خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك،قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم
قاسىم سىدىق
1
خەلقنىڭ ئۆز «زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لىرنىڭ قىلىۋاتقان «ئىلمى ئەمگەك»لىرىدىن خەۋەر تىپىش،نازارەت قىلىش،پىكىر قاتناشتۇرۇش ،ھەتتا تەتقىقاتقا قاتنىشىش،مۇستەقىل تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ھوقۇقى بار.بۇنداق ھوقۇقنى ئىتراپ قىلىش ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش،ئىلىم-پەننى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆچۆن پايدىلىق.
ئىھتىمال،يۇقۇرقى سەرلەۋھە بەزى كىشىلەرنى خاپا قىلىپ قويۇشى،بەزىلىرى مىنى ساۋاتسىزلىقتا ئەيىپلىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ «ھە»دىگەندىلا «ئىلىم-پەن دىگەن مەخسۇس كەسپى ئىش تۇرسا،خەلق ئۇنىڭغا قانداق نازارەتچىلىك قىلالايدۇ،قانداقمۇ قاتنىشالايدۇ»دىيىشى تۇرغانلاگەپ.
شۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن يۇقۇرقى تەشەببۇسۇمنىڭ ئاساسلىرى ئۇستىدە قىسقىچە تۇختۇلۇپ ئۇتىمەن.
1.«خەلق»دىگەن نىمە؟.خەلق - بەكمۇ كەڭ مەنىلىك ئۇقۇم.ئۇ،«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»، «پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لاردىن تارتىپ بىر دۇلەت بىر رايۇننىڭ نىڭ بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
2.ئادەتتىكى كەسىپتىن بىخەۋەر پۇقرالار كەسپى ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغىنى بىلەن نەتىجىسىنى سۇرۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
3.نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى خەلق چۇشۇنىدىغان تىلدا دوكىلات قىلىش«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لارنىڭ ۋەزىپىسى،مەجبۇرىيىتى.
4.«خەلق»ئىچىدە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلش پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس.
5.پەن-تىخنىكىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش پەقەت خەلقنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
6.باشقىلار.
2
باج تۆلىگۆچى خەلقنىڭ ھۆكۆمەت خىراجىتى بەدىلىگە ھەقلىق تەتقىقات،ئۇقۇتۇش ...ئۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان نازارەتچىلىك ھوقۇقى تارتىپ ئىلىنسا ياكى ئىتىراپ قىلىنمىسا شۇ ساھەلەرنىڭ سۇپەت ۋە ئۆنۆمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.ئەمىلى ئۆنۆم- خەلق ئەڭ تەلپۆنىدىغان ۋە چۆشۇنەلەيدىغان مەسىلە.پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جەزمەن ئەمىلى ئۆنۆم دوكىلاتى بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.دۆلەت مەخپىيەتلىگىگە چىتىشلىق بولمىسىلا ئاشكارىلاپ،خەلقنىڭ دوكىلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىغىنى بىلىش، تەكشۇرۇش،پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش كىرەك.بىر قانۇن-تۆزۆملۆك جەمىيەتتە بۇنداق ھوقۇقنى تارتىۋىلىشقا،ئىتىراپ قىلماسلىققا ئەسلا بولمايدۇ.
خەلق بۇ كىشىلەردىن«نىمە ئىش قىلدىڭ؟»،«قىلغان ئىشىڭنىڭ قانداق ئەمىلى ياكى نەزەريەۋى قىممىتى بار؟»،«مەن قىلدىم دەۋاتقان بۇ ئىشلىرىڭنى سەن مۇستەقىل قىلدىڭمۇ ياكى باشقىلار ئىلگىرى قىلىپ بولغانمۇ؟»،«ئوخشاش تۆردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدە، سىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجەڭنىڭ قانداق ئەۋزەللىگى بار؟»،«نەتىجە تۆلەنگەن بەدەلگە چىقىش قىلالامدۇ؟»...دىگەندەك سۇئاللارنى سورىيالايدىغان ،جاۋابىغا ئىرىشىپ بۇ جاۋاپنىڭ توغرا -خاتالىغىنى تەكشۆرۆپ نازارەت قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىلىم -پەندىكى چىرىكلىكنىڭ سۆكۆت قىلغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىگى ھەققىدە ھۆكۆمەت تەرەپ ئاخباراتلىرىدا ئاز بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالماقتا.بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس،ھۆكۆمەتنىڭ فۇنكىسيىلىك تارماقلىرى يىتەرلىك بولماسلىق،رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقتىن باشقا خەلقنىڭ نازەرەتچىلىك ھوقۇقىنى قوزغاتماسلىق،ھۆرمەت قىلماسلىق نورغۇن سەۋەپلەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ.
3
«خەلق»بىلەن«زىيالى»لارنى كەسكىن مەنىدە ئىككى لاگىرغا ئايرىۋتىش تىگى تەكتىدىن ئالغاندا بىر زىدىيەتلىك مەسىلە.زىيالىلار خەلىقنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ بۇيەردىكى پەرىق پەقەت ئىش تەقسىماتى ۋە مەخسۇسلىشىشتىكى پەرىقتىنلا ئىبارەت.مەيلى قانۇنى،مەيلى ئەخلاقى نۇقتىدىن ئىتايلى «پۇقرالىق پەرقى» بولمايدۇ ۋە بولماسلىغى كىرەك.
«زىيالى»لىق بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس.ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر.«مەجبۇرىيەت»دىيىشىمدىكى سەۋەپ «زىيالى»بولغان ئىكەنسىز«نەتىجە»ڭىز بولىشى كىرەك.دىھقاننىڭ،باغۋەننىڭ،..ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ نەتىجىسى بولغىنىغا ئوخشاش ياراتقان خاس نەتىجىڭىز بولىشى كىرەك.دىھقان دىھقانچىلىق مەھۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇزىنى ۋە جەمىيەتنى قامدىغىنىدەك «زىيالى»لارنىڭمۇ ئۇز«مەھسۇلاتى»بولىشى،بۇ«مەھسۇلات»لارئىلىم-پەن ۋەجەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۆرۆشكە پايدىلىق بولىشى لازىم.
ئىشلەپ چىقارغان دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يوق ئادەمنى دىھقان ئاتاشقا بولمىغىنىدەك،ئىلمى نەتىجىلىرى يوق ئادەمنى «زىيالى»ئاتاشقا بولمايدۇ.دىھقان ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىگىگە يەتكىدەك ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىپ جەمىيەتكە يۆك بولمايدۇ.ھۇكۇمەت خىراجىتى بىلەن قالپاققا ئىرىشكەن ۋە مۇئاش ئىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان«زىيالى»لارئەگەر نەتىجە ياراتمىسا خەلىققە يۆك بولغىنى بولغان،چۆنكى ئۇلارنى ئوقۇتۇپ شۇ مۇقامغا يەتكۆزگەن،ھازىرقى شۇ كۇرىستا ئۇلتۇرغۇزغان خەلىقنىڭ پۇلى،خەلىقنىڭ قان-تەرى.«زىيالى»لاردا جەمىيەتكە بولغان قەرىزدارلىق تۇيغۇسى يوقاپ كەتسە ياكى بۇنداق تۇيغۇ زادىلا مەۋجۆت بولمىسا ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ.
بۇ يەردە ھەممە ئادەم چۆشۆنەلەيدۇ دىيىشكە بولىدىغان بىر ئاددى ھىساپ بار.ئۇ بولسىمۇ سىزدەك بىر«زىيالى»نى ھازىرقى ھالىڭىزغا ئەكەلگىچە خەلق سىزگە قانچىلىك پۇل خەجلىدى،ھازىر يەنە قانچىلىك پۇل خەجلەپ سىزنى بىقىۋاتىدۇ؟ـــــــــــــ مانا بۇلار بەدىلىگە سىز نىمە نەتىجە ياراتتىڭىز؟،بۇ «نەتىجە»ڭىز نىڭ خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟دىگەنلەرگە توغرا جاۋاپ بىرىش.
ھەدىسىلا خەلقنى «ساۋاتسىز»لىقتا،«نادان»لىق»تا ئەيىپلەپ ،سېسىق كىبرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم بىلەرمەنلەرخەلقنىڭ مۇشۇنداق ئاددى ھىساۋىغا مەڭدىمەي جاۋاپ بىرەلىشى ناتايىن.
خەلق ئۆز ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن سىزنى تەربىيىلەپ ھازىرقى«زىيالى»لىق كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇش بىلەنلا قالماي،يەنە مۇئاش بىرىىۋاتقان ئىكەن ،سىز مەلۆم مەنىدە خەلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىسىز.دىمەك ئەمدى سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى كۆرسۆتۆڭ.«نەتىجە»سۆرۆشتۆرۆدىغان بۇنداق ھىساپ -كىتاپقا خەلق ئەڭ ئۇستا ۋە ئەڭ ئامىراق،سىزمۇ ئامىراقمۇ؟،سىزنىڭ ئامىراق بولىشىڭىز ناتايىن!.
سىز ئەگەر بىر«زىيالى» بولسىڭىز شۇنى ئۇنتۇماڭكى؛ سىز بىلەن خەلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئۇخشۇشۇپمۇ كىتىدۇ.سىزنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خەلىقتىن ئۆستۆن تۇرىشىڭىز،ئايرىلىپ«مۇستەقىللىق»جاكالىشىڭىز مۆمكىن ئەمەس.ماھىيەتلىك ھىساپ-كىتاپتا سىز ھامان پاسسىپ ئۇرۇنغا چۆشۆپ قالىسىز،پەقەت سىزدىن مۇشۇنداق بىر ھىساپ ئىلىنمىغانلىغى ئۆچۆنلا بەزى خام خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالدىڭىز،شۇ!.
2012.2.21
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-27 15:42قايتا تەھرىرلىدى ]