«كۆرۇنمە ھەجىم»، «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر
قاسىم سىدىق
1
بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇقتۇرغان، كۆرگەن جىسىملارنىڭ خىلمۇ-خىل «شەكىل»گە ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلىقىنى، ئۇلار پەقەت«شەكىل» ۋە «ھەجىم»گە ئىگە بولدىغانلقى ئۇچۇنلا بىز ئۇلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىزۋە ئۇلارنى تۇتۇپ پايدىلىنالايدىغىنىمىز ئەقەللىي ساۋات.
بىز يەنە ئوخشاش «ھەجىم»دىكى، خىمىيىلىك تەركىبى ئوخشىمايدىغان جىسىملارنىڭ «ئېغىرلىقى»نىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، باشقىچە ئېيىتقاندا ئوخشاشلابىر كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قوغۇشۇن بىلەن ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى بىر-بىرى بىلەن زادىلا بىردەك بولمايدىغانلىقىنى. بىر كىلوگىرام قوغۇشۇننىڭ ھەجىمى كىچىك، بىركىلوگىرام ئاليۇمىننىڭ ھەجىمى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛ «زىچلىق» تىن ئىبارەت بۇ كىلاسسىك ئۇقۇم بىزگە بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمىنىڭ مۇتلەق مەنىدە ماددا ئۆزىنىڭ ساپ ھەجىمى دېگەن مەنانى بەرمەيدۇ. سەۋەب، كىلاسسىك فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمى «بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددا سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى»نى كۆرسىتىدىغان ئۈقۈم ، بۇ يەردىكى «بىرلىك ھەجىم» نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك، بىز كۆرۇۋاتقان جىسىملار ۋە ھەتتا ئاتالمىش «كىلاسسىك» مەندىكى ئېلمىنىتار زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمى مۇتلەق مەنىدىكى «ساپ ماددا»نىڭ ئۆز ھەجىمى بولماي، بەلكى ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) بىلەن نيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسىدىن ئىبارەت. فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدە، ماددا بىلەن نىيۇتۇنچە ماكاننىڭ ئارلاشما گەۋدىسى بولغان مانا مۇشۇنداق ئوبېكتىپ رىئاللىق «كۆرۇنمە ھەجىم»دەپ ئاتىلىدۇ. ۋە يۇقارقى ئىككى شەرتنىڭ بىرسى كەم بولۇپ قالسا (ماددا ۋە نىيۇتۇنچە ماكان) بۇ خىل رىئاللىقنى «كۆرۇنمە ھەجىم» دەپ ئاتاشقا ئەسلا بولمايدۇ.
ئىنسانىيەت ھازىرغىچەبىلىپ يەتكەن دۇنيا-مەيلى ماكرۇ ۋە مېكرۇ نوقتىدىن بولسۇن ھەممىسى «كۆرۇنمە ھەجىم»دۇنياسىدۇر. نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئېلمنتار زەررىچە»لەردىن تارتىپ، نوقۇل نەزەريىۋى مودىل ھىسابلىنىدىغان ئالەمشۇناسلىقتىكى «غەيرى نوقتا»لارمۇ يەنىلا «كۆرۇنمەھەجىم»دىن ئىبارەت.
مەن «
مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە»دېگەن ماقالەمدە «كۆرۇنمە ھەجىم»نىڭ مۇتلەق ھەجىمىنىڭ تېزلىگى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم①.بۇخىل رىئاللىقنى تەسۋىرلەش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەكىل نەزەرىيىسىگە«قاپلاش»دېگەن ئۈقۇم كىرگۈزۇلگەن. «قاپلاش» ئۈقۇمى ھەققىدە مەن ئالاقىدارماقالەمدە قىسقىچە توختولۇپ ئۆتكەن②.
2
بۇ ئۈقۇملارنىڭ بىر-بىرى بولغان ئالاقىسىنى ۋە بۇ ئۇقۇملارنىڭ نۆۋەتتىكى فىزىكا ھەم ئالەمشۇناسلىققا نىسبەتەن يېڭى مەسىلە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئوخشۇتۇپ سىلىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇشكە تىرىشىمەن.
بىز تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق بىر ئېغىز ئۆي بار دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ئۆي ئىچىدە تۆت نەپەر ئادەم بولسۇن، بۇ تۆت كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆينى بىز كىلاسسىك مەنىدىكى «بىرلىك ھەجىم»گە، تۆت ئادەمنى «ماددا سانى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ دىسەك، ئۆي بىلەن تۆت ئادەمنىڭ بىرپۈتۈنلىگى «كۆرۇنمە ھەجىم»دىن ئىبارەت. «ئادەم» بىلەن «ئۆي» ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىنىمسىز ھەركەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان «مۇتلەق ھەجىم» ۋە مۇتلەق تىنىچ تۇرۇۋاتقان نىيۇتۇنچە «بىرلىك ماكان – بىرلىك ھەجىم»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەمدى كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم»نىڭ تىزلىكى بىلەن «ماكان»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى«قاپلىنىش»نىسبىتى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تىزلىك قانچە يۇقىرى بولسا، قاپلىنىش قىممىتى ۋە كۆلىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
بۇ يەردە پەقەت ئىككى خىل پەرەز كېلىپ چىقىدۇ:
1-مۇتلەق ھەجىم ھەرقانداق پەيىتتە ئۆز ھەجىمى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى تولۇق قاپلىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ھەجىمى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقانداق پەيىتتە ئۆزى تۇرغان ماكاننىڭ كونكىرىت مىقدارى ۋە ئۆلچىمى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
2- «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ئۆز گەۋدىسىدىن ھالقىغان ماكاننى قاپلاش نىسبىتى ۋاقىت، تىزلىك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . «قاپلاش»نىڭ قىممىتى بىزنىڭ قانداق «ۋاقىت» ئۆلچىمىنى قوللانغىنىمىزغامۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
زامان مەۋجۇت ۋەياكى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىشىدىن، جىسىم ۋە زەررىچىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت قىلىش ۋە قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر 1-پەرەز ھەرقانداق پەيىتتىكى رىئاللىق بولۇپ قالىدۇ .يىتەرلىك ماكرۇ «ۋاقىت» بىرلىگىنى تۇرغۇزساق 2-پەرەزمۇ ئوخشاشلا قانائەتلىنىدۇ.
بۇ يەردە بىز«قاپلاش»نىڭ كەم دىگەندىمۇ ئىككى «بالا ئۈقۇم»ىغا ئىرىشىمىز. ئۇنىڭ بىرى: «تولۇق قاپلاش« ۋە ياكى «نوقتىۋى قاپلاش». يەنە بىرى: «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»دىن ئىبارەت. يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان تۆت ئادەمنىڭ سىىزىقلىق ھەركىتى نۆل بولسا، بۇ تىپىك «نوقتىۋى قاپلاش»ۋە ياكى «تولۇق قاپلاش»تىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇيەردە ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىمۇ بار، لېكىن بۇ پىرىنسىپال مەسىلە ئەمەس.
«تولۇق قاپلاش» ۋەياكى «نوقتىۋى قاپلاش» بىزنىڭ قانداق ئۆلچەم بىرلىكى قوللىنىشىمىزدىن قەتئىنەزەر «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ھەر قانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق. ھالبۇكى «تولۇق بولمىغان قاپلاش» ۋە ياكى «سىزىقلىق قاپلاش»نىڭ كونكىرىت قىممىتى «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ سىزىقلىق ھەركىتىدىن ئىبارەت ئالدىنىقى شەرىت قانائەتلەندۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدابىزنىڭ قانداق ئۆلچەم قوللىنىلىشىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان «ئۆلچەم» ئەلۋەتتە «زامان» (ۋاقىت) ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. يەنى بۇيەردە، ھەركەت بىلەن جىملىق گويا بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر«ۋاقىت» نۆل بولسا بۇ ھالدا سىزىقلىق ھەركەتمۇ نۆل بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ ھەرگىز«مۇتلەق ھەجىم» ۋە ئۇنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركتى نۆل بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بۇ يەردە ماسسا-ئېنىرگىيە «مۇتلەق ھەجىم»سۇپىتىدەساقلىنىش بىلەن بىرگە ئومۇمىي ھەركەت مىقدارى ئوخشاشلا «بۇلۇڭلۇق ھەركەت»مىقدارىغا ئايلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. مانا بۇلارنى ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋەپەلسەپەسىدىكى ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى دەپ چۇشۇنىشكە بولىدۇ. بىز يۇقىردىكى مەسىلىدىن ۋاقىت بىلەن ھەركەتنى ئوبېكتىپ رەۋىشتە بىر –بىرىنىڭ شەرتى ۋەياكى بىرلامەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ قارىۋىلىشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.
بىز بايام قالدۇرۇپ قويغان تۆت ئادەمنى (مۇتلەق ھەجىمنى) جىم تۇرماي، يورۇقلۇق تېزلىكىدە شۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ ھالدا بۇ ئۆي ئىچى ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنى «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس»دېگەن خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان رىئاللىققا ئايلىنىدۇ. يەنى بۇ ئۆي يىتەرلىك ماكرۇ ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە «ئادەم بىلەن لىق تولغان» بولىدۇ. ماھىيەتتە بۇ بىر خاتا سەزگۇ بولۇپ،ئوبېكىتپ زامان مەۋجۈت ئەمەس، زامان پەقەت تېزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان قورال دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆينىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى بىلەن،تۆت ئادەمنىڭ (مۇتلەق ھەجىمنىڭ) گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالداتۇراقلىق ۋە مۇتلەق بولىدۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىلارمەلۇم مەنىدە نۆۋەتتىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگشلىك مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىدۇ.
مەن بۇ تېمىغامۇناسىۋەتلىك كونكىرىت ئىزاھلار ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمەن.
تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
------------------------------
قاسىم سىدىق: «مۇتلەق ھەجىم»ھەققىدە2010-يىل 12-ئاينىڭ31-كۈنى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1806&page=1&extra=#pid2504