ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن نەچچە ۋاقتتىن بېرى مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان، ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان بۇ قىسسىنى سىلەرگە قانداق سۆزلەپ بېرىشنى بىلمەيمەن. «مۇھەببەت»... دەپ ئىسىم قويىۋېلىپ بىغەم يۈرگەن بىر قىسىم ھەمشىرىلەرنى، پەرۋەردىگارىغا ئاسيلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ياشلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىم دەپ ئويلايمەن.
بىز تەنتەكلىك، چوڭچىلىق بىزنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئۈچ دوست ئىدۇق، ياق! بەلكى بىز تۆت ئىدۇق.... بىزنىڭ تۆتىنچىمىز بولسا شەيتان ئىدى.....
بىز شىرىن - شىكەر سۆزلەر بىلەن چىرايلىق قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يىراق بىر زىرئەتگاھلىققا ئېلىپ چىقاتتۇق. قەلبلىرىمىز ئۆلگەنلىكتىن، بىزدە ئىمانى تۇيغۇ يوقالغانلىقتىن، ئۇ يەرگە بارغاندا بىز تۇيۇقسىزلا، ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان كۆك يال بۆرىگە ئايلىناتتۇق.
بىزنىڭ كۈنلىرىمىز شۇ زىرائەتگاھلىقتا، ساھىلدىكى چېدىرلاردا، ماشىنلاردا ئەنە ئاشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆتىۋەردى. ئاخىرى مەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغان بىر كۈن يېتىپ كەلدى.
بىز ئادەتتىكىدەكلا شۇ زىرائەتگاھلىققا باردۇق، ھەممە نەرسە تەل ئىدى، ھەر بىرىمىز ئولجا قىلغان قىزلارمۇ، لەنەتتەككۈر ھاراقمۇ ھەم تەييار ئىدى، بىراق بىز بىر نەرسىنى ئۇنۇتقان ئىدۇق، ئۇ بولسىمۇ كەچتە يەيدىغان تاماق ئىدى... بىر ئازدىن كېيىن بىر ئاغىنىمىز كەچلىك تاماق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ماشىنىسى بىلەن كەتتى. ئۇ ماڭغاندا سائەت تەخمىنەن ئالتە بولغان ئىدى. بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، ئۇ كەلمىدى. سائەت ئونلاردا، مەن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئۇ ئىزدەش ئۈچۈن ماشىنامنى ھەيدە ماڭدىم. تۇيۇقسىزلا يولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىنىنىڭ دوستۇمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ماشىنا يېنىچى بولۇپ قالغان بولۇپ، ئوت ماشىنىنى بىر ئاپتۇ... مەن دوستۇمنى ماشىندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشنىڭ ئۈستىگە ئېچىنىپ چۈشتۈم. ئۇنىڭ يېرىم بەدىنىنىڭ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇ تېخى ھايات ئىكەن. مەن ئۇنى يەرگە ئالدىم. بىر نەچچە دەقىقىدىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئېچىپ، ئوت.... ئوت... دېگىلى تۇردى.
مەن ئۇنى ماشىنامغا سېلىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇ ماڭا ئېچىنىشلىق ئاھاڭدا: پايدىسى يوق... مەن بەرىبىر ئۈلگۈرمەيمەن، دېدى. كۆزۈمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى، ھالبۇكى، مەن دوستۇمنىڭ قۇچۇقۇمدا جان بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن... بىردىنلا ئۇنىڭدىن: ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟... ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟... دەيمەن، دېگەن ئەنسىز بىر ئاۋاز چىقتى. مەن ئۇنىڭغا قورقۇپ قارىدىم ۋە ئۇنىڭدىن: كىمگە؟ دەپ سورىدىم. ئۇ قۇدۇقنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازغا ئوخشاش بىر ئاۋاز بىلەن: ئاللاھقا، دەپ جاۋاب بەردى.
پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەپ، مېنى قورقۇنچ بېسىۋالدى. تۇيۇقسىزلا دوستۇم قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەنلا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىنى چىقاردى... كۈنلەر ئۆتىۋەردى، لېكىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان دوستۇمنىڭ سىماسى كاللامدىن كەتمىدى، ئۇ ۋارقىراۋاتىدۇ... ئوت ئۇنى يۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ... ئۇ: ئۇنىڭ نېمە دەيمەن؟... ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟... دەۋاتىدۇ.
مەن ئۆزۈمدىن: ئۇنداقتا مەن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟ دېگەن سوئالنى سورىدىم، كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلدى، بەدىنىم جۇغۇلداپ، تىتىرەپ كەتتى... شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە مۇئەززىننىڭ بامدات نامىزىغا: ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر(ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ)... ھەييىئەلەس سالاھ(نامازغا تېز كېلىڭلار)... دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى... مەن بۇ ئاۋازنى خۇددى مېنىلا ھىدايەتكە، توغرا يولغا چاقىرىۋاتقاندەكلا ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن غۇسلى قىلىپ، تاھارەت ئېلىپ، نەچچە يىللاردىن بېرى مېنى ئورىۋالغان مەينەتچىلىكلەردىن بەدىنىمنى تازلاپ نامازنى ئوقۇدۇم. شۇندىن بېرى بىر ۋاق نامازنىمۇ قالدۇرمىدىم.
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار بولسۇنكى، مەن باشقا بىر ئىنسانغا ئۆزگەردىم، ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتكۈچى ئاللاھ پاكتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئۆمرە ھەجنى ۋە ئىن شا ئاللاھ(ئاللاھ خالىسا) ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تەييارلاندىم. كىم بىلسۇن.... ھاياتلىق ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئىكەن.......
مانا بۇ ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ تەۋبە قىلىش قىسسىسى. (ئاللاھ بىزنى ۋە ئۇنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلسۇن!). بىز ھەر بىر ياشقا دەيمىزكى، ئاللاھ بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەردىن چىقىپ كېتىشتە سىزگە ياردەم بېرىدىغان ھەرقانداق دوستتىن، ھەمراھتىن ھەزەر ئەيلەڭ!... ھەزەر ئەيلەڭ!.... ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ قىسسىسىدە ئىبرەت ۋە ۋەز - نەسىھەت بار، ئىبرەت ۋە ۋەز - نەسىھەت ئالدىغانلار، قوبۇل قىلىدىغانلار بارمۇ؟
"ياشلار ئۈچۈن ئىبرەتلىك قىسسىلەر" دېگەن كىتابتىن faruk063تەرجىمە قىلدى.مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى يوللىغۇچى : faruk063