باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 504 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سۇ تۇڭ:ئاۋانگارت ئەدەبىيات رېئاللىققا قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 18:43

سۇ تۇڭ:ئاۋانگارت ئەدەبىيات رېئاللىققا قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر

سۇ تۇڭ:ئاۋانگارت ئەدەبىيات رېئاللىققا قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر
شۈ دويۈ
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
 

     سۇتۇڭ، ئاتاقلىق ئاۋانگارت يازغۇچى، 1963- يىلى سۇجۇدا تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى تۇڭ جۇڭگۈي. 1980- يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكولتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ھازىر جۇڭگويازغۇچىلار جەمىيىتى جياڭسۇ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى. 1983- يىلىدىن باشلاپ ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «باغۋەنچىلىك»،«قىزىل پاراشوك»، « توقاللار»، «توي قىلغان ئەر»، «ئاجرىشىش قوللانمىسى» ۋە «بىنۇ»قاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا «1943- يىلىدىكى قاچ-قاچ»، «غاز بويۇنلۇق بوتۇلكا» ۋە «مېنىڭ پادىشاھلىق ھاياتىم» قاتارلىق بىر قەدەر زور تەسىر قوزغىغان رومانلىرىمۇ بار. «توقاللار » ناملىق پوۋېستى جاڭ يىمو تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ «ئېگىز ئېسىلغان قىزىل پانۇس» ناملىق ھېكايە فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. 

  شۈ دويۈ: سۇتۇڭ مۇئەللىم ياخشىمۇسىز، ئالدى بىلەن يېڭىدىن نەشردىن چىققان «بىنۇ» ناملىق كىتاۋىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! سىز بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، ئۇپۇق تورىنىڭ تولۇپ تاشقان ئەدەبىي سۇپا ھازىرلاپ بەرگىنىگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن. 
سۇتۇڭ: ياخشىمۇسىز! 
شۈ دويۈ: شەخسەن مېنىڭ چۈشىنىشىمچە«ئاۋانگارتلىق» بىر خىل ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە بۆسۈش روھىدۇر، تېخى بىلىنمىگەنمەۋجۇتلۇقنى بايقاشتۇر؛ سىزنىڭچە«ئاۋانگارت ئەدەبىيات»نى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئۇندىن باشقا، شۈ شىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئاۋانگارت يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكارقىلىپ كەلدى، بۇ ھەقتە ئويلىغىنىڭىز بارمىكىن؟ 

سۇتۇڭ: ئويلىشىمچە، ئەڭ دەسلەپ ئەدەبىيات سەھنىسىگە كىرىپ كەلگىنىمدە، ياش بولغانلىقىم ۋە قەلبىمدىكى ئەدەبىي غايە سەۋەپلىك، ئەسەرلىرىمدە بىر خىل ئاۋانگارت تۈس كېلىپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتىكى باشقابىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل ئاتالمىش ئاۋانگارت دولقۇنغا نەق ئۈلگۈردۈم. ئاۋانگارتلىقنىڭ مەلۇم مەنىسى ئاسىيلىق قىلىش ۋە بۇزۇشتۇر، قەلبىمىزدە ئاسىيلىق ئىستىكى ۋە بۇزۇش ئىستىكى بولغاچقا، ئەسەرلىرىمىزدە بۇزۇشچانلىق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىقى قانداقتۇ ھەرقانداق نەرسىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ خىل مۇرەسسەلىشىپ قېلىش ھەرگىزمۇ ئاۋانگارتلىق ئەمەس، بەلكى، ئەدەبىياتنىڭ غايىسىدۇر. بىراق، غايە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا توختاۋسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان غايە مېنىڭ يېزىقچىلىقىمنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ. بۇ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ ئۆزگۈرۈپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

  شۈ دويۈ: بەزىلەر «ئاۋانگارتلىق» بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، كونىنى شاللاپ، يېڭىنى مەيدانغا چىقىرىش، دەپ قارايدىكەن. سۇ مۇئەلىم سىزمۇ شۇنداق قارامسىز؟ 

سۇتۇڭ: بۆسكەكلىك تېكېسىت ئۇسلۇبىدىكى بىرتەۋەككۈلچىلىك، ئۇ ئاۋانگارتلىقنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىگى. ئېھتىمال تېخىمۇ چوڭ بولغان ئاۋانگارتلىقنىڭ مەنىسى ئىچكى دۇنيانى قېدىرىش بولسا كېرەك.ئاۋانگارتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رىياللىق بىلەن قارشىلىشىش ياكى ئۇنىڭغا ياق دېيىشتۇر. ئويلىشىمچە، مېنىڭ يېزىقچىلىقىم مۇرەككەپرەك، چۈنكى قارشىلىشىش پوزېتسىيەم مەن ئېھتىياجلىق بولغان ئۇ رىياللىققا يېتەلىشىمگە ياردەم بېرەلمەيدۇ.مەن ئېھتىياجلىق بولغان ئۇ رىياللىق بەزى ۋاقىتلاردا ئىنتايىن ۋاختى ئۆتكەن رىيالىققا تايىنىدۇ. شۇڭا، بۇزۇش ۋە ئاغدۇرۇش ماڭا نىسبەتەن بەزى ۋاقىتلاردائىلگىرىلەپ قالىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا پەقەتلا چۇقان كۆتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا مېنىڭ رىيالىققا بولغان پوزېتسىيەمدە ھازىر ھېچقانداق تۇغما قارشىلىشىش يوق، بەلكى ئۇنى قۇچاقلايمەن، ئۇنى قوبۇل قىلىمەن، ئاندىن كېيىن تەنقىد قىلىمەن. 

شۈ دويۈ: سۇتۇڭ مۇئەللىم سىزدىن سوراپ باقسام،ئەسەرلىرىڭىزدىكى ئاياللارنىڭ ئوبرازى نىمىشقا شۇنداق تىرىك؟ تۇرمۇشقا بەكرەك چۆككەنلىكىڭىزدىنمۇ ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنىڭ موللىقىدىنمۇ؟ 
  
 سۇتۇڭ: ئىلگىرى بىر دوستۇم ئۆيۈمدە مېھمان بولغان ئىدى، ئۇ مېنى تونۇشتىن بۇرۇن ھېكايىلىرىمنى ئوقۇپ باقماپتىكەن، لېكىن باشقىلاردىن نامىمنى ئاڭلاپتىكەن. شۇڭا ئۇ ئىزچىل مېنى ئاياللار مەسىلىسى مۇتەخخەسىسى دەپ قاراپ كەپتۇ. كېيىن تونۇشۇپ ئاغىينە بولغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ ئاياللارغا بولغان تونۇشۇمنى ماختىدى، خوتۇنۇم بىرچەتتە قىزارغىنىچە مىيىقىدا كۈلۈپ ئولتۇردى. شۇڭا مەن ئۆزەمنى ئىزچىل ئاياللارنى ياخشى يازىمەن دەپ قاراپ كەلدىم، بۇ ماڭا نىسبەتەن تاسادىپىي كەلگەن بىر شەرەپ.مەن ئۈزۈمنى باشقا ئەر يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىنى بەكرەك تەتقىق قىلغان دەپ قارىمايمەن، بىراق مېنىڭ پوزېتسىيەم ياخشى، پوزېتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. 

شۇ دويۈ: بۈگۈنكى جۇڭگودىن روسىيەدە 19-ئەسىردە ئۆتكەن تولستوي، دوستۇيېۋىسكىغا ئوخشاش يازغۇچىلار چىقارمۇ؟ جۇڭگويازغۇچىلىرى زامانىۋىلىقنىڭ چېكىگە يېتىپ بولدىمۇ قانداق؟ نىمىشقا بىزدە تولستوي ۋە دوستىيېۋىسكىدەك بىلىمىنى تەخىرسىز مەسىلىلەر، ئىدىيىدىكى ئازاپ ۋە رىياللىققا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا قارىتىدىغان ئاڭ يوق؟ 

  سۇتۇڭ: سىز قەلبىمدىكى رىيالىزىمنىڭ ئىككى چوققىسىنى تىلغا ئالدىڭىز، ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ھەرقانداق بىر شۆھرەتپەرەس يازغۇچىنىڭ ئارزۇسى. لېكىن يېزىقچىلىق ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئۇچرىشىش ئەسە رسۈپىتى بىلەن ئۇچرىشىشتۇر. ئۇنىڭ نۇرغۇن شەرتى بار، ئالدى بىلەن ئىدىيە بىلەن ئۇچرىشىش كېرەك، تولىستوي ئارقىلىق دىنىي تۇيغۇ بىلەن ئۇچرىشىسىز، دوستۇيېۋىسكى ئارقىلىق كۆپرەك ئازاپ بىلەن ئۇچرىشىسىز. ئۇچرىشىش بىر خىل يارىتىشتۇر. بىز ھەمىشە بۇ خىل ئۇچرىشىشنى ئىستەيمىز. بىراق، ئۇ يېنىمىزدىن بىلىندۈرمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ بىز كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ۋاقىتنىڭ ئۆزگۈرىشىنى كۈتۈپ باقىمىز-دە. 
  
 شۈ دويۈ: سۇتۇڭ مۇئەللىم بىر جۈملە گەپ بىلەن ئەپسانىۋى ھېكايە «مېڭجياڭ قىز» بىلەن سىز ئىجاد قىلغان«بىنۇ» دېگەن ئەسەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك پەرقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟ 

  سۇتۇڭ: دەمال ئەڭ لايىق سۆز تاپالمايمەن،ئەنئەنىۋى مىڭجياڭ قىز ھېكايىسىدە مېڭجياڭ قىزنىڭ ئاياللىق ئوبرازى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ؛ بىراق «بىنۇ»دا، بىنۇنىڭ كۆز يېشى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى، مانا بۇ مەن ھازىر دېيەلەيدىغان ئەڭ زور پەرق بولسا كېرەك. 

  شۈ دويۈ: سىز ئىنسان تەبىئىتىدىكى قاراڭغۇلۇقنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىشنى ياخشى كۆرەمسىز قانداق؟ 

   سۇتۇڭ: ئەسەردىكى ئىنسان تەبىئىتىنى تەسۋىرلەشكە كەلسەك، ئەمىلىيەتتە مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ھەرگىزمۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى قاراڭغۇلۇق ئەمەس، قارا بىلەن ئاق، توغرا بىلەن ناتوغرا، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەمەس، ئىنسان تەبىئىتى پۈرمىسىمان بولىدۇ، بۇ پۈرمىلەرنى ئاچساق ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىپايانلىقنىڭ ئارىلىقىدىكى بەلۋاغ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. بۇ ئارىلىق بەلۋاغ مېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى بەكلا چوڭ. 

  شۈ دويۈ: بەزى ئەسەرلىرىڭىز كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ، كەڭ دائىرىلىك ئالقىشقا ئېرىشتى، قارىشىمچە، ئۇ ياخشى بىر كىنو سىنارىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى، سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنغا.كىنونى قانچىلىك تەتقىق قىلىپ باققىنىڭىزنى سورىسام بولارمۇ؟ جۇڭگو كىنولىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىچە، بۇگۈنكى جۇڭگونىڭ ئاتالمىش چوڭ كىنولىرى پەقەتلا مەيدان كۆرۈنىشىدە ۋە رەڭدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەشەمەتتە ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ زىننەتلەشتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ،لېكىن ئەمىلىي تەپسىلاتلار ۋە مەزمۇن تولىمۇ پۈچەك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغاقانداق قارايسىز؟ 

سۇتۇڭ: مەن دەل چوڭ كىنونى كۆرۈشنى ياختۇرمايدىغان ئادەم، ئەلۋەتتە چاغان ۋاختى بۇنىڭ سىرتىدا، چاغاننى خۇشال- خورام ئۆتكۈزىمىز. لېكىن، كۆپۈنچە ۋاقىتتا مەن يەنىلا كىنونىڭ بىر سەنئەت ئىكەنلىكىگە مايىل بولىمەن، سەنئەت نېمە ۋەجىدىن چوڭ بولىشى كېرەك؟ 

شۈ دويۈ: سىزدىن شۇنى سوراپ باقسام، سىزنىڭچە بىر يازغۇچى ياكى بىر يازارمەننىڭ ئوقىغان كىتاۋىنىڭ ئاز- كۆپ بولىشى بىلەن ئۇنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ياخشى-ناچار بولىشىنىڭ ئالاقىسى بارمۇ-يوق؟ مەن كىتاپنى ناھىيىتى ئاز ئوقىغان بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمنى ياخشى يازىمەن دەپ ئويلايمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ بۇنداق قارىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ مەسىلىنى سىزدەك بىر چوڭ يازغۇچىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىماقچىمەن. 

  سۇتۇڭ: بۇ مەسىلە كىتاپ ئوقۇش بىلەن يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسۈتىشىگە چېتىلىدىكەن. بۇنداق بىر مىسال بار، نۇرغۇن ئادەم ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يېزىشنى ياختۇرمايدۇ.لېكىن سىزدىكىدەك بۇنداق ئەھۋالنى مەن بەك ئاز ئۇچراتتىم، يەنى يېزىشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز. لېكىن مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەتتا نېمە ئوقۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۇ مەڭگۈ سىزگە يۈك بولمايدۇ، ئۇ سىزگە تۈرلۈك مەنپەئەت بېرىدۇ، يالغۇز يېزىقچىلىقتىلا ئەمەس يەنە ئىدىيە ۋە جاھاندارچىلىق قىلىش پوزېتسىيەسىدىمۇ. 

  شۈ دويۈ: سىز ياش ۋاختىڭىزدىلا داڭ قازانغان،ئەگەر دەسلەپتە ئىشلىرىڭىز ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسا، ئەدەبىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىۋېرەتتىڭىزمۇ؟ 

  سۇتۇڭ: ياش چېغىمدىلا داڭ چىقارغىنىمغا كەلسەك،مەن جاھانكەزدىلەرنىڭ بىر جۈملە گېپىگە خېلى ئىشىنىمەن، ئۇ كۆپۈك شان-شەرەپ. لېكىن بىر ياش كۈتۈلمىگەن بىر شان-شەرەپكە ئېرىشىپ قالسا مۇنداق ئىككى ئېھتىماللىققا دۇچكېلىدۇ: بىرسى بېسىم تۈپەيلى تۈگىشىپ كېتىدۇ؛ يەنە بىرسى زىممىسىدىكى ئۇ ئېغىر يۈكنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىرغىتىۋېتىدۇ، قانچىلىك ئىرغىتىۋېتەلىسە ئۇنىڭدا يەنە ماڭغۇدەك مادار قالىدۇ. مەن ئەلۋەتتە ئىمكاننىڭ بېرىچە ئىككىنچىسىنى تاللايمەن. 

  شۈ دويۈ: سىز نېمىنى يېزىش بىلەن قانداق يېزىشنىڭ قايسىسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىسىز؟ 

  سۇتۇڭ: نېمىنى يېزىش بىلەن قانداق يېزىشنىڭ ھەرئىككىسىگە تەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن. ئىككىسىنىڭ بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇمۇ بىر يازارمەننىڭ خىزمەت ۋاختىدىكى ئەقەللى پوزېتسىيىسى. 

  شۈ دويۈ: سىزنىڭچە، يازغۇچىدا چوقۇم ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتى بولامدۇ؟ 

  سۇتۇڭ: ئىچ ئاغرىتىش ھېسسىياتىغا كەلسەك،يالغۇز يازغۇچىلاردىلا بولۇپ قالماي يەنە، يازمايدىغانلار ئارىسىدىمۇ چوقۇم بار.شۇڭا ئۇ ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنىڭ زىبۇ-زىننىتى ئەمەس، بەلكى ئادەملەر ھېسسىياتىدىكى زۆرۈر نەرسە. 

  شۈ دويۈ: سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردىكى ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نىمىشقا ھازىر رىيالىزىمچىلارغا ئۆزگۈرىۋالدى؟ مەسىلەن،يۈ خۇا، ئۇنىڭ داڭقىنى بەكرەك چىقارغىنى ئۇنىڭ كېيىن يازغان رىيالىزىم ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلىرىدۇر، بولمىسا ئۇ ئىشنى ئاۋانگارتلىقتىن باشلىغان ئىدى. 

  سۇتۇڭ: ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرگە بەرگەن تەسىرى ئاۋانگارتلىقتىن بارغانسېرى يىراقلاپ، رىياللىققا بارغانسېرى يېقىنلاشتى، بۇمۇ بىر خىل ئۆزىنى ھىس قىلىش ئىنقىلابى. كۆپرەگى ئىچكى دۇنيانىڭ تەلىپىدىن كەلگەن. 

  شۈ دويۈ: سۇتۇڭ مۇئەللىم، سىزنىڭچە يېزىقچىلىق بىر يېزىقچىلىق ھەۋەسكارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەخسنىڭ تۇرمۇش جۇغلانمىسى مۇھىممۇ ياكى ئۇنىڭ تۇغما تالانتى مۇھىممۇ؟ سىز نېمىگە تايىنىپ شۇنچە كۆپ مۇنەۋۋەر ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقالىدىڭىز؟ بۇنىڭدىكى سىر نەدە؟ 

  سۇتۇڭ: يېزىقچىلىق نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ،بۇنىڭغا تېخى ئۆلچەملىك جاۋاپ يوق. ئاددىيسىنى ئېيتساق، قىزغىنلىق ئەڭ مۇھىم، يەنى يېزىقچىلىققا بولغان قىزغىنلىق. تالانت بىلەن تۇرمۇش جۇغلانمىسىنىڭ يېزىقچىلىقتا ئىگەللىگەن نىسبىتىگە ھۆكۈم قىلماق بەك تەس. بەلكى ھەر ئىككىسى لازىم. 

  شۈ دويۈ: بىر پارچە رومان ئوقىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قايسى نۇقتىسىغا دىققەت قىلىسىز؟ ئادەمگىمۇ؟ بايانغىمۇ؟ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە قانداق رومان مۇنەۋۋەر؟ 

    سۇتۇڭ: يازغۇچىلار باشقىلارنىڭ رومانىنى ئوقىغاندا، ئادەتتە 3 بەت ئوقۇپ بېقىپ ئۇ روماننىڭ ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىنى دەڭسەپ باقىدۇ، بۇ ئۆلچەمنى تەسۋىرلەپ بېرىش بەك تەس. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مەن ئۇنى بىر خىل ھىد دەپ قارايمەن، تېكىستتىمۇ ئەمىلىيەتتە بىر خىل پۇراق بولىدۇ. مەن بۇ پۇراقنى ياختۇرۇپ قالسام ئەسەرنى قىزىقىپ ئوقۇشقا باشلايمەن. 

   شۈ دويۈ: بارغانسېرى غەرپ ئەدەبىياتىغا چوقۇنىۋاتقان مۇھىتتا، جۇڭگو يازغۇچىلىرى قانداق قىلىپ ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭكىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ سىزنىڭمۇ چوقۇنغۇچىڭىز بارمۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم يالغۇز ئىجاد قىلىش جەھەتتىنلا ئەمەس، ئۇ كىم؟ 

   سۇتۇڭ: غەرپ ئەدەبىياتىغا بولغان تونۇشتا ھەربىر يازغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، ئەگەر چوقۇنۇش دەپ ئاتىسىڭىز ئۇ ئانچە توغرابولماسلىقى مۈمكىن. لېكىن غەرپ ھېكايىچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن ساغلام راۋاجلىنىپ كەلگەنلىكى سەۋەپلىك، بۇ سىستېمىدا ماددا ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بىز نۇرغۇن- نۇرغۇن ئىنتايىن ئېسىل بولغان ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز، بىراق ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ بەزىدە دەۋر ئۈزۈلۈش، دەز كېتىش، بەزىدە قۇپقۇرۇق بولۇپ قېلىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ياخشى- ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. مېنىڭ قارىشىم جۇڭگو بىلەن غەرپنىڭكىنى تەڭ قوبۇل قىلىپ، ئوزۇقلۇقنى ئەتراپلىق تولۇقلاش كېرەك، ئادەم ساغلاملىقتا مۇشۇنداق بولغاندەك، ئەدەبىياتمۇ مۇشۇنداق بولۇش كېرەك. ئەمىلىيەتتە، مېنىڭ نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلىرىم بار، جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، لۇ شۈن بىلەن شېن سۇڭۋېن مەن چوقىنىدىغان ئەدىپلەر. غەرپ يازغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ نۇرغۇن چوقىنىدىغان ئادەملىرىم بار، بايا تىلغا ئالغان تولىستوي، دوستۇيېۋىسكى، فولكنېر، فىلوبېر قاتارلىقلار. 

   شۈ دويۈ: ئەدەبىي ئىجادىيەت، كىتاپ نەشر قىلىش ۋە كىنو، تېلېۋېزىيە تىياتىرغا ئۆزگەرتىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق تونۇيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟ ھازىر نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلارمۇشۇنداق مەسىلىلەرگە كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە چوقۇم چوڭقۇر تەسىراتىڭىز بار. شۇغىنىسى نۇرغۇن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياشلار بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. 

    سۇتۇڭ: بۇ ئەمىلىيەتتە يازغۇچىلار ھازىر دۇچكېلىپ ئۆگىنىۋاتقان تېما. چۈنكى، بۇرۇنقى ئىنتايىن جىمجىت ۋە پاك بولغان يازغۇچىلىق تۇرمۇشى ھازىر ئىنتايىن بېقىندى بولۇپ كەتتى. مېنى ئېلىپ ئېيتساق،كۈتۈپخانا ئۆيۈمدىن چىقمايمەن دېيىشىم مۈمكىن ئەمەس. بىر پارچە كىتاپنى يېزىپ بولۇپ نەشىرىياتقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، نەشرىيات سىزنى بازار كۈزۈتۈشكە يېتەكلىۋېتىدىكەن. ئاندىن سىز خالامسىز- خالىمامسىز بۇ مۇھىم بولماي قېلىپ، كەسپىي ئەخلاقىڭىزنىڭ تەلىۋىگە بويسۇنۇپ ئۇلارغا بويسۇنۇپ كېتىدىكەنسىز. مەسىلەن، كىنو ۋە تېلېۋېزىيە تىياتىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش بۇ يازغۇچىلار قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، لېكىن سىز چوقۇم ئۆزىڭىز قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقى ساددىلىقنى يوقىتىدۇ. 

   شۈ دويۈ: ھازىرقى بىر ئەۋلات ياشلار «ئويۇنچى، كەپسىز،باشباشتاق، بىغەم...»لىك ئىچىدە چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئەدەبىيات ئاللىقاچان ئەسلىدىكى مەنىسىنى يوقاتتى. بولۇپمۇ، ئاۋانگارت ئەدەبىياتنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرلا تىلغا ئالىدۇ، ھەتتا ئۇنى بىلىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك. 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلارغا قانداق قارايسىز ۋە قانداق مەسلىھەتىڭىز بار؟ 

   سۇتۇڭ: بۇ دەۋرگە نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. مەن ئەندىزە ئۆزگۈرىۋاتىدۇ دېگەن قاراشقا بىر قەدەر قوشۇلىمەن،ئۆزگۈرىۋاتقان دەۋر ئەندىزىسى ئەدەبىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىراق غەلىتە يېرى شۇكى، يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگۈرىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا تۇتقان پوزېتسىيىسى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشقا ئايلىنىپ كەتتى. بىراق ئەدەبىياتنىڭ تەمىنلەيدىغىنى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنى ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىدىغان تەسىردۇر. ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، بىراق بەزى چاغلاردا ئىدىيىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇڭا دېمەكچىمەنكى، ئەندىزە ئۆزگۈرۈش تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن جەمىيەتنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى يۇقۇرى ئۆرلەيدۇ. 

   شۈ دويۈ: ھازىر «بارلىق ئەل-يۇرت قولدىن كەتتى»دەيدىغان بىر گەپ مودا بولىۋاتىدۇ، نۇرغۇن يازغۇچى ۋە يازارمەنلەرمۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قايتىش بىلەن تەرەققىيات ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەرنى قانات يايدۇرىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟   

  سۇتۇڭ: مەن ئەشۇ سۆزگە بىر قەدەر قوشۇلىمەن، يۇرت- ماكانىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ،ئەمىلىيەتتىمۇ بۇرۇنقىنى ئەسلەپ قالىمىز، سېغىنىمىز. قەلبىمىزدىكى يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. بىراق، تارىخ دولقۇنى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە يول قويمايدۇ، ئۇ ئۆزگەردىمۇ بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغا نۇرغۇن دەز كېتىدۇ،قەلبىمىزدىكى ئەسلىمىلەر بىلەن مەڭگۈ سىغىشالمايدىغان سادالارنى قالدۇرىدۇ. 

   شۈ دويۈ: ئىلگىرى نەنجىڭدە تۇراتتىم، ياز كۈنى ھاۋاسى نەم، پاشا كۆپ ئىدى. ھازىر چىنخۇەي دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، گۈللەنگەن تاڭ دەۋرىدىكى مەنزىرىسى ئەسلىگە كەلگەنمىدۇ؟يىگىتلىرى قەددى- قامەتلىك، قىزلىرى ساھىپجامال، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئەشۇ گۈزەل دەۋرگە دەيمەن... 

  سۇتۇڭ: نەنجىڭنىڭ ھاۋاسى ھازىر تېخىمۇ نەملىشىپ كەتتى، بىراق پاشا ئاز، چۈنكى پاشىلارنى ھازىر تۈرلۈك-تۈمەن ھەرخىل زامانىۋى شاۋقۇنلار، توك ئېقىمى قورقۇتۇپ قاچۇرىۋەتتى. چىنخۇەي دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئەشۇ سۇ شۇ، بىراق ئىككى قىرغىقى سېمۇنت، پولات چىۋىقلار بىلەن قاتۇرۇلغان، ناۋادا ھازىر چىنخۇەيگە بارسىڭىز، سىزلا ئەمەس بارلىق ساياھەتچىلەر ئۆزىنى كىنونىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھىس قىلىدۇ. 

    شۈ دويۈ: جياڭسۇدا كۆپلىگەن ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر يازغۇچىلار بار، مەسىلەن، يې جاۋيەن، بى فېييۈ......يەنە سىز، سىلەرھەمىشە ئەدەبىيات توغرىلىق سۆزلىشىپ تۇرامسىلەر؟ جياڭسۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ھەمىشە ئۇلار بىلەن زىياپەتتە،ئويۇن-تاماشادا بىللە بولۇپ تۇرىدىغانسىز. 

   سۇتۇڭ: يې جاۋيەن بىلەن بى فېييۈ مېنىڭ قەدىناس ئاغىينىلىرىم، بىز دەل جياڭسۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىدە بىللە خىزمەت قىلىمىز، شۇڭا مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن قويۇق، لېكىن دەبدەبىلىك ھالدا ئەدەبىيات توغرىلىق سۆزلىشىدىغان پۇرسىتىمىز كۆپ ئەمەس. بىزنىڭ بىرلىكتە تىراكتۇر ھەيدەيدىغان ۋاختىمىز ئەدەبىيات توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان ۋاختىمىزدىن كۆپ. گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام، ئەگەر باشقىلار مېنى جياڭسۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەپ ئەسكەرتىپ تۇرمىسا مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئۇنتۇپ قالىمەن. زىياپەت ۋە ئويۇن- تاماششادا ئاساسەن دوستلىرىم بىلەن بىللە مەن، لېكىن بۇ ئەمەلدارلىق سورۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چۈنكى كىچىكىمدىن ھازىرغىچە، مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنى ئەمەلدارلىق سەھنىسىدە قويۇپ باقمىدىم. 

   شۈ دويۈ: ئىلگىرى سۇ مۇئەللىمنىڭ «جۇڭشەن»دە تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، ھازىر قەيەردە تۇرىۋاتىسىز؟ 

   سۇتۇڭ: ھازىر مەن «جۇڭشەن»دە ئەمەس، يەنىلا يازغۇچىلار جەمىيىتىدە. 

   شۈ دويۈ: بىز ھازىرقى ياشلارنىڭ قايمۇقىشى ئاساسلىقى بازار بىلەن ئۆزلىكىمىزنىڭ زىددىيىتىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى. بۇنداق مەنپەئەتپەرەسلىك قورغىنىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ 

    سۇتۇڭ: مېنىڭچە پۇلغا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن پۇل ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەيدىغان ھەقىقەت يوق. ئادەمگە قانچىلىك پۇل بولسا يېتىدۇ؟ ماڭا نىسبەتەن پۇل يەتسىلا بولغىنى، پۇل ئۈچۈن جاننى تىكىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە پۇل بىلەن تۇرمۇشنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇسۇل ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىشتۇر ھەم بۇ خىزمەت بىلەن پۇل تاپقىلى بولۇشتۇر. 

   شۈ دويۈ: سۇ مۇئەللىم، بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ يۈ خۇا بەزى ۋاقىتلاردا چەتنىڭ رويال مۇزىكىلىرى بىلەن سىمپونىيە مۇزىكىلىرىنى ساراڭدەكلا ئاڭلاپ كېتىدىغىنىنى يېزىپتىكەن. سىز قانداق مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرۈسىز؟ بۇرۇن سىزنىڭ يېزىقچىلىقىڭىزغا تەسىركۆرسەتكەنمۇ؟ جۇڭگونىڭ تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەسىلەن، سۈيجيەن، شۈ ۋېي، جاڭ چۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى... 

    سۇتۇڭ: يۈ خۇا ئۇچىغا چىققان مۇزىكا مەستانىسى،مەن ئادەتتىكىدەك. قەدىمىي مۇزىكىلاردىن باشقىلىرىنى ئىزچىل ياختۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ لېكىن ئانچە مەستانە بولۇپ كەتمىدىم، ئەمىلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىدىن بىرى بولغان BLUE GRASS نى خېلى ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن، لېكىن يېنىك سازلار بىلەن ئورۇنلانغىنىنى، ئادەمنىڭ ئاۋازىمۇ دورىغىلى بولمايدىغان تەبىئى يئاۋاز، بۇ مەن يېزىقچىلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاڭلاشنى ئەڭ خالايدىغان مۇزىكىلار. تولغىما ئۇسۇل مۇزىكىلىرىغا ياش ۋاختىمدا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىپ باققان،ئۇ چاغلار سۈي جيەننىڭ دەۋرى ئىدى، شۇڭا مەن ھازىرمۇ سۈي جيەننىڭ مۇخلىسى. «بىرپارچە قىزىل لاتا»، « قىزىل ئۆيدىكى قىزچاق»نى ئاڭلاپلا قالسام بەك ھەسرەتلىنىپ كېتىمەن، چۈنكى مېنىڭ تولغىما ئۇسۇل دەۋرىم ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ياشلىق دەۋرىممۇ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. 

    شۈ دويۈ: سۇتۇڭ مۇئەللىمنىڭ مەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن سۆھبەتلىشىپ بەرگىنىگە رەھمەت! بۇدا نەنجىڭغا بېرىپ قالسام چوقۇم سىزنى ئىزدەيمەن! ئىجادىيىتىڭىزنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن، رەھمەت!

 http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=5&TopicID=11139
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-28 18:48قايتا تەھرىرلىدى ]
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03

ھەجەپ كۆڭىللىك مۇنازىرە ئىكەنغۇ  بۇ  ئىچىڭلار بوشاپ قالغاندۇ  ياخشى تىما  ئىكەن  تەشەككۇر
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 19:39

ئەلكۈيدىمۇ قايناپ كەتتىغۇ ئاۋانگارتلىق توغرىسىدا.    
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 19:49

asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:23

ق.سىدىق ئەپەندى،«ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ: شائىر ئە. ئوسمانغا تەنقىد»نىڭ نەتىجىسى چىقىپ ئاخىرلىشىپ بولغان ئىدى،ئەمما سىز يەنە نىمە مەقسەتتە بۇ يەرگە تور ئادرىسىنى ئەۋەتتىڭىز؟قارىغاندا سىزنىڭمۇ يەنە قايتا مۇنازىرە تەشكىللەپ باققۇڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟ .....سېسىق سەپسەتىنىڭ ئاچچىغى ئاران بېسىلغاندا يەنە بۇ يەردە تەكىتلەپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىكىنا.....
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 474
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە474دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 5373 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:25

بىلمىگەن نەرسەڭ ئۈستىدە توختالما دەپتىكەن ئەدبىيات ساھاسىنى تزا چۈشەنمەيمەن  
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:37

ق.سىدىق ئەپەندى،«ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ: شائىر ئە. ئوسمانغا تەنقىد»نىڭ نەتىجىسى چىقىپ ئاخىرلىشىپ بولغان ئىدى،ئەمما سىز يەنە نىمە مەقسەتتە بۇ يەرگە تور ئادرىسىنى ئەۋەتتىڭىز؟قارىغاندا سىزنىڭمۇ يەنە قايتا مۇنازىرە تەشكىللەپ باققۇڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟ .....سېسىق سەپسەتىنىڭ ئاچچىغى ئاران بېسىلغاندا يەنە بۇ يەردە تەكىتلەپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىكىنا....
.ــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەن ئۇيغۇر زادىنىڭ تېمىسىنى ئەمدى كۆردۆم.مەن يوللىغان بۇ تېما بىلەن «ئاۋانگارىت»دىگەن ئاتالغۇدا ئۇرتاقلىق بار ئىكەن.ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ تېما-ئىنكاسلارنى بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قارىدىم.سىزنىڭ كۆرۆپ بولغانلىغىنىڭىزدىن بىخەۋەر ئىكەنمەن.دىمەك، سىز پەرۋا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئۇقۇشقا قىزىقىدىغانلار كۆرسە بولىدۇ ئەمەسمۇ.مىنىڭ پەقەت شەكىل نەزەريىسىگە ئائىت مۇنازىرىگىلا ئەڭ قىزىقىدىغانلىغىم كۆپچىلىككە ئايانمىكىن دەپ ئۇيلايمەن.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:40

ئەلكۈيىدىكى مۇنازىرنى ئەۋۋالدىن كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرزادە تېمىنى باشلىغانلا بىر چاڭ قىززىيدىغان بولدى دەپ ئويلىغان.  مەن خېلى خېلى ھۆرمەتلەيدىغان زىيالىلارنىڭ ھالى چاغلىقكەن. لېكىن يەنىلا ئىسىل زىيالىلىرىمىز كۆپ.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
asliyat
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2142
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2151 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 21:20

مەن يازغۇچى زىيالىيلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئەدەبىياتتىلا ئاۋانگارىت بولماي روھى ۋە ئەمەلىي ئىش ھەركەت جەھەتتىن بەكراق ئاۋانگارىت بۇلىشىنى  .ھەمدە« ئاۋانگارىت» دىگەن بۇ سۆزنى توغرا ئىستىمال قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 22:34

ئۇنداقتا گەپنىڭ توچكىسى، ئاۋانگارتلىق دېگەن  نېمە؟
      كاددون تۈزگەن داڭلىق «ئەدبيات نەزەريىسى ۋە ئەدەبىي تېرمىنلا لۇغىتى» ئاۋانگارتلىققاAvant-garde مۇنداق خاراكتېرلەرنى يۈكلەيدۇ: (1)يېڭىلىق يارىتىش؛ (2) سىناق قىلىش؛ (3) يېڭى ئىجتمائىي يۈزلنىشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش؛(4) يېڭىچە بىر نېمە قىلىش؛ (5) يېڭى يول تېپىش؛(6)ئىزدىنىش
Dictionary of Literary Terms and Literary Theory
(1999يىل نەشرى، 68-بەت)، ئاپتورى ئەدەبىياتشۇناس J. A. Cuddon


174قەۋەت
http://bbs.alkuyi.com/thread-17325-18-1.html