شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 23-ماي «شياڭگاڭ-قەشقەر ئارىسىغا بىۋاسىتە ئىجارە ئايروپىلان سېلىش پىلانى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، 4-ئايدا شياڭگاڭدىن قەشقەرگە بارىدىغان ھاۋا قاتنىشىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن ئۇقۇشىچە، ھاۋا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، يەككە لىنىيەنىڭ مۇساپە ۋاقتى ئالتە سائەت 40 مىنۇتچە بولىدىكەن، ئايروپىلان ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق توختايدىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شياڭگاڭدىن قەشقەرگە بارىدىغان ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلىشى-قەشقەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم دېدى.
قەشقەر ۋىلايىتى پاكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بەش چېگرا ئېغىزى بار بولۇپ، بەش ئېغىز ئارقىلىق سەككىز دۆلەت بىلەن تۇتىشىش، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا-ئاسىيادىن كېسىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. قەشقەر ئايرودرومى-شىنجاڭدىكى 2-چوڭ ئايرودروم شۇنداقلا شىنجاڭدىكى 2-چوڭ ئايرودروم چېگرا ئېغىزى بولۇپ، خەلقئارالىق ئايروپىلانلار قونۇش، ئۇچۇش، ئايرودۇرۇم ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە شارائىتىنى ھازىرلىغان.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: