ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇسۇلمان دىگەن نىمە ؟ قانداق ئادەمنى مۇسۇلمان دەيمىز ؟ مۇسۇلمان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ دىگەنلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ..
مۇسۇلمان دىگەن اللەنىڭ پۈتۇن كائىناتنى -پىلانىتلارنى -سان ساناقىسىز يۇلتۇزلارنى ، يەر شارىنى ، قۇياشىنى ،كۈزىمىز بىلەن كۈرەلمەيدىغان ھاۋانى ، ئىنسانلارنى ئالدى بىلەن تۇپراقتىن ئەۋلادلىرىنى مەنىدىن ياراتقانلىقىغا ئىشەنگەن ، ..
ھەر قانىداق بىر ئىنساننىڭ ئىككى مۇرىسىدە ياخشى يامان ئىشلىرىنى خاتىرلەپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە بارلىقىغا ،ۋە اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنى مەدھىيلەپ تۇرىدىغان ، رۇكۇ قىلغان سەجىدە قىلغان ھالەتتە تەسبىھ ئىيتىپ تۇرىدىغان سان-ساناقىسىز پەرىشتە بارلىقىغا ئىشەنگەن ..
اللەنىڭ شۇ ئازغۇن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇھ ئەلەيھىسسالام -ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام -لوت ئەلەيھىسالام -داۋۇت ئەلەيھىسسالام -سالىھ ئەلەيھسىسالام مۇسا ئەلەيھىسسالام -ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد(اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) ئەلەيىھسسالامغا ئوخشاش نۇرغۇن پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەنگەن..
، زەبۇر -تەۋرات-ئىنجىل -قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش كىتابلارنىڭ اللەنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ........
ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنڭ اللەنىڭ تەقدىرى بۇيىنىچە بۇلىدىغانلىقغا ئىشەنگەن ...
قىيامەت كۇنى -دىن كۈنى - ھىساپ كۈنىگە ئىشەنگەن ، يەنى ئالدىمىزدىكى يىللارنىڭ مەلۇم بىر جۈمە كۈنلۇكتە اللەنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈر چىلىشى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ئۈلىدىغانلىقى -بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىككىنىجى قىتىم سۈر چىلنىشى بىلەن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھسسالامدىن تارتىپ قىيامەت كۈنىگىچىلىك دۇنيادا ياشىغان ھەممە ئىنساننىڭ قىيامەت مەيدانىغا بىرىپ قىلمىش ئەتمىشلىرىدىن ھىساب بىردىغانلىقىغا ،ياخشىلارنىڭ جەننىتى بۇلۇپ جەننەتكە كىرىدىغانلىقغا -يامانلارنىڭ دۇزاققا كىرىدىغانلىقغا ئىشەنگەن ....
مانا مۇشۇنداق اللەغا -اللەنىڭ كىتاپلىرىغا ، پەرشتىللىرىگە ، پەيغەمبىرلىرىگە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنڭ اللەنىڭ تەقدىرى بۇيىنىچە بۇلىدىغانلىقغا ، قىيامەت كۈننىڭ بۇلىدىغانلىقغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا اللەنىڭ ناماز ئۇقۇش ، رۇزا تۇتۇش - زاكات بىرىش ھەج قىلش ، ئايال كىشى ھىجاپلىشقا ئۇخشاش بۇيرۇقلىرىنى ئۇرۇنداپ ماڭغان كىشىنى مۇسۇلمان دەيمىز .
ئەمدى مۇسۇلمان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ دىگەن گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەك اللەنىڭ ناماز ئۇقۇش ، رۇزا تۇتۇش - زاكات بىرىش ھەج قىلش ، ئايال كىشى ھىجاپلىشقا ئۇخشاش بۇيرۇقلىرىنى ئۇرۇنداپ ماڭغان مۇسۇلمان بەندىللىرىگە بىرىدىغان مۇكاپاتى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبىرمىزنىڭ بەزى ھەدىسلىرىدە يەتكۈزۈلگەن .
اللە قىيامەت كۈنى ئۈزىنىڭ مۇئمىن-مۇسۇلمان بەندىللرىگە بىرىدىغان مۇكاپاتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ..
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۈرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەرە25- ئايەت)
اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇنلىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(سۈرە ھەج 23-ئايەت)
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت)
ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك-ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ .(62) (سۈرە مەريەم 62-ئايەت)
(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).(70) ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.(71) سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(72) جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.(73)(سۈرە زۇخرۇف 70-71-72-73- ئايەتلەر)
پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دىگەن: جەننەتتىكى بىر تال قامچىنىڭ ئورنى، بۇ دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر. (چۈنكى، ئۇ جەننەتنىڭ ئىچىدۇر). بۇخارى،مۇسلىم، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان سەھىھ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن سالىھ، ياخشى مۇتتەقى بەندىللىرم ئۈچۈن، جەننەتتە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنسان قەلبىگە چۈشۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويدۇم، ئەگەر خالىساڭلار؛« ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اﷲنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نىئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.»دىگەن ئايەتنى ئۇقۇڭلار.سۈرە سەجدە 17-ئايەت.بۇخارى،مۇسلىم، ئەھمەد، بەيھەقى، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
......
خوش بۇ تىمنى كۆرگەن تورداش مۇسۇلمان بولغاننىڭ پايىدىسنى ئاز تۇلا بولسىمۇ چۈشنىۋالغانسىز .
مەنبە مەن.