تەبىئەت پەنلىرىگە «شەكىل»ئۇقۇمىنى ئىلىپ كىرىش نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ قىسقىچەئىزاھاتى: ئۆتكەن بىر مەزگىل تورداش «كۆكۆيۇن»، يېقىندا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن خالمۇرات ئازات مۇئەللىم «شەكىل»نى فىزىكىغا ئىلىپ كىرىشنىڭ زادى نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ دېگەن سۇئالنى چۆرىدىگەن ھالدا
قىممەتلىك پىكىر –تەكلىپلەرنى بەردى، مەن بۇتېما ئاستىدا يۇقۇرقى سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا بولغان تەنقىدى مۇلاھىزىلىرىنى سەمىمي قارشى ئالىمەن.
1
2011-10-11 11:16 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (19.37 KB) چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى
2011-10-11 11:17 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (177.96 KB) سىفىر دۇنياسىدىكى ئالەم
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3493
مىكرۇ نوقتىدىمۇ، تەبىئەت پەنلىرى«شەكىل»نى پۈتۈنلەي ئۆز تەتقىقات دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتتى دېيىشكە بولمايدۇ.ئاتوم، مالىكۇلا مودېللىرى، DINA ، ھۆجەيرە تۈزۈلۈش مودىللىرى (ياكى رىئاللىغى)بۇلارنىڭ رۇشەن دەلىلى.
شەكىلدىن مۇستەسنا ھازىرقى زامان تەجرىبە پەنلىرىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى«شەكىل»سىز رىئاللىقىنى تەجىرىبىخانىدا كۈزەتكىلى بولمايدۇ، شەكىل-ماددىنىڭ كونكىرىتلىغى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددا ياكى جىسىمنى بايقىمىدى ۋە مەڭگۈ بايقىيالمايدۇ.
导读关键词丁肇中 费米
美国弗米实验室物理学家发现项夸克
公元1994年4月26日
مانا بۇلار شەكىل نەزەرىيىسدىكى
«فىزىكىلىق شەكىل» (بارلىق تەبى شەكىللەر) ئۇقۇمىنىڭ ئاساسلىرى،كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئىپتىدائىي ئۇقۇمى «فىزىكىلىق شەكىل (جۈملدىن بارلىق تەبىئىي شەكىللەر)» تەجىرىبە ۋە كۇزۈتۈش نەتىجىلىرى ئۈستىگە، ماددىنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئومۇمىي رىئاللىغى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ نەزەرىيىنى تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش ئاساسىي يوق دېيىشىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرى، تەكشۈرۈپ كۆرمەي، بۇ نەزەرىيىنى چۈشەنمەي، چوڭقۇرراق تەپەككۇر يۈرگۈزمەي تۇرۇپلا ئالدىراپ چىقىرىۋەتكەن سۈبىكتىپ ھۆكۈملەردىن ئىبارەت.
شەكىل نەزەرىيىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇقۈم - «ھەرىكەت شەكلى»دىن ئىبارەت. ھەرىكەت شەكلى-ھەرىكەت سوبىكتى (ماددا، جىسىم ۋەھاكازا)نىڭ ماكاندا قالدۈرغان «ئىزى»، «ترايكتورىيىسى»دىن ئىبارەت.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تەجىرىبە پەنلىرى خىلمۇ-خىل ھەرىكەت شەكىللىرىدىن مۇستەسنا ھەرىكەت جەريانىنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. دېمەك، بارلىق تەجرىبە پەنلىرى جۈملىدىن فىزىكا مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان ھەرىكەتنى بايقىغىنى يوق ۋە مەڭگۈ بايقىيالمايدۇ. فىزىكىدىكى «تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت»، «بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت» قاتارلىق بارلىق ئۈقۈملار،ئېينشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسىدىكى «زامان-ماكان ئەگرىلىگى»، «يورۇقلۇقنىڭ ئىگىلىشى»، «قاينام ئىففىكتى» قاتارلىقلار شۇنداقلا«يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشى»، «دولقۇن شەكىلدە تارقىلىشى» ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى «فىزىكىلىق شەكىل»، «ھەرىكەت شەكلى» ئۈقۈملىرىنىڭ ئوبىكتىپ ئاساسلىرىدۇر. بۇنداق مىساللارنى ناھايتى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىنسانىيەت شەكىلگە ئىگە بولمىغان ھەرىكەت سوبىكتى (ماددا، جىسىم ۋەھاكازالار)نى بايقىمىغان ۋە مەڭگۈبايقىيالمايدىغان بولۇپلا قالماي، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان ھەرىكەت جەريانىنى ھازىرغىچە بايقىغىنى يوق ۋە مەڭگۈ بايقىيالمايدۇ. دېمەك، شەكىل ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۈنكرىتلىغىدىن ئىبارەت.
تەجرىبە پەنلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا شەكىل ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ مەخسۇس ئۈقۈم قىلىپ تۈرغۈزۈلۈپ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنمىدى. شەكىل مەخسۇس ئۈقۈم سۈپىتىدە تەجىرىبە پەنلىرىگە، جۈملىدىن فىزىكىغا ئىلىپ كىرىلسە تەبىئەت دۇنياسىنى چۈشەندۈرۈشتە، ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرى ۋە فىزىكا نەزەرىيىلىرىدىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا ۋە نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئادىيلاشتۈرۈشتا مۇھىم رۇل ئوينايدۇ. شەكىلنى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ تەبىئەت دۇنياسىنى تولۇق بىلگىلى ۋە مۇكەممەل تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ –مانا بۇلار شەكىل نەزەرىيىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن سەۋەبلەر.
2
ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەرىيىلىرى ۋە ئالەمشۇناسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتلەرنى، كەمتۈكلۇكلەرنى بىرمۇ-بىر بايان قىلىپ تۇگۇتۇش ئۈچۈن بىرقانچە توم كىتابلارنى يىزىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە تېما ئىھتىياجىدىن تۈپەيلى بىر قانچە نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كۇپايە.
1. نيوتۇن،ئېينىشتېيىن ۋە كىۋانت نەزەرىيىسىنىڭ زامان-ماكان كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا كىلىشتۇرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتلەر بار. نيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى ھەققىدىكى مەۋقەلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسى گويا ئۈچ ئىمپىراتۇرنىڭ فىزىكا دۇنياسىنى رايۇنلار بويىچە بۆلۈپ ئىدارە قىلىشىغا ئوخشايدۇ. گۈيا بۇ ئىمپىراتۇرلار ئۆزلىرىگە تەسەللىي بىرىپ نيوتۇن مىخاينىكىسى تۆۋەن تىزلىكتىكى دۇنياغا ماس كىلىدۇ، نىسبىلىك نەزەرىيىسى يۇقۇرى تىزلىككە، كىۋانت مىخاينىكىسى مىكرۇ دۇنياغا ماس كىلىدۇ دىيىشىپ مۇرەسسە-مادارا بىلەن جاھاننى سوراشماسلىق بولۇشقاندەك تۇرىدۇ.ھالبۇكى، بۇ «ئىمپىراتۇر»لار بىر كۈنمۇ قورساق ئۇرۇشىدىن خالى بولغان ئەمەس. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئەسلىدىلا بىر پۈتۈن بولغان تەبىئەت دۇنياسىنى زامان-ماكان نوقتىسىدىن ئۈچ پارچىگە بۆلىۋىتىشتىن ئىبارەت.
مىسال:
1- نيوتۇن ماكانى: مۇتلەق، ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تۈز،، ئۈزلۈكسىز.چەكسز، غەيرى ماددى، ئۈچ ئۆلچەملىك.
2- ئېينىشتېيىن زامان-ماكانى: زامان –ماكان بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، نىسبى،ئەگرى،ئۈزلۈكسىز...چەكلىك، ماكانى ماددى، تۇت ئۆلچەملىك.
3- كىۋانت نەزەرىيىسى زامان-ماكانى: ئۈزۈلمىلىك (كىۋانتلىق)ۋەھاكازا.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقۇردىكى ئۈچ خىل زامان-ماكان ۋارىيانتى ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەرىيىلىرىدىكى ئىچكى زىدىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرنىڭ بىرى.
بىر نيوتۇن مىخانىكىسى ئۆتىدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپقا كىرىپ سىتودىنتلارغا 1-ئىدىيىنى سىڭدۈرىدۇ.
ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى كىرىپ 2-ئىدىيىنى سىڭدۈرىدۇ،
كىۋانت نەزەرىيىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى كىرىپ 3-ئىدىيىنى تەشۋىق قېلىدۇ.
بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك، كومىدىيىلىك مەنزىرە،گويا تەبىئەت دۇنياسى نيوتۇن دەۋرىدە 1-خىل رىئاللىقنى ئىپادىلىگەن، ئېينىشتېيىن تۇغۇلغاندىن كېيىن «سىنىڭ نەسىۋەڭ بولسۇن» دەپ 2-خىل رىئاللىقنى ئىپادىلىگەن.پىلانىك قاتارلىقلار تۇغۇلغاندا «سىلەرنىڭمۇ ئۆزەڭلارغا چۇشلۇق رىسقىڭلار بار»دەپ3-خىل رىئاللىقنى كۆرسىتىپ قويغان.
بىر ئەسىردىن بىرى نەزەرىيە فىزىكىچىلىرى زىدىيەتسىز، بىرلىككە كەلگەن بىر نەزەرىيىنى تىكلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ كەلدى. پۈتكۈل فىزىكا دۇنياسىدىكى فىزىكلار ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەرىيىلىرىنىڭ زىدىيەتكە پاتقانلىقىنى بارغانچە رۇشەن ھېس قىلماقتا.
فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زامان-ماكان ئۈقۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
3
«فىزىكىلىق شەكىل»ئۈقۈمى كىرگۈزۈلسە نۆۋەتتىكى فىزىكىغا قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بىرىدۇ؟
شەكىل بىلەن ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدىكى1-ئاكسىئوما ئارقىلىق بىر مەنبەلىك ئېينىشتېيىن ئالىمىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە كىۋانت مىخانىكىسى، نىيوتۇن مىخانىكىسى بىلەن بولغان ماكان نوقتىسىدىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ.
بۇ ھەقتە مېنىڭ؛
«ئوبېكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەس، زامان سوبېكتىپ قۇرال» دېگەن بۇ ئىدىيە شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پرىنسىپال مەۋقەسى.
مەن زاماننىڭ سۇبېكتىپ كاتىگورىيە ئىكەنلىگى، ئۇنىڭ ئوبېكتىپ ئەمەلىي رىئاللىق ئەمەسلىگىنى مەلۇم مەنىدە «شەكىل»نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان. «فىزىكىلىق شەكىل» پەقەت ماددىغىلا خاس خۇسۇسىيەت، مەيلى تارىخى نوقتىدىن ئېيتايلى ۋە مەيلى ھازىرقى زامان پەنلىرى نوقتىسىدىن ئېيتايلى «زامان»ھەرگىز «ماددا»ئەمەس. زاماننى شەكىلگە ئىگە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قىلچە تەجىرىبە ئاساسىي بولمايلا قالماي، ئەقەللىي لوگىكىلىق ئاساسقىمۇ ئىگە ئەمەس. لېكىن، ئېينىشتېيىندىن تارتىپ خاۋكىڭغىچە «زامان ئەگرى» ۋەھاكازادېگەندەك تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. «زامان»نى مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە رىئاللىق دەپ تەسۋىرلەش ئۇنى «ماددا-ماسسا -ئىنېرگىيە»دېگەنلىككە باراۋەر.
«زامان سۇبېكتىپ كاتىگورىيە، ئوبېكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەس» دېگەن بۇ خىل ئىدىيىنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئەۋزەللىكلىرى:
كىراك كالىندىر ئۆزىنىڭ «
زامان تۇيغۇمۇ؟»ناملىق ماقالىسىدە ئېينىشتېيىن 1915-يىلىلا«ئوبىكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كومىدىيىلىك يىرى شۇكى، ئېينىشتېيىن زاماننى سۇبېكتىپ دەپ قاراپ تۇرۇپ،يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنى بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا كىرگۈزىۋالىدۇ؟،نېمە ئۈچۈن ئۇنى «ئەگرى»دەپ تەسۋىرلەيدۇ؟، بۇنداق قىلىنسا ئېينىشتېيىننىڭ ئىدىيىسىدىكى «ئەگرىلىك» ئوبېكتىپ دۇنياغا مەجبۇرى تىڭىلغان بولۇپ قالمامدۇ؟!
«زامان سوبىكتىپ كاتىگورىيە، ئوبىكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەس»دېگەن بۇ ئىدىيە، شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزىگىلا خاس ئۇقۇممۇ ئەمەس،ئۇ ئىدىيە تارىخىدىكى شۇنداق ئىدىيلەرنىڭ مەنتىقى راۋاجى، خالاس!
تەجىرىبە پەنلىرى ھېچقاچان «زامان»نى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزگىنى يوق. زامان –دەۋرى ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا سەزگۈ.لېكىن، زۆرۈرى ئۈقۈم –مانا بۇ، شەكىل نەزەرىيىسنىڭ «زامان»غا تۇتىدىغان تەۋرەنمەس پۇزىتىسىيىسى.
شەكىل ھەجىمگە يىغىنچاقلىنىدۇ، يەنى مۇئەييەن شەكىل مۇئەييەن ھەجىمگە ئىگە. ماددىنى شەكىل نوقتىسىدىن تەتقىق قېلىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەجىم نوقتىسىدىن تەتقىق قېلىش دىمەكتۈر. ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددا مەۋجۈت ئەمەس. ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنېرگىيە تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە-مانابۇ شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مەۋقەسى ۋە نەتىجىسى.
مۇتلەق ھەجىم ئالەمدىكى بارلىق ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە-«ئېن»لارنىڭ ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى.
يۇقۇرقى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق شەكىل نەزەرىيىسى «ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە، ھەتتا غەيرى نوقتىدىمۇ ئۈنۈملۈك دېگەن» يەكۈنگە ئىرىشىدۇ. بۇ خىل يەكۈن ئەلبەتتە پۈتكۈل تەجىرىبە فىزىكىسنىڭ روھى ۋە نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن.
مەن «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىنى مەنبە قىلغان بىر قاتار ئۇقۇملار سىستېمىسىدىن ئالدى بىلەن«مۇتلەق ھەجىم» ۋە «ئېن»ئىدىيىلىرىنى ئاندىن «ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ»دېگەن يەكۈننى ۋە29-تېئۇرمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردىم. ئەگەر شەكىل ۋە مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇملىرى تۇرغۇزۇلمىغان بولسا 29-تېئۇرمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالماس ئىدىم، (ئەلبەتتە بۇ تېئۇرمىنىڭ تەجىرىبىسى سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى كېرەك.) شۇنداقلا شەكىل ئۇقۇمى تۇرغۇزۇلمىغان بولسا ئالەمنىڭ ئىككى مەنبەلىك ئىكەنلىگىگە (ماددا ۋە نىيوتۇنچە ماكان-يوقلۇق)ھۆكۈم قىلالماس ئىدىم. 29-تېئۇرمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى نۆۋەتتىكى فىزىكا نەزەرىيىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەسىلە بارلىغىنى، بۇ نەزەرىيىلەر چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگەن بەزى مەسىلىلەرنى شەكىل نەزەرىيىسى نوقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. 29-تېئۇرما تەجىرىبىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ھازىرقى زامان فىزىكىسى، ئالەمشۇناسلىقى قاتارلىق پەنلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ تۆۋەندىكى ماقالىلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ:
قەدىمكى يونانلىقلارنىڭ «ئاتوم»ئىدىيىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (ئېن) مەۋجۈت دەپ قاراش ئارقىلىقمۇ مۇتلەق ھەجىمگە ئىرىشكىلى بولاتتى. لېكىن، يەنە ھامان «شەكىل» ئۇقۇمىنى شەرىت قىلاتتى. چۈنكى، ئېلمنتار زەررىچە تولىمۇ كونكىرىت رىئاللىق بولۇپ ئۇنى مۇتلەق ھەجىمگە ئىگە دېيىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كونكرىت شەكلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كىلەتتى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ: ئادەتتە كۆپ ھاللاردا ھەجىم نىسبى تۇراقلىق بولىدۇ، لېكىن، شەكىلنىڭ كونكىرىتلىقلىرى كۆپ خىل بولىدۇ.مەسىلەن: بىر سانتېمىتېر كۈپ تۆمۈرنىڭ ھەجىمى مەيلى ئۇنى بىز قەلەيگە ئايلاندۈرايلى، سىلىندىرغا ئايلاندۈرايلى ياكى دىسكىغا ئايلاندۈرايلى نىسبى مەنىدە تۇراقلىق بولىدۇ. لېكىن، شەكىللىرى تۇراقلىق بولۇشى ناتايىن.
4
كونكىرىت ماددى شەكىللەرنىڭ زادى ماددىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەن بۇ سۇئال، تارىخى نوقتىدىن قارىغاندا يىپ-يېڭى سۇئالدەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا ھە دېگەندىلا بۇسۇئالغا بىرىلىدىغان جاۋابلار بەكمۇ ساددا ۋە قانائەتلىنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن.لېكىن، جاۋابلارنى تەدرىجى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
شەكىل نەزەرىيىسىدە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە باسقان ئەمەلىي مۇساپىسىنى (ھەرىكەت مىقدارىنى) ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مەسىلەن: فوتۇننىڭ ھەرىكەت شەكلى زادى قانداق؟ ئۇ تۈز سىزىق بويىچە ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى سنوس ئەگرى سىزىقى، سىلىندىر سىفىرالى، كونوس سىفىرالى بويىچە ھەرىكەت قىلامدۇ؟
دېمەك، فوتۇننىڭ ئەمەلى مۇساپىسى پەقەت ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلى ئىنىقلانغاندىلا ئاندىن ئايدىڭلىشىدۇ. قۇربانجان سەمەت، مەمەت ئابدۇللا ئۈچەيلەن ئۆزىمىزنىڭ «
ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ تەقلىدى تەسۋىرى»دېگەن ماقالىمىزدا بۇ ھەقتە دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدۇق.
قەدىمكى زامان ئوۋچىلىرى «بومراڭ»دەيدىغان ئاددى بىر قورال ئارقىلىق ئوۋچىلىق قىلار ئىكەن، بۇ قورالنىڭ شەكلى ھىلال ئايغا ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ، تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتساق ھارۋىغا قىتىلىدىغان ئۆكۈزلەرنىڭ دوقىسىغا ئوخشايدۇ. بومراڭ ئېيتىلغاندىن كېيىن نىشانغا تەگسە نىشان بىلەن بىر يەرگە چۈشىدىكەن، نىشانغا تەگمىسە ئايلىنىپ ئوۋچىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىدىكەن،ماھىر ئوۋچىلار قايتىپ كەلگەن بومراڭنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتىۋىلىپ ئۆزىنى يارلاندۈرمايدىكەن، ماھىر ئەمەسلىرىگە بومراڭ تىگىپ يارىلاندۈردىكەن. سىز سىلىندىر شەكىللىك ياكى كۇپ شەكىللىك «بومراڭ» ياساپ كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت شەكلى ئالدىنقىسىغا ئوخشاش بولامدۇ؟.
سىز كۈپ شەكىللىك، سىلىندىر شەكىللىك، يىغىپ ئېيتقاندا خىلمۇ –خىل شەكىللىك مىلتىق ياكى زەمبىرەك ئوقلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، نىشانغا ئوخشاش تىگەمدۇ؟،
سىز سۈنئىي ھەمراھلارنى مۇمكىن بولغان بارلىق شەكىللەردە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ تىرايىكتورىيىسى يەنە ئوپمۇ-ئوخشاش بولامدۇ؟.
ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان.
ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىن سوتتون ([Christine Sutton) «بىز زەررىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىنى بولسا ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ»دېگەن.
كۈچ تەسىرى (مەيدان) بولمىغان ئەھۋالدا زەررىچە ۋە جىسىملار مۇتلەق تۈز ھەرىكەت قېلىدۇ دېيىشنىڭ قانداق تەجىرىبىۋى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسىي بار؟
تۈز، تەكشى نىيوتۇن ماكانى مەۋجۈت دەپ قارىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرىكەت «تۈز»بولىدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟
سىز يەنە يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي بوشلۇقتا يۈز بەردى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ....
سىز يەنە مۇتلەق كۆپ ئاسمان جىسىملىرىنى تۇرغۇن يولتۇز ۋە پىلانتلارنى شار شەكىلدىلا ئەمەس ھەرخىل شەكىللەردە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت شەكلى جەزمەن ھازىرقىسىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولامدۇ؟.
ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش- شەكىل نەزەرىيىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا بىرخىل ھەرىكەت شەكلى، سىز بارلىق پىلانتلارنى ئۆز ئوقىدا ئايلانمىدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ئوربىتىسى ۋە ئورنى ھازىرقىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولامدۇ؟....
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،شەكىل تېخنولوگىيەدە بەكمۇ مۇھىم چۈشەنچە.
5
مېنىڭچە
فىزىكا نوقول «ماددىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى»نىلا تەتقىق قىلىدۇ ياكى قېلىشى كېرەك دېيىلسە بۇ فىزىكىنىڭ نۆۋەتتىكى رىئاللىغىغا ئانچە ئويغۇن بولمايدۇ. بۇ تەشەببۇسنىڭ بىر قانچە ئاساسلىرى بار، ئۇلار:
1. ماددا تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش تارىخى يونانلىقلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. يونانلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان «ئاتوم» (قايتا پارچىلانمايدىغان ئېلمنتار زەررىچە)نى ئىزدەش ھازىرغىچە ئاياقلاشقىنى يوق. شەكىل نەزەرىيىسىدە بۇ خىل زەررىچەگە «ئېن» دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئەسكەرتېش زۆرۈركى دالتون، تومسونلاردىن باشلاپ ھازىرقى فىزىكلار ئاتوم دەۋالغان نەرسە يونانلىقلار كۆزدە تۇتقان «ئاتوم»ئەمەس. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ «ئاتوم»ى، تۈزۈلۈشكە ئىگە.
2. ھازىر تېخىمۇ ئېلمىنتارراق بولغان زەررىچىلەر ئۈستىدە ئىزدىلىنمەكتە، «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دېگەندەك فىزىكا تارماقلىرى ئاتوم ۋە زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشلىرىنى تەتقىق قىلمىدى دىيەلمەيمىز. ئاتوم يادرۇسى، ئاتومنىڭ ئېلىكتېرۇن قەۋەتلىرى قاتارلىقلار ...تۈزۈلۈش مەسىللىرىدىن ئىبارەت. نەزەرىيىۋى مودېل بولغان كىۋارك ئۆزىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زەررىچىلەرنى تۈزۈش جەريانلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ نوقتا تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ. تېخىمۇ مىكرۇ بولغان ئىزدىنىشلەر ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە (شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «ئېن»)گە بىرىپ توختايدۇ.
3. مېنىڭ نەزەرىمدە «فىزىكا»بىرتوپلام ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىگە فىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئۇقۇملار يېڭىدىن كىرگۈزۈلىدۇ ياكى فىزىكا يېڭى ئۇقۇملارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ جەرياندا بەزى ئۇقۇملار چۇشۇپمۇ قالىدۇ. نىيوتۇن «ئاتوم فىزىكىسى»، «زەررىچىلەر فىزىكىسى» دەۋرىنى كۆرەلمىگەن ئىدى. «فىزىكا»نىڭ بۇ خىل ھالىتى تاكى فىزىكا بىرلىككە كىلىپ يېڭى مەسىلىلەر كىلىپ چىقمىغىچە داۋاملىشىدۇ.
فىزىكىنىڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاتلىمى بار.
1. ئۇقۇم، ئىدىيە قاتلىمى،-پەلسەپە ۋە لوگىكا باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.
2. ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش باسقۇچى-نەزەرىيە باسقۇچى.
3. تەجىرىبە، كۈزۈتۈش -دەلىللەش باسقۇچى.
بەزىدە بۇ باسقۇچلارنىڭ ئورنى ئالمىشىدۇ، يېڭى كۈزۈتۈش- تەجىرىبە نەتىجىسى، يېڭى ئۇقۇم- ئىدىيىنى يارتىشى ۋە يېڭى نەزەرىيىنى تەلەپ قېلىشى-كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى نىسبىلىك نەزەرىيىسى بىلەن كىۋانت مىخاينىكىسىنى، ئارخىمىد مونچىغا چۇشكەندىن كېيىن، لەيلىتىش قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئۈچ باسقۇچنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ. فىزىكىلىق ئۇقۇم، فىزىكىلىق ئىدىيە سىستېمىسى بولمىغان «فىزىكا» مەۋجۈت ئەمەس. نەزەرىيە فىزىكىچىلىرىنىڭ يىتىدىغان مەقسىتىمۇ زىدىيەتسىز ئۇقۇم، ئىدىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۈپ چىقىش. بىر نەزەرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەجىرىبە ۋە ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار پەقەت ۋاستىدىن ئىبارەت. بىر تەجىرىبە فىزىكچىسىنىڭ نەتىجىسى ياكى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش ياكى يېڭى بىر تەجىرىبە نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، بۇ مەسىلىنى نەزەرىيە ئارقىلىق شەرھىلەشكە تاشلاش، يېڭى نەزەرىيە بولسا ھامان يېڭى ئىدىيەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئېينىشتېيىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلار «فىزىكا»مەسىلسىدە ئىدىيىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ «مەن خۇدانىڭ ئالەمنى يارتىشتىكى ئىدىيىسىنى بىلىپ باقسام دەيمەن، قالغانلىرى پەقەت تەپسىلات مەسىلىسىدۇر»دېگەن سۆزىدىن بۇ مەسىلىنى ئېنىق كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى؛ تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈش فىزىكىنىڭ مەقسىتى ئەمەس، پەقەت ۋاستىسى. ئۇ بىزنىڭ «فىزىكىلىق ئالەم» ئۈستىدىكى بىلىشلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىغىنى دەلىللەش رولىنى ئوينايدۇ ياكى بۇ خىل بىلىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،خالاس.ئەڭ ئالى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت «بىلىش»تىن ئىبارەت، «بىلىش»بولسا ئۇقۇم، ئىدىيە، نەزەرىيە، پەلسەپەلەرنىڭ ئۆزىدۇر. توغرا بىلىش ۋەياكى بىر قەدەر توغرا بىلىش شەكىللەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنى تېخنىكىغا تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.
نوقۇل «تەجىرىبە»نى تەكىتلەش- ۋاستىنى مەقسەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە نەزەرىيەنى پەقەت تەجىرىبىگە ئەگىشىپلا ماڭىدىغان كۈنگە قويىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بۇ ھالدا ئوخشاش بىر تەجىرىبە نەتىجىسىگە نىسبەتەن خىلمۇ-خىل چۈشەندۈرۈشلەر مەيدانغا كىلىپ، بىرسى «قىرقىپتۇ» دېسە يەنە بىرسى «تاقلاپتۇ» دەيدىغان مەنزىرە شەكىللىنىپ، فىزىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەجىرىبە ۋە كۈزۈتۈشنىڭ رولى تولىمۇ مۇھىم، لېكىن ھەرقانداق ئىدىيە (پەرەز)جەزمەن تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك دېيىلسە بۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق تەجىرىبىچى «چوڭ پارتىلاش»، «غەيرى نوقتا» ۋەھاكازالارنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. تەجىرىبە پەنلىرى دەرەخنىڭ غول-يوپۇرماقلىرىنى كۈزۈتۈپ -تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دەرەخنىڭ ئۆزى تېخى كۆرەلمىگەن يىلتىزلىرىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل» بىر يېڭى ئۇقۇم، بۇ ئۇقۇمنىڭ فىزىكا دۇنياسىدىن ياشاش ۋە راۋاجلىنىش ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى پۇتكۈل فىزىكا تارىخىنىڭ ئەنئەنە-ئۇدۇملىرى نوقتىسىدىن قارىغاندا بەكمۇ نورمال ئىش، «شەكىل فىزىكىسى» ياكى «شەكىل ئالەمشۇناسلىقى»(ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتىنى شەكىل نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر)نىڭ مەيدانغا كىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ئۇنى قوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ «فىزىكا»غا بولغان چۈشەنچىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىدىكى زىيالىلارنىڭ چۇشەنچىلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىلىم دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ دېيىشكە بولمىسا كېرەك. بىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا «شەكىل نەزەرىيىسى»نى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىلىم دۇنياسىغا بۇ ئۇچۇرنى تىزرەك يەتكۈزەيلى، شەكىل نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە «سەت ئۆردەك چۇجىسى»نىڭ تەقدىرىگە يولۇقىۋاتقان بولسا، كېيىنچە ئازراق بولسىمۇ ئىتىۋارغا ئىرىشىپ قالامدۇ تېخى؟!، كىلەچەككە كىسىپ ھۆكۈم چىقارماق قېيىن.
6
ئەسكەرتىش زۆرۈركى؛ «فىزىكىلىق شەكىل» ئاتالغۇسى
خەنزۇچە،
ئىنگىلىزچە مەنبەلەردە خىلى كۆپ ئۇچرايدىكەن، پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ بىر يوچۇن ئاتالغۇ (يېڭى ئاتالغۇ) بولسا كېرەك. ھالبۇكى، مەن باشقا مەنبەلەردىن «فىزىكىلىق شەكىل»گە بىرىلگەن ئېنقلىمىنى ئۇچراتمىدىم، بۇ ھالدا شەكىل نەزەرىيىسىدىكى «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايمەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى؛ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى (توغرىراغىنى ئېيتساق ئۇقۇمنى) قوبۇل قىلىش قىلماسلىغى نېمىلەردىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. مەن تىرىشچان ئەپەندىنىڭ «
مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى شەكىلگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى» ناملىق يازمىسىنى بىركۆرۈپ چىقىشنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.
تەبىئەت پەنلىرىدە يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇلارنى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىشنىلا بىلىپ، ئۆزلىرى بىرەر يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا قويالماسلىق مېنىڭچە بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەكمۇ پاسسىپ ھالەت.
بۇ يازما يەنە تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.
2011.10.9
过去五十年中,丁肇中做过五六个实验,开始都受到了反对,包括AMS实验。他说,物理学的进步,就是推翻所有人已知的东西而发展的
Nothing From Wikipedia, the free encyclopedia
天体的形状和自转理论
目录:形状和结构 视频: 形状与结构 http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6306&extra=page%3D1