رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
گۇما ناھىيىسى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نوپۇسى 250 مىڭغا يېتىدىغان ناھىيە، شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتى بويىچە خوتەن شەھىرىدىن كېيىنلا تاكسى قاتنىشىنى يولغا قويغان ناھىيە. يىقىندا ناھىيىمىزدىكى بىر قىسىم تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرى خەلق ئاممىسى ۋە ھۆكۈمەتكە ئاشكارە ۋەدە بېرىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.
تۆۋەندىكىسى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كۈڭۈل سۆزى ۋە بىر قىسىم سۈرەتلىرى
كۆڭۈل سۆزىمىز
2007- يىلى ناھىيىمىزدە تاكسى شىركىتى قۇرۇلۇپ ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. بىزگە ئوخشاش ئىش ئورنىدىن قالغان، ھەر خىل مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم كىشىلەر تاكسى شىركىتى ئارقىلىق تاكسى سېتىۋېلىپ كىراكەشلىك قىلىش ياكى تاكسى سېتىۋالغانلاردىن تاكسى ئىجارە ئېلىش يولى بىلەن ئىش ئورنى تېپىپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى مەلۈم دەرىجىدە يەڭگىللەتتۇق ھەمدە ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈپ ناھىيىمىزنىڭ ئىككى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر-بازارلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ كەلدۇق. ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاكسى شىركىتى، كەڭ تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرىنى سىياسەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن زور دەرىجىدە قوللاپ نۇرغۇن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغاندىن بۇيان ناھىيىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بىزگە ئوخشاش مۇلازىمەت ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىۋاتىدۇ. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن ناھايىتى رازى.
بىز كەڭ تاكسى ئىگىلىرى ۋە تاكسى شوپۇرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قايسى ئۇسۇلدا رەھمەت ئېيتىش، خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ بىزگە ئەڭ ئىھتىياجلىق ئاممىغا قانداق مۇلازىمەت قىلىش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز باش قاتۇرۇپ دەسلەپكى قەدەمدە 8 تاكسى شوپۇرى تاكسى شىركىتى ۋە شەھەر ئىچى قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ مېيىپ، ئاجىز، ھامىلدار، ياشانغان يولۇچىلارنى ھەقسىز توشۇش يولى ئارقىلىق ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمغۇرلۇقىنى، ئىناق، مۇقىم جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلىشىپ بۇ ئىشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. بىز بۇ خالىس ئىشىمىزنى بۇندىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مەدەنىي، ئىناق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.