ئىسلام دۆلىتى بىلەن دىن دۆلىتىنىڭ پەرقى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىسلام دۆلىتى بىلەن دىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار.
1) ئىسلام دۆلىتى ئەركىن سايلام، ئىختىيارىي بەيئەت ۋە ئورتاق كېڭەش ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان دۆلەت.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بىرىپ: { ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن } [ ئال ئىمران سۈرىسى 159-ئايەت] دېگەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنى سۈپەتلەپ: {ئۇلار ئىشلارنى ئۆزئارا كېڭىشىش ئارقىلىق بىجىرىدۇ} [شۇرا سۈرىسى 38-ئايەت] دېگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئەمما دىن دۆلىتى <دىن ئادەملىرى>نىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدىغان دۆلەتتۇر. بۇ خۇددى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياۋرۇپا قىتئەسىدە خىرىستىئان چىركاۋلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدا ھۆكۈم سۈرگەن دىن دۆلەتلىرىگە ئوخشاش.
2) ئىسلام دۆلىتىدە دۆلەت باشلىقى (خەلىپە ياكى رەئىس) خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.
بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىككە سايلانغانلىق قىسسىسىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر. چۈنكى خەلىپىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى تەيىنلەپ قويغان ئەمەس، بەلكى ئۇنى مۇسۇلمانلار كېڭىشىش ئارقىلىق سايلاپ چىققان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئاففان ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب قاتارلىق خەلىپىلەرمۇ شۇ تەرىقىدە سايلانغان. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئالدىنقىسى تەيىنلەپ قويغان ئەمەس. ئەمما دىن دۆلىتىدە سايلاش بولمايدۇ، دۆلەت باشلىقى دىنىي ماقامنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن تەيىنلىنىدۇ ياكى دىنىي ماقامنىڭ ئۆزى بولىدۇ.
3) ئىسلام دۆلىتىدە دۆلەت باشلىقى ئىسلام شەرىئىتى تەرىپىدىن قويۇلغان شەرىتلەر ۋە چەكلىمىلەر دائىرىسىدە ئىش كۆرىدۇ. باشلىق خاتالاشسا خەلقنىڭ قارشى چىقىش ۋە ئۇنى مەنسىبىدىن ئېلىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:<<باشلىققا بويسۇنۇش پەقەت شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولىدۇ>>(بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) دېگەن ھەدىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما دىن دۆلىتىدە دۆلەت باشلىقى مۈتلەق ئەركىن بولۇپ، پۈتۈن ئىشلاردا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدۇ. خەلقنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ھوقۇقى بولمايدۇ. قارشى چىققۇچىلار ھامان <كاپىر>لىققا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېغىر جازالارغا يولۇقىدۇ.
4) ئىسلام دۆلىتىدە دۆلەت باشلىقىغا بويسۇنۇش ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلار دائىرىسىدە بولىدۇ. باشلىق مۇسۇلمانلىققا توغرا كەلمەيدىغان بىرەر قانۇن چىقارسا، ئىسلام دۆلىتى تەركىبىدىكى ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ھوقۇقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پەرزدۇر. چۈنكى بۇ ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز بولغان <ئەمر-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت> قاتارىغا كىرىدىغان ئىش. بىرىنچى خەلىپىنىڭ <<مەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان مۈددەتكىچە ماڭا بويسۇنۇڭلار، ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، ماڭا بويسۇنۇشقا بولمايدۇ. ياخشى ئىش قىلسام ماڭا ياردەم قىلىڭلار، ئەگەر يامان قىلسام ماڭا قارشى چىقىڭلار>> دېگەن سۆزى، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ مەسجىدتە خۇتبە ئوقۇۋاتقىنىدا، بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قارشى چىققان ۋە ئۇنى تەنقىتلىگەندە،<<ئۆمەر خاتالاشتى، بۇ ئايال توغرا قىلدى>>(ئىمام ھاكىم رىۋايىتى) دېگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دىن دۆلىتىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە قارشى چىقىش دىنغا قارشى چىققانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ياۋرۇپادا خەلقنى جاق تويغۇزغان ۋە ئۇلارنى <دىن> دېگەن ئاتالغۇدىنمۇ قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان سەۋەبنىڭ بىرى بۇ ئىدى.
5) ئىسلام دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى ئۆزىنى خەلقنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇيدۇ.
شۇڭا ۋاپادار خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز خەلىپىلىككە سايلانغان ۋاقتىدا، مۇسۇلمانلار ئاممىسغا قىلغان تۈنجى نۇتىقىدا:<<ئەي خالايىق! مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئىختىيارىمسىز ھالدا ئۈستۈمگە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، ئەڭ ياخشىسى سىلەر بۇ ئامانەتنى مەندىن ئېلىڭلار ، ئۆزۈڭلار خالىغان بىرىنى سايلىۋىلىڭلار>>(ئەمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ 7- خەلىپىسى) دېگەن. لېكىن پۈتۈن خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ بۇ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىكىگە ھەممە بىردەك رازى ئىكەنلىكىنى ھەممە بىر ئاۋازدا سۆزلىگەن. ئاندىن ئۇ سۆزىگە داۋام قىلىپ:<<ئەي خالايىق! ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان كىشىگە بويسۇنۇشقا بولمايدۇ. مەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان مۈددەتچە ماڭا بويسۇنۇڭلار، ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام ماڭا بويسۇنۇش يوق>>دېگەن. ئەمما دىن دۆلىتىدە دۆلەت باشلىقى خەلقنىڭ ئەمەس، ئاللاھنىڭ ۋەكىلى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى دىن ۋە قانۇن ھىسابلىنىدۇ.
--<<دىن ۋە ھايات>> دىن ئىلىندى.