1ـ ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمدىن ئوقۇش ئاسان بولغان مىقتاردا ئوقۇغىن، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتقىن.
2ـ ھەر كۈنىدىكى بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاختىدا ئوقۇشقا، كىچىلىرى نەپلە ناماز ئوقۇشقا، ۋە ئىككى رەكئەت بولسىمۇ زۇھا نامىزىنى نامىزى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگىن.
3ـ سىنىڭ ئۈستۈڭگە پەرز بولغان زاكاتنى ئادا قىلغىن، ھەر كۈنى ئاز بولسىمۇ سەدەقات قىلغىن، ئەگەر سەدىقە قىلغۇدەك نەرسە تاپالمىساڭ، ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ سەدىقە قىلغىن، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن.
4ـ سەن ئاللاھ تەئالا دوس تۇتىدىغان كىشىلەردىن بولۇشنى خالامسەن؟ ئەگەر خالىساڭ، سىنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھى سالامنى ئۇنىڭ ئۆي ئەھلىنى دوست تۇتقىن، ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن.
5ـ ئاللاھ تەئالاغا، ئىي پەرۋەردىگارىم! ئىي پەرۋەردىگارىم دىسە، ئاللاھ تەئالا: خۇش مۇبارەك بولسۇن ئىي بەندەم ، سورىغىن بىرىلىسەن، دەيدىغان كىشىلەردىن بولۇشنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا سىنىڭ تائامىڭنى ھارامدىن پاكىزلىغىن، دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ، ئادەملەرگە ئىنساپلىق بول، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ چىرايلىق ئەخلاق بىلەندۇر.
6ـ ئاگاھ بول، دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان، ۋە ئەمەل سەھىپىسى قىيامەت كۈنى نۇرلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەردىن بولۇشنى خالامسەن؟ ئەگەر خالىساڭ قەلبىڭنى پاكلا، ئاللاھ تەئالادىن باشقا ئىلاھ يوق، دىگەن كەلىمىنى كۆپ قىل، ئۆز گۇناھىڭغا، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيت، ئاللاھ تەئالانىڭ زىكرىدىن غاپىل قالغۇچىلاردىن بولمىغىن.
7ـ ئاگاھ بول، ھەمدە ئېتقۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى ۋە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردىن بولۇشنى خالامسەن؟ بەندە « ئەلھەمدۇ لىللاھ ( بارلىق ماختاش ئاللاھ ئۈچۈندۇر )» دىسە، ئاللاھ تەئالا بەندەم مىنى ماختىدى ۋە شۈكۈر ئېيتتى دەيدۇ، شۇڭلاشقا « بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، تىنچ ئامانلىق ئاللاھنىڭ سەرخىل تاللانغان بەندىلىرىگە بولسۇن » دىگەن كەلىمىنى كۆپ قىلغىن.
8ـ ئاللاھ تەئالاغا شۈكرى ئېيتقۇچى ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەۋلاتلىرىڭنى ئىسلاھ قىلىشىنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى شۈكرى ئايىتىنى ئوقۇغىن.
(1)« پەرۋەردىگارىم! سەن مىنى ماڭاۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نىئمىتىڭگە شۈكرى قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مىنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن.» سۈرە نەملى 19ـ ئايەت.
(2) «پەرۋەردىگارىم! سىنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نىئمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مىنىڭ ئەۋلادىمىنى تۈزىگىن ھەقىقەتەن ساڭا ( جىمى گۇناھلاردىن ) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن. » سۈرە ئەھقاف 15 - ئايەت.
9ـ مەن سىنى سىنىڭ دۇنيايىڭ ۋە دىن ئىشلىرىڭنى توپلايدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىغا كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە ئەمەل قىلغىن، « ئى مۆئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، ( يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار) ، (يالغۇز) پارۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلڭلار، ياخشى ئىشلارنى ( يەنى خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا سىلە - رەھىم قىلىش، يىتىم - يىسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كىچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى ) قىلىڭلار. » سۈرە ھەج 77ـ ئايەت.
10ـ سىنى ھەممە نەرسىنىڭ قەلبىگە باشلاپ قۇيۇشۇمنى دوست تۇتامسەن؟ ئۇنداقتا، « ئاللاھقا ئىشەندىم دىگىن ئاندىن توغرا يول ئۈستىدە بول. » دىگەن ئايەتى كەرىمدۇر.
« ۋەسايا رەسۇل » دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.