خەلق گېزىتى:ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ!
خەلق گېزىتىنىڭ2010-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى سانىدىن تىرىشچان تەرجىمىسى
●ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتلار دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيتىنىڭ پايدىلىق تۇلۇقلىمىسى بولۇپ، ئېلىمىز پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسمى.
●مۇناسىپ تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پەن-تەتقىقاتتىكى تۈر تۇرغۇزۇش،مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش،نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇناسىپ قوللاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيلىرى ۋە ئېنىرگىيلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى 45پىرسەنت پولات ماتېرىياللىرى سۈركىلىش ۋە ئۇپراش تۈپەيلىدىن خوراپ تۈگەيدىكەن. كۈتۈلمىگەندە،تىيەنجىنلىك ئەل ئىچىدىكى كەشپىياتچى بەي سوڭخاۋ دۇنيادىكى بۇ قىيىن مەسلىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە يېڭى يېشىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۇ 25يىلدىن بېرى جاپالىق ئىزدىنىپ،سۈركىلىشكە،ئۇپراشقا چىداملىق بولغان سۇلياۋ-ئالتۇن بېرىكمىسى،ساپال،سېلتسىي كاربۇنات قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ،20دىن ئارتۇق تۈردە دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.ئۇ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بەزى ئۇپراشقا چىداملىق ماتېرىياللار خەلقئارا ئىلغار سەۋىيگە يەتكەن ئىدى.
بەي سوڭخاۋ بىلەن قۇرداش بولغان خېنەنلىك دېھقان لۇ پىڭئەن ئۆزىنىڭ ھۆددە ئېتىزىدا بوغداينىڭ 10 نەچچە خىل يۇقىرى مەھسۇلاتلىق،يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.نۆۋەتتە،بۇ سورتنىڭ كېڭەيتكەن ئۇمۇمى كۆلىمى يۈز مىليۇن مودىن ئارتۇق،ئاشقان مەھسۇلات مىقدارى 7مىليارت كلوگرامدىن كۆپ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەتنىڭ «پەن-تەتقىقاتتا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى»2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
بەي سوڭخاۋ،لۇ پىڭئەنلەرگە ئوخشاش ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى دۆلىتىمىزدە ئاز ئەمەس. ئۇلار بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ پەن-تەتقىقات تۈرى بولمىغان،ئىككىنچىدىن،ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي قوللىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەسەۋۋرۇ قىلغۇسىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،ئوخشاش خىزمەتنى قىلىۋاتقان پەن-تەتقىقات خادىملىرىغا ئوخشاشلا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.
ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قەدەملىرىگە نەزەر ئاغدۇرساق، ئۇلارنىڭ«مەخپىيتى»نى بىلەلەيمىز: ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغاچقا،ھېرىپ-چارچاش ئېغىر كەلمەيدۇ،قاتتىق ئورۇندۇقتا بېسىپ ئولتۇرۇشتىن قورقمايدۇ،ئۇزۇنغا چىدايدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىلسۇن ياكى باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرى،مەسخىرىسىگە ئۇچرىسۇن،ئىرادىسى تەۋرىمەيدۇ.ئۇلارنىڭ تاللىغان تېمىسى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كەلگەن بولۇپ،قاراتمىلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك.بازار ئاسان قۇبۇل قىلىدىغان بولۇپ،رېئال ئېھتىياجنى قامدايدۇ. ئۇلار باشتىن ئۆتكۈزگەن بەزى تەجرىبە-ساۋاقلار مەملىكەت مىيقىياسىدىكى باشقا پەن-تەتقىقات خادىملىرىغا نىسبەتەنمۇ يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30يىلدىن بېرى،ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى،خەلقنىڭ ساپاسىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلدى.بۇ ئەھۋال ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنى پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. ئېلىمىزنىڭ ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ : خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات سەۋىيسى ۋە ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ،بەزى ئەل ئىچى تەتقىقات ئورۇنلىرى مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تاماملىيالىغۇدەك بولدى.ھەتتا،خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيسىگە يەتتى. شەخىسلەرنىڭ كەشپىيات-ئىختىرالىرىمۇ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.
ھالبۇكى،بەزى نەتىجىلەرنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىگە ئۇزۇندىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان يات كۆرۈشلەر قوشۇلۇپ نۇرغۇن ئورۇنلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلارنى،ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەل ئىچى پەن-تەتقىقاتچىلىرى ھۆكۈمەتتىن تۈرگە ئىلتىماس سۇنغاندا نۇمۇر ئالالماسلىق،تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشتە قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقات تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.
ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە،كەڭ قورساقلىقنى،مەغلۇبىيەتكىمۇ يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلارغا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇشىمىز،تېخىمۇ قوللىشىمىز لازىم.ساناپ تۈگەتكۈسىز پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى،ئەل ئىچىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيتىنىڭ پايدىلىق تۇلۇقلىمىسى بولۇپ، ئېلىمىز پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسمى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندىمۇ،مەيلى دارۋېننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسى»بولسۇن،ئېدىسوننىڭ كەشپىياتلىرى بولسۇن،ھەممىسىلا شەخىسنىڭ قىزىقىشىدىن كەلگەن بولۇپ،بۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا،مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت قوينىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بولسۇن،ئەل ئىچىدىكى پەن-تەتقىقاتچىلارغا يېتەرلىك ئېتىبار بىلەن قاراپ،مۇناسىپ تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پەن-تەتقىقاتتىكى تۈر تۇرغۇزۇش،مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش،نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، ئۇنۋان بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇناسىپ قوللاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيلىرى ۋە ئېنىرگىيلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.