بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نامسىزمەن نىڭ 2012-03-26 12:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەي ئادەم پەرزەنتى! تەۋبىسى نوقسانلىق ،ئارزۇ-ھەۋىسى غەيرى ھەم ئۇزۇن كىشلەر جۇملىسىدىن بولما .
بەخىتنى ئەمەلسىز ئۈمىد قىلدىغانلاردىن بولما . ياخشىلارنىڭ گېپىنى سۆزلەپ ، مۇناپىقلارنىڭ ئەمەلىنى قىلغۇچىلاردىن بولما .
بەرسە قانائەت قىلمايدىغان ، بەرمىسە سەۋىر قىلمايدىغانلاردىن بولما . باشقىلارنى ياخشلىققا بۇيرۇپ ، ئۆزى ئۇنى قىلمايدىغان ، يامانلىقتىن قايتۇرۇشقا ئۈندەپ ،ئۆزى ئۇنڭىدىن قايىتمايدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولما . ياخشىلارنى ياخشى كۆرۈپ ، ئۆزى ياخشى بولمايدىغان ، مۇناپىقلارنى يامان كۆرۈپ ، ئۆزى مۇناپىق بولىدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولما . بېجىرەلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلىگۇچى ، بۇيرۇلمىغان ئىشنى بېجىرگۈچى ، ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ۋاپادار بولمايدىغان كىشلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولما .
ئەي ئادەم پەرزەتنى ! بىرەر يىڭى كۈن يوقكى ، زېمىن ساڭا ئۆزىنىڭ تىلىدا : < ئەي ، ئىنسان پۇشتى ، ھازىر ئۈستۈمدە يۈرىسەن ،كېيىن قوينۇمدا غەمگە كۆمۈلىسەن ،ھازىر ئۈستۈمدە نەپسىڭ نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى يەيسەن ، كېيىن قوينۇمدا قۇرۇتلارغا يەم بولىسەن > دېمەيدىغان ! بىرەر كۈن يوقكى ،يەر ساڭا ئۆز تىلىدا < ئەي ئىنسان پۇشتى ! مەن قورقۇنىچ ئۆيىمەن ، ئادەمسىز ئۆيمەن ، زۇلمەت ئۆيىمەن ، يىلان-چايانلار ئۆيىمەن ، بەس ، شۇنداق ئىكەن مىنى خاراپ قىلۋەرمەستىن ئاباد قىلمامسەن ؟> دېمەيدىغان !...
( ئىمام غەززالىي نەسىھەتلىرى )