بولمىغان بولاتتى.

گېتلىر بولمىغان بولسا دۇنيانىڭ بۈگۈنكى سىياسى خەرىتىسى باشقىچە بولغان ۋە بەلكى ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئىمپىرىيىلىرى يىراقتىكى مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى...ھەتتا بەلكى يەھۇدى دۆلىتى ئىسرائىلىيە قۇرۇلمىغان بولاتتى. گېتلىر ناپالىيۇن ، ماكىدونىسكى ۋە ئاۋگۇستتىنمۇ بەكرەك دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى ..



دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1569
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1569دانە
ئۆسۈش: 1840 %
مۇنبەر پۇلى: 17344 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 300 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-06-20

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 22:29

رەھمەت ياخشى مەلىمات يوللاپسىز،
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1162
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1162دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 12355 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-09-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 00:54

مەن گىتلىرغا ئامراق.سەۋەبى ئۇ بەك ئەسكى بولغانلىقى ئۈچۈن!
يىڭلمەس ئىرادە.
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 452
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە452دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 5301 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-25
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 10:34

مۇشۇ  گېتلىرغا كەلگەندە خېلى كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 12:55

قەيسەر ئادەم ئىكەن بۇ گىتلىر دىگەن
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
ئالماس123
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11260
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-26
ئاخىرقى: 2012-03-29
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 13:13

بىر چاغلاردا ئوقۇغان مۇشۇنداقراق مەزمۇندىكى بىر سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى:

تارىخنى ئەزەلدىن يەڭگۈچىلەر يېڭىلگۈچىلەرنىڭ دۈمبىسىگە دەپتەرنى قويۇپ تۇرۇپ يازىدۇ.

تارىختىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تارىخىمۇ ھەم شۇنداق.

قىسقىسى، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش دېگەن ئۇنداق ئاسان ئەمەس.................

كىمنىڭ نام چىقارغۇسى يۇق......................
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 2856 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-07-17
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 13:26

1-قەۋەت (amanxa) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ ساقلىسۇن!
ئەتلەسچى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4488
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-08-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 17:36

گىتلىىرنىڭ ناتىقلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمەن. گىتلىر نىمىسلارنىڭ داھىسى .ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇ ئەسىر دە چىققان ئەڭ ناتىق كىشى سابىت دامۇللام ئىدى.
ئەتلەسچى