باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1135 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ نايناق قىزى نېمىشقا ئوغرىغا ئايلىنىپ قالدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11006
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 875 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-04
ئاخىرقى: 2012-08-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 11:53

خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ نايناق قىزى نېمىشقا ئوغرىغا ئايلىنىپ قالدى

رەسىم:
خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ نايناق قىزى نېمىشقا ئوغرىغا ئايلىنىپ قالدى nXFPoR)T  
   ۋاڭ چيەن شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان ئىستۇدېنت. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى مەلۇم شەھەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ قىزىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، پۇلپەرەس قىزدىن قانداق بولۇپ نومۇسسىز ئوغرىغا ئايلانغانلىق جەرياننى  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. 3]cW08"c  
  ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىش، مۇھەببەتلىشىش، ئېيىغا 20 مىڭ دوللار خەجلەش؛ =s5g9n+7  
    مەن تېكساس ئىشتاتىنىڭ سان ئانتونىئىو شەھىرىگە 2008-يىلى ئاۋغۇستتا كېلىپ ئوقۇدۇم. تۇنجى يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىل ئۆگىنىدىغان سىنىپتا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مەلۇم شەھەردىن كەلگەن يىن شەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن تونۇشتۇم. سىنىپىمىزدا جۇڭگولۇق 11 ئوقۇغۇچى بولۇپ،ئائىلە شارائىتى ياخشى پۇلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. pb5q2|u`h  
      دەسلەپتە ھەممىمىز مەكتەپنىڭ يۈرۈشلۈك ياتىقىدا ياتتۇق.مەن يىن شەن ۋە شېنجېندىن كەلگەن ئەيمى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. Y~"5HP|  
     مەلۇم شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يىن شەن ئەيمى ئىككىمىزنىڭ بازارغا بىللە بېرىشىمىزنى ئېيتتى. شۇ كۈنى يىن شەن بازاردىن 3000 دوللارغا نۇرغۇن «تۇرمۇش بۇيۇمى» سېتىۋالدى. .mwB'Ll  
     يىن شەننىڭ دادىسى ئەمەلىي ھوقۇقى بار يەرلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا بەكلا ھەۋەس قىلىدىغان «ئەنئەنىسى» بار ئىكەن. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئانىسى تېلېفوندا جۇڭگودا ھەقىقىي «LV» ماركىلىق ئايالچە سومكىنى تاپماق تەس، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئۆلكىدە «LV» ماركىلىق سومكا ساتىدىغان مەخسۇس دۇكان يوقلۇقىنى ئېيتىۋېدى، يىن شەن ئەتىسىلا دۇكانغا بېرىپ 3000 نەچچە دوللارغا «LV» ماركىلىق سومكىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، ئانىسىغا ئەۋەتتى. c%x9.s<+1  
   يىن شەننىڭ بويى ئېگىز، ناھايىتى چىرايلىق ھەم پۇزۇر ياسىنىپ يۈرەتتى.ئۇ بىزگە ئوخشاش ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. تۆت ئايدىن كېيىن ئۇ شاڭخەيدىن كەلگەن، مەكتىپىمىزدە ئوقۇيدىغان ۋېي چياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ئىسىملىك كېلىشكەن يىگىت بىلەن چىقىشىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا پۇلنى ساماندەك خەجلەپ بېرەتتى، ئۇنىڭغا« سونى» ماركىلىق نېپىز يان كومپيۇتېر، «تىمساھ» ماركىلىق تاسما، داڭلىق ماركىلىق ھەميان... دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى... يىن شەن ئۇ يىگىت بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن دەرسكە رايى بارماي، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتى، دۇكان ئارىلاش،ئېسىل تائام يېيىش ئۇنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. }8&?  
   مەلۇم  شەنبە كۈنى،ئەيمى بىلەن ئىككىمىز ياتاق تازىلاۋېتىپ، يىن شەننىڭ ئاياغ قېپىدىن نەرسە سېتىۋالغان بىر تۇتام تالوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: يىن شەن، بۇ نەرسە سېتىۋالغان تالونلار لازىممۇ؟ دەپ سورىدۇق.كارىۋاتتا پۇتىنىڭ تىرنىقىنى بوياۋاتقان يىن شەن: لازىم، ئۇنى تاشلىۋەتمەڭلار، ئۇنى دادامغا ئاتچوت قىلىدۇرىمەن، دېدى. ئەيمى: داداڭنىڭ شىركىتى چەت ئەلنىڭ تالونلىرىنىمۇ ئاتچوت قىلامدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، يىن شەن: دادامنىڭ دوستلىرىنىڭ شىركىتى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، باجغا توغرىلىۋەتسىلا بولىدۇ، دېدى. ئەيمى ئىككىمىز يىن شەنگە ياردەملىشىپ تالونلارنى رەتلىدۇق، ھېسابلاپ باقساق يىن شەن بىر ئايدىلا 20 مىڭ دوللاردىن كۆپرەك پۇل خەجلەپتۇ. EV.F/W h  
          يىگىتىنى ئالماشتۇرۇش، ھەشىمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋېلىش،راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ Or3GrZ!H  
   بىر ئوقۇش مەۋسۇمى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئەمى ئىككىمىز تىل سىنىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاساسىي دەرس ئۆگىنىشكە باشلىدۇق. يىن شەن تىل دەرسىدە ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يەنە بىر يىل تىل ئۆگىنىدىغان بولدى. بۇ ئۇنىڭغا  ئېغىر كەلسىمۇ،باشقا بىر شەكىلدە پىسىخىكىسىنى تەڭشىۋالدى. يەنى ئوقۇش باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەكتەپكە  «بېنز» ماركىلىق كۆمۈش رەڭلىك پىكاپتىن بىرنى ھەيدەپ كىردى. يىن شەن ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ سىرتىدىن ھەشىمەتلىك بىر ئۆينى ئېيىغا 3000 دوللاردىن ئىجارە ئېلىپ ۋېي چياڭ بىلەن بىللە تۇردى. KJP}0|[  
       ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر 2009-يىلى مايدا يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىشكە باشلىدى. ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەيمى ئىككىمىز ۋەتەنگە قايتتۇق. يىن شەن يىگىتى بىلەن ئامېرىكىنى ساياھەت قىلماقچى بولۇپ، قايتىپ كەلمىدى. ,`,1s 9\&t  
       ئىيۇلنىڭ ئاخىرى مەن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدىم. يىن شەن مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايروپورتقا پىكاپ بىلەن چىقىپتۇ. ئۇنىڭ پىكاپىدا قارا تەنلىك يىگىت ئولتۇراتتى. يىن شەن: بۇ يېڭىدىن تۇنۇشقان يىگىتىم مىك بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى. مەن ھەيران بولۇپ: ۋېي چياڭچۇ؟ دەپ سورىدىم. كېيىن ئۇقسام ۋېي چياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋېي چياڭنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغان مەزگىلدە مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويماي، ئۇنى كالىفورنىيەدىكى باشقا بىر ئالىي مەكتەپكە يۆتكىۋېتىپتۇ. شۇڭا يىن شەن دەرھاللار ئامېرىكىلىق يىگىت مىك بىلەن تېپىشىۋاپتۇ. Zgw4[GpL  
     سېنتەبىرنىڭ مەلۇم شەنبە كۈنى ئىدى. يىن شەن ياتىقىمغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، خۇشال ھالدا: مەن ئۆي ئالىدىغان بولدۇم، دېدى ۋە مېنى ئۆينى كۆرۈپ كېلىشكە ئېلىپ ماڭدى. ?DgeKA"A  
     ناھايىتى گۈزەل بىر تاغ ئېتىكىدە تاغ باغرىنى چۆرىدەپ سېلىنغان، بىرنەچچە ھەشەمەتلىك داچا بار ئىكەن. يىن شەنگە بۇنىڭ ئىچىدىكى 2000 كىۋادرات مېتىرلىق بىر داچا ياراپتۇ. بۇ داچىنىڭ يەتتە ئېغىز ياتاق ئۆيى، ئالتە ھاجەتخانىسى، ئۈچ ئاپتوموبىل توختىتىش ئۆيى، ئايلانما قوش لىفىتى، ئارقا ھويلىسىدا يەنە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار ئىدى. ئارقىدىن ئۇ 20 مىڭ دوللار رەنە پۇلى تاپشۇردى، توختام تۈزسىلا 2 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق بۇ داچا ئۇنىڭ بولاتتى. M.3ULt8  
             باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىش، ۋەتەنگە  قايتۇرۇلۇش، ئامېرىكا چۈشىنىڭ بەربات بولۇش؛ 6]NaP _\0  
   2009-يىلى دېكابىرنىڭ مەلۇم كۈنى مەن ياتاقتا تورغا چىقىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز  يىن شەن كىرىپ كەلدى،-دە: كارتامنى توڭلىتىپ قويۇپتۇ، ھازىر يېنىمدا پۇل قالمىدى، دېدى. ئۇنىڭدىن نېمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ: دادام ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپتۇ، دېدى. كېيىن ئۇقساق شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي مۇھىم ئەمەل تۇتقان دادىسىغا نۇرغۇن خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن يىن شەننىڭ بانكا كارتىلىرى توڭلىتىلىپتۇ. Bg.  
      ئۇزاق ئۆتمەي ساۋاقداشلىرىمدىن يىن شەننىڭ ھەر تەرەپتىن پۇل قەرز ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ مەكتەپتىكى بارلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىن قەرز سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. كېيىن ئۇ پىكاپىنى ساتتى، ئىجارە ئالغان ئۆينى قايتۇرۇپ، مەكتەپتىكى ياتاققا قايتىپ كەلدى. ئۇ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالماقچى بولغان داچىغا تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىنىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىدى. a3J' c  
   2010-يىلى فېۋرالدا، ياتاق باشقۇرغۇچى مەندىن تۇيۇقسىزلا: سىز ئىلگىرى يىن شەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان چاغدا ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالىدىغان ئادىتى بارمىدى؟ دەپ سورىدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدىم ۋە: يىن شەننىڭ نەزەرى شۇنچە ئۈستۈن تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ باشقىلارنىڭ نەرسىنى ئالسۇن، دېدىم.ياتاق باشقۇرغۇچى: ھازىر يىن شەن بىلەن بىر ياتاقنى شېرىك ئىجارىگە ئالغان شياڭگاڭلىق لىن دا دېگەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ قوغداش تارماقلىرىغا ھەميېنىمدىن ھەمىشە بىر-ئىككى يۈز دوللار يوقاپ كېتىدۇ، دەپ ئىنكاس قىپتۇ، يىن شەن يەنە لىن دانىڭ يۈز سوپۇنىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالىدىكەن. لىن دا ئالدىنقى ھەپتە ئالغان ۋىدىئولۇق مۇزىكا قويغۇچمۇ يوقاپ كېتىپتۇ، دېدى. J b?x-%Za  
       بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدە بىر پارچە ئىنگلىزچە ئۇچۇرنى كۆردۈم. ئۇنىڭدا جۇڭگولۇق مەلۇم قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقى يېزىلغانىدى. مەن بۇنى ئوقۇغانسېرى بۇنىڭ يىن شەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،-دە دەرھال يىن شەنگە تېلېفون قىلسام،ئۇنىڭ تېلېفونى ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. &fe67#0r)  
    ئاپرېلغا كەلگەندىلا، يىن شەن مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ؛يىن شەننى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ، دېگەن ئىككى خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ئەسلىدە يىن شەن يېڭى ياتاقدىشىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئوغرىلىچە ئىشلىتىۋالغانغاچقا، ياتاقدىشى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن. نەتىجىدە ساقچىلار «ATM »دىكى تېلېكامېرادا تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن يىن شەننى دەرھال تەكشۈرۈپ تېپىپتۇ. Vy7 )_D  
   2011-يىلى مايدا، يىن شەن ۋەتەنگە قايتۇرۇلدى. ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن ئوغرىلىقچە ئېلىۋالغان پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ، كارتا ئىگىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ،ئامېرىكا قانۇنى يىن شەننىڭ بۇ دۆلەتتە داۋاملىق تۇرۇۋېرىشىگە يول قويمىدى. 1Vx>\A  
دوستلىشىش
تورچاشقىنى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10234
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-07
ئاخىرقى: 2012-04-26