ۋاپاسىز دىمە
بۇرۇنقىدەك ئۆتەلمىدۇق مەندىن رەنجىمە ،
ھېجىرانلارنىڭ ئازابىنى مېنىڭدىن كۆرمە .
سېنىڭ ئۈچۈن ئاتىغان ئىدىم چىن سۆيگۈمنى ،
ئۆزگىلەرگە كۆڭۈل بېرىپ مېنى سۆي دىمە .
يۈرۈپتىمەن بىلمەي سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ،
ساختا ئىكەن ئەمدى بىلسەم ماڭا كۆيگىنىڭ .
سۆزۈڭگە ئالدىنىپ يۈرگەن ئىكەنمەن ،
قانداق قىلاي يالغانكەن مېنى سۆيگىنىڭ .
دىلىم يارا بولدى ئالداپسەن مېنى ،
تاشلاپ كېتىپ مېنى يەنە ۋىجدانسىز دىمە .
پاك سۆيگۈمنى بېرەلمەيمەن ئەمدى مەن ساڭا ،
ئۇنتۇپ كېتەي سېنى مەڭگۈ ۋاپاسىز دىمە .
ئاپتورى:ئەنىۋەر ئەمەت(شائىر) 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى