ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ھەرھالدا .مېنىڭ ئىنكاسىمغا نەزەر دھاھىرىڭزنى يۈگۈرتكىنىڭىزدىن ناھىتى خوش بولدۇم رەخمەت سىزگە،سىز كۈرسەتكەن بىرلا خاتالىقنى ئىخىرا قىلمىسام،بولمايدۇ،ئۇ بولسىمۇ تۈرىك ئسلام خەلپىلىگىنى .ئەرەپ خەلپىلىگى دەپ خاتا يېزىپ قويىپتىمەن،ئەپۈقىلاسىز،ئەما قالغان ئانالىڭىز،قىلچىمۇ ئاساسسىز تېمىنى يازغۇچىغا ئوخشاش يالغان سۈزلەپسىز ئەقىقى مۇستاپا كامالنىڭ.تەرجىمالىنى يەنى <مۇستاپا كامال.ئاتا تۈرىك>دىگەن كىتاپنى،كۈرىپمۇ باقماپسىز قېرىندىشىم،مەن بۇ تۇركىيە دۈلەت تارىخىغا ئايىت ئوندىن ئارتۇق كىتاپبار بۇنىڭ ھەمىسىدىن مىسال ئېلىپ يېزىپ بولالمايمەن ،پەقەت قىسقا خۇلاسىسىنى ،سۈزلەپ قويدۇم،ئاخۇنۇم خاتىۋاخۇنىم دىگەن سۈزلەر ئاشۇ كىتاپلاردىن نەقىل كەلتۈرىلگەن ،بۇكىتاپلار ىسمىنى دەپ ئۈتىم ئەلۋەتتە.شۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ كۈرىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىىشىڭىزنى ئۈمىتقىلىمەن بۇ دىييىلگەن يوغانسەللە ئىمام موللا خاتىۋاخۇنۇم دىگەنلەر.ئەينى ۋاقىتتىكى،ئۇزىن يىللار دەۋىر سۈرگەن پۈتۈن ياۋۇرپانى ئگەنلەپ تۇرغان ئوسمان تۈرىك ئسلام خەلىپىلىگىنى رەزگىلەشتۈرىپ.سىز دەپ ئېيتىپ ئۈتكەن كازاپى قاتارلىق لاردىنمۇ ناچارلاشقان بىرتوپ ئەقىلسىز .ئۈزىنىڭكىنىلا راس دەپ قاراپ خەلىقنىڭ قولىشىدىن ئايرىلىپ قالغان .تۈرىك مۇسۇلمانلىرنىڭ ئگەنلەپ كېلىۋاتقان يەرلىرىنى تارتقىزىپ قويۇپ مۇسۇلمان لىشىۋاتقان
كاپىرلارنى قايتىدىن باش كۈتىرىشكە سەۋەپچى بولغان،ئاخىردا پۈتۈن تۈرىكئسلام خەلىپەزىمىنىنىڭ ئوننىڭ بىرىچىلەك قالغان تۈركىيەنىمۇ.ساقلاپ قېلىشقا ئىمكانىيتى قالمىغان ئىدى.ئۇ ئەسەبى ئىسلام تونىنى كىيىۋالغان،بىرتوپ مەرتىۋىلىك ئىمام خاتىپلار ،يەنىلا كۈز ئالدىدا تۇرغان رىياللىققا ئىخرابولماي باشقىلارنىڭ يېڭى توغرا يولىنى قۇبۇلقىلماي چوڭ خاتالىققا يولقويدى،شۇڭا بۇلار ئەينىۋاقىتتىكى ئسلام خەلىپىلىرنىڭ ياۋۇرپاغىچە سوراپتۇرغان.چاغدىكى ،تەقۋادار،ھەقىقەتچىل،ئىمانى كامىل،ئەقىللىق،ھەقىقى مۇسلمان .مۇللا.خاتىپلاردىن ئەمەس ئىدى،شۇڭا بۇلارنى ئسلام تونىنى يېپىنىۋالغان،يوغانسەللە موللا خاتىۋاخۇنىملار دەپ،سۈزلەندى،ئەمدى چۈشەنگەنسىز ،بۇ ھەرگىز،تەقۋادارلارغا دىيىلگەن،سۈز ئەمەس.سۈز لوگىكىسىغا قارىسىڭىز.بىلىسىز،
خوش ئەندى ئۈز گىپىمىزگە كەلسەك تۈركىيەنىڭ.قولدىن كېتىشىگە كۈزى يەتكەن تۈرىڭ مۇسۇلمان خەلقى بۇ.ئەسەبى موللا ئىشانلاردىن ئۈمىتىنى ئۈزىپ،مۇستاپا كامالنىڭ ،كۈرسەتكەن يولىنى توغرا كۈرىپ ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ،تۈركىيەنى ئازاتقىلىپ.مۇستاپاكامالغا تۈركىيە خەلقى چەكسىز ھۈرمەتقىلىپ دۈلەت ئاتىسى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشتۈردى،ئەلۋەتتە جەڭنىڭ توققىزىرەڭ بىرسى جەڭ دىگەندەك.
مۇستاپا كامال شۇ ۋەزىيەتكە قارتا مەن دىگەندەك نۇرغۇن تاكتىكا رەڭ ئىشلىتىپ،بۇدۇلەتنى ئازاتقىلىپ،تەرەققىياتىنى ئىلگىر سۈرىپ يېڭى يولغا باشلىدى،ئەشۇ چازالانغان بىربۈلىم مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان دىننى ئەسەبى چىرىك كۈشلەرنىڭ قالدۈقلىرى تا ھازىرغىچە مۇستاپا كامالغا ،قارشى يالغان سۈزلەرنى،توقۇپ،ھاقارەتلىمەكتە.مەن ئىنكاسىڭىزنى كۈرىپ خېلى خۇرسەى بولدۇم نىمىگە دىسىڭىز سىزدە بىرخىل ئوغۇلبالىغا خاس ۋىژداننىڭ بارلىغىنى كۈرىپ يەتتىم.شۇڭا سىزنىڭ مۇشۇ مىجەزىڭىزگە ئاساسەن.شۇنداقدەپ خۇلاسە قىلىمەنكى سىز مۇشۇ مەن دەپ ئۈتىپكەتكەن كىتاپلارنى كۈرگەن بولسىڭىز ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ كۈزقارىشىڭىز.مېنىڭ كۈزقارىشىمدىنمۇ ئېشىپ كېتەتتى،بىر كۈرىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن،مىيەردە بىرسۈزنى ئاددى قاراۋاتىسىز،مەسىلەن،بۇ چوڭ كۈرەشنى مۇستاپا كامال يالغۇز ھەرگىز قىلالمايدۇ.خەلقى ئۇنى قوللىمىسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈ دۈلەت قۇرۇلغاندىنكېيىن سايلام ئارقىلىق چىققان زۇڭتۇڭ ئەمەس ئۇ ياشچاغلىردىن باشلاپ نۇرغۇن ئىنقىلاۋى كۆرەشلەرى بېشىدىن ئۈتكىزىپ.خەلىقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ ئاندىن رھەپەر بولۇپ بۇدۈلەتنى قۇرۇپ چىققان، مەنە بۇ پولاتتەك پاكىت ،
يەنەبىر پاكىت تۈركىيە خەلقى تا ھازېرىغىچە ھەريىلى مۇستاپا كامالغا ھۈرمەتبىلدۈرىپ يات ئىتىدۈ.بۇنى تۈركىيە تىلىۋوزورلىردا ئۇچۇرتۇپ تۇرمىز .بۇنى يلغان دىمەيدىغانسىز.ئەگەر يالغان دىسىڭىز ،مۇشۇ مۇستاپا كامالنى ھاقارەتلىگەن يازمىنى تۈركىيەدە،چىقىرىپ بېقىڭە.قېنى،
ئاقىۋىتى قانداق بولاركىن،مۇشۇ جەمىيەتتە مەن قارپباقسام بەزىبىر يامان ئەمەس دىندىن ساۋاتئالغان ياش باللار .بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ نەۋرە وغلىممۇ بار ئسلامغا دىنىمىزگە بولغان چەكسىز ئۈرمىتىم بار ئۈچۈن دىننى سىنىپلاردا ئوقىتىپ ئالىم ئۈلىمالاردىن ئوقۇتۇپ قويسام،مەن ئويلىغان دىننى ساۋادى ئۈستىدە تھەلىل قىلماي تۈركىيە ۋە مۇستاپا كامالنىڭ ئۈستىدە بىرخىل مەنسىتمەسلىك تۇيغۇسىدا تەپەكۇرقىلىپ.ياختۇرماي كاپىردەيدىغان بولۇپ قاپتۇ،بىركۈنى مەن ۇنىڭ بۇ كۈز قاراشلىرىغا نارازىبولۇپ مۇنداق چۈشەنچە بەردىم ئەي ئوغلۇم سەن بىردۈلەتنى يېتەكلەپ ئازاتقىلغان ئادەنىڭ سىياسىيومنىڭ ئۇستىدىن ئانالىز قىلىدىغان دولەت قۇرغان قابىلىيەت سەندەيوق ھالىمىزغا بېقىپ ھۈزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئانالىز قىلىپ باھا بېرەيلى .بىزدە بىردۈلەتنىڭ قۇرغۇچى رھەپىرىنى باھابېرىپ ھاقارەتلەيدىغان قابىلىيەت بىزدە يوق سەن يامان بولساڭ جامائەتنى تەشكىللەپ ما مەلىگە بىر مەسچىت سالە دەپ قولىغا قولىمدا بار تۈركىيە تارىغى ۋە ئاتا تۈرىك قاتارلىق كىتاپلارنى تۇتقۇزۇپ،ئوقىپبېقىشنى مۇراجەتقىلىپ بەردىم ئارىدىن بىر يېرىم ئاي مەزگىل ئۈتكەندىن كېيىن.مەنبىلەن كۈرىشىپ چوڭدادا مەن كىتاپلىرىڭىزنى كۈرىپچىقتىم.بەزىيەرلىرىنى چۈشەنمىگەن بولساممۇ .ئەمما مۇستاپا كامالنى چۈشەنمەي ئاددى ئادەمدەك ئويلاپ قاپتىمەن،ئۇ ئادەم سىز دىگەندەك ئۈن تۈنسىز.ھاقارەتلەرگە چىداپ مىللىتىگە ۋە دۈلىتىگە تۈگمەس تھۈپە قوشقان ئادەمكەن يەنە كۈرىنىشتە ئىسلامغا قارشى ھەركەت قىلغاندەك قىلغانبىلەن ئەمىلىيەتتە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرنى جاھالەتتىن ساقلاپ قېلىپ دۈلەتنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن.قايتا ئىسلامنى پۈتۈن كۈچىبىلەن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرشىپتىكەن ئامالقانچە بۇ ئۇلۇق ئىشلىرىنى باشلاپ ئانچە ئۇزاققا بارماي ۋاپات بولىپ كېتىپتۇ يەنە بىرنەتچە يىل ئۈمىر كۈرگەن بولسا تۈركىيەدە دىن قالتىس كۈشلۈك ئورىن ئالاركەن .مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئەندى قوللايمەن بەزى سۈزلەرنى ماتىريال كۈرمەيتۇرۇپ بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن پىكىر قىلساق بولمايدىكەن دەپ مەندىن ئەپۇسوراپ كىتاپلىرىمنى قولىمغابېرىپ قايتتى مەن بۇ بالىنىڭ تغورا چۈشەنچىسىدىن ناھىتى خوشبولدۇم ،كومپىيوتۇردۇن بۇ تېمىنى كۈرىپ بۇ يالغانچىلىققا چىدىيالماي ئۈزەمنىڭ بىلگەنلىرىم توغرىلىق سۈزەپ قالدىم.ھەممىدىن ئادەمنى بىزار قىلىغان يالغانچىلىق مۇستاپا كامال بىر جالاپ خوتىننىڭ بالىسىمىش مۇشۇ سۈزنى بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تېگىشلىك سۈزما بۇئادەم تۇغۇلغىلى بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى.تۈنۈگۈن تۇغۇلۇپ بۈگۈن مۇستاپانىڭ ئانىسىنى كۈرگەندەك غەيۋەتقىلىپ بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئويدۇرۇپ چىققان ،يالغان سۈزى بۇ بىر يېقىنقى زاماندا تۈركىيە ئۈكىمىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسى كۈشلەرنىڭ ئويدۇرمىسى،قېرىندىشىم .بىز ئۇ ئشلارغا باش قاتۇرماي ئۈز ئىشىمىزنى قىلايلى.خەقنىڭ پادىشاسىنى تىللاپ ىشلىرىغا ئارلىشىپ نىمە قىلىمىز،بۇنىڭغا ئىسپات كەتمەيدۇ ئىسپات دىگەن تۈركىيە ئۈكىمىتى شۇ قولىدىن كەلگەنلەر ئۈرىۋەتسە بولىدۇ.ئەما بىز خەق ئۈچۈن خەقنى تىللاپبەرمەي ئۈز ئىشلىرمىزنى قىلايلى،پەلەسەپەدىگەن نىمۇ ؟بىلسىڭىز ماڭا دەرىس بېرىڭە مەن پەلەسەپىنى چۈشەنمىگەن ئوغشايمەن .؟دەيدىغان گەپ بەك جىقتى ئامالقانچە مۇشۇتوغرىلىق كىتاپنى جىق كۈرىڭ قېرىندىشىم بىرەر كىتاپ بىلەن چۈشىنىپ كېتەلمەيسىز .بۇ ھەقتە كىتاپ كۈرگەن تورداشلار بۇتېمىدىن نارازى بولۇپ ئىنكاس قىلىدۇ،مەنمۇ سىزگە ئوخشاش
ئىسلامغا قارشىچىققان دىننى زاتلىرمىزنى قەسلىگەن ۋە ئۈلتۈرگەن، مۇناپىقلارغا قەتتى قارشىمەن .مۇستاپا كامال بۇنىڭغا كىرمەيدۇ چۈنكى ئۇ .ئەينى ۋاقىتتا مىللەتكە ۋە دۈلەتكە ھەم دىنغا ئىسلام تونىنى كېيىۋېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر بۈلىم ئەقىدىسىز ئاخۈنۈملارنى ئۈلتۈرگەن ھەممە مۇسۇلماننى ئەمەس بۇ توغرىلىق ئىسپات دىسىڭىز ،ھەقىقى جانلىق ئسپات ھازىرغىچە ياشاۋاتقان تۈركىيەدىكى 100مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسلمانلار شۇ.قېرىندىشىم ھەرگىز كۈڭلىڭىزگە ئالماڭ .ئازىراق ئورىنسىز مۇنازىرلىشىپ قالدىم خاتا يېرى بولسا كەچۈرەرسىز.ئاللاھغا ئامانەت
[ بۇ يازمىنىنارات 2012-03-30 00:38قايتا تەھرىرلىدى ]