باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3441 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: يەل چىقسا ئېستىنجا قىلمايلا تاھارەت ئالسا دۇسۇس بولامدۇ؟
دوستلىشىش
ئابدۈللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10593
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-31
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 12:26

يەل چىقسا ئېستىنجا قىلمايلا تاھارەت ئالسا دۇسۇس بولامدۇ؟

يەل چىقسا ئىستىنجا قىلمايلا تاھارەت ئالسا دۇرۇس بولامدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: يەل چىقسا ئىستىنجا قىلمايلا تاھارەت ئالسا دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
يەل چىقسا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلغاندا سۇنغاندەكلا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ،.
زۇھرىي ئەبباد ئىبنى تەمىيمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ تاغىسى (ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلمازىنىي) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېيتىلىپ، ئۇ كىشى نامازنى توختىتامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئاۋاز ئاڭلىغانغا ياكى پۇراق پۇرىغانغا قەدەر» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى 2056-ھەدىس. مۇسلىم 361-ھەدىس)
”ئىستىنجا دېگەن فۇقاھالارنىڭ ئىستىلاھىدا: ئالدى-ئارقا ئىككى تەرەت يولىدىكى مەينەتلىك قالدۇقىنى چالما ياكى سۇ بىلەن يوقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت.“(ئۇمدەتۇل قارىي 2/287)
بۇ سەۋەبتىن ئىستىنجا دېگەن چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت سۇندۇرغاندىلا كېرەك بولىدۇ، پەقەتلا يەل چىققان بولسا نىجاسەت بولمىغاندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى.
بەلكى تېخى ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىغان ئەھۋالدا يەلدىن ئىستىنجا قىلىش بىدئەت دەپ قارالغان.(ئەلئىخنىيار 1/39)، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھاراملىقنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداق بولۇشى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش كەلمىگەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن يەل چىقىپ كەتسە، تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. قايتا تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا قىلمايلا يۈز-قوللىرىنى يۇيۇپ، ئاغزى-بۇرنىنى چايقاپ، بېشىغا مەسھى قىلىپ تاھارەت ئېلىۋەتسە يەنى ”دەستۇر“ قىلىۋەتسە بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇخلىغان ياكى يەل چىقىپ كەتكەن كىشىگە ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا بىرەر ئالىمنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىمام ئەھمەد رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتدە يەلدىن ئىستىنجا قىلىش يوق، پەقەتلا (ئىستىنجاسىز) تاھارەت ئېلىۋېتىش كېرەك“(ئەلمۇغنىي 1/100).
ئىمام مالىك رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىمۇ:“يەلدىن ئىستىنجا قىلمايدۇ، ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلسا، ئاشۇ مەينەت نەرسە چىققان جاينىڭ ئۆزىنىلا يۇيۇۋەتسۇن، كىچىك تەرەت قىلغان بولسا سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىلا، چوڭ تەرەت قىلغان بولسا مەينەتلىك چىققان ئورۇننىلا“دېگەن (ئەلمۇدەۋۋەنە 1/8).
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن:“ بارلىق ئالىملار يەلدىن، ئۇيقۇدىن، ئاياللارنى تۇتۇشتىن ۋە زەكىرىنى تۇتۇشتىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك ئەمەسلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق. شىيئەلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ئىستىنجا ۋاجىب بولىدۇ، دېگەنلىكى كەلگەن بولسىمۇ شىيئەلەرنىڭ قارشىلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. شەيخ نەسر ئىنتىخاب دېگەن كىتابىدا يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىپ قالسا بىدئەتتۇر، دېگەن. جۇرجانىي: يەلدىن ئىستىنجا قىلىش مەكروھ بولىدۇ، دېگەن“(ئەلمەجمۇئ 2/116).
ۋاجىب دەپ قارىغان شىيئەلەر زەيدىييە مەزھىبى بولۇپ، ئۇلار يەلدىن ئىستىنجا قىلىشنى ۋاجىب دەپ قارىغان(ئەلبەھرۇززەخخار 2/52). بۇ قاراشنىڭ تۈزۈك دەلىلى بولمىغاچقا، ئەھلى سۈننە ئالىملىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
يەلدىن ئىستىنجا قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىشنىڭ دەلىلى: پەقەت قۇرئان ياكى ھەدىسلا بىر نەرسىنى ۋاجىب دەپ بەلگىلەيدۇ، ئىستىنجا قىلىشنى ۋاجىب دەيدىغان بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس يوق، ئۇيقىدىن قوپقان كىشى ئۇيقۇ ئەسناسىدا يەل قويۇپ بېرىشتىن خالىي بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش ئايىتىدە ئۇنى ئىستىنجا قىلىشقا بۇيرۇمىغان.
(نامازغا تۇرماقچى بولساڭلار، يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىپ، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلارغىچە يۇيۇڭلار)(مائىدە سۈرىسى 6-ئايەت.)
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەلنىڭ پۇرىقى سېسىق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ نىجىس ماددىسى يوق. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىستىنجا قىلىش كېرەك بولىدىغان بولسا، ئۇ تەگكەن ئىشتاننىمۇ يۇيۇش كېرەك بولغان بولاتتى.
بەزىلەر بۇ مەسىلىدە: «يەلدىن ئىستىنجا قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن بىر ھەدىسنى دەلىلى قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ئىبنى ئەدىي ”ئەلكامىل“ دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىچىدە بىر نەچچە ئاجىز كىشىلەر بولغاچقا، بۇ ھەدىس ئىنتايىن ئاجىز ھەدىستۇر.
ئەگەر يەل چىققاندا يەل چىققان جاي قۇرۇق بولسا ئىستىنجا قىلىش كەتمەيدىغانلىقىدا، مەكروھ ياكى بىدئەتلىكىدە ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئىتتىپاق. ئەمما نەم بولغان تەقدىردە بەزى ئالىملار يەل چىققان جاي نەم بولسىمۇ ئىستىنجا قىلىش يا ۋاجىب يا مۇستەھەب ئەمەس دېسە، يەنە بەزىلەر يەل چىققان جاي نەم بولسا ئىستىنجا قىلىش مەكروھ بولمايدۇ، دېگەن. بۇ نەم بولغان ئەھۋالدا مۇباھلىقنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا بىنائەن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يەل چىققان جاي خېلىلا نەم ياكى ھۆل بولسا ئىستىنجا قىلىش مۇباھ دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى نەملىك بىر ئاز نىجاسەت ماددىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، بۇنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۆلچەرلىسە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسھال بولۇپ قالغان ئەھۋالدا يەل بىلەن بىللە بىرەر تامچە نىجاسەت چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغاچقا، بىرەر نەرسە سەزسە ئىستىنجا قىلىۋەتكىنى تۈزۈك.
بەزى كىشىلەر ناماز ۋاقتى بولمىغان چاغدا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلىپ ئىستىنجا قىلىدۇ. كېيىنچە ناماز ۋاقتى كىرگەندە نامازغا تاھارەت ئالماقچى بولغاندا قايتىدىن ئىستىنجا قىلىش لازىم دەپ ئويلاپ قېلىپ قايتا ئىستىنجا قىلىۋېتىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلىپ تەرەت چىققان ئورۇننى پاكىزلاپ ئىستىنجا قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەرەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغان بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا قايتا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلمىسا، ئۇ يەر مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە تاھارەت ئالماقچى بولسا قايتا ئىستىنجا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30

تاھارەت ئىلىش  سەل قىسقارتىلغاندەك  بوپتۇدەھ    بۇنى دادامغا دىسەم  مىنى چوقۇم تىللايدۇ  .   لىكىن  مەن چۇشەندۇرۇشكە  تىرىشىمەن  ئاساسى  ئىستىنجانى قىلسىمۇ  قىلمىسىمۇ  بولغىدەك   ئاللاھ   ھىكمەت بىلەن  ئىش قىلغۇچىدۇر  . كۆپ  بىلىمگە ئىگە بولغاندەك  بولۇپ قالدىم   ئاللاھ  ھەممىمىزگە  ھەقنى چۇشىنىشتە  توغرا چۇشەنچە ئاتا قىلغاي
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دەرىجە: چەكلەنگەن

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1569
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1569دانە
ئۆسۈش: 1840 %
مۇنبەر پۇلى: 17344 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 300 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-06-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:43

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3237 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:48

"ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىغان ئەھۋالدا يەلدىن ئىستىنجا قىلىش بىدئەت دەپ قارالغان.(ئەلئىخنىيار 1/39)، بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھاراملىقنى كۆرسىتىدۇ. " بۇ سۆزىنى «ھەنەفى ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى» دەپ ئېيتقان بولسا تېخىمۇ توغرىراق بولار ئىدى.
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:48

ياخشى دىيىشكە  توغرا كەلسە  ئەلۋەتتە   ئىستىنجا قىلمىغان  ياخشى     ئۇستىدىكى تىمىغا قارىغاندا   يا   مەن خاتا چۇشەندىممۇ  بىلەلمىدىم  
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2122
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2122دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 22364 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-09-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 18:52

ئىستىنجا قىلسا مەكرو ،،بىدئەت دەپتۇ ،،،،،،بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى        
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1425 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-07-31
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 19:27

ئىستىنجا دىگەن ئەمەلىيەتتە ئالدى كەينى پەشنى تازلاش خالاس ، سۇدا تازلاش مۇستەھەپ . لىكىن   بىزنىڭ دىياردىكى نۇرغۇن كىشىلە ئىستىنجا قىلىشنى  تاھارەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋالىدۇ . بۇندا قىلىش بىدئەت . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ تەقۋادار ئەمەسسىز .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 19:31

بۇ يېڭى گەپكەن ، بىلۋالساق بولغىدەك
مۇتىئەسسىپلىك ، خۇراپىلىق ، قالاقلىق ، نادانلىق - تەڭدىشى يوق ئۇيقۇ دورىسى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1425 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-07-31
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 19:31

2-قەۋەت (amanxa) نىڭ يازمىسىغا

ئىستىنجا قىغان قاندا چاغدا ياخشى دەيسىز . ئەگەر سىزنىڭ ئالدى كەينىڭىزدىن يەلدىن باشقىلا چىققان بوسا زۆرۈر بولىدۇ . بوممىسا بىدئەت بولىدۇ
دوستلىشىش
ئالدىراش
مەن پەقەت ئاللاھتىن قورققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11171
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-18
ئاخىرقى: 2012-04-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 19:47

ئەگەر يەلدە ئىستىنجا قىلىش زۆرۈر بولغان بولسا كىيمنىمۇ ئالماشتۇرمىسا بولمايتى . مەن بىر چاغدا مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق سورىسام يەلدىن سىڭسە ئىستىنجا قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمما ئىستىنقا قىلغان ئەۋزەل دىگىنىدى .
دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ .