دەرس ئۆلچىمى ئېلىمىزدىكى مىليونلىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نېمىنى ئۆگىنىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېمىنى ئۆگىتىشى، نېمىدىن ئىمتىھان ئېلىشى، دەرسلىكلەرنى قانداق تۈزۈشى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل 9-ئايدا، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىشتۈرۈش»نى ئاساس قىلغان يېڭى دەرس ئۆلچىمى ئون يىل ئىشلىتىلگەن دەرس ئۆلچىمى تۈزىتىلمە نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ 3-، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يازىدىغان خەت سانى ئىلگىرىكى ئىككى مىڭ خەتتىن 1600 ئەتراپىغا ئازايتىلىدۇ. بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش تەلىپىگە قارىتا، ئىلگىرىكى تونۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيەسى چۈشىنىش، بىلىش سەۋىيەسىگە تەڭشىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخىمۇ تەكىتلەندى. «ئىنگلىز تىلى»نىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە تەلىپى-ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىيەلەيدىغان تۈرلۈك تىل ماھارىتىنى ئاساس قىلدى.
ماتېماتىكا دەرسىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىدە، «ماتېماتىكا ئىدىيەسى» دېگەن يېڭى مەزمۇن تۇنجى قېتىم كۆپەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇلدى.
يېڭى دەرس ئۆلچىمىگە ئالەم قاتنىشى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش، ھىدروگېن ئېنېرگىيە قىلىنغان ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭخۇا تېبابەت دورىلىرى، ھۆسنخەت، چوت قاتارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پەنلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى بۇ يىل باشلىنىدىكەن.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: