كىيىملەرگە بېرىلگەن باھايىم:
1.سۈپىتى ناچار ئىكەن،بىر قاراشتىنلا بىلگىلى بولىدۇ.بىر قېتىم يۇيسا لەپشىرەپ ئۇزىراپ سەتلىشىپ كېتىدىغان كىيىملەر كۆپكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق تەرلىسىلا بەدەنگە چاپلىشىۋالىدۇ
2.بۇ نۇسخىلارنى قانداقمۇ يىڭى نۇسخا دېگىلى بولسۇن،تاۋباۋ تورىدا مۇنداق كىيىملەر ساماندەك
3.باھاسى سۈپىتىگە قارىغاندا قىممەت،ئادەتتە مۇنداق كىيىم زاۋۇتتىن ئېشىپ كەتسە 3 كويدىن 5كويغىچە پۈتۈپ چىقىدىغۇ دەيمەن،ئازراق خەت رەسىم بېسىپلا سەل مودا كۆرىنىدۇ.سۈپىتى ناچار ئىكەن.بولۇپمۇ ئەرلەر كىيىمى
4.ئۇنىڭ ئۈستىگە خەق بىلەن ھەمكارلاشقاندىكىن بىزنىڭ ئۇسلۇبىمىزمۇ كىيىملەردە ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى،بىراق ساپلا خەقنىڭ كىيىمى ئىكەن ئۇ،ئانچە مۇنچە بىزنىڭ خانىم-قىزلىرىمىز كىيەلىگۈدەك لاھىيىلەنسە بولاتتى.
بەرگەن باھايىمدىن رەنجىمىگەيسىز،چۈنكى ھازىر نۇرغۇن كارخانىچىلار كىشىلەرنىڭ مىللەتكە ۋە مىللىي كارخانىلارغا بولغان ئىشەنچىسىدىن ۋە سۆيگۈسىدىن ناتوغرا يوللار بىلەن پايدىلىنىپ پەقەت ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرماقتا،شۇڭا ئازراق سۆزلەپ سالدىم.