باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالتۇن ،نىفىت ، دوللار مۇناسىۋىتى
دوستلىشىش
erpan.0998
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 2380 %
مۇنبەر پۇلى: 3431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 11:33

ئالتۇن ،نىفىت ، دوللار مۇناسىۋىتى


دوللار قىممىتى قانچە ئاشسا ئالتۇن ، نىفىت ۋە باشقا تاۋارلار قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ . ئالتۇن باھاسى بىلەن نىفىت ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت ئاشسا ئالتۇنمۇ مۇقەررەر ئىشىپ كىتىدۇ .بۇ ئاساسلىقى پۇل قىممىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ پۇل قىممىتى تۆۋەنلەپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ۋە نىفىت ئىشىپ كىتىدۇ . پۇل قىممىتى بولۇپمۇ دوللار قىممىتى ئاشقانسىرى ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كىتىدۇ .مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئالتۇن بىلەن نېفىت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. ئالتۇن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پۇل. بىراق نېفىت سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ قېنىغا ئايلانغان. ئالتۇن بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئۇزۇندىن بۇيان، گەرچە ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە. خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ، بىراق، خەلقئارادا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەندە ئالتۇن باھاسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك:دوللارنىڭ پېرېۋوت باھاسىنىڭ داۋالغۇشى بولۇپمۇ دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن ۋە نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالتۇن بىلەن نېفىت دۇنيا سودا بازارلىرىدا دوللارنى باھا ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىدۇ. دوللار خەلقئارا سودىدىكى ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ، ھەر قېتىم دوللارنىڭ كۇرسى ئۆرلىسە ياكى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش يۆلىنىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلىسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەكسىچە دوللارنىڭ كۇرسى چۈشسە ئالتۇننىڭ باھاسى ۋە نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دوللارنى زور مىقداردا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، دوللار كۇرسىنىڭ ئايدا چۈشۈشى كېلىپ چىققانلىقتىن، كىشىلەر خېيىم-خەتىرى كىچىك بولغان، قىممىتى ساقلىنىدىغان ئالتۇن قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلەندى.  نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەللەرنىڭ ئالتۇن تىجارىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇزۇندىن بۇيان، نېفىت باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋە تۆۋەنلىشىدىكى سىگىنال كۆرسەتكۈچى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. چۈنكى، بازار ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ نېفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ- تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ داۋالغۇغانلىقىنى كۆرسەتكەندە، بۇ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بولۇپمۇ، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتنىڭ قولىدىكى غايەت زور سوممىلىق نېفىت دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئىران قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇلار نېفىت دوللارغا بولغان مەشغۇلاتى ئوخشارش بولغاچقا، بۇ غايەت زور مەبلەغلەر مەركەزلەشتۈرۈپ كونتىرول قىلىنسا خەلقئارا بازارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولىدۇ. نېفىت- نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قانچە دۆلەتنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، نېفىت گەرچە ئۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن غايەت زور سوممىلىق پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە بولۇشى ئۇلارغا مەلۇم خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق ئالتۇن خېيىم-خەتەردىن ساقلاش ۋە مەبلەغ سالغاندا قىممىتىنى ساقلاشتىكى ئېسىل قورال بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ تاللاش دائىرسىدە بولىدۇ. نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن نىفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت دوللار تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئالتۇننىڭ خەلقئارا زاپاستىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. نېفىت دوللارنىڭ سوممىسى زور بولغاچقا، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى كۈچىيىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېفىتنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئەكسىچە بولىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەندە نېفىت كىرىمىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمى چىقىمنى قاپلىيالماي، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىر قىسىم ئالتۇن زاپىسىنى كېمەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ نورمال راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل كېمەيتىش شەك شۈبھىسىزكى، ئالتۇن بازىرىدىكى تەمىنلەش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئالتۇننىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىدە، ئۇلار ھەتتا ئالتۇنلارنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېتىپ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى يەنە بىر كۈچ خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كېلىدۇ.

كۈندىلىك ئالتۇن باھاسى ، خام ئالتۇن ، تەييار %99 لىك ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ بازاردىكى باھاسى ، بىر مىسقال ئالتۇن باھاسى ۋە ئىقتىساتقا دائىر ئۇچۇر ۋە بىلىملەردىن خەۋەردار بولاي دىسىڭىز << بىر مىسقال بىلۇگى >> غا كىرىپ تۇرۇڭ !!
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
www.1miskal.com
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03

ئالتۇننىڭ  توپ باھاسى  چۇشسىمۇ  پارچە باھاسى  ئازراقمۇ چۇشۇپ قويمايدىكەن   ئالتۇننىڭ  توپ باھاسى ئوسسە پارچە باھەسى دەرھال ئوسىدىكەن  مەن ئاشۇنداق ئويلاپ قالدىم
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 950
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە950دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11147 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-28 20:17

خەۋاردار قىلىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !
دوستلىشىش
ئالماس123
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11260
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-26
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-29 13:21

شىنجاڭنىڭ كورلا شەھىرى، خوتەن ىاتارلىق جايلىرى بىلەن غۇلجىنىڭ تەبىئىي گاز باھاسى نېمىشقا ئوخشىمايدىغاندۇ؟؟؟!!!!

بېيجىڭ، شاڭخەيلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندىچۇ تېخى!!!