باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1495 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: كەڭسايدىكى 40ياشلىقلار كۆرۈڭلار!
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 17:03

كەڭسايدىكى 40ياشلىقلار كۆرۈڭلار!

ئادەمنىڭ 40ياشتىن ئاشقان ۋاقتى ھاياتىدىكى مۇھىم پاسىل ھېساپلىنىدۇ،يىللار ئۇلارنى بىر ئىزدا ساقلاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ،بۇ ياشتا ئەرلەردە تۇرمۇشنى تېخمۇ سۆيىدىغان ئىتقاد پەيدا بۇلىدۇ .

ئەرلەرنىڭ 40ياشتىن ھالقىغان پەسلى تاغ چۇققىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارغايغا ئۇخشايدۇ ،ئۇلار تۇرمۇشتا ،خىزمەتتە تۈرلوك قىيىنچلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ،ئەمما كۆپ ھاللاردا ئائىلە،ئاتا-ئانا،پەرزەنىت مۇناسىۋتىدە ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان ،ئەمما تولىمۇ زىل ۋە نازۇك ئىشلار ئالدىدا بىچارە،ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۇپ قالىدۇ .قىلغىلى بۇلوپ دىگىلى بۇلمايدىغان ياكى دېگىلى بۇلوپ قىلغىلى بۇلمايدىغان ئىشلار مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىپ تۇرىدۇ،يەنى بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ياشىنىپ ،كىسەلچان بۇلوپ قالىدۇ،بالىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ياكى مەكتەپ پۈتتۈرۇپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان بۇلىدۇ ،چۇڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بۇلمىغان ،بالىنىڭ ئىشلىرىغا يۇگۇرمىسە بۇلمىغان ،ئائىلە تۇگىمننى كۈچەپ چۆرگىلەتمىسە تېخى بۇلمىغان ،خۇددى بۇرۇنقىلارنىڭ ئۇياققا سۆرىسەڭ ئات ئۆلىدۇ ،بۇياققا سۆرىسەك ھارۋۇ سۇنىدۇ دېگەندەك ئىشلار يۇز بىرىدۇ ،بۇ چاغدىكى ئىشلارنى ياكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماق تولىمۇ تەسكە توختايدۇ .

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ قەلبىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئوتلىرى ئۆچمەستىن يىلىنجاپ تۇرىدۇ ،ئولار ھاياتقا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ ،بىر ئىشلاردا قاراملىق قىلمايدۇ ،ئاسانلىقچە كۆڭلىنى يېنىكلىك بىلەن ئىزھار قىلىپ كەتمەيدۇ ،ھەممە ئىشلار تەبئىي يوسۇندا بولىدۇ.

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئائىلە،تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىشى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرشىىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنالايدۇ.ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا تىرشىدۇ.

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئۇرتاق ئالاھىدىلىكى ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ ئەسلەيدۇ،ياد ئېتىدۇ،بىراق يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ ،بۇ ياشتىكى ئۈچۈن ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇردىغنى كەسىپ.ئەگەر خىزمەت ئۇلار ئۈچۈن پول تىپىشنىڭ ۋاستىسى ياكى يەپ -ئىچىپ ،ئۇيناپ يۈرۇش بولسا ،ئۇنداقتا ئۆزلىرىنى قابىلىيەتسىزلىك تۈۋرىكىگە مىخلىغان بولوپ ،كۈنى چۈشكۈن ،ھىچقانداق نەرسىدىن خۇشاللىنالمايدىغان بىر خىل مەنسىز كەيپىيات بىلەن ئۆتىدۇ ،ئەگەر خىزمەت ئولار ئۈچۇن ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيتىنى ،ئىقتىدارىنى ھەم قىممىتىنى نامايەن قىلدىغان سەھنە بولسا ئۇ ھالدا ئولار ئۆزدىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ئۈزلىكسىز ئالغا باسسا ۋە نەتىجە ياراتسا ،كەسىپ ئولارنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ ،ئولارنىڭ پەخرلەنگۇدەك كاپىتالى بايلىقى بولىدۇ .

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئىنتايىن مەغرۇر كىلىدۇ ،ئەمما ئاجىزلىق تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس ،خىزمەتتە ،تۇرمۇشتا ئىشى كۆڭۇلدىكىدەك بۇلمىسا بىرەر كېلىشمەسلىك ياكى زەربىگە ئۇچرىسا ئاسانلا رۇھى چۇشۇپ كىتىدۇ ،مۇشۇ ياشتىدىكى ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر جەھەتلەردە پىشىپ يىېتىلىشى ،قەيسەرلىكى ،كۆڭلى يۇمشاقلىقى ۋە ئاق كۆڭۇللىكلىكى رەھمىدىللىكى بىلەن ئاياللارنى جەلىپ قىلىدۇ .

40ياشتىن ئاشقان باسقۇچ كىشى ئۆمرىدىكى ئالتۇن باسقۇچى شۇنداقلا بىسىم ئەڭ ئىغىر بولدىغان باسقۇچتۇر  ئەرلەردىكى بەش چۇڭ بوسۇغا -غېرىبلىق،ئۆچەكىشىشى،دىلى سۇنۇقلوق ،قىسىلىشى،تەشۋشلىنشى مانا مۇشۇ باسقۇچتا باشلىنىدۇ ،ئولار قاچانلا قارىسا ئالدىراش بۇلغاچقا ،قۇرداشلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە ئەسرا بۇلوپ مۇڭدىشىدىغانغا كەمدىن -كەم ۋاقىت چىقىرىدۇ ،مۇشۇ ياشتىكى ئەرلەر تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ھىسداشلىق قىلىدۇ،نام چىقارغان ئەرلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالمىسا چۈشكۈنلىشىپ كىتىدۇ،يەنە مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بەزىلەرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ ،مۇنداقچە ئىيتقاندا بۇ باسقۇچ ئەرلەر سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇلوش نۇقىتىسى،بۇ ھال بەئەينى قۇياشنىڭ چۈشتىن كىيىن غەرىبكە قىيسايغىنىغا ئۇخشايدۇ ،بۇ ياش باسقۇچىدا سەمرىشى ،قان تەركىبىدىكى ياغ مىقتارى ئۆرلەش ،قان بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىشى،دىئابېت كېىسىلى،جىگەر راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە قېرىشى،شۇنىڭىدەك ئەنسىزلىك،قايغۇرۇش،ماغدۇرسىزلىنشى،ئىشتىياقى سۇزلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ،بۇ ناسقۇچتىكى ئەرلەر مانا مۇشۇنداق نائىلاجلىق ۋە خيال ئىلكىدە ئۆتىدۇ،بۇ ياشتىكىلەرنىڭ يەنە ئېسەنگىرەپ نادامەت ۋە ھەسرەت چېكىپ يۇردىغانغا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىشى قىلدىغانغا ،ساقلاپ تۇردىغان ۋاقتى بۇلمايدۇ ،بەتخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ چاچىدىغانغا ،مەسئولىيەتنى ،نىيەت ۋە ئىرادىنى كېيىنكىلەرگە ئارتىپ قۇيدىغانغا ۋاقتى قالمايدۇ ،چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر ھاياتلىقنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىغان ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۇچقۇر ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرغان بۇلىدۇ ،ۋاقىت بىردىنبىر تۇتاشتۇرۇپ تۇرغىچى،ھاياتلىق بولسا بوشلوق ئارلىقىدىكى كىچىك بوشلوق ،يۆنىلىشى ئېنىق پەقەت ئالغا بېسىشتىن باشقا ئامال يوق،پەقەت قەيسىرانىلىك بىلەن بۇ يولنى ئاداشماستىن بېىسىپ ئۆتۇش كېرەك.

مەنبە:پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ئاپتۇرى :ئادىل غۇجالىم
[ بۇ يازمىنىkuwruk 2012-03-26 19:16قايتا تەھرىرلىدى ]
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1469
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1469دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-10

مەنمۇ كۆرۋالدىم، 39 يىلدىن كىيىن ئەسقىتىپ قىلىشى مۈمكىن     
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:09

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ قەلبىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئوتلىرى ئۆچمەستىن يىلىنجاپ تۇرىدۇ ،ئولار ھاياتقا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ ،بىر ئىشلاردا قاراملىق قىلمايدۇ ،ئاسانلىقچە كۆڭلىنى يېنىكلىك بىلەن ئىزھار قىلىپ كەتمەيدۇ ،ھەممە ئىشلار تەبئىي يوسۇندا بولىدۇ.

40ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئائىلە،تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىشى ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرشىىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنالايدۇ.ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا تىرشىدۇ.


بۇلارنى بىزمۇ  ھازىردىن باشلاپ ئۇگەنگەچ  تۇرساق بولغىدەك
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:34

ھايات يولىمىزدا مەنزىل كۆرۈنگەندەك بولدى رەخمەت سىزگە.
مۇتىئەسسىپلىك ، خۇراپىلىق ، قالاقلىق ، نادانلىق - تەڭدىشى يوق ئۇيقۇ دورىسى.
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1208
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1208دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:51

20 ياشلىقلار كۆرسە بولمايدىغان تېمىما بۇ؟  
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1577
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1577دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16443 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:56

رەخمەت ،،،ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار يولداش كۆۋرۈك ھاجى  
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-04-01
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 19:25

مۇنبەردىكى قىرىلارنىڭ دەردىنى چۇشەنگەنسىلەر ئەمدى،،شۇڭا بىزنى ئاز تىرىكتۇرۇڭلار دەردىمىز ئۇزمىزگە  يىتىپ ئاشىدۇ ..   
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 21:03

ما قېرى نىمىدەپ جۆيلىيدۇ ئەمدە...  دىققەت قىل جۇمۇ، تۈرمىگە قامايمەن بىكار  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 22:21

ھوييۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ،،،،،،،،،،،،،،،قېرىغاندا ساڭا نىمە رومانتىكا قېرى،،،،،،،،،     
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 951
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە951دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11157 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 22:29

40ياشلىق يىگىتلەر چاقچاق يۇمۇرنى باشلاڭلار.......