باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 370 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قايتىش(شەھلا)
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7738 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 03:04

قايتىش(شەھلا)

قايتىش



مېھرىئاي مۇھەممەت


قانداقلا قىلسام قايتىشىم كېرەك، مەيلى قايسى ئۇسۇلدا، قايسى ھال، قايسى يوسۇندا بولسۇن چوقۇم قايتىشىم كېرەك.
پۇشايماننىڭ قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ تىنالمىغىدەك ھالغا كەلدىم. دۇنيا نېمە ئۈچۈن رىۋايەتلەردىكىدەك گۈزەل، خىيالىمدىكىدەك شېرىن بولمايدىغاندۇ؟ ئەگەر ھايات مەن تەلپۈنگەندەك غەم-غۇسىسىز، ئازارسىز، شېرىن-شەربەت سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، ياپيېشىل دەل-دەرەخ، رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن، ھەر كىم  ئارمانلىرىغا قېنىپ ياشايدىغان جەننەت  بولغان بولسا، مەن چەكلەنگەن مېۋىنى يېمەيتتىم.بىراق ئاچچىق تۇرمۇش كۆز ئالدىمدا مۇدھىشلارچە زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلگەندە بولسا، بارلىق ئىنتىلىشلىرىمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر شېرىن چۈش ئىكەنلىكىنى ئازاپ ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ھېس قىلدىم.
مەن بۇ تۇرمۇش رېئاللىقىدىن بار كۈچۈم بىلەن قاچقان ئىدىم، ئۆز قولۇم بىلەن سۈپسۈزۈك ئەينەك ماكان بەرپا قىلىمەن دەپ تىرىشقان ئىدىم، شۇ غايەم ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم، بىراق ئېرىشكىنىم يەنە شۇ بولدى، مەن ئىزىمغا سەكرەپتىكەنمەن.
نەچچە يىللىق لاي-لاتقىلار تىنىپ قالغان ھېسسىياتسىز بىر ئادەمدىن بىزار بۇلۇپ، سېنى تاللىغان ئىدىم، سېنى مېنى يېڭى ھاياتقا باشلاپ كىرىدۇ دەپ شەكسىز ئىشىنەتتىم،
يېقىملىق مىلودىيەگە جۈر بولغان كۈنلەر بىزگە تەۋە دەپ ئويلايتتىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى سەن نۇقسانسىز ئەركەك ئىدىڭ، قانماي سۆيۈشلۈرۈڭ،ئوتلۇق قۇچاقلىرىڭ مېنى ئالدىمايدۇ دەيتتىم.
33 يىللىق ھاياتىم بىر تەڭ، سەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىنكى مەن يەنە بىر دۇنيا بولدۇم. شۇ كۈندىن بۇرۇنقى مەن، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزلەشكەن ئىدى، سەن ئۈچۈنلا ياشايتىم!
سەن ئۈچۈن قايتا تۇغۇلغان ئىدىم، ئاياللىق نازاكىتىم بىلەن چاڭقاق ۋۇجۇدۇڭنى قاندۇرۇشنى ئىستەيتتىم، بارلىقىم سەن ئۈچۈن ئىدى.
كۆك بىلەن بوي تالاشقان تاغدا زېمىنغا ئۈنسىز نەزەر سېلىپ تۇرغان شۇ كۈنى، ئۆكتەبرنىڭ شاماللىرى شەھەر ئىچىدىكىدىن سوغاق ئىدى. تاغ قاپتىلىدا يەنە تېخى يېڭى چۈشكەن ئاپئاق قارلار بار ئىدى. قۇياش سۆيگەن قارغايلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى قارلار ئاللىقاچان ئېرىپ كەتكەن ئىدى، بىراق خىلۋەت بۇلۇڭلار يەنىلا قارغا كۆمۈلۈپ خۇددى مېنىڭ قەلبىمدىكى ئوتنى يوشۇرغان، كۈچىنىڭ بارىچە ئۆچۈرمەكچى بولىۋاتقان ئەنئەنە، ئەخلاق بېسىملىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار مېنىڭ ئىنتىلىشلىرىمنى مەڭگۈ قار ئاستىغا دەپنە قىلىۋەتمەكچى بولاتتى. مەن يۇلقۇناتتىم، سېنىڭ ئوتلىرىڭ بىلەن ئۇلارنى كۆيدۈرمەكچى، يوق قىلماقچى بولاتتىم.
بۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قانچىلىك ئۇزۇندا، قانچىلىك جاپادا چىققانلىقىم ئېسىمدە يوق، مەن شۇنداق خۇشال ئىدىم، چۈنكى يېنىمدا سەن بار ئىدىڭ.
مەن دەل شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر ھالدا ئىدىم، قانداقلا قىلسام ھېلىقى ئائىلىسى بار ئاشۇ ئايال مەن شۇ دەپ ئويلىيالمايتتىم. مەن بەلكىم شۇ چاغلاردا بۇندىن نۇرغۇن يىل بۇرۇنقى  ھالىمغا قايتقان بولۇشۇم مۇمكىن، چۈنكى ياشلىق ھاياجانلىرىم، سۆيگۈ ئىنتىلىشلىرى مېنى ئوراپ تۇراتتى. دۇنيادىن بىخەۋەر ئىدىم، تاغ چوققىسىنىڭ ئىنسانسىسزلىقى، سەن بىلەن تەنھا تۇرۇشلىرىم شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ئىدى، ساڭا تەلپۈنەتتىم، سېنىڭ مېنى قۇچاقلىشىڭنى، باغرىڭغا چىڭ بېسىپ تاتلىق-تاتلىق سۆيۈشلىرىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم، ھەم شۇ مىنۇتلاردا بوينۇڭغا ھەشقىپىچەكلەردەك يۆگىشىپ، ھارارىتىڭدە سىماپتەك ئېرىپ، بىھۇشلانغان مەن ئىدىم. ئەتىرنىڭ كۈچلۈك پۇرىقىدا زۇكامدەك بىر ھالدا ھوشۇمغا كەلدىم. قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدا سېنىڭ باغرىڭدا ئىدىم، سەن ھەم پۈتۈن ئىشتىياقىڭ بىلەن مېنى سۆيەتتىڭ، كۆزلىرىڭ خىرە يۇمۇق ئىدى. سەن كۆزلىرىڭنى ئېچىشنى خالىمايدىغاندەك ئىدىڭ،كۆزلىرىڭنى ئېچىشىڭ بىلەن مېنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىدىغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن. دەل شۇ كۈنى لەۋلەرنىڭ چەكسىز قەسەملىرىدىن مەن قەتئىي قارارغا كەلدىم، ھېچ نېمىدىن قورقماس بولدۇم. سەن بىلەن قازاق چىدىرىدا شېرىن بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپ يېنىپ چۈشكەندىن كېيىن، جاھىللىق بىلەن مەززىسىز ئۆتكەن كۈنلىرىمگە خاتىمە بەردىم، ئاجرىشىش خېتىگە قەيسەرلىك بىلەن قول قويۇپ، تامامەن ئەركىن ھالدا سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كەلدىم.
شۇ چاغلاردا مەندە ئۆكۈنۈش، پۇشايمان بولۇپ باقمىغان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايتتىم.
سەن ئەركەكلىكىڭ بىلەن ماڭا جاۋاپ قايتۇردۇڭ، ئاتا-ئاناڭ بىرىنچى بولۇپ مېنى قوبۇل قىلمىدى، مەندىن سەسكەندى، ئۇلار مېنى ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۈچۈن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان بۇزۇق دەپ قارايتتى. ساڭا ھەر خىل يول بىلەن بېسىم قىلدى، كۆزلىرىمدىن ياش قۇرمىدى. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا ئامالسىز ئىدىم، ساڭا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ، سېنى قىيىن ھالدا قويۇشنى تېخى خالىمايتتىم. كۈندىن-كۈنگە سۇلغۇنلىشىپ سارغىيىپ كەتتىم. سەن شۇ چاغدا مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچتىڭ،بۇ شەھەردىن، قېرىنداشلىرىڭدىن ئايرىلىپ، مېنى ئېلىپ يىراق-يىراقلارغا كەتمەكچى بولدۇڭ. سېنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ تۇرىمەن، قانداقمۇ سېنى ئاتا-ئاناڭدىن يۈز ئۆرۈپ ماڭا تۇر دېيەلەيمەن. سەن مېنىڭ بارلىقىم ئىدىڭ، سېنى قىيناش ئۆزەمنى قىينىغانغا باراۋەر ئەمەسمۇ! بىز تولىمۇ غېرىپ ھالدا بىر نەچچە ئاغىنەڭنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن نىكاھ ئوقۇتقان كۈنى، شۇملۇق بىزگە باستۇرۇپ كەلدى. داداڭ ئاچچىقتا يېقىلىپ قالدى، جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ ھاياتى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالدى. ئۇ ئەمدى بىر كىچىك بالا ئىدى، تەپەككۇرسىز ياشايتتى. بىزگە قارشىلىق قىلالمايتتى، ئاناڭ بۇ زەربىدىن تېڭىرقاپ گاراڭ ھالدا ئىدى. بىز ئۇلارغا ئىپلاسلارچە پىچاق ئۇرغان قاتىل ئىدۇق، قېرىنداشلىرىڭ ساڭا ھەم ماڭا لەنەتلەرنى ياغدۇراتتى. دەل شۇ كۈنلەردە مەن زور جاسارەت بىلەن قارار چىقاردىم، ئاتا-ئاناڭ ھازىر كۈتۈنۈشكە مۇھتاج ئىدى. سېنىڭ  تۇنجى نىكاھتىكى مەغلۇبىيىتىڭ ئۇلارغا ئۆچمەس ھەسرەتلەرنى قالدۇرغان بولسا، بۇ نىكاھىڭ نومۇس-ئازاب بەرگەن ئىدى، بىراق ئۇلار ھازىر تولىمۇ ئاجىز ئىدى، ئۇلار ساڭا مۇھتاج ئىدى.
ئەمما مەنچۇ!؟ مېنىڭ بۇ دۇنيادا سەندىن باشقا نېمەم بار؟ سەندىن ئايرىلىش ماڭا ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ،بىز ھېچ نېمە دېيىشمىدۇق. تەقدىرىمىز توغرىلىق پىلانمۇ تۈزۈشمىدۇق. كۈندىكى ئىشىمىز دوختۇرخانىدا داداڭغا قاراش ھەم ئاپاڭغا ھەمرا بولۇش بولدى. ئانىنىڭ باغرى ھەقىقەتەن يۇمشاق بولىدىكەن، ئاناڭ مېنىڭ قوبۇل قىلدى، سەن ئۈچۈن كۆيىۋاتقان يۈرىكىمنى چۈشەندى. مەن ئەمەلىيىتىم بىلەن ئاناڭنى تەسىرلەندۈردۈم، بىراق چاقلىق ئورۇندۇقتا تەپەككۇرسىز ئولتۇرغان داداڭغا قاراپ جىنايىتىمىزنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايتتۇق.
ھالبۇكى، بۈگۈنگىچە بۇ جىنايەت ئىككىمىزنىڭ دەپ بىلەتتىم، سەھەردە داداڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم، بىراق بۇۋاي جىممىدە يېتىپتۇ. باشقا ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىسىلا دەرھال ئىپادە بىلدۈرەتتى، سەمىمىيلىك بىلەن كۈتۈشلىرىمدىن بۇۋاينىڭ قەلبىنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىنى، شۇ قاتاردا سېنىمۇ كەچۈرگەنلىكىنى ئىككىمىزلا ئەمەس ھەممىسى بىلەتتى. بۇۋاي تاماقنى مېنىڭ يىگۈزۈپ قويۇشۇمنى ياقتۇراتتى، يېنىدا بولسام خۇش بولاتتى. بۇ ئىككى يىلدا ئۇنىڭ بىلەن شۇنچىلىك ئېچەكىشىپ كەتكەن ئىدىمكى، ئۇنىڭ بىر كۈنلەردە بىزنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
ئۇ شۇنداق ھەركەتسىز، تىنىقسىز ياتاتتى. باشتا ئىشەنگۈم كەلمىدى، ئۇنى ماڭا ئەركىلەۋاتىدۇ دەپ بىلدىم. ئاستا يېنىغا كېلىپ يېنىك پەپىلەپ‹دادا!› دەپ چاقىرىپ باقتىم. يەنە جىم، باشقا ۋاقىتتا ئاۋازىمنى ئاڭلىسىلا تەلپۈنۈپ كېتەتتى، بىراق ھازىر ئىپادىسىز ئىدى. قوللىرى ياغاچتەك قاتتىق، مۇزدەك سوغۇق ئىدى. يۈزلىرى سارغىيىپ لەۋلىرى ئېچىلىپ قاپتۇ، چەكسىز بىر سىلكىنىش پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن كىرىپ مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى.
سېنى چاقىرماقچى بولدۇم، چاقىرالمىدىم، يېنىڭغا كىرمەكچى بولدۇم، مىدىرلىيالمىدىم. تۇرغان ئىزىمغا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئىچ-ئىچىمدىن كەلگەن بىر بېسىم بىلەن كۆز ياشلىرىم ئازاپلىق ئاۋازىم تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ سەھەر جىملىقىدىكى ئۆيگە دەھشەت بىر تۈستە يامراپ يېيىلدى.
بۇ بىزنىڭ جىنايىتىمىز ئىدى، قاتىللىقىمىز ئىدى، مەن تولىمۇ سادا ھالدا شۇنداق ئويلاپتىمەن، بىراق...
داداڭنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى بولمىدى. سەن ئۆزگىرىۋاتقاندەك قىلاتتىڭ، مەن ئامالسىز ئىدىم. ساڭا ھېسداشلىق قىلاتتىم، سەن ئۈچۈنلا يىغلايتتىم، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاناڭنىڭ سالامەتلىكىنى تىلەيتتىم.
بىراق سەن ماڭا بىزارلىق بىلەن قارايدىغان بولۇۋالدىڭ، مەندىن زېرىكتىڭ، گويا سېنى مەن ئازدۇرۇپ داداڭدىن ئايرىغاندەك، ماڭا نەپرەتلىنىدىغان بولۇۋالدىڭ.
ئاپاڭ تازلىق ئۆيىدىن چىقىۋېتىپ يېقىلىپ چۈشتى، مەن قازان بېشىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدۇم. سەن مەندىن تېز كېلىپ ئاپاڭنى يۆلىدىڭ ھەم مېنى كۈچەپ سىلكىۋەتتىڭ، تۇرۇپلا قالدىم. ئاپاڭنى يۆلەپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقان قىياپىتىڭ تولىمۇ سوغۇق ناتۇنۇش بىلىندى.
مەن نېمە قىلدىم؟ گۇناھىم نېمە؟ ۋۇجۇدۇم مۇزلاپ كەتتى، سېنى ئۆزەڭگە ئوخشىتالمىدىم، سېنىڭ سىياقىڭغا كىرىۋالغان زادى كىم؟
مەن بۇزۇق، ئىپلاس ھەم شەرمەندە. توغرا مەن شۇنداق، مەن يېنىڭدا ئارتۇقچىمۇ؟
ئاپاڭنى ئاۋايلاپ كارۋاتقا ياتقۇزۇۋاتىسەن، بىراق ئۇ سەن ئەمەس، مەن ئۇنى تونۇمايمەن. پەرتۇقنى ئېلىۋېتىپ ئاستا سىرتقا ماڭدىم. سەن كۆردۈڭ، بىراق كارىڭ بولمىدى. ئۆيدىن چىقىپ ئىشىكنى ياپتىم. سەن چىقمىدىڭ، ھەتتا نەگە باردىغانلىقىمنى سوراپ قويۇشنىمۇ خالىمىدىڭ. ئىشىك ئالدىدا خېلى ئۇزۇن تۇردۇم، بىر چاغدا ماينىڭ چۈچۈگەن ھىدى پۇرىدى، ئارقىدىن گاژىلدىغان ئاۋاز كەلدى.
ئېغىر ئاياقلىرىمنى سۆرەپ ئۆز ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدىم. ئىشىك ئالدىدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم، خۇددى بىرسى پىشانەمدىن ئىتتىرىپ بۇ ئۆيگە كىرىشىمنى توسۇۋاتقاندەك قىلاتتى، بىراق نەگە بارىمەن، بارار جايىم يوق. توغرا مېنىڭمۇ دادام ھەم ئاپام بار. بىراق ئىككى يىل بولدى، ئۇلار مەندىن تېنىپ كەتكەن. بىر ئاكام بار، ئۇ مېنى كۆرسە ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ئاخىرى غايەت زور غەيرەت بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا سېنىڭ ھەم مېنىڭ ساپما كەشىم بار. تېخى ئۇزاپ كەتمىگەن ھېلىقى كۈنلىرى بىز بۇ ئىشىك ئالدىدا قىيالماي ئايرىلاتتۇق، سەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، ئاياق ئالماشتۇرغاچ:
-خوش، مەن ماڭاي،-دەيتىڭ. سېنى ئۇزىتىپ چىقاتتىم، كىيىملىرىڭنى ئوڭشاپ قوياتتىم، ياقىلىرىڭ دائىم رەتسىز بولاتتى، ياقاڭنى ئوڭشاش ئۈچۈن ساڭا يېقىنلاشسام بېلىمدىن قامماللاپلا ئۆزەڭگە تارتاتتىڭ. دەل شۇ چاغلاردا دۇنيا بىزدىن يىراقلىشاتتى، بىز بۇ دۇنيادىن يوق بولاتتۇق، سەن مەندىن، مەن سەندىن ئايرىلىشنى خالىمايتتۇق. بارلىقىمىز مۇشۇ ئۆي ئىدى. قوش كىشلىك كارۋات، ئاپئاق كىرلىكلەر يەنە قالايمىقان بولاتتى، ساڭا نازلىناتتىم، ساڭا ئەركىلەيتتىم. كىم-كىملەر بىزنى نېمە دېسۇن، پەرۋايىمىز پەلەك ئىدى. سېنىڭ يۈرەك سوقۇشۇڭنى تىڭشايتتىم، سەن ئۈچۈنلا ياشايتتىم، سەن ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام تاتلىق سېزىمدە تولغۇناتتىم. سەھەرلىرىمىز شۇنداق باشلىنىپ تۈنلىرىمىزگە شۇنداق كىرىپ كېتەتتۇق. ئىككى يىل مانا شۇنداق بىر كۈندەك ئۆتۈپ كەلگەن.
بىراق ھازىر مەن جىنايەتچى بولدۇم، سەن داداڭنىڭ ئۆلۈمىنى مەندىن كۆردۈڭ. يالغۇزمەن، يالغۇزلۇقۇمغا ياش تۆككەن ئۆي بۇقۇلداپ ئۆكسۈيدۇ.
مەن يىغلىمايمەن، ئازارلانغان، ئۈمۈتسىزلەنگەن يۈرىكىم يىغلايدۇ.
قۇياش نۇرى قىيپاش چۈشۈپ، توزانلار توزۇۋاتقان يورۇقلۇقتا ئۆيدىكى بىر قاباھەتنى سەزدىم، ھازىر بۇ جاي سېنىڭ قارايغان دىلىڭغا ئوخشاپ قاپتۇ.
ھەتتا ئۇمۇ مېنى پاتقۇزمايۋاتىدۇ، ماڭا ئىللىقلىق بەرمەيۋاتىدۇ. تۇرۇپلا قايتقۇم كەلدى. ئاپتاپ كەبى غۇبارسىز شۇ ۋاقىتلىرىمدا قاردەك ئاق لىباسقا پۈركۈنۈپ، تەڭداشسىز نازاكەت بىلەن كېلىن بولغان شۇ دەقىقىلەردە كىردىن خالى ساپ ھېسسىيات بىلەن ئاققۇلاردەك ناتىۋان ئىكەنمەنتۇق.
قاچانلاردىن شۇنچە ئۇياتسىز ئىبلىسقا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. رېئاللىقنىڭ ئاچچىق تەمى يۈرەك باغرىمنى ئۆرتىمەكتە. پاك ئەقىدىدە بىخلىنىدىغان مۇھەببەتنى بايقىيالماي، تويماس نەپسىمنى باشقۇرالماي، مىڭ ئەپسۇس... تۈمەنمىڭ پۇشايمان ئىلكىدە، ئاق قەغەزدەك باشلانغان تۇنجى نىكاھىمغا، بىر دانە قىزىمنىڭ دادىسغا، ساڭا باغلانغاندەك ئۆزۈمنى باغلاشقا ئىرادە قىلغان بولسام، ھازىر بۇ تەرىزدە ئىمكانسىز قالمىغان بۇلار ئىدىم.  
ئۇسساپ كەتتىم، ئىككى يىلدىن بېرى تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى مەلۇم بىر جايدا ئېزىپ قالغانلىقىمنى بىلدىم. سۇ ئىچىپ باقماپتىمەن، مۇزلىغان ۋۇجۇدۇم ئىسسىق چاينى تىلەۋاتىدۇ، بىساتىڭدىن ئۆزەمگە سەدىقە ئالدىم، بىر چۆگۈن سۇ قاينىتىپ، پۇرىقى سېنى ئەسلىتىدىغان لېپتۇن چېيىدىن بىر بال قوشۇق سالدىم. ھارغىنىمدا، يېنىمدا تۇرساڭ سېغىنغىنىمدا بۇ چاينى ئىچىشنى ياقتۇرىمەن. ھازىر سەن يوق، شۇڭا تېخىمۇ بۇ چايغا مۇھتاجمەن. سۈپسۈزۈك قىزغۇچ چاي مېنى يىغلاۋاتىدۇ، مېنى ئىچىۋاتىدۇ. تاتلىق بىر سېزىم نېرۋىلىرىمنى بىھۇشلاپ ئازاپتا دولقۇنلاۋاتقان جىسمىمنى ئاستا-ئاستا بوشاتماقتا.
قارغايلار كۆكنى تېرەپ تۇرغان جەنۇبىي تاغ چوققىلىرى بىزنى سېغىنغانمىدۇ؟ قۇياش ھېلىمۇ سېنىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىڭگە كىرپىكلىرىڭنى سايە قىلىپ نۇرلىنىۋاتقانمىدۇ؟ ياق! توزان توزۇتۇپ جانلىنىۋاتقان نۇر دەرىزىدىن كىرىۋاتىدۇ، يۇمۇلۇۋاتقان كۆزلەرنىڭ ئىگىسى مەن. يىراق–يىراقتىن، يەرنىڭ تەكتىدىن،بەلكىم ئاسمان قەھرىدىن بولۇشى مۇمكىن، بىر نازۇك ئاۋاز مېنى ئۇخلاتماسلىق ئۈچۈن كۈچەپ ياڭراۋاتىدۇ،بىراق مېنىڭ بەكمۇ ئارام ئالغۇم بار، بىردەم ئۇخلىۋالسام يېنىكلەپ قالىمەن. كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بولدى، بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان گاز پۇرىقى بەئەينى قارا دىۋىنىڭ بىر جۈپ نىجىس قولىدەك ھاياتلىق تىنىقلىرىمنى بوغماقتا.
ئاپا...! ئاپا...!
ئىككى يىل بوپتۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىغىلى، ئۇ ھازىر 10 ياشقا كىردى. ماڭا ئوخشايدۇ، ياق قايسى يۈزۈم بىلەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوخشىتاي.
بىراق ئۇ ئاۋاز گازنىڭ كۆرۈنمەس رەڭگىدە قېنىقلىشىپ ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئۇنىڭغا ھالسىزلانغان قوللىرىمنى سوزدۇم، قۇچاقلاپ باقماقچى بولدۇم،يېتەلمىدىم. مېنى قىينىغان، تەلمۈرتۈپ تەلپۈندۈرگەن بۇ دۇنيا يەنىلا مېنى بەخت ئىلكىدە بىر قېتىم بولسىمۇ قانغۇدەك كۈلۈشكە نېسىپ قىلمىدى. ئۆز قولۇمدا ئېچىۋەتكەن گاز، ناشۈكۈر خىياللىرىمدەك، تويماس ھېسسىياتلىرىمدەك ئاچكۆزلۈك بىلەن تىنىقلىرىمدىن تېنىمگە تارقىلىپ، ئاچچىق زەھەردەك بىر ئىستاكان لېپتۇن چېيى بىلەن بارلىق ئازاپلىرىمدىن خالاس قىلدى.
سوۋۇۋاتقان قانلىرىمنى بويلاپ بۇندىن ئىككى يىل مۇقەددەم مەن ئۈچۈن كۈشەندە تۇيۇلغان قىزىمنىڭ يېنىغا قايتىۋاتقان ھالىتىم پۇشايمان، ئازاب، ئۈمىد، ئىنتىلىش ھەتتا ھاياتلىق نۇرلىرىمۇ كۆچۈپ بولغان قارچۇقلىرىمدا قېتىپ قالدى.  
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 958
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە958دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11227 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-10

رەھمەت شاھلاخان يوقاپ كەتمەي ئەدىبىي تېمىلىرىڭىزدىن يوللىغايسىز!
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1466
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1466دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12871 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 10:51

ئادەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلىرىدىن بۇنداق ناتىق يازغۇچىلار چىققىننى كۆرمىگەن
ھەم ئاڭلىمىغان ،،،،ياخشى يېزىلىپتۇ ،تىلى خېلى ئېغىركەن ،،،،نىمىشقا بىرەر ژۇرنالغا
بېرىپ باقمايسىز ؟؟؟؟
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 346
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە346دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-25 17:09

شھەلا خانقىز ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز سىزگە بولغان چۈشەنچەم باشقىچە بولاپقالدى جۇما ئۈزىڭىز يازدىڭىزمۇ،؟؟
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-26 14:11

ئادەم دىگەن زادىلا  ئوزى ئويلىغاندەك  ياشىيالمايدۇ   .  ئىشلار پەقەت  ئاللاھ  ئورۇنلاشتۇرغاندەك  بولىدۇ .  بۇ ئىشلاردا  كۆپ سەبرە قىلىش ياخشى
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى