تور ئارىلاۋېتىپ بۇ تېمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئەتتىگەندە بىر كۈلىۋالغايسىلەر
----سەن قەيەردىن؟
----يەكەندىن،،
--نىمىشقا قاغىلقتىن ئەمەس؟
--نىمىدە كەلدىڭ؟
--موتىسكىلىتتا،،
--نىمىشقا ماشىندا كەلمىدىڭ؟
بىراۋ مىنى مۇشۇنداق ئەخمىقانە سۇئاللار بىلەن كولدۇرلاتتى،ئاىيقى چىقمايدىغان سۇئالكەن،جاۋاپ بىرىپ بولالماي ھىرىپ قالدىم،دەشنام ئاڭلىدىم،كۈلۈپ كەتتىم،يەنە سورىدى:
--ئەجدادىڭ كىم؟
ئۇيغۇر دىمەكچى ئىدىم،ئەمما يەنە ئەخمەق بولماي دەپ مۇنداق جاۋاپ بەردىم،
--يەھۇدى،
--ئاناڭنى سەن نىمىشقا ئۇيغۇر دىمەيسەن،ھۇ مۇناپىق،پەس،دەلتە،،،دەپ بىر مۇنچە تىل ئاڭلىدىم،چۈشەندۈرسەممۇ ئامال بولمىدى،شۇنىڭبىلەن يينپ كەلدىم،تورخانىغا چىقىپ بولغىچە پەلەمپەيدىن تيىلىپ يىقلپ چۈشسەم مىنى يۆلىمەكتە يوق،
--ئەتتىگەندە ژۈندە ئىچسە شۇنداق بولىدۇ،ھاراق ئىچكۈچە سۈيدۈك ئىچسە بولمامدۇ؟
توۋا مەس ئەمەس تۇرۇپ مەسنىڭ تىلىنى ئاڭلدىم،ئادەم دىگەن يىقلپ چۈشمەمدۇ زادى؟ئۆتكەندە بىر يىقىلپ دولام سۇنىۋىدى ھەممىسى ھاراق ئىچكەننىڭ دۆلىتى دىيشىپ مىنى مازاق قىلدى،ئەمما ئىچمىگەن ئىدىم،ئىمامنىڭ بالىسى يىقىلىپ چۈشىۋىدى يوقلاپ باردۇق،قازا كەپتۇ ،ئەلەكمۇللا دىدۇق،مانا مۇشۇنداق جاھانكەن،بىر كۈنى ئىمام مىنى توۋلدى،
--توختاخۇن ،دادڭلىدىن قالغىلى خىلى ئۇزۇن بولدى؟ئاناڭلىدىن ئەرگە تىگەمسىز دەپ سوراپ بىقڭلار،بولسا ئەرگە بىرىۋىتڭلار،بڭ پەرز ھەم قەرز،
ئىمامغا ياق دىيەلمىدىم،ئۆيگە كىرىپ ئانامغىمۇ دىيەلمىدىم،ئەمما ئىمام سۈيلەۋەردى،ئاخىرى ئانامغا ئىغىز ئاچتىم،يامان تەستە:
--ئانا ئىمام مۇنداق دىدى،ئانىڭىزنى ياتلق قىلىڭ دەپ.شۇڭا ئەرگە تىگەمسىز؟
--مىنى باقالمىغان بولساڭ ساڭا ئىسلىۋالمايمەن،خەخنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بولسىمۇ جىنمنى باقىمەن،ساڭا ئىسلىۋالغان ئوخشايمەن،،بولدى بۇ ئۆيدىن كەتسەم بولىدۇ،،،ئانام بىر مۇنچە يىغلاپ ماڭدى،مىڭ تەستە خولۇم-خوشنىلا ھە-ھۇ دىيىشپ ياندۇرۇپ كەلدۇق،ئىماممۇ مىنى يەنە ئەيىپلىدى،
--ئاناڭلىنى نىمانداق قاخشىتىسلەر،ئانا رازى خۇدا رازى،سىلى ئاشۇ مەزلۇمنى ئەمدى ئۇنداق قاقشاتماڭلار،بولمىسا جامائەتكە قاتمايمىز،،،
نىمە دەي ئەمدى،ياقامنى چىشلىدىم،
بىر كەپتەرئوغىرسىنى تۇتىۋالغان،تەربىيە قىلىپ قويۋەتمەكچى ئەمما دادىسى كىپل بوپ ئەپكەتسۇن دەپ دادىسىغا خەۋەر قىلدىم،بار گەپنى دىدم،ئەمما ئۇ ئادەم نىمە دەيدۇ دىمەمسىز،،
--بالام ئاران 7-8 كەپتەر ئالغانغا مەن كىپل بولامدى،ئاۋۇ-پالانى -پالانى قوي-كالا ئوغىرلىدى،ئۇلارغىمۇ كىپل بولغانمۇ...
بىر مۇنچە خاپا بولدى،ئادەملەر بىرەر ئىشنى قىلسا نۇمۇس قىلماقتا يوق بەلكى تەن ئالماس بوپ قاپتۇ،ئۈلۈشكۈن ئاغىنىلىرمنىڭ ھەممىسى خوتۇنىدىن يامانلاپ يوقاپ كىتپتۇ،ھەممىسنىڭ ئايالى ئالدى 19 قىتىم ئاخىرىمۇ 13 قىتىم تىلفۇن قىلىپ مەندىن ئىرىنى سۈرۈشتۈردى،ھەم تخى -دەپ قويۇڭ ،كەلمىسە تاينلق يۈتسۈن؟سىز ئاپىرىپ باقارسىز؟-دەپ ماڭا سىسق گەپ قىلدى،ئەمما ئۇلارنى شۇ كۈنى مەنمۇ كۆرمىگەن تۇرسام،تىلفۇننى ھەممىسى ئىتىۋىتپتۇ،ئاخىرى بىرنىڭ ئايالىغا غەزەپ بىلەن مۇنداق دىدىم،
--مەن قىز بالا ياكى جالاپ ئەمەس،ئىرىڭىزنى تىقىپ سالغىلى،ياكى ئىرىڭىزمۇ قىز بالا ئەمەس مەن ئەپقاچقىلى،نىمە ماڭا سسىق گەپ قلىسىز،
مەنمۇ ئاغزىمنى بىر مۇنچە بۇزۇپ تىلفۇنۇمنى ئىتىۋەتتىم،ئەتىسى باشلقتىن تىل ئاڭلىدىم،
---نىمانداق تىلفۇننى ئىتىۋەتتڭ؟سىنى ئىزلەپ سۈرۈشتۈرمىگەن يەر قالمىدى،بۇندىن كىين يەنە شۇنداق قىلساڭ ئاقۋىتڭىنى ئويلاپ قوي،ماڭ بىرىپ تەكشۈرۈشنامە ياز،
يىغلاي دىدم،نۇمۇس قىلدىم،نىمانچە كەلگۈلۈك بۇ،بوپتۇلا دىدىم،ماۋۇ كۈنى بىر ئاغىنەم ياتاق ئاپتىكەن ،بىللە 3-4مىز باردۇق،پاڭلىشىپ ئولتاردۇق،گەپ ئارىسىدا بىرى مۇنداق دىدى،
--ماۋۇ ھىلقى( دۆڭباغ ناۋاسى)دىگەن دەيدە ئۇسۇل ئوينىغان پاسكىنا مۇشۇ مىھمانخانىدا ئىكەن،ھازىر دەيگە چىققاننىڭ ما تەرىپىدە كىچلك باھاسى ئۆسۈپتۈ،800 كويغا چىقپتۇ،بۇرۇن شوپاڭدا ھاراق قۇيىدىغان ھىچكىم كۆزگە ئىلمايتتى،توۋا مۇشۇ تور ،دەي دىگەنلەر بىر ئادەمنى بى دەمدىلا چولپان قىپ قويدىكەن،ئاۋۇ يۈسۈپقەدىرمۇ ھازىر چوڭ-چوڭ باشلقنىڭلا سورۇنىغا باردىكەن،سائەتلىكىگە 500كوي ئالىدىكەن،تخى باشقا مۇكاپاتلىرى ئۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن،چۈنكى ئۇمۇ دەيگە چىققان چولپان ئەمەسمۇ؟
يەنە-نۇرغۇن گەپلەر بولۇندى،ئۇلارنى تىللاپ تۇرۇپ شۇلار بىلەن بىللە ياشايمىز،ھۆرمىتىنى قىلىمىز،ئالدىدا ھىجقىز دىگەن گەپنى چىقىرالمايمىز،ۋىجداندىن سۆزلەڭ دىسە ئەمما بىزگە گەپ كەتمەيدۇ،دەل شۇندىن كىين ئەتىسى بىر سورۇندا شۇنداق بىر غىتمەك پەيدا بوپ قالدى،مەن ئۇنىڭدىن:
---سىز قاچان مۇشۇنداق (ئاجاق-ھەجقىز) بوپ قالغان؟تۇغۇلۇشىڭىزدىنمۇ ؟ياكى كىينمۇ؟-دەپ سوراپ قاپتىمەن،
لىكىن تىل-دەشنام دىگەننى بىر دىمەڭ كۆمۈپلىۋەتتى،باشقىلار يەنى (مىنىڭ دوسلۇرۇم)بولسا مىنى ئەيىپلەپ غىتمەكنى خاپا بولماڭ دەپ ئاران بەزلىدى،ئەمما غىتمەك خاپا بوپ غىلجڭشىپ يامانلاپ چىقىپ كەتتى،ئارىدىن ھەممىسى مىنى يەنە تىللىدى،ھەم 150 كوي پۇل بىرىپ غىتمەكنى ياندۇرۇپ ئەكىردى،ئاشۇ ئاغنىلىرمنىڭ ھەممىسى ئوقۇغان بىلملك كادىر-ئىشچى-خىزمەتچى ئىدىغۇ؟جاھان تەتۈر ئەمەسكەن،ئەمما بىز تەتۈر قىپ قويىدىكەنمىز،،،
مانا ئۆتكەندە(شوپاڭ ئاچقان شوجاڭ)دەپ ت5ىما يىزىپ تىل ئاڭلاپ ئاخىرى شوجاڭمۇ شوپاڭنى تاقىغان ئىدى،ھەم مەندىن كىيىن خوش بولغان،مانا تۈنۈگۈن يەنە بىر يەرنى كۆرسەتتى بىرى،ئۇمۇ شوپاڭ بولۇپ بىر تولۇق كۇرۇس مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە خانىم ئىچىپتۇ،توۋا دەپ كەينىمگە ياندىم،يەنە بۇنى پاش قىلاي دەپ پىكىرمنى ئوتتۇرىغا قويسام ھەممىسى مىنى--دەللال،غالچا،ئىت ،چىدىماس،نىمە كارىڭ؟ساڭا نەرى پۇتلاشتى؟ دەپ ئۇر-توقماق قىلدى،يەنە مەندە گۇنا بارمىش،تۈيۈقسىز چ چ دىن ئۇچۇر كەلدى
--ھە مۇناپىق،لاتا ،ۋىجدانى يوق ماز،خەپ ...دىگەندەك،
بىلمىدىم كىين تاپسام بىر ئاغىنەمكەن،ماڭا چاقچاق قىپتۇمىش،مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى تاز دەيدۇ،ئەمما مىنىڭ بىشمنى كۆرگەنلەر مۇنبەردە قانچىلك،چۈنكى مەن ئۆزۈمنى تاز دەپ تونۇشتۇرغان،ما كۈنى بىللە ئىشلەيدىغان بىرنىڭمۇ چىچى ئازراق ئىدى ئۇنى تاز دىسەم ئۇ يەنە بىر خىزمەتدىشمغا بىشىنى كۆرسىتپ بىر مۇنچە تاز بولۇشنىڭ ئۆلچىمنى ئۆزىنىڭ تاز قاتارىغا كىرمەيدىغانلقىنى ،مەندىن خاپا بولغىننى دەپ ۋايساپ بىرىپتۇ،مانا مۇشۇنداق تاققا-تۇققا گەپ قىلىپ ۋاقتىڭلارنى ئەپ قويدۇم،مەخسىتم:نىمىشقا ھەمىشە يامان..............
مەنبە:ۋىسال تورى