باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1361 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 05:11

زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟

2010-10-8 12:21 چىقىرىشچۈشۈرۈش (3.49 KB)

كىراگ كالىندېر
1997-يىلى رۇگىرىس ئونۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇقنى تاماملىغان. 2001-يىلى كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتى سانتىياگۇ تارمىقىنىڭ پەلسەپە كافىدىراسىدا تەتقىقات پىلانىغا قاتناشقان. ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسى: تەبىئەت پەلسەپەسى،  فىزىكا پەلسەپەسى، مىتافىزىكا قاتارلىقلار.
كىراگ كالىندىر كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتىنىڭ پەلسەپە پىرافىسورى. ئۇنىڭ "زامان"، "لوگىكا" ، "كىۋانىت نەزەرىيسىگە كىرىش"، "نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە كىرىش"، "مىڭە ۋە تەپەككۈر" ، "تەرتىپسىزلىككە مۇقەددىمە" قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان.



زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟



مۇھىم مەزمۇنى:
بۇگۇنكى فىزىكا دۇنياسىدا زامان ئالاھىدە قىززىق نوقتىلارنىڭ باش تېمىسىدىن ئىبارەت. بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى تىپىپ چىقىش ئۇچۇن، فىزىكا ئالىملىرى ئاساسىي پەرەزلەرنى قايتىدىن كۇزىتىپ چىقىشى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زامانغا دىققەت قىلىشى زۆرۇر.


بەزى فىزىكا ئالىملىرى زامان ئەمەليەتتە مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە بەزلىرى ئەكسىنچە ۋاقىتنىڭ دەرىجىنى تۆۋەنلەتمەستىن يوقۇرلىتىش كىرەك دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى خىل نوقتىنەزەرنىڭ ئوتتورىسىدا يەنە مۇنداق بىر قىزىقارلىق پەرەز بار: ۋاقىت مەۋجۇت، بىراق يادورۇلۇق مەسىلە ئەمەس، بىز ھىس قىلغان زامان بىر تىنىچ ھالەتتىكى دۇنيادىن كېلىپ چىققان.
سوقىراتتىن ئىلگىرىكى پەيلاسۇپلار مۇشۇنداق كۆز قاراشلارنى ئوتتورىغا قويغان، بىراق ھازىر فىزىكا ئالىملىرى ئۇنى بەك ئوبيىكتىپلاشتۇرۋەتكەن. يەنە بىر خىل پەرەز بولۇپ، زامان ئالەمنىڭ پارچىلنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بىز ھىس قىلغان زامان بۇ پارچىلانغان بۆلەكلەر ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۇرۈدۇ دەپ قارايدۇ. سىز بۇ جۇملىنى ئوقوۋاتقان چىغىڭىزدا، چوقۇم «بۇ بىر پەيىت » (ھازىر)، يەنى ھازىر يۇز بىرىۋاتقان «ھازىر». دەل ۋاقىت، دەل پەيىت ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنتايىن ھەقىقىي (چىن). مەيلى سىزنىڭ ئۆتمۇشتە قانچىلىك ئەسلىمىڭىز بولسۇن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن قانداق خىياللىرىڭىز بولسۇن سىز ھامان ھازىردا تۇرىسىز. ئەلۋەتتە، سىز بايىقى جۈمىللەرنى ئوقۇۋاتقان پەيىتلەر ئاللىقاچان يوق بولدى. مانا بۇ جۈملە ھازىر. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، زامان ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. «ھازىر»مۇ ئۈزلۈكسىز يىڭېلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بىۋاستە سېزىمىمىزدا كەلگۈسى ناھايتى ئوچۇق تاكى ئۇ ھازىرغا ئايلانغۇچە ئۆتمۇش مۇقىم تۇرىدۇ. زامان ئۆتىۋاتقان چاغدا بۇ خىل ئۆتمۇشنىڭ مۇقىملىغى، ھازىرنىڭ يۈز بىرىشى، كەلگۈسىنىڭ ئوچۇقلۇق قۇرۇلمىسى زامان ئىچىدە توختىماستىن ئالغا سىلجىيدۇ.
بۇ خىل قۇرۇلما بىزنىڭ تىلىمىز. ئىدىيىمىزدىكى ھەركىتىمىزگە چوڭقۇر ئورنىغان، بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىز مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ.
گەرچە بۇ خىل پىكىر ناھايتى تەبىئى بولسىمۇ، بىراق ئىلىم-پەندە ئىپادىلەيدىغان مۇۋاپىق تىلنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. فىزىكىنىڭ تەڭلىمىسى ئىشنىڭ ھازىر يۈز بىرىۋاتقان ھالتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. خۇددى سىز ھازىر بۇ يەردە دەپ بەلگە سېلىنمىغان خەرىتىگە ئوخشاش. تەڭلىمىدە «ھازىر» يوق، شۇڭا ۋاقىت ئىنىقلىمىسىمۇ يوق. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئېنيشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەريىسىدىن شۇنى بىلۋالالايمىزكى، پەقەت يەككە ھالدىكى ھازىر مەۋجۇت ئەمەس بولۇپلا قالماي، ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر بىر دەقىقە ئوخشاشلا چىنلىق. (سىرلىق ۋاقىت ئېقىمى، 2002-يىل 12-ئاي). كەلگۈسى ئۆتمۈشتىكىدەك ئوچۇق ئەمەس.
ئىلىم-پەننىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىزدە غايەت زور پەرق بار. بۇ تارىختىكى مۇتەپپەككۈرلەرگە چوڭ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن. فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىز بىلىۋاتقان زاماننىڭ نورمال خۇسۇسىيىتىگە ئاستا-ئاستا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن بۇ پەرق تېخىمۇ كۈچەيدى. ھازىر فىزىكىلىق زامان بىلەن تەجىرىبىدىكى زاماننىڭ ئارلىقى يىراقلاپ كەتتى، چۈنكى نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى زامان ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس دەپ قاراشقا باشلىغان ئىدى.
زامان ئالەمنىڭ ھەقىقىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسىمى، بۇ خىل پىكىر ئېيتىلىشى بىلەنلا كىشىنى چۆچىتىدۇ، ئۇنىڭ قانداق ئېيتىلغانلىقنى تەسەۋۇر قىلىش تەس. بىز قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ ھەممىسى زامان ئىچىدە قىلىنغان. بۇ دۇنيادا زامان بىلەن باغلىنىپ كەلگەن بىر تالاي ئىشلار بار. ھەممە ئادەم چېچىمنىڭ ئاقارغانلىقنى، جىسىملارنىڭ يۆتكىلىش ھالىتىدىكى ئىشلارنى كۆرەلەيدۇ. بىز ئۆزگىرىشنى كۆردۇق، بىراق بۇ خىل ئۆزگىرىش نىسپىي ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتىلغان. زامان(ۋاقىت) ئاز بولسا، دۇنيا پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ. بىر زامان ھېسابى بولمىغان نەزەرىيە چوقۇم ئەگەر دۇنيادا ئۆزگىىرش بولمىسا، بىز نېمە ئۈچۈن ھادىسلەرنىڭ ئۆگىرىۋاتقانلىقنى كۆرەلەيمىز، دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقات بۇ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. گەرچە زامان ئەڭ ئاساسىي قاتلامدا مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قۇرۇلمىدا پەيدا بولىدۇ: بۇ خۇددى ئۈستەل گەرچە بوش تۇرغاندەك بىلىنىدىغان نۇرغۇن زەررىچىلەردىن تەركىپ تاپقان، بىراق تۇتۇپ كۆرسە يەنىلا ناھايتتى مۇستەھكەم تۇرغىنىدەك بىر ئىش. مۇقىملىق جىسىم زەررىچە توپىدىن پەيدا بولغان خۇسسۇسىيەت، شۇنىڭ ئۈچۈن زامانمۇ بەلكىم مەلۇم ئاساسىي تەركىبلەردىن پەيدا بولغان خۇسۇسىيەت بولىشى مۇمكىن.
«زامان يەنىلا پەيدا بولغان خۇسۇسىيەت». بۇ خىل پىكىر بىر ئەسىر بۇرۇنقى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ياكى كىۋانىت مىخانىكىسىغا ئوخشاش ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك پىكىر بولىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيسى ھەققدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن چاغدا ئەڭ ھالقىلىق ئىلگىرلەشنىڭ ئۇنىڭ زامانغا نىسبەتەن قايتا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئىكەنلىكنى ئېيىتقان. فىزىكا ئالىملىرى ھازىر نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانىت مىخانىكىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقاندا، ئوخشاشلا زاماننىڭ ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. 2002-يىلى ئاساسىي مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى (FQXi) «ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى»نى نىشان قىلغان ماقالە ئۇيۇشتۇردى. ھازىرقى زامان فىزىكىسى ساھەسىدىكى بەزى مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. نۇرغۇن كىشىلەر بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىنىڭ تەسۋىرلەيدىغىنى زامان بولمىغان دۇنيا دەپ قاراشتى. يەنە بەزىلەر «زامان» دېگەن ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيىدە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن زامان ھەققىدە چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك، دېگەن مەۋقەدە بىرلىككە كېلىشتى.

زاماننىڭ پەسكويغا چۈشىشى
ئۆتكەن بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ زامانغا بولغان مول بىلىمىمىز ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىنىشقا ئۇچىراپ كەلدى. زامان فىزىكىدا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەپ كەلگەن. بىراق فىزىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ئورنىنى قەدەممۇ-قەدەم باشقا نەرسىلەر ئالدى.
قاراپ باقساق ئانچە كۆرىنەرلىك ئەمەس بولىشى مۇمكىن. بىراق نىيۇتوننىڭ ھەركەت تەڭلىمىسى زاماننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىىگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەلەپ قويغان. پىرىنسىپ جەھەتتە، كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەر قانداق ئىشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولىدۇ. كىلاسسىك فىزىكىلىق پەرەزلەردە بىر ھادىسە مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئورۇندا يۈز بەرسۇن، سىز ئۇنى ئالەمدىكى باشقا بىر ئىش بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاۋۋال يۈز بەرگەن، كېيىن يۈز بەرگەن ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن دەپ ئوبىيىكتىپ چۈشەندۈەلەيسىز. شۇڭا، زامان دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەرنى تەرتىپكە سالىدۇ. بۇ تەرتىپ مۇتلەق ئەمەلىيەت، كۆەتكۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. يەنە زامان چوقۇم ئۈزلۈكسىز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز تېزلىك بىلەن يۇقىرى تېزلىككە ئېنىقلىما بېرەلەيمىز.
كىلاسسىك فىىزكىدىكى زامان چوقۇم ئۈزلۈكسىزلىك (يەنى فىزىكا ئالىملىرى ئېيىتقان ئۆلچەم) ئۇقۇمىنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككى ھاددىسىنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئولىمپىك قىسقا ئارلىققا يۈگرەش ماھىرى يۈسىن بولىت بىر سائەتتە 43 كېلومىىتر يۈگىرەلەيدۇ دېسەك، بىز چوقۇم بىر سائەتنىڭ قانچىلىك ئوزۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېسابلىشىمىز كېرەك. ھادىسىنىڭ تەرتىپى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭمۇ كۆزەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر ئېلىس بىلەن يۇبېر (مەمەت بىلەن سەمەت) سائەت ئۈچ بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ ھەر ئىككىسى ئۆز يولىغا ماڭغان بولسا، كېيىن سائەت ئالتە بىلەن ئۆيگە يىتىپ بارغان چاغدا ئۇچىراشقان بولسا ئۇنداقتا ئېلىس (مەمەت) سەرىپ قىلغان ۋاقىت بىلەن يۇبېر(سەمەت) سەرپ قىلغان ۋاقىت ئۆز-ئارا تەڭ بولىدۇ.
ئاساسىي جەھەتتىن ئالغاندا، نىيۇتۇن «دۇنيادا بىر ئاساسىي ۋاقىت ھېسابلىغۇچ بار، ئۇ بۇ دۇنيانى بىردىنبىر ئوبىيىكتىپ ئۇسۇل بىلەن پارچىلاپ چىقالايدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. نىيۇتۇن فىزىكىسى بۇ سائەتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن ماڭغان. ئۇنىڭدىن باشقا نىيۇتۇن زامان ھازىر ئايلىنۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يۆنىلىشى بىزگە كەلگۈسىنىڭ قايسى تەرەپ ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ ھېس قىلاتتى. بۇ خۇسۇسىيەت نىيۇتوننىڭ ھەركەت تەڭلىمىسىدە چوقۇم زۆرۈر ئىدى.
ھازىر بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نىيوتۇننىڭ زامان سەپسەتىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى، بىراق ئازراق ئويلانغىنىمىزدا ئۇنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ نۇرغن ئالاھىدىلىكلىرى لوگىكا جەھەتتىن مۇناسىۋەتسىز. مەسىلەن: تەرتىپ، ئۈزلۈكسىزلىك، داۋاملىششچانلىق، ئوخشاش ۋاقىتلىق، يۆتكىلىش ۋە يۆنىلىش قاتارلىقلار. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى نىيوتۇننىڭ «زامان» دەپ ئاتالغان ۋاقىت سائىتىگە يۇشۇرۇنغان ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا ئىككى ئەسىردىن بويان تۈزىتىلىپ باقمىغان ئىدى.
19-ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى زەربە يىتىپ كەلدى. بىرىنچى دولقۇن بولسا ئاۋىستىريىلىك فىزىكا ئالىمى لودۋىگ بولتىزماننىڭ تەتقىقاتى. ئۇ نىيۇتۇن قانۇنىنى زامان ئىچىدە ئالدىغا ياكى كەينىگە ئوخشاش قىلغىلى بولدىغانلىقتىن زاماننىڭ ئىچكى يۆنىلىشى يوق دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ پەرقى زاماندا مۇقىم بار بولماستىن بەلكى ئالەمدە توغرا ئاتالمىغان
ئۇسۇل بىلەن ماددا شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. فىزىكا ئالىملىرى بۇ پەرەزنى يەنىلا ئىنچكىلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىشماقتا. بىراق بولتىزمان نىيۇتۇن قانۇنىدىكى ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىر تۈرنى ئالغان. (ۋقىت قوش يۆنىلىشلىكمۇ؟ 2008-يىل 7-سانغا قارالسۇن)
كېيىنكى قېتىملىق زەربە ئېينىشتىيىندىن كەلدى. ئۇ مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى. ئۇنىڭ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ھادىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى سىزنىڭ قانچىلىك تېز يۈگۈرگەنلىكڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھادىسە يۈز بەرگەن سەھنە زامان ياكى ماكان ئەمەس بەلكى ئىككىسىنىڭ بىرلىكى: زامان-ماكان. ئىككى كۆزەتكۈچى ئوخشاش بولمىغان تېزلىكتە يۆتكىلىپ، بىر ئىشنىڭ قاچان، قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ ئىچىدىكى زامان-ماكان ئورنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. زامان بىلەن ماكان قاتلاملىق ئۇقۇم. خۇددى ئېينىشتىيىننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى، ماتېماتىكا ئالىمى ھېرمان مىنكوۋىسكىي ئېيىتقاندەك: «بۇ ئىككىسى رېئاكسىيىلىشىپ فانتازىيەگە ئايلىنىدۇ.»
1915-يىلىغا كەلگەندە، ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئوتتۇرغا قويىلىشى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ ئېغىرلىق كۈچى ساھەسىگە قوللىنىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىش تېخمۇ چاتاق بولدى. ئېغىرلىق كۈچى زاماننى ئەگرى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۆتكەن بىر سىكونىت بىلەن ئۇ يەردە ئۆتكەن بىر سىكونىت ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئېنىرگىيەنىڭ سائەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىزچىل بولىشى پىرىنسىپ جەھەتتە ئاز كۆرۈلىدۇ. سىز بۇ دۇنيانى يەككە ۋاقىت ھېسابلاش ئاساسىدا بىر-بىرلەپ خىيالىڭىزدىكىدەك ئېچىپ بېرەلمەيسىز. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا بۇ دۇنيا بىر دەقىقە ئىچىدە يىمىرلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىر ھادىسە يەنە بىر ھادىسىدىن بالدۇر ياكى كېيىن يۈز بەردى دېيىشكە بولمايدۇ.
كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى نۇرغۇن فونكىسىيەلەردە «زامان»دېگەن سۆزنى كوردىنات زامان، قسمەن زامان، پۈتۈن زامان دەپ ئىشلەتكەن. ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا، ئۇلار نىيۇتوننىڭ نۇرغۇنلىغان يەككە ۋاقتىغا ئاساسەن قىلغان ئىش. باشقچە ئېيىتقاندا، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سۆز يوق. ئەگەر فىزىكا بۇ سائەتلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىمىسا ياكى ئاڭلىتىلسا بۇ سائەتلەر پەقەت ئالەمدىكى بىر كىچىك رايۇن ياكى ئالاھىدە كۆزەتكۈچىگە ماس كېلىشى مۇمكىن. گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.

مەنبە: «ئالىملار» ژۇرنىلى، (تەيۋەن) 2010-يىل 101-سان. ئەسلى ئاپتور كراگ كالىندىر. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: جاڭ مىڭجې
تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە

دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1599
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-06

ئەسلى نېمداق چۈشەنمەيمەنكىن دېسەم ئەسلى «ئالىملار» ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان ماقالىكەن ئەمەسمۇ بۇ...
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر....
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
رۇمەيسا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10995
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-03
ئاخىرقى: 2012-07-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 12:39

سىزدىن بىر  ياردەم سوراي دېگەنتىم،    خۇسۇسىيەت،قانۇنىيەت، تۇزۇم،تەرتىپ،نىزام، ئۆلچەم دېگەنلەرنى  چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.  
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 266
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە266دانە
ئۆسۈش: 1140 %
مۇنبەر پۇلى: 2935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-09-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 12:56

بۇنداق پەلسەپەۋى مەزمۇندا يېزىلغان ماقالىلەرنى بىزلەرنىڭ چۈشىنىشىمىز تەسكە توختايدىكەن
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:00

راست گەپ قىلسام  مەنمۇ  بىىرەر نەرسە چۇشىنەلمىدىمغۇ  ھەي بىلىمسىزلىك  ھەي ساۋاتسىزلىق ........
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
نامسىزمەن
ئاخىرەت ئوزۇقى--تەقۋادارلىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11250
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 1414 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-25
ئاخىرقى: 2012-08-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:08

3-قەۋەت (مەھلىيا) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم  
[ بۇ يازمىنىنامسىزمەن 2012-07-25 19:13قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:29

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم  قېرىندىشم كۆپ قىسىم پەلسەپىۋى نەزەرىيلەر ھەقىقەت ئۈستىدىن گەپ يورغۇلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ ئىلىمنى كۆككە كۆتەرگۈچىلەر ئۆزىنى ئەڭ ئەقىللىق دەپ ھىساپلايدۇ . ئاخىرى بىلىپ -بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ . لىكىن ئۆزلىرى ئەسلا ئىتىراپ قىلمايدۇ . چۇنكى ئۇلار ئەقىللىقتە ؟؟؟.
   بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا چارىسى بار . ئۇ بولىسىمۇ ئەقىلنى شەرىئەتكە بويسۇندۇرۇش . ئەگەر بوي سۇنغىلى ئۇنىمىسا ، ئۆز ئەقىلدىن گۇمانلىنىش ھەم ئەقىلسىزلىقىنى ئىتىراپ قىلىش
.ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇنداق گەپلەرنى ھەممەئادەم قىلالامدىكىن دەپ قارايمەن.مۇھىمى ئۇنى قانداق قىلىپ بۇيسۇندۇرۇشتا،ھەممەيلەن «ئۇنداق قىلىش كىرەك»،«بۇنداق قىلىش لازىم»دىگىنى بىلەن.شۇنى قىلىدىغان ئادەم چىقسا بولىدۇ.ھەركىمنىڭ«قىلىش»مەجبۇريىتى باركى،نەسىھەت ۋە چاقىرىق ئىش پۆتتۆرۆشنىڭ ئۆنۆملۆك يولى ئەمەس.گەپلىرىمدە سەھۋەنلىك بولسا تورداشلار كۆرسۆتۆپ بەرگەي!.
ياخشى دوسىت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11269
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-27
ئاخىرقى: 2012-03-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:36

4-قەۋەت (pakdiyar) نىڭ يازمىسىغا

ئۇلار نىڭ باشقا ئىشى يوق ئوخشايدۇ،ھە           
atlan
دوستلىشىش
نامسىزمەن
ئاخىرەت ئوزۇقى--تەقۋادارلىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11250
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 120
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 1414 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-25
ئاخىرقى: 2012-08-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:43

6-قەۋەت (ق.سىدىق) نىڭ يازمىسىغا

     مەن پەقەت پەلسەپەنىڭ ماھىيتىنى چۇشەندۇرۇپ قويدۇم ، سىز توغرىلىق توختالمىدىم . گەپنى باشقا ياققا بۇرۇمىسىڭىز .
  مەن سىز توغرىلىق باشقا تېمىدىكى ئىنكاستا توختالغان . قارىغاندا ئوقۇمىغاندەك تۇرىسىز . يەنى <نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ   بوشلۇق نەزەرىيىسى  گە بەرگەن باھالىرى> دىگەن تېمىنىڭ ئاخىردىراق . ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن .
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 15:11

مەن پەقەت پەلسەپەنىڭ ماھىيتىنى چۇشەندۇرۇپ قويدۇم ، سىز توغرىلىق توختالمىدىم . گەپنى باشقا ياققا بۇرۇمىسىڭىز .
  مەن سىز توغرىلىق باشقا تېمىدىكى ئىنكاستا توختالغان . قارىغاندا ئوقۇمىغاندەك تۇرىسىز . يەنى <نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ   بوشلۇق نەزەرىيىسى  گە بەرگەن باھالىرى> دىگەن تېمىنىڭ ئاخىردىراق . ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن .
ــــــــــــــــــــــ-
كەچۆرۇڭ،مەن بۇگەپنى سىزنى ئۆزئىچىگە ئالغان ھەممەيلەنگە،ھەتتا ئۆزۆمگىمۇ ئىتقان گەپ دەپ قارايمەن .بولدى بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.سىزدىن بىرگەپنى سۇرىسام بولامدۇ،«پەلسەپەنىڭ ماھىيىتى»ھەققىدە تەپسىلىرەك سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟.