ئانا تىل
تەسۋىرلەپ سىياقنى قۇنسام تاغلارغا
يۈكسەكلىك سېزىمەن كىرسەم باغلارغا.
چۆچەكتە جان قوشتۇڭ سەبى چاغلارغا ،
ئانامدەك ئۇلۇغسەن،پەخرىم ئانا تىل .
تىلسىملار ئاچىمەن ،تۇزۈپ ئەنجۇمەن،
نۇقسانسىز، مەنزىلدە زۇلمەتتە ھەقتىن .
جاھاننى چۈشەندىم پەقەت سىنىڭدىن ،
جەنىتىم ، سۇلتانىم، تەختىم ئانا تىل .
خېرىدار چىللايمەن تۇۋلاپ بازاردا،
ئۈن سېلىپ يىغلايمەن ھەتتا مازاردا .
سېنىڭسىز كۈن زۇلمەت، مەشرەپ قىشلاقتا ،
غورۇرۇم، قۇياشىم، بەختىم ئانا تىل .
سەن بىلەن سۇلتانمەن بارسام قەيەرگە ،
ئىستامبۇل ۋە ياكى يەتسەم قىبلىگە .
مېھرىڭدىن ياغىدۇ ھىممەت ئۆيۇمگە،
ئوغۇز سۈت ئەجداتتىن باغرىم ئانا تىل .
توڭگۇزدۇر جاھاندا سىنى يەكلىگەن ،
توڭگۇزدۇر ئۆرتىنىپ شالغۇت تىل دىگەن.
توڭگۇزدۇر دەۋىردىن شاللاندى دىگەن ،
ھاياتىم – ماماتىم، قەھرىم ئانا تىل .
مەنبە :ئىجادى ئەسەر
[ xahla91تەرىپىدىن2010-08-15 11:29قايتا تەھرىرلەندى ]