باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 607 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6682
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 770 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:39

ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن
 << مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>> ئارقا كۆرۈنۈشى: ئامىرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى-1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى توماس جىففىرسون تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ، دەسلەپتە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئون ئۈچ شىتاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىمزا قويغان شىمالى ئامرىكىدىكى ئون ئۈچ شىتاتنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھۆججەت بولۇپ،ئامىرىكا ۋە دۇنيا سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 18-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللرىدا شىمالى ئامرىكىدىكى مۇستەملىكە رايونلار بىلەن ئەنگىلىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرسىدىكى زىدىدىيەت كۈنسايىن جىددىيلەشتى.1775-يىلى لىكسىڭتۇن ۋە كانكىت شەھىرىدە شەھەردە ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ ئامىرىكا ئىنقىلاۋى ئۇرۇشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.دەسلەپتە گەرچە مەقسەت پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش بولمىسمۇ ،بىراق توماس پىيئىننىڭ <<ئومۇمى چۈشەنچە >>ناملىق كىتابچىسى كىشلەرگە پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشلا بىردىنبىر ئاقىدىغان چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. 1776-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرۇلتىيدا ۋىرگىنىيە شىتاتىدىن كەلگەن رىچارد ھىنرى لىر مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى،:<<بىز مۇستەملىكە رايونىدىكى ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى،بارلىق مۇستەملىكە جايلار ئسمى-جسمىغا لايىق يوسۇندا ئەركىن ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولىدۇ،ئەنگىلىيە بىلەن بولغان بارلىق بىقىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ، بىرىتانىيە پادىشاھلىقى بىلەن بولغان بارلىق سىياسى مۇناسىۋىتى تەلتۆكۈس بىكار قىلىنىدۇ>>  6-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلتاي <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>نى يىزىپ چىقىش ھەيئىتى بەلگىلەپ چىقتى. خىتابنامىنى ئاساسلىقى توماس جىففىرسون يېزىپ تەييارلىدى.7-ئاينىڭ 4-كۈنى <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ،13شىتاتلىق پالاتا ئەزالىرىنڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ; بۇ ئون ئۈچ شىتات بولسا يىڭى ھامپىشىر،ماسساچۇستىس،رودىن ئارىلى،كونناكتىكۇت،نيۇ-يورك،يىڭى جىرسى،پىنسىلۋانىيە،دىلاۋەير،مارىلاند،ۋىرگىنىيە،شىمالى كارولىنا،جەنۇبى كارولىنا،جورجىيە قاتارلىق شىتاتلار ئىدى. ,6"خىتابنامە يېزىپ چىقىش ھەيئەتلىرى -ماسساچۇستىس شىتاتىدىن جون ئادامىش،پىنسىلۋانىيە شىتاتىدىن بىنجامىن فىرانڭكىلىن،ۋىرگىنىيە شىتاتىدىن توماس جىففىرسون ،نىيۇ-يورك شىتاتىدىن روبىرت لىۋنستون ۋە كوننەكتىكۇت شىتاتىدىن روج شىرمان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى.خىتابنامىنڭ كۆپ قسمىنى جىففىرسون تەييارلىدى،خىتابنامە قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىشتىن ئاۋۋال جىنايى ئىشلار سوتىدا قايتا يېزىلدى.ئېلىۋىتىلگەن بىر بۆلەك قۇللۇق تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. توماس جىففىرسون ،بنجامىن فىرانكلىن تەييارلىغان خىتابنامە قىسمەن تۈزىتىلىپ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغاندىن كېيىن زور تەسىر قوزغىدى.توماس جىففىرسون مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى <<دۇنياغا قىلىنغان خىتابنامە>>دەپ ئاتىغان ئىدى.1776-يىلىدىن بۇيان مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىكى پىرىنسىپلار ئامرىكا ۋە دۇنيادىكى ئسلاھاتچىلارنىڭ مۇھىم مۇراجىئەت مەنبەسى بولۇپ قالدى.قانداق مەقسەتتە دىيىلسۇن ،ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ياكى ئاياللار ھوقۇقى ،قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسدە ئاممىغا <<ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشدىنلا باراۋەر>>دىگەننى ئەسكەرتىپ ماڭىدۇ.مەيلى نەدىلا بولسۇن،كىشلەر مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى ئىلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە ھامان جىففىرسون ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن<< ھۆكۈمەتنڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كىرەك >>دىگەن سۆزىنى ئىشلىتىدۇ .خىتابنامە ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،بىرىنچى بۆلەك مەزمۇنى سىياسى پەلسەپە،دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پەلسەپسنى ،ئككىنچى بۆلەك ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 3 نىڭ ئامىرىكىنڭ ئەركىنلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ناھەق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدىغان مىسال پاكىتلارنى،ئۈچىنچى بۆلەك مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئىلان قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈن قىلغان قەسەمنى مەزمۇن قىلىدۇ. مەزمۇنى: ئىنسانىيەت ئىشلىرىنڭ تەرەققىيات جەريانىدا،بىر مىللەت ئۆزىنىڭ يەنە بىر مىللەت بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ،ئۇلارغا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى بەرگەن مۇستەقىل ۋە باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر بولغاندا،ئىنسانىيەتتىكى جامائەت پىكىريۆنىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياشاش غايىسنى دۇنياغا جاكارلىشى كىرەك. بىز تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئشىنىمىزكى،ھەممە ئادەم تۇغۇلىشدىنلا باراۋەر يارىتىلغاندۇر،ھەممە ئادەم ياراتقۇچسى تەرىپىدىن ھىچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش ،ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئىزلەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىلگەندۇر.بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،ھۆكۈمەتلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ،بۇ ھۆكۈمەتنڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كىرەك . ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ھامان كىشلەرنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش،ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخىت-سائادىتىنى بەكرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن بولغان يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە بۇ پىرىنسىپلارنى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش،بارلىق ھوقۇقنى ئاشۇ شەكىلدە تەشكىللەش ھەققى بار. ئەستايىدىللىق شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى،قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان ھۆكۈمەتلەر ئۈنۈمسىز ۋە ۋاقىتلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆزگەرتىلمەسلىكى كىرەك،(ئۆتمۈشتىكى) بارلىق تەجىربىلەردىن ئايانكى، ئىنسانىيەت ئۆزىنۈڭ شەخسى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزى ئادەتلىنىپ كەلگەن تۈزۈملەرنى بىكار قىلىشتىن كۆرە چىداش مۇمكىن بولغان بارلىق ئازاپ-ئوقۇبەتكە چىشىنى چىشلەپ چىداپ باقىدۇ.بىراق ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن ئۇزاققا سوزۇلغان ھەددىدىن ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا باشقۇرۇش پىلانىنى ئسپاتلىغاندا خەلقنىڭ ئۇنداق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۋېتىش،شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يىڭى كاپالەت بەرپا قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى بار. مانا مۇستەملىكە رايونلار دەل مۇشۇنداق ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرىپ كەلدى.دەل مۇشۇنداق سەۋەب ئۇلارنى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت سېتىسمىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.بۈگۈنكى بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھىنڭ تارىخى -تەكرار-تەكرار ئازاپ-ئوقۇبەتكە سەۋەب بولۇش ۋە زۇلۇم-ستەم يۈرگۈزۈش بۇلۇپ كەلدىكى،ئۇ ئاشۇ شىتاتلاردا مۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىۋاستە مەقسەت قىلغان. r سۆزىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،بىز دۇنياغا تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلايمىز: ئۇ خەلقنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئەڭ زۆرۈر بولغان مەنپەئىتىگە مۇۋاپىق قانۇن-تۈزۈملەرنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى.
بىراق ئامېرىكا قارا تەنلىك كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كەلگەندە ،يۇقۇردا ئېيتىلغان خىتاپنامىگە زىت بولغان قانۇننى ،خېلى يىللارغىچە داۋام ئەتتۈرگەن..
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1343 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-09

مۇستەققىللىق خىتابنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقوق خىتابنامىسى ۋە ئامىركا  سىياسەتچىللىرىنىڭ دائىملىق  خەلىق رايىنى ئۇتۇش رىقابىتى ئىلىب بىرىش ئارقىلق ھوقوققا ئرىشىشى ،بۇخىل تۇزۇم ۋەئاڭ ئامىركا جەمىيتىنى شەكىللەندۇرگەن بىر پۇتۇن ئارقا كۆرىنىش ،كىشى ئەگەر بۇنى چۇشەنسە، نىمە ئۈچۇن بۇ ئاق تەنلىكلەر دۆلىتى تۇرۇپ تەنھەركەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ  نىگىر بوپقالغانلىقىنى ۋە بىر نىگىر نىڭمۇ زۇڭتۇڭ بولالايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ..،
ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىز  ئسلام ئىلىم ئزدەش روھى ئۇچۇن سزنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتۇشقا بەل باغلىسىا سىزنىڭ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا سىزنىڭ  ئتىقاد ھەركىتىڭىز چەكلىمىگە ئۇچىرغاندا سىز   مۇشۇ روھقا تەسىرلىنىدىغان بوپ قالىسىز ...،
ھۆرلۇك ،ئەركىنىك ۋە كىشىلىك ھوقوق، مىنڭچە كىم بۇخىل ئاڭغا ئسىم قويىشىدىن قەتئى نەزەر  بىز ھەممە نەرسىنى مۇسۇلمانلار ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز كىرەك.
ئەگەر مىنىڭ ئەركىنىلىك.،ھۆرلۆك ،دىمۇكراتىيە،كىشىلىك ھوقوق مەزمۇنىدىكى ئنكاسلىرىم تورداشلارنى خاپا قىلىپ قويغان بولسا كەچۇرۇم سورايمەن...  
[ بۇ يازمىنىkroran2010 2012-03-31 14:05قايتا تەھرىرل ]
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-27 13:37

بۇلارنىڭ
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى