بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ئىزھار1 نىڭ 2012-03-28 13:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ب د ت- ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە كىرزىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە نۇقتىلىق تىنچلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانناننىڭ باياناتچىسى 27-مارت بىلدۈرۈشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئاننانغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئالتە نۇقتىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتچى:«ئاننانىڭ قارىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى سۇرىيەدىكى زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم باشلىنىش قەدىمى بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ سۇرىيەگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەمدە سىياسىي سۆزلىشىش كەيپىياتى يارىتىشقا پايدىلىق» دېگەن.
.......