دەريا بويىدىن بىر قىسىم ئەنئەنىمىزگە نەزەر
مەتسىلىم مەتقاسىم
مۇقەددىمە
2002–يىلى 9 - ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە «قۇملۇق ئەركىسى ئىكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى»* تەركىبىدە دۇنيادىكى 2- چوڭ چۆللۈك تەكلىماكاننىڭ كېرىيە ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى پىنھان قىسمىغا جايلاشقان سىرلىق ماكان دەريا بۇيى يېزسىدا، دەريا بويى خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي كەيپىياتى، ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ زور ھاياجانغا چۆمدۈم. بۇ مەن ئۈچۈن مەزكۇر ماكاندا تەكشۈرۈش دائىرسى كەڭ ۋاختى ئۇزۇن، بولغان بىر قېتىملىق ئىلمى تەكشۈرۈش پائالىيىتى بۇلۇپ ئىجادى ھاياتىمدا ئۇنتۇلماس ئىز بۇلۇپ قالدى.
مىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاختىم تەكلىمىكان چۆلىنىڭ جەنۇبى گىرۋىگىدە دەل يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان دەريا بويى يېزىسىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولغان بوستانلىقتا ئۆتكەچكە ، مەھەللىمىزدىكى بوۋاي ،مومايلارنىڭ بۇ ماكان توغرىسىدا سۆزلەپ بەگەن ئاجايىپ غارايىپ رىۋايەت ۋە چۆچەكلىرى مىنىڭ بۇ ماكانغا بولغان قىزىقىشىمنى كىچىك ۋاختىمدىن باشلاپ قوزغىغان ئىدى،كىيىن يىللارنىڭ ئۇتۇشى بىلەن مىنىڭ قەلبىمدىكى قىزىقىش بارغانسىرى كۈچۈيۈپ باردى،مەن بۇ ماكانغا تەلپۇنۇپلا كەلدىم ،ھەم پۇرسەتلەر يار بىرىپ قالغاندا دىدارلىشىشنى قازا قىلمىدىم.ھەرقېتىمدا يېڭىچە تەسىرات ،چۈشەنچە، ۋە بايقاشلارغا ئىرىشتىم،2000 -يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا مەن خۇتەندە ياش ئالىم ئەسئەت سۇلايمان بىلەن ئىلمى سوھبەتتە بۇلۇپ تەكلىمىكان باياۋىنىدىكى يىگانە سىرلىق ماكان دەريا بۇيى يېزىسى توغرىسىدىكى بىلگەنلىرىم ،ھەم كۆرگەنلىرىم ،ئەل ئارىسىدىن توپلىغانلىرىمنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم،ھەمدە ئەسئەت سۇلايماننى ئىمكانىيىتى يار بەرسە تەكلىمىكاندىن ئبارەت بۇ ئۈستى ئۇچۇق مۇزۇينى زىيارەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدىم، ئەسئەت سۇلايمان سوھبەت جەريانىدا ھەقىقى ئالىمغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن مەندىن دەريا بۇيى يېزىسى توغرىسىدا بىرقانچە مۇھىم سۇئاللارنى سوردى مەن سۇئاللارغا بىلگەنلىرىم ئاساسىدا جاۋاپ بەردىم،ئاخىردا ئۇ تۇلىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا دەريا بۇيى يېزىسىغا بېرىپ قۇم تىگىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن مەدەنىيەتلىرىمىز توغرىسىدا ئىزدىنىدىغانلىغىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ماكانغا ئۇزاقتىن بىرى قىزىقىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ئېيىتتى،گەرچە كىيىنكى پۇرسەتلەر ياش ئالىمنى دەريا بويىغا بىرىپ ئىلمى تەكشۈرۈشتە بۇلۇشقا نىسىپ قىلمىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى ‹‹تارىم قۇۋىقى چىكىلگەندە ›› ناملىق كىتاۋىدا «دەريا بۇيى:قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەربات بۇلىشى»دىگەن تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيدى، بۇ ئىلمى ئەمگەك توغرىسىدا ئەسئەت سۇلايمان ‹‹ مىراس›› ژۇرنىلىنىڭ20006- يىللىق 3- سانىدا ئىلان قىلىنغان ئومەرجان ئىمىننىڭ «تارىمدىكى ئوت » ناملىق كىتاۋى توغرىسىدىكى تەسىراتىدا ئالاھىدە توختۇلۇپ ئوتتى،گەرچە مەن شۇ قېتىملىق سوھبەتتىن كىيىن بۇ سىرلىق ماكانغا بېرىپ ھاسىل قىلغان تەسىراتىمنى، ئىلگىرىكى تەسىراتلىرىم بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز ۋاختىدىلا كىتاپخانىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ بەزى بىر ئۇبۇكتىپ سەۋەپلەر تۈپپەيلىدىن بۇ ئىش ھازىرغىچە رۇياپقا چىقمىدى،پەقەت 2007 ـ يىلى يىل بېشىدىلا ماڭا بۇ ئىشغا تۇتۇش قىلىشنىڭ خەيرىلىك ۋاختى نىسىپ بولدى، مەن روھىمنى ئۇرغۇتۇپ، سىرلىق ماكان دەريا بۇيى يېزىسى توغرىسىدا ئىلگىرى - كىيىن ھاسىل قىلغان ھاسىلاتلىرىم بىلەن سىرى ئېچىلىپ بۇلۇنغان ماكانلار توغرىسىدىكىى سېلىشتۇرما تەسىراتىمنى يېزىپ تاماملاپ،ئۇنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە بابىنى « تەكلىمىكاندىن سادا : ئاگاڭ بۇلۇڭلا ئادەملەر» دىگەن ماۋزۇدا « تەڭرىتاغ » ژورنالنىڭ شۇ يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئىلان قىلغان ئىدىم،ھازىر كىتاپخانىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىنىم ئەشۇ يازمامنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدۇر،
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
*‹‹قۇملۇك ئەركىسى ئىكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى››- خۇتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمنىڭ بىرۋاستە تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىلمىي تەكشۇرۇش ئەتىرىتى بۇلۇپ ئۇ ئومەرجان ئىمىن(تەھرىر)، مەتسىلىم مەتقاسىم(تەھرىر)، غەيرەت ئەيسا (پۇتىگىراپ)، (جۇمەنىياز تۇرسۇن (ئارخىلوگىيە خادىمى)، ئابدىرىشات مۇساجان (يازغۇچى) قاتارلىق بەش نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، بۇ ئەتىرەت تەكلىمىكان چۆلىدە 2002-يىلىى 10-ئاينىڭ 9- كۇنىدىن 11-ئاينىڭ 9- كۇنىگىچە ئىلمى تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان .
دەريا بۇيىدىكى قۇشنادارچىلىق ئەنئەنىمىزدىن زامانىۋى شەھەرلەرگە نەزەر
مىللى ئەنئەنىمىزگە ھورمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان كىشىلەرگە مەلۇمكى، قوشنادارچىلىق ئادىتى ۋە ئۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇنلىنىدىغان تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەر، ئىنسانىيەتنى ئۇلار بارلىققا كەلگەن يىراق تارىختىن باشلاپ بىر بىرسىگە مۇستەھكەن باغلىغان، قىسقىسى، ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى ھەمكارلىقى مانا مۇشۇ قۇشنادارچىلىق مەجبۇريەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا زىچ ئۇيۇشقان. دەرۋەقە مەن بۇ قېتىم دەريا بۇيىدىكى ئىلمى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئىتىۋار بەرگىنىمگە ئوخشاشلا، مىنى بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇن جەلىپ قىلغىنى دەل بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە ئىناق بولغان قۇشنادارچىلىق ئادىتى بولدى،گەرچە بۇ يەردە مەھەللە بىرلىكىدە ئەڭ كۆپ بولسا پەقەت بەش ئالتىچە ئائىلە بولسىمۇ، شۇنداقلا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئارلىقى يېقىن بولسا ئوننەچچە كىلومىتىر ، ئۇزاق بولسا يۈز كىلومىتىردىن ئاشسىمۇ بىراق مۇشۈنداق چاچقۇن ھالەتتە ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ يىراق تارىختىن باشلاپ داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان ئىناق قۇشنادارچىلىق ئەنئەنىمىزنى ئۆزپېتىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋېتىپتۇ، دەرۋەقە، ئۇلاربىر بىرسىگە قوشنادارچىلىق مىھرىنى ھەرخىل يوللار بىلەن يەتكۇزىدىكەن،يەنى ئۆز ئارا ئىزەدىشىپ ھال - مۇڭ بۇلۇش ،كىسەل بۇلۇپ قالغانلارنى يوقلاش،ئىش –كۇشلىرىگە ياردەملىشىشنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە ئىناق ھالەت ھەربىر ئائىلىدە ئۇچرايدىكەن .قىزىق يېرى شۇكى: سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا دەريا بۇيىدىكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلسىڭىز مۇقەررەركى، بۇ ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا يەنە قوشنىلاردىن بىردىن ئىككىگىچە كىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرىشىڭىز مۇقەررەركەن.
مەلۇمكى بىزنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قۇشنادارچىلىق ئادىتىمىز تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ ئۈيۇشقاقلىقىنىڭ ،تەقدىرداشلىغىنىڭ سىمۋولى سۈپپىتىدە بېيىپ ،تۇلۇقلۇنۇپ، تاۋلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇ بىزنىڭ مىھماندوست خەلق ئىكەنلىگىمىزنى جاھانغا مەنزۇر قىلغان ئىدى،بىراق نۆۋەتتە بۇ ئىسىل ئەنئەنىمىزگە نىمىشقىدۇر ئارىلاپ ئۈششۈك تىگىپ، ئىلگىرىكى گۈلگۈن ھالەتلەرنىڭ ئورنىنى ئەبجەشلىشىپ كەتكەن زەيىپ ئادەتلەر ئىگەللەشكە باشلىدى،كونكىرىتنى ئېيىتقاندا ئاتالمىش بازار ئىگىلىگى،شەھەرلىشىش دولقۇنى ۋە يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىش قىزغىنلىغى بىزنىڭ ئىلگىرىكى ‹‹بىر بىرسىگە قۇشنادارچىلىق مىھرىنى يەتكۈزۈش››،‹‹بىر ناننى تەڭ يىيىش››.‹‹ بىرسىنىڭ ئۇچىقىدا ئوت كۆيسە ھەممىنىڭ چېيى قايناش››قاتارلىق خاسىيەتلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قۇشنادارچىلىق ئادىتىمىزنىڭ ئۈدۇمنىى، تەدىرجى ھەممە كىشى ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلايدىغان ياتلىشىشقا باشلاپ ماڭدى.
ئۇيغۇرلار تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلىپ (گەرچە تارىختا بىرنەچچە قېتىملىق كۆچۈش ۋە ئاتسىلىماتسىيە بۇلۇشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ)ئۆزىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمگەك سۈيەرلىگى ،جاپا مۇشاقەتكە چىداشلىقى،ناخشا كۈيگە ھېرىسمەنلىگى،قول ھۇنەرۋەنچىلىكتىكى چىۋەرلىگى،دوستلارنى، قۇشنىلارنى ئۆز بىلىپ قەدىرلەيدىغانلىقى قاتارلىق ئىسىل خىسلەتلىرى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا يۈزى يۇرۇق بۇلۇپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى، دۇنيادا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگەباھا بىرىشتە قانداق ئەندىزە بۇلۇشتىن قەتىئى نەزەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قۇشنادارچىلىق ئادىتىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ تىبابەت، نەققاشلىق، مۇزىكا جەھەتتىكى مول مىراسلىرىغا ئوخشاشلا قەدىرلىك ھەم يىگانىدۇر،دەرۋەقە ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىراق تارىخى جەرياندىكى دىھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ئوۋچىلىق ئەمگەكلىرى بۇلۇپمۇ قۇم تىزگىنلەپ بوستانلىق بەرپا قىلىش، سۇ مەنبەسىنى نىشان قىلىپ كۆچۈش كۇرەشلىرى ئورتاق ھەمكارلىقنىڭ نېتىنجىسى بولغان ،شىمالدىكى بىر پايان يايلاقلارنى ئېچپ ماكانلىشىشتىن،تەكلىمىكان گىرۋەكلىرىدىكى بەئەينى يېشىل مەرۋايىتقا تىمسال بۇلىدىغان بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىش كۇرەشلىرى ئۇلارنى ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ ياشاشقا ،تەقدىرداشلىققا ،ئىجىل ئىناقلىققا ئىگە قىلغان بولسا قەرەللىك ھالدا سۇ ئېقىنىنى بويلاپ كۈچۈش پائالىيىتى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلىشىشقا يەنى قوشنادارچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەنزىلىگە باشلاپ كەلگەن، قىسقىسى ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئۇيۇشۇشچانلىغىنى بارلىققا كەلتۇرگەن، 10- ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن دىنى ئەقىدىنىڭ تەسىرى قوشنادارچىلىقنى تېخىمۇ بېيىتتى، مەسلەن، تەپسىرلەردە قەيىت قىلىنغان قۇشنادارچىلىق ئەقىدىلىرى ئىلگىرىكى ھەمكارلىق ئاساسىدىكى قۇشنادارچىلىق ئادەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دىمەك ئەجدادىمىزنىڭ ئەينى دەۋىردىكى بىرسىنىڭ ئۇچىقىدا ئوت كۆيسە ھەممىسىنىڭ چېيى قاينىغۇدەك دەرىجىدە ئىناق ئۇتۇپ، ھاياتتىكى ھەر بىر قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگەنلىگى قوشنادارچىلىق ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۇرگەن بولسا، ئىسلام دىننىڭ قوشنادارچىلىق پەرھىزلىرى ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ ھەممە ئورتاق ئىتائەت قىلىدىغان دەرىجىدە مۇكەممەللەشتۇردى.
‹‹قوشنا››ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بۇلۇپ‹‹قۇشۇلۇش››،‹‹ بىرلىشىش››مەنىسىنى بىلدۇرىدۇ، پارىسچە مەنىسىدىكى ‹‹ھەم سىياق ›› بولسا ‹ھەم نەپەس بۇلۇش›‹ھەمدەم بۇلۇش›‹ھەمكارلىشىش› مەنىسىدە بۇلۇپ بۇ ئىككى خىل ئاتالغۇنىڭ يىلتىزى يەنە بىر خىل يىپقا باغلىنىدۇ، قىسقىسى قوشنادارچىلىق ئەنئەنىسى بىزدە يۇكسەك ئەقىدە بىرلىگىنى ھاسىل قىلغان، قوشنىلار تارىختىن باشلاپ تۇۋەندىكىلەرنى پەرھىز ھېساپلايدۇ :
*ئوز ئارا ئىجىل ئىناق ئۇتۇش،
*ئەتىگەن كەچتە ئىزەدىشىپ ھال موڭ بۇلۇش،
*ئوزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ نەرسە كىرەك سۇنۇش،
*ئوز ئارا ئارىيەت ئېلىش،
*كونا قوشنىلار يېڭى قوشنىلارنى قارىشى ئېلىپ كۇتۇۋېلىش،
*توي - تۈكۈن،ئۇلۇم يىتىملەردە ئوزئارا ياردەملىشىش،
*قوشنىلارنىڭ تۇققانلىرى كەلسە مىھمان قىلىپ چاقىرۋېلىش،
*قوشنىلىرى يىراقلارغا سەپەر قىلسا ئۆي ۋارانلىرىغا قاراپ قۇيۇش
*قوشنىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت شىكايەت قىلىشماسلىق،
*بالىلارغا قوشنىلار بىلەن ئىناق ئوتۇشكە تەربىيەقىلىش،
*بىر بىرىگە يار يۇلەك بۇلۇشنى مەجبۇريەت دەپ بىلىش،
قوشنادارچىلىق يىراق تارىخىمىزدىن باشلاپ بىزدە چىن دوستلۇقنىڭ، ھەمكارلىق ۋە تەقدىرداشلىقنىڭ ئاساسى بۇلۇپ كەلدى. دەرۋەقە، مىللى مىراسلىرىمىزغا تەۋە بولغان كىلاسسىك ئەسەرلەردە ۋە ماقال –تەمسىل ئىدىيوملاردا يەككە مەۋجۇتلۇققا ئىگە ئىنسان قەۋمىنى بىر بىرىگە مۇستەھكەم باغلايدىغان قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىمىز توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلار بار،
يىراقتىكى تۇققاندىن قوشناڭ ياخشى،
ئۆي سېتىۋالماي قوشنا سېتىۋال
ئەتتىگەن قۇپۇپ قوشناڭغا باق،
قوشناڭ بولسا يۈلەك بول، بولمىسا بۇلەك بول،
بىر ئۆيگە ئوت كەتسە قوشنا ئۆيدىن تۈتۈن چىقار،
قوشناڭ قارغۇ بولسا بىر كۆزۈڭنى قىس،
ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائى دەۋىردىن باشلاپ ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى ئەلا بىلپ چوڭلار كىچىكلەرنى ،كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى پاناھىغا ئېلىپ مۈشكىلاتلارنى ئورتاق يېڭىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشۈش كۇرەشلىرىدە قوشنىدارچىلىقنى يۈكسەك كامالەتكە ئىگە قىلغان.. ئون ئىككى مۇقام ،ۋە خەلىق مەشرەپلىرىدە بۇ خىل ئىسىل ئەنئەنە روشەن گۋدىلىنىدۇ،جۈملىدىن قوشنادارچىلىق ئەنئەنىسى بىزنىڭ تارىخىمىزدا قان قېرىنداشلىق ،تۇققانچىلىق مۈناسىۋەتلىرى بىلەن تەڭ ئۇرۇندا بۇلۇپ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ،يۈز ئورۈش ئېغىر گۇناھ ھېساپلىنىپ ئەل ئاۋام تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ كەلگەن.
مەن شاۋقۇنلۇق مەدەنى دۇنيادىن بۈيۈك تارىم پىنھانلىقىدىكى تىلسىملىق دۇنيا دەريا بۇيىدا مىللى خاسلىقىمىزدىكى قوشنادارچىلىق ئەنئەنىمىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئەينەن كۆرۈپ تۇلىمۇ سۈيۈندىم،چۈنكى بۇ خىلىۋەت ماكان بىزنىڭ نەزىرىمىزدىن بەكمۇ يىراقتا، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىپتىدائى سىياقتا گەۋدىلىنەتتى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە قوشنادارچىلىقتىن ئىبارەت گۈزەل ،ئىسىل مىللى ئەنئەنىمىز زامانىۋى شەھەرلەردە شالغۇتلاشقىنى بىلەن بىراق مۇشۇ خېلىۋەت ماكاندا ئۆز ئەينى بۇيىچە ساقلىنىپ قاپتۇ،بىز بۇ يەردە ئاتالمىش بازار ئىگىلىگى، تۇرمۇش رىتتىمىنىڭ تىزلىشىشى،شەھەرلىشىشى دولقۇنى،ۋە يەككە ئىگىلىكنىڭ تەرققى قىلىشى قاتارلىق يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلمىغان ھالدا ئەتىراپىمىزغا ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالساق، بىزدە كۆپ كىشىلەر ئۆز مەنپەتى ئۈچۈنلا پاي پىتەك بۇلىدىغان، بىرسىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشسە باشقىلار تاماشا كۆرۈدىغان ،قوشنىلار بىر بىرسىىنى كۆرەلمەي غەيۋەت شىكايەت قىلىشىدىغان، بىرى بىرسىنىڭ بەختىگە كۆز قىزارتىپ ئۇنىڭغا ئورا كۆلايدىغان،بەس تالىشىدىغان، بىرى بىرسى بىلەن بايلىق ،ئۇرۇن ،مەرتىۋە بۇيىچە مۇئامىلە قىلىشىدىغان بىرى بىرسىنى مەنسىتمەيدىغان ،بىرى بىرسى بىلەن ئۈستۈنلۇك تالىشىدىغان،كاساپەتچىلىكنىڭ بىمالال دەۋىر سۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، گەرچە بىز دەريا بۇيىدىكى ئەشۇ ئاقكۆڭۈل ،سەمىمى ،قوشنادارچىلىق مىھرىنى بىر بىرىگە ئايانماي يەتكۈزىۋاتقان ئاددى كىشەلەر ئالدىدا ئۆزىمىزنى ھەرقانچە پەدازلاپ كۆرسسەتسەكمۇ ھەمدە قوشنادارچىلىق ئادىتىمىزدىكى نۇخسانلارنى رېئاللىققا ،دەۋىرگە يۈكلەپ قۇتۇلماقچى بولساقمۇ ئەپسۇس، قوشنادارچىلىقنىڭ بىزدە داۋام قىلىۋاتقان يۇقارقى شەكلى خۇددى مايمۇننىڭ كۆتىدەك كۆرۈنۇپ تۇرۇدۇ. بۇ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆزگۇرۇش يېزىلاردىن كۆرە شەھەرلەردىكى بىرقىسىم ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلاپ غادىيىپ يۈرۈششىدىغان كىشىلەر ئارسىدا تىز ئۇمۇملۇشۇپ ئۇلاردا ئېغىر ھالدىكى ياتلىشىش دۇلقۇنىنى ھاسىل قىلۋاتىدۇ.شۇنداقلا بۇ دۇلقۇننىڭ كىشىلەرگە كەلتۇرۇۋاتقان زىيانلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ،مەدەنىيەتلىك كىشىلىرىمىز شەھەرلەردىكى ھەشەمەتلىك بىنالاردا شۇنچە يېقىن ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىنسانى مىھرى بەئەينى ئۆي تاملىرىدىكى بىتۇنلاردەك قېتىپ بىر بىرسىدىن شۇنچە يىراقلىشىپ كەتتى،ئۇلار بىرنەچچە يىل بىر بىنادا ،بىر قورۇدا ئولتۇرۇشسىمۇ ئەپسۇس، بىرى بىرسى بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندەك ياندىن قارىشىپ مېڭىشىدۇ،بىرسى بىرسىنىڭ قايغۇسىغا پىسەنىت قىلماي، بەخت سائادىتىگە كۆز قىزارتىدۇ، مەن بۇ يازمامدا يۇقارقى سېلىشتۇرمىنى پەشخۇنغا ئېتىش ئارقىلىق ئاۋات، مەدىنى شەھەرلىرىمىزدىكى بىنا تۇرمۇشىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلاۋاتقان كىشىلىرىمىزنى مىللى خاسلىغىمىزدىكى ئىسىل ئادەت- قوشنادارچىلىق ئەنئەنىمىزدىن يۈز ئۆرىگەنلەر دەپ ئېيىپلىماقچى ئەمەسمەن، پەقەت يىراق تارىختىكى ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان يۇقارقىدەك قىممەتلىك،ئىسىل ئۆرۇپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئىلكىمىزدە بىر بىرلەپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقانلىقىنى سەمىگە ئايان قىلماقچى خالاس، بەلكىم بەزىلەر بۇ يەردىكى پەرىقنى ‹‹شەھەر تۇرمۇشىنىڭ رىتتىمى تىز ››،‹‹ بۇ دىگەن شەھەر مەدىنىيىتى›› دىگەندەك تۇتۇرۇقسىز سەۋەپلەر بىلەن يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنار، لىكىن ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەملەرگە ئايانكى : سەھرا تۇرمۇشىنىڭ رىتتىمىمۇ ئانچە ئاستا ئەمەس،مائاشلىقلاردەك مۇقىم دەم ئېلىش ۋاختى، ئارام كۈنلىرى، بايراملىرى بولمىغاننىڭ ئۇستىگە بىر بىرسىگە زەنجىرسىمان ئۇلۇنۇپ كىلىۋىرىدىغان ئەمگەكلەر قاچانمۇ دىھغان چارۋىچىلارنى ئارامىدا قويغان؟ چاك چاك يېرىلغان ئالىقانلىرى مىھنەت ئۇچىقىدا تاختاۋسىز كۆيگەنسىرى ئۆزىنى شۇنچە بەخىتلىك ھېساپلايدىغان ،ئۆزلىرىنى بۇ بۇ دۇنياغا پەقەت ئەمگەك قىلىش ئۇچۇنلا يارالغاندەك ھېساپلايدىغان بۇ تائىبىنىڭ تۇرمۇشى رىتتىمىنى ھەرگىزمۇ ئاستا دىگىلى بولمايدۇ،دىمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە ھەرگىزمۇ تۇرمۇش رىتتىمى مەسلىسى بولماستىن، بەلكى روھىيەتتىكى مەسلە بۇلۇپ، ئۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەقىدە ئىخلاسىغا،غۇرۇر ۋە ئىتىقادىغا،ۋە نەسلىگە بولغان ۋاپاسىغا باغلىقتۇر،
دەرۋەقە، ھازىرقى زامان پەن تېخىنىكىسى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىپ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى،پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تەرەپ تەرەپتە كۆزلەرنى قاماشتۇرۇشقا باشلىدى،قىسقىسى يېڭىلىق دۇنيانى ئىلكىگە ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىدىمۇ تەدىرجى ئۆزگۈرۈش بولدى،جۈملىدىن ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلىقىدا تەرەققى قىلغان دېڭىز ئوكيان بويلىرىدىن شۇنچە يىراقلىقتا دۇنياغا خىلىدىن بىرى ئىسەنكىرەش، گاڭگىراش بىلەن قاراپ كىلىۋاتقان بىزلەرمۇ ئەتىراپىمىزدىن كىلىۋاتقان تەرەققىيات گۈدۈكلىرىدىن ئاستا ئاستا ئويغۇنۇپ ئۆزىمىزنى دۇنيادىن ئىزدەشكە باشلىدۇق ،ھەمدە دۇنيانىڭ ھالىتىنى ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىگە سېلىشتۇرۇپ پەرىقنى تېپىش ئىستىگىدە بولدۇق. بۇ ئەلبەتتە بىز ئۇچۇن قەدىرلەشكە تىگىشلىك باشلىنىشتۇر.بۇ نوختىدا بىز مۇھاكىمىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرساق شۇنى ئىنىق كۆرەلەيمىزكى، پىسخىكىمىزدا ، مۇھىمى روھىيىتىمىزدە مۇئاييەن ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇزاق مۇددەتلىك بىكىنمىچىلىك،روھى سولغۇنلۇق يەنىلا پۇت قۇلىمىزنى چۇشەپ كەلمەكتە ،كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز يىراققا نەزەر سېلىش ئورنىغا بۇرنىنىڭ ئۇچچىنىلا كۆرۇپ، نەچچە ئەسىرلىك ئەقىل پاراسىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ھېساپلىنىغان ئۆرۇپ - ئادىتىمىزنى چۆرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەرىپلىكلەر ئاللىقاچان ئۆزلىرىدىن شاللاپ، ئۆزگىلەر ئۇچۇن بازارغا سالغان ئەبجەش مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى‹‹ يېڭىلىق،›› .‹‹مەدەنىيەت ›› دىگەن چىرايلىق ناملار بىلەن كۆچۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەرشارىلىشىش دولقىنى غەرىپنىڭ بىر قىسىم چىرىك مەدەنىيەتلىرىنى ، قىممەت قاراشلىرىنى باشقا ئەللەرگە تىزلىك بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۋاتىدۇ، بۇ تەتۇر قۇيۇن ئەلبەتتە بىر قىسىم روھىيىتى ئاجىز مىللەتلەر ئۇچۇن ۋابادىن باشقا نەرسە ئەمەس.دىمەك،ئەتىراپىمىزغا ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەرسالساق شۇنىسى ئىنىقكى، بىر پۇتۇن مىللەت نۇختىسىدىن ئەقىدە ئىخلاسىمىزنى،ۋىژدان غۇرۇرىمىزنى ،مۇھىمى ئەبجەشلىشىپ كەتكەن روھىيىتىمىزنى پاكلايدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان كىلىپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەلبەتتە يۇقارقىدەك « يېڭىلققلار»نىڭ يەكلىشى بيىلەن بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالغان ئىسىل ئەنئەنىمىزنى، بۇلۇپمۇ ئىناق، ئىتىپاقلىقنىڭ ئاساسى بولغان قوشنادارچىلىق ئەنئەنىمىزنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم،مۇبادا شۇنداق قىلالىساپ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزداىكى بىر قىسىم كاساتچىلقنىڭ ئونىنى بەرىكەت،ھەم ھىدايەت ئىگىلەيدۇ.
پىنھاندىكى پاكلىق،رەستىدىكى شالاقلىق
دۇنيادا ئەر ئاياللار ئوتۇرىسىدا پاكلىقنى ،ۋاپادارلىقنى ،غۇرۇر ۋەئىتىقادنى تەشەببۇس قىلمايدىغان مىللەت بولمىسا كىرەك،يۇقارقى سۇپەتلەر پەقەت چىن ئىنسانلەرغىلا خاس بۇلۇپ، بۇ خىل پەزىلەتلەرنى ۋۇجۇدىدا يىتۇلدۇرگەنلەر ھەققى ئىنسانىلىق پەزىلەتكە يەتكەن بۇلىدۇ،دۇنيا تارىخىدا، جۈملىدىن ھەر بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا غالىبىيەتلىك پەيىتلەر بىلەن ئارنۇمۇسلۇق پەيىتلەرمۇ بولغان،دەرۋەقە ئارنۇمۇسلۇق تارىخقا شۇ مىللەت قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئەۋىج ئالغان پاسىقلىق،ساداقەتسىزلىق،ھاياسىزلىق،ئەقىدەسىزلىق،غۇرۇرسىزلىق،ۋاپاسىزلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بولغان بولسا، غالىبىيەتلىك تارىخىغا ئۇنىڭ ئەكسىچە شۇ مىللەت خەلققىنىڭ ۋۇجىدىدىكى پاكلىق، ساداقەتلىك،باتۇرلۇق،ئەقىدە، ئىخلاس ۋە ۋاپاقاتارلىق ئامىللار ئاساسى سەۋەپ بۇلىغان. دەرۋەقە، بىز ئۇيغۇرلارمۇ يىراق تارىختىن باشلاپ ئۇمۇمى جەھەتتىن پاكلىقنى ،ئەقىدە ئىخلاسنى ،غۇرۈر ۋە ئىتىقادنى،ئىناقلىق ۋە ئۇيۇشچانلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە، يىگىتلىرىمىز ئۈچۈن باتۇرلۇقنى ،مەرتلىكنى ،ئەقىل پاراسەتنى ،ئىشچانلىق ۋە چىدامچانلىقنى ،ھەقىقەتنى ياقلايدىغان ،جاھالەتكە تىغ ئۇرۇدىغان باھادىرلىقنى ،قىزلىرىمىز ئۇچۇن بولسا ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغداشنى، ۋاپادار ۋە مىھىرۋان، پاك چىۋەر بۇلۇشنى ئۇلارنىڭ ئىنسانى بۇرۇچىنى ئۆلچەيدىغان ئەقەللى ئۆلچەم قىلىپ كەلگەن ،يۇقارقى ئۆلچەملەرنىڭ شىرىن مىۋىسى سۈپپىتىدە تارىخىمىزدا بارلىققا كەلگەن نۇرانە قىزلىرىمىزنىڭ ۋادارلىق،پاكلىق،قەيسەرلىك، غۇرۇر، ئىتىقادلىق، شەرمى ھايالىق سۇپەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان داستانلىرىمىز ھېلىمۇ دىل قېتىمىزدا يادلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ،جۈملىدىن خەلقىمىز ھېلىمۇ ‹‹ھېرىپ سەنەم ››،‹‹پەرھاد شىرىن››،‹‹رابىيە سەئىدىن››،‹‹تاھىر زوھرا››،‹‹ۋامۇق ئۇزرا››،‹‹مەھزۇن گۇلنىسا››،‹‹لەيلىگۇل›› « نۇزۇگۇم »قاتارلىق قىز ئوغلانلىرىدىن پەخىرلىنىپ،سۈيۈنۇپ كىلۋاتىدۇ،مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى بەخىت سائادىتىنى، ئانىلىق سۈپەتلىرى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان ئاياللىرىمىزمۇ ئەنە شۇ باھادىر يىگىتلىرىمىزنىڭ ئانىسى بۇلۇشتەك ئالەمشۇمۇل خاسىيىتى بىلەن ھەر بىر ئەركەكنىڭ بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا تەڭدىشى تېپىلمايدىغان ئىپتىخارىدۇر،شۇڭا بىز ئەجدادلىرىمىزدىن باشلاپ ئاياللارنى ‹‹.مىللەتنىڭ ئانىسى››،‹‹ بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىۋى›› ،‹‹ بەخىت سائادىتىمىزنىڭ ئۇلى›› دەپ قاراپ كىلىۋاتىمىز،شۇنداقلا تارىختىن بۇيان قىز ئاياللىرىمىزنى تاشقى دۇنيانىڭ تۈرلۈك تۈمەن بۇران چاپقۇنلىرىدىن ،خەۋىپلىرىدىن ،يامان كۆزلەرنىڭ تىگىپ كىتىشىدىن قۇغداشنى ئەركەكلىك ،ئۇغۇل بالىلىق بۇرچىمىز قىلىپ ئۇلارنى بەئەينى كۆز قارچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغداپ، ھەرقانداق ئارنۇمۇس ئالدىدا بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشاپ كەلگەنمىز،بۇ خىل ئالىجاناپ خىسلەت بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىز ئىچىدە ھۆكەر يۇلتۇزدەك چاقناپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا ،مىللى خاسلىقنى باركىققا كەلتۇرگەن مۇنبەت تۇپراقتۇر. مەن ھەر قېتىم قىز ئاياللىرىمىز ئۈستىدە خىيال سۈرگەن ۋاختىمدا دوقالسىز ھالدا ئەشۇ خىلىۋەت ماكان دەريا بۇيىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرىمەن. گەرچە بۇ يەردىكى قىز چوكانلارنىڭ كىيىنىش ،يۈرۈش تۇرۇشىنى بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى تەربىيە كۆرگەن مەدىنى قىز ، چۆكانلىرىمىزنىڭ كىيىنىش يۈرۈش تۇرۇشىغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ ئاددى ساددىلىغىنى، ئىشچانلىغىنى ،ئاقكۆڭۇللىگىنى ،ۋاپادارلىغىنى،مۇلايىملىغىنى،ئۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ،ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ تەربىيە كۆرگەن مەدىنى قىز چوكانلىرىمىزنىڭ نەزىرىنىڭ ئۈستۈنلىگى ،تەكەببۇرلىغى ،موداكەشلىگى،ئىسراپخورلىغى ئۇلاردىن ئارتۇق.بىز تەربىيە كۆرمىگەن ،تومپاي، سەھرالىق، دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كىلىۋاتقان، بىزنىڭ نەزىرىمىز بۇيىچە تۈۋەن تەبىقىدە تۇرۋاتقان ئاشۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇشقا ،چىن سۆيگۇگە بولغان ساداقىتى،ۋاپاسى بىزدىكى بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، ئالاكۆڭۆللۇك،ۋىژدانسىزلىق پاتقىقىدا ئۆمۇلەپ يۈرۈشكەن مەدەنى قىز چوكانلىرىمىزدىن ئارتۇق.جۈملىدىن دەريا بۇيىدىكى قىز چوكانلارنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرى خىلىلا كۆپ،كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىگىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ پاكىزلىغى،ۋە ئاددى ساددىلىغىدۇر، پاكىزىلىق سۈپپىتىنىڭ ئىچىدە ئەلبەتتە تۇرمۇشتىكى پاكىزىلىغىدىن باشقا روھىيەتتىكى پاكىزىلىغى بولغانغا ئوخشاشلا ،ئاددى ساددىلىغىنىڭ ئىچىدە سەمىمى سادىقلىغى بار،سىز ياخشى كۈن سائەتلەرنىڭ بىرىدە بۇ ماكانغا كىلىپ، بۇ يەردىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆجۈم باغلاردەك گۈزەللىگىنى، ئادەملىرىنىڭ چىرايلىرىنىڭ توغاچتەك تاۋلىنىپ تۇرغانلىغىنى، ئۆيلىرىنىڭ ،ھويلىلىرىنىڭ شۇنداق پاكىزە تازلىنىپ، سۇ سىپىلگەنلىگىنى كۆرۇپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇقەررەر،مانا بۇ قىياپەتلەر دەريا بۇيىدىكى قىز چوكانلارنىڭ پاكىزىلىغىنىڭ نېتىنجىسى، ئۇلارنىڭ يەنە يىگىتلەرنى كۆرگەندە غۈبارسىز يۈزىنىڭ كەچكى شەپەقنىڭ رەڭگىدە تاۋلىنىپ يۈزىنى ياغلىقى بىلەن پىنھان قىلىپ كىتىپ قېلىشى نەققەدەر چىرايلىق،مۇھىمى ئۇلارنىڭ پاكلىقى ئالدىدا يىگىتلەرنىڭ ئالا كۆڭۇللۇك قىلىشىغا، زىناخورلۇق،شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق ئپلاسالىقلارنىڭ يۈز بىرىشىگە ھەرگىزمۇ يول يوق . مەن ياشتا چوڭ بوۋاي، مومايلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۇزاق تارىختىن بۇيان بۇ يەردىكى قىز چوكانلارنىڭ ئىچىدە بۇزۇقچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ يوقلىغىنى ئاڭلاپ شۇنچە سۈيۈنگەن بولساممۇ بىردەمدىن كىيىن شەھەرلىرىمىزدىكى بىر قىسىم قىز چوكانلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ كۆڭلۇم تۇلىمۇ ئەسكى بولدى. بىر مىللەتنىڭ ساپاسى شۇ مىللەتتىكى ئاياللارنىڭ ساپاسىغا باغلىق بۇلىدۇ ،ئاياللىرىنىڭ ساپاسى بولمىغان، ئەخلاقى بولغانغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بەخىت سائادىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى مۇقەررەر. دانىشمەنلىرىمىز بىزگە:‹‹ئاياللا بۇزۇلسا پۇتۇن مىللەت بۇزىلىدۇ››.‹‹ ئاياللار يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ›› دىگەنگە ئوخشاش ھىكمەتلەرنى قالدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە ئاياللارنى توغرا يولغا يىتەكلەپ ئۇلارنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان بولسا، ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن نىسىپ بۇلىدىغان پاك سۆيگۇ بىزنى ئالەمشۇمۇل قۇدرەتكە ئىگە قىلغان، قىسقىسى ئاياللىرى خورلانغان ، ئىپپەت نۇمۇسى بولغانغان ،مىللەتتە بەئەينى تۇپان بالاسىغا ئوخشاش بالايى ئاپەتلەرنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتۇشىدۇ، بۇ جەھەتتە دۇنيا تارىخىدىمۇ جۇڭگۇنىڭ يېقىنقى زامان تارىخدىمۇ مىساللار كۆپ ، جۈملىدىن دۇنيا تارىخىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان كىرزاس ۋە مىدىيەننا ئوتۇرسىدىكى تۇرانگۇ ئۇرۇشى يەتتە يىل ئالتە ئاي داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كىشىنى چۇچىتىدۇ،مۇشۇنداق مىسلى كۆرۇلمىگەن ئۇرۇشقا كىرزاس پادىشاسىنىڭ شەخسى دۇختۇرى مارىياننانىڭ سەۋەپچى بۇلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس،دەرۋەقە مارىياننا شەھۋەتكە بىرىلگەن پادىشانىڭ قۇچىقىدا نازلىنىپ ئولتۇرۇپ :‹‹ مىنڭ ئۇرۇشنى كۆرگۇم بار، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مىدىيەنناغا ئۇرۇش قوزغىيالامسىز» دىگەن ئاخمىقانە تەلىۋىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن كىرزاس پادىشاسى ئۇرۇش قوزغاپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ بىھۇدە قان تۇكۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، دىمەك قىز ئاياللارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنىڭ بۇلغۇنىشى يىراق تارىختىن باشلاپ تەسىرىنى، دائىرسىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ۋەقە ھادىسىلەنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ناھايەت،بىز نۆۋەتتە ئۆتكەن ئىشلارنى ھەر خىل سەۋەپلەرگە يۇكلەپ، كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزماقچى بولساقمۇ بىراق نۆۋەتتە قىز ئاياللىرىمىزنىڭ غۇرۇرىغا، ئىپپەت نۇمۇسىغا، ئەڭ مۇھىمى مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەڭگۇشتىرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئىنسانى پاكلىقىغا شەك يەتكۈزىۋاتقان بىر قىسىم رىئال ئەھۋاللار، بىزنىڭ ئىنسانى بۇرچىمىزغا ۋەزنى ئېغىر سۇئاللارنى قۇيىۋاتىدۇ، قىسقىسى بىر قىسىم ئەقلى كور ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇستۈنلىكى بىلەن زىناخۇرلۇققا يۈزلۈنۈپ، قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى بۇلغاشنى ‹‹ئەركەكلىك››.‹‹ئۇغۇل بالىلىق›› ھېساپلىۋاتسا، بىر قىسىم قىز ئاياللىرىمىز تەڭداشسىز بولغان ئىپپەت نۇمۇسىنى ئادەتتىكى ئىش ھېساپلاپ ئۇنى ئازغىنە بەدەلگە يەمچۇك قىلىپ تاشلاپ بىرىۋاتىدۇ،ئەڭ يامان بولغىنى بۇ خىل ئازغۇنلۇقنىڭ نادانلاردىن كۆرە، ئەقلى ھۇشى جايىدا كىشىلەرنىڭمۇ نەزەر قىرىغا ئېلىنماي ‹‹ بازار ئىگىلىگى›› ‹‹مەدەنىيەت›،‹‹ئەركىنلىك››دىگەندەك ئېيتىلىشى چىرايلىق ناملار بىلەن پەدەزلىنىپ بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا بىمالال بازار تاپقەنلىقى ،ۋادىرخا، قايسى زامان، قايسى دەۋىردە زىناخورلۇق ئەل ئاۋامنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىمىغان؟ بىر قىسىم روھى زەيىپ قىزلىرىمىزنىڭ ئازراق جاپا تارتىپ،ھالال ئەجىر مىھنەت بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامداشتىن باش تارتىپ، ئىپپەت نۇمۇسىنى بۇلغاش ھېسابىغا ئەيشى - ئىشرەتلىك كۈن ئۆتكۇزۈشكە يۈزلەنگەنلىگى ، بىر قىسىم ئەرلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىگىنى ،ئارنۇمۇسىنى ئىتىقاد ۋە غۇرۇرىنى ۋىژدانى بىلەن ئۆلچىمەي، ئەكسىنچە قانچىلىك قىز، چوكانلارنى ئىندەككە كەلتۇرگەنلىگى، قانچىلىك دەرىجىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچەپ مەيدە كىرىپ يۈرگەنلىگى ئەڭ زور بەخىتسىزلىگىمىزدۇر.بۇ يەردە بىز يەنىلا مۇقەددەس قانۇننى ئىجىرا قىلغۇچى خادىملىرىمىزنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ،جەمىيەت ئەخلاقىنىڭ ساپلىقىغا، مۇھىمى ئىناق جەمىيەت قۇرۇشتەك شەرەپلىك يۇرۇشىمىزنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىزخالاس، ئىنىقكى، بىر مىللەت ئەخلاقىنىڭ چىرىشى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئۇمۇمى پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يەردە يەنە پاھىشەۋازلىقنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا بولغان يامان تەسىرى توغرىسىدا توختالماي بولمايدۇ، دەرۋەقە، پاھىشەۋازلىق ھەرقانداق مىللەتنىڭ قانۇن ،ئەمىر پەرمانلىرىغا، مىللى ئەنئەنىسگە، مۇخالىپ كىلىشتىن باشقا، مۇھىمى ئۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ،مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئىنسانىيەتكە ئېغىر ۋەھىمە ئېلىپ كىلىۋاتقان مەسلە دەرىجىدىن تاشقىرى قىرغۇچى قۇراللار ،جۈملىدىن ھەر خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئوخشاشلا ئەيدىز ۋاباسىدۇر، ئەيدىز ۋاباسىنىڭ دۇنيادا يامراش تىزلىگى كىشىنى چۆچىتىدۇ، بۇ پاجىئەنلىك ۋابا بىزنىڭ پاكىزە تۇپرىقىمىزغىچە يىتىپ كەلدى، گەرچە تىببى مۇتىخەسسىسلەرنىڭ ‹ ئىنسانلارنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكىزىشى ئەيدىز ۋاباسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ› دىگەن ئاگاھلاندۇرىشى ئۇزاقتىن بۇيان تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ تۇرۈۋاتقان بولسىمۇ ئىتائەتتىن ئازغۇنلۇق غالىپ كىلىۋاتىدۇ، 80-يىللاردىن كىيىن دەۋلىتىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك بىكىنمىچىلىككە خاتىمە بىرىپ ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئېچىۋەتكەندىن كىيىن، چەتئەللەرنىڭ ئىلغار پەن تېخنىكىسى بىلەن قۇشۇلۇپ چىرىك مەدىنىيىتىمۇ كىرىپ كەلدى، قىسقىسى، ئەيدىز ۋاباسى غەرىپ دۇنياسىدىكى چىرىك مەدەنىيەتلەرنىڭ قۇچىقىدا پەيدا بۇلۇپ تەدىرجى ھالدا بىزگىچە يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنى شامال ئەمەس، يەنىلا ئادەم ئېلىپ كەلدى،بىز ئەيدىز ۋاباسى تارقالغان دەۋلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقساق ،ئۆزلىرىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ،ئىسىل ئەخلاقىنى ،گۈزەل ئەنئەنىسىنى قوغداشنى ئادىمىلىك مەجبۇريەت دەپ بىلگەن مىللەتلەردە ئەيدىز ۋاباسىنىڭ تارقىلىشى نىسپەتەن ئاستا ،ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان مىللەتلەردە ئەيدىز ۋاباسىنىڭ تارقىلىشى نىسپەتەن تىز بۇلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز،ئەيدىز ۋاباسىنىڭ بىگۇناھ بالىلارغا، ئەيدىز ۋاباسىنىڭ مىكرۇبىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان كىشىلەرگە ئېلىپ كىلىۋاتقان قىسمەتلىرى ھېساپسىزدۇر، بۇلپمۇ بىر قىسىم نامرات ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دوۋلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋاباسى بىلەن ئۇلۇش نىسپىتى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ،ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا 2005-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم 40مىليۇن 300 مىڭغايەتكەن بۇلۇپ شۇ يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم 650مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولسا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بۇلۇپ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم 11مىڭ 303 كە يىتىپ پۇتۇن مەملىكىتىمىز بۇيىچە 4- ئۇرۇندا تۇرغان ، گەرچە تۈرلۈك تەشۋىقاتلاردا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار مەلۇم دائىردە دوۋلەتنىڭ ،جەمئيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ھېسداشلىقى بىلەن داۋالىنىش، كۈتۈنۈش جەھەتلەردە بىر قەدەر ياخشى شارائىتقا ئىگە بۇلۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق، بۇ خىل ۋابا كىشىلەرنىڭ بىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغاندەك ئىنسانى پەزىلەتلەرگە يات بولغان قىلمىشلار بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىشتىن پەيدا بولغاچقا يۇقۇملانغۇچىلار روھى جەھەتتىن ئىنتىيىن بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، قىسقىسى، ئۇلار جەمئىيەتتە مۇئاييەن دەرىجىدىكى كىشىلىك ئىززەتتىن مەھرۇم بۇلىدۇ، مۇبادا بۇ قۇرقۇنۇشلۇق ۋابا بىزگە ئوخشاش ئۇزۇن بۇددەت بۇرۇختۇملۇقتا تۇرۇپ، ئەمدىلا ئۆزىنى دۇنيادىن ئىزدەشكە باشلىغان روھى قاتلىمى تەكشىسىز مىللەتنىڭ بېشىغا كىلىپ قالسا ، شۇنداقلا جەنۇبى ئاپرىقىدىكى سۈرئەت بىلەن كېڭەيسە ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟مۇقەررەركى، بۇ بىز ئۇچۇن دەھشەتلىك پاجىئەدىن بىشارەت بۇلۇپ قالىدۇ خالاس،
كۆز ئالدىمدا قۇم دېڭىزىدىكى زۇمرەت ماكان ،بۈگۈنكى رەڭدار دۇنيانىڭ تۈرلۈك تۈمەن شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن تۇلىمۇ يىراق ھالدا ئادەملىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىنىڭ سۈتىدەك پاك روھى بىلەن جۇلالىنىپ ياتىدۇ، تارىختىن بىرى قىز يىگىتلىرىنىڭ چىن سۆيگۈگە سادىق ،ۋاپادارلىققا ئاشىنا مىھرىگە چىلىنىپ تۇرغان بۇ ماكاندا پاكلىق ۋە ۋاپادارلىق ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغا ئۇلۇق مىراس سۈپىتىدە داۋاملىشىپ ئۇدۇملۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ بىز يۇقۇرىدا ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ تىلغا ئالغان ناشايان قىلمىشلار ئۇلار ئۈچۈن غارايىپ بىر ئەپسانىدۇر، قىسقىسى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىلدىكى ئىپلاس ئادەملەرنى كىچىكتۇرمەيلا قۇم يۇتۇپ كىتىدۇ...
دەريا بويىدىكى ئىبرەتلەردىن تەبىئى مۇھىتىمىزگە نەزەر
دۇنيا ئۆزگۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر ئەسىرلىك ئۆزگۈرۈشىنى تارىختىكى بىرقانچە ئەسىرلىك ئۆزگۈرۈشىنىڭ ۋەزنىگە تەڭ دىيىشكە بۇلىدۇ.بۇ غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئىچىدە دۇنيانىڭ تەبئى ۋە ئىكىلوگىيىلىك ھالەتلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ئالاھىدە ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ، مەلۇمكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى سانائەت ئىنقىلاۋىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىگە يىتىپ كەلگۇچە ئاجايىپ كۈچلۈك سىلكىنىشلەر،تەسەۋۋۇردىن ھالقىيدىغان مۆجىزىلەر ئىچىدە داۋام قىلدى، دۇنيانى نەچچە ئەسىر ئىلكىدە زەبۇن قىلغان ئىپتىدائى قالاقلىق ئىنسانىيەت ئەقىل مادارىنىڭ كامىللىقىدا، زامان ۋە ماكان ئۆزگۈرۈشىنىڭ جەزىبىلىق سىگناللىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، دۇنيانى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى ئىپتىدائى دىھقانچىلىقتىن سانائەتلىشىشكە ،سانائەتلىشىشتىن زامانىۋى پەن تېخنىكا دەۋرىگە ئۇتۇندى،قىسقىسى ئىنسانىيەت ئۆز ئەجىرىگە يارىشا بەخىت سائادەتكە نائىل بولغان بولدى، ئەپسۇس، مۇشۇ ئۇزاق جەرياندا ‹‹تەرەققىيات››قا پايخان قىلغان تەبىئى بايلىق ئۆز نۆۋىتىدە زور دەرىجىدىكى ئىكىلوگىيىلىك ۋايرانچىلىقلارنى پەيدا قىلماي قالمىدى،شۇڭا ئىنسانىيەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتتىن سۈيۇنۈش بىلەن تەڭ ئىكىلوگىيىلىك ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كىلىۋاتقان ھالاكەتتىن ئەنسىرەشكە مەجبۇر بولدى،نۆۋەتتە قۇملىشىشنىڭ دۇنيانىڭ ئىكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىدا كۆرۇلىۋاتقان چوڭ ئۆزگۇرۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقى پاكىتتۇر،ھازىر چۆلشىش دۇنيادىكى ئون چوڭ مۇھىت مەسىلىسى ئىچىدە يەنىلا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرۇپ، خەلق ئارا جەمىيەتنىڭ يۇكسەك دىققىتىنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئىلىمىزدىكى چۆللەشكەن يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، زىيان ئەڭ ئېغىر بۇلىۋاتقان رايۇنلارنىڭ بىرى.مەملىكىتىمىزدىكى چۆللەشكەن يەركۇلىمىنىڭ ئۇچتەن ئىككى قىسمى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بۇلۇپ چۆللەشكەن ئۇمۇمى كۆلەم 795مىڭ 900كۇۋادىرات كىلومىتىرغا يىتىدۇ، ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئۇمۇمى يەر كولىمىنىڭ %7. 47نى تەشكىل قىلىدۇ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى 85 ناھىيە ،شەھەر ۋە 172بوزيەر ئۆزلەشتۇرۇش تۈەن مەيدان ئىچىدە80 ناھىيە، شەھەر،ۋە 90 نەچچە تۈەن مەيداندا چۆللىشىش مەۋجۇت، يۇقارقى ئۇرۇنلاردىكى ئۇچتەن ئىككى قىسىم يەر، ۋە 12 مىليۇن كىشى چۆللىشىشنىڭ بىرۋاستە زىينى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، ھەر يىلى بۇران ،قۇم كەلتۇرۇپ چىقارغان بىرۋاستە زىيان 3مىليارد يۇەندىن ئارتۇق بۇلىۋاتىدۇ، تەبىئەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئاپەت خاراكتىرلىك ھادىسىلەر ئىچىدە كەلكۇن ئاپىتى ، يەر تەۋرەش ،دېڭىز تاشقىنى قاتارلىقلار زامانداشلىرىمىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىغا ئاسانلا ئىرىشكەن بىلەن،بىراق بىرقىسىم كىشىلىرىمىز قۇم ئاپىتىنىڭ ئۆزلىرىگە كەلتۇرگەن زىيىنىدىن ھازىرغىچە ساۋاتسىز ھالدا تۇرۋاتىدۇ،بۇ يەردە ئەلبەتتە دەريا بويىنىڭ تارىخىغا نەزەر سېلىشغا تورا كىلىدۇ،
- 1895- يىلى 5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى پايانسىز كەتكەن تەكلىمىكان قۇملىقىدىكى دەشتى ئىسسىقتا قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم ھەمراھلىرىدىن بىرنەچچە كىلومىتىر ئالدىدا ناھايىتى ئاستا كىتىۋاتاتتى، ئۇنى شۇ تاپتا ماڭدى دىگەندىن كۆرە قۇم ئۈستىدە ئۆمۇلىدى دىگەن تۈزۈك ئىدى،ئۇنىڭ ھەركىتى شۇنچىلىك ئاستا ئىدىكى، ئۈنىڭ مىردىرلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋېلىشمۇ قىيىن ئىدى، بۇ كىشى شىۋېىستيىلىك تەۋەككۇلچى سېۋېن ھېدىن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلى تەكلىمىكاندا ئېلىپ بارغان ئىكىسپىدىتسىيىسى پۇتۇنلەي مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بۇ يىل ئۇ يەنە قەشقەردىن يولغا چىقىپ، دەندان ئۆيلۇككە كەلگەن ئىدى، ئۇ دەندان ئۆيلۇكتىكى قېزىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ داۋاملىق شەرىققە قاراپ ماڭدى، تەكلىمىكاننىڭ مۇھدىش بۇرانلىرى قەرەلسىز ھوۋلاپ تۇرغاچقا سېۋېن ھېدىن ناھايىتى تەستە ئالغا ئىلگىرلەيىتتى، ئۇ بىر چاغدا ئالدىنقى يىلدىكى مەغلۇبىيەتتنى ئويلاپ غەمگە پېتىپ كىتىۋاتقاندا، بىردىنلا كېريە دەرياسى بۇيىدىكى بۈكباراقسان توغراقلىق ئۇنىڭ كۆزى ئالدىدا نامايەن بولدى، بۇ يەردە كېريە دەرياسى 30 نەچچە مىتىر كەڭلىكتە بۇلۇپ دەريانىڭ ئۇستىدە قېلىن مۇز توڭلاپ كەتكەن ئىدى، سىۋىن ھېدىن دەريانىڭ سۇيىدىن قېنىپ ئىچكەندىن كىيىن دەريانىڭ ئېقىن يۇلۇنىشىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ قەدەم ئىزى يەتمىگەن بۇ دەشتى چۆلدە تەرسالىق بىلەن مېڭىشىغا، ئۇنىڭ كېريە دەرياسىنىڭ سۇيىنىڭ ئاخىرقى بىر تامچىسىنىڭ زادى قايسى مەنزىلگىچە يىتىپ بارالايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئارزۇسى سەۋەپ بولغان ئىدى، ئەپسۇس، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ بولغىچە مۆجىزە يۈز بەردى، يەنى ئۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن دەريا بۇيىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بىرىشى بىلەن غەربى شىمال تەرەپتىكى بىرپايان قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا ياۋرۇپاغا نامەلۇم بۇلغان قارا دوڭ شەھەر خارابىسىغا يىتىپ كەلدى .بۇ كاتتا بايقاش چۆل ئازاۋىنى يەتكۈچە تارتىپ، لەۋلىرى چاك چاك يېرىلىپ كەتكەن بۇ تەۋەككۇلچىنى شاتلىق ئىچىگە غەرىق قىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئىككى كۈن تۇرۇپ بۇ شەھەرنىڭ ئورنىنى تەپسىلى ئۆلچىدى، ۋە بىر قىسىم قىممەتلىك ئولجىنى ئېلىپ ئاقسۇ تەرەپكە راۋان بولدى، گەرچە سېۋىن ھېدىن بۇ يەردىن ئۇن تىنسىز كىتىپ قالغان بولسىمۇ ئارىدىن توت يىل ئۇتۇپ يەنى مىلادى 1899-يىلى 9- ئايدا شىۋېستسىيە كۇرۇلى ئۇسكا بىلەن مىليۇنىر نوبىلنىڭ قوللىشى ئارقىلىق تەكلىمىكانغا ئىككىنچى قېتىم كىلىپ، يولدا چۈشۈرۈپ قويغان گۈرجەكنى ئىزدەش سەۋەبى بىلەن مەشھۇر كىرورەن شەھەر خارابىسىنى بايقاپ، بۇ يەردىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئولجىنى ئېلىپ كەتتى،بۇ ئىككى قېتىملىق غەلبە بىلەن سېۋىن ھېدىننىڭ بېشى كۆككە يىتىپ بۇھەقتە ئىلان قىلغان‹‹ ئاسىيانىڭ كىندىكىگە ساياھەت›› ناملىق كىتاپ پۈتۈن ياۋرۇپانى زىلزىلىگە سېلىپ،تەكلىماندىكى تارىختا بىر مەھەل گۈللۈنۈپ كىيىن قۇم تىگىگە مەھكۇم بۇلۇپ كەتكەن شەھەرلەرنى قېزىپ نىسىۋە ئىزدەش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى، بۇ چاغدا يەنە بىر ۋىنگىرىيىلىك جېنىدىن تويغان تەۋەككۇلچى ماك ئاۋرىل سىتەيىنمۇ ئاسىيا سەپىرىنى باشلاپ ھىندىستان، كەشمىر ،لاداخ تەرەپلەردە ھەركەت قىلىپ يۈرەتتى، تاساددىبى ھالدا ئۇنىڭ قۇلىغا سېۋىن ھېدىننىڭ ‹‹ ئاسىيانىڭ كىندىكىگە ساياھەت››، ناملىق كىتاۋ ى چۈشۈپ خۇددى دەشتى چۆلدە قالغان كارۋان كۈتۈلمىگەندە بۇلاققا يۇلۇققاندەك بىر ئىش بولدى، سىتەيىن بۇ كىتاپنى تەپسىلى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن زور ئىلھامغا تۇلدى، ۋە 1901-يىلى تارىختىكى ئۇچ قېتىملىق تەكلىمىكان سەپىرىنىڭ تۇنجى قېتىمىنى باشلىدى، ئۇ سېۋىن ھېدىننىڭ تەكلىمىكاندىكى مەغلۇپ بۇلۇش، ۋە غەلبە قىلىشىدىكى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا ئېلىپ ئۈچ قېتىملىق ئىكىسپىدىتسىيە پائالىيىتىدە سېۋىن ھېدىننىڭ ئىزىنى بويلاپ تەكلىمىكاندىكى قۇم تىگىگە كۆمۇلۈپ كەتكەن قەدىمقى شەھەرلەردىن نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەت يادىگارلىقلىرىنى قولغا چۇشۇردى، شۇنىڭدىن كىيىن بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭ پاكىزە روھىغا چىلىنىپ تۇرغان مۇقەددەس تەكلىمىكاندا ئولجا ئىزدىگۇچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، بۇ يەرگە سېۋىن ھېدىننى باشلىنىش نوختىسى قىلساق بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەربىرى بايلىق ئىزدەپ بۇزغۇنچىلىق ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى،ئۇنىڭغا ياندىشىپ قۇم ئەجدىرھاسىنىڭ تەكلىمىكاندىكى تۇتاش بوستانلىقلارنى ، يۇمۇلاققۇم، قارادوڭ شەھرىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سەلتەنەتلىك شەھەرلەرنى يۇتۇپ كەتتى،ئەڭ دەھشەتلىگى بۇ رېھىمسىز ئەجدىرھانىڭ بۈگۈنكى بوستانلىقلىرىمىزنىمۇ ناھايىتى تىز سۈرئەتتە يۇتىۋاتقانلىقى ، مەن ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل مۇقەددەم ئابى زەمزەم سۇلىرى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئەزىم دەريا كۆللىرى بىلەن ياشناپ، بۈك باراخسان باغلارنى ،بىنەم ئېتىزلارنى، ئاخىرقى چېكىگە كۆز يەتكۇسىز يېشىل ۋادىلارنى بەرپا قىلغان ئەجدادىمنىڭ قايسى ئازغۇنلۇقنىڭ كاساپىتىدىن دەريا بويىنىڭ ئەتىراپىدىكى بوستانلىقلارنى قۇم ئەجدىرھاسىغا تەشلاپ بىرىپ، ئۆزلىرىنى ماماتنىڭ مەڭگۈلۇك پىنھانلىقىغا ئالغانلىقىنى ئاڭقىرالماي گاڭگىرىدىم ،بىراق بۇ خل گاڭگىرىشىم ئۇزاق داۋام قىلمىدى، چۈنكى كۆز ئالدىمدىكى چەكسىز قۇم بارىخانلىرى ماڭا ھەممىنى تەپسىلى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى، يەنى ئەجداتلىرىم ئەينى ۋاختىدا بىخۇتلۇققا يەم بۇلۇپ تەبىئەتنى بولغىغان، دەل دەرەخلەرنى، يېپىنچە ئۆسۇملۇكلىكلەرنى، ۋەيران قىلغان ئىدى... بۇ يەردە بىز رېئاللىققا قايتىپ، ھازىرقى بوستانلىقلىرىمىزدىكى كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەرنى دەڭسەپ باقساق ھەممە ككڭلىمىزەە ئايان بولىدۇ.
خاتىمە
ھورمەتلىك ئۇقۇرمەن، مەزكۇر يازمىمۇ ئاخىرلىشاي داپ قالدى، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيىتسام مىنىڭ بۇ قاملاشمىغان خاتىمىنى يازغۇم يوق ئىدى،باشتا سىلەرگە ئۇبۇكتىپ سەۋەپلەر تۇپپەيلىدىن ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ يازمىنى يازمىغانلىقىمنى ئەسكەرتكەن ئىدىم، 2002 يىلدىكى دەريا بۇيى، جۈملىدىن تەكلىمىكان سەپىرىم مىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئوتتۇز يىلغا يېقىنلاشقان خىيال، تەسەۋۋۇر ۋە تەسىراتلىرىمنى ئاستۇن ئۈستۈن قىلىۋەتتى،
مەلۈمكى ھەرقانداق بىر مىللى ئەنئەنىنى پەقەت ئىنساننىڭ سەر خىل پائالىيىتى بەرپا قىلىدۇ، گىزى كەلسە ئىنسانلار ئۇنى ئەسىرلەرنىڭ، دەۋىرلەرنىڭ بۇران چاپقۇن، پايخانلىرىدا تاۋلاپ ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنە ئۇنى زەبۇن قىلىشمۇ شۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىدىن كىلىدۇ، جۈملىدىن مەن ئۆسمۈرلۈك ۋاختىمدا دەريا بۇيى توغرىسىدىكى ھەرقانداق گەپ سۆزلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق قىزىققاچقا مەھەللىمىزدىكى دەريا بۇيىغا بىر ئۆمۇر ئۇن، ياغ ،گۈرۈچ، قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاپىرىش بىلەن مەشغۇل بولغان تۈگۈچى ئىمەن ئاخۇن ئاكىدىن ئۇ مەھەللىگە پەيدا بولسىلا دەريا بۇيىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى توغرۇلۇق ئۇنى بۇنى سۇراشنى قازا قىلمايىتتىم،ئۇ كىشىمۇ ماڭا ئۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئەخلاقى پەزىلەتلىرى توغرىسىدا زىرىكمەي سۆزلەپ بىرەتتى، مۇھىمى ئۇنىڭ مەھىللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتا، بىرەر ئىۋەنلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى يۇلۇقتۇرۇپ قالغاندا بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادىتى بۇيىچە« ھەي... بۇ ئىشىڭلار قاملاشماپتۇ، بۇ ئىشنىچۇ قاراڭلار، ئاشۇ جاڭگىلىستاندا ياشاۋاتقان دەريا بۇيلۇقلارمۇ سىلەردەك قىلماي مانا مۇنداق قىلىدۇ» دىگىنىچە ئۇ ئىشنىڭ توغرىسىنى ئۆزى قول سېلىپ تۈزۈپ كۆرسىتىدىغان ئادىتى بىلەن يەنە ھەر قېتىم ياخشى پەزىلەتكە ،ئادەتكە پەقەت دەريا بۇيىدىكى كىشىلەردىنلا مىسال ئالىدىغان ئادىتى دەريا بۇيىنى مىنىڭ نەزىرىمدە ئادىمىلىك پەزىلەت، ئورۇپ ئادەت جەھەتتە تۇلىمۇ يۈكسەك ئۇرۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى، جۈملىدىن مەن بۇ ماكان بىلەن تۇنجى قېتىم ۋىساللاشقان ئاشۇ خەيرىلىك كۈنلەردە بۇ خىل قارىشىمنىڭ توغرىلىقى ماڭدامدا بىر ئىسپاتلىنىپ مىنى ئىنسانى پەزىلەتنىڭ ئەڭ ئىسىل نامايەندىلىرى بىلەن ئۆزىگە كۈچلۈك جەلىپ قىلغان ئىدى، ئەپسۇس،بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگرىكىگە تۈپتىن ئوخشىمىدى،شۇ كۈنى مەن ئەتىرىترىمىزنىڭ شوپىرى ئابدۇلئەزىز بىلەن دەريا بويىدىكى بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر ھەققىدە مۇڭداشتىم،شۇ چاغدىكى پاراڭلىرىمىز ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ،مەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇلۇنغان ئەشۇ پاراڭنى بۇ يازمامنىڭ خاتىمىسى قىلدىم.
** ** **
- ئاداش ، دەريا بۇيىنىڭ ئادەملىرى ماڭا باشقىچە كۈرۈنىۋاتىدا، مەن بەش يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەرگە كەلگەن ۋاختىمدا ،ئۇنداق ئەمەس ئىدى، سىلەرمۇ ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ -دىدى ئابدۇلئەزىز نىمىدىندۇر ئەجەپلەنگەندەك ھالدا ،
- قايىسى تەرىپى ئوخشىمايۋاتىدۇ،ئىنىقراق گەپ قلمامسىلەر؟-دىدىم ئۇنىڭغا قىزىقىپ،
- مۇئامىلىسى بولمامدۇ، سىلى ئۇبدان بىلىسىلەر ،بۇ ئادەملەر ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى، سىلى بىزنى كۆرسە يېنىمىزغا يۈگۈرۈپ كىلەتتى، ئۆيىمىزدە قۇنۇپ كەتمىسەڭلا خاپا بۇلىمىز دەپ ئادەمگە كانىدەك چاپلىشىۋالاتتى، ھازىر بىزنى كۆرسە يالتىيىدىغان بۇلۇپتۇ، بايا ئايلىنىپ دۇختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمەن، كۆتەك ئۈستىدە بىرنەچچە كىشى ئولتۇرغان ئىكەن، مىنىڭ كىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈشۈپلا تارقاپ كىتىشتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇنۇش بىلىشلەرمۇ بار ئىدى ، ئۈلۈشكۈن سەيدىئاخۇن ئاكامنىڭ ئۆيىدە ھارقايسىڭلار سەزمەي قالدىڭلا، ئۇ داستىخاغا سۇغۇق سۇنى قۇيۇپ ئولتۇرغادا يۇسۇپجان شاڭجاڭ ئۇنى تۆر ئۆيگە چاقىرىپ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى كۇسۇرلىغاندىن كىيىن قىزىنى كۈمەچ كۈمۈشكە بۇيرىدى، سەيداخۇن ئاكام دىگەن ئىلگىرى ئۆيىنىڭ ئالدىدىن بىرەر يۇلۇچى ئۆتسە ئالدىنى تۇسۇپ ئۆيىگە باشلايدىغان بىر پاخلاننىڭ بېشىنى ئالمىسا ئۇنى قۇيۇپ بەرمەيدىغان ئادەم ئىدى، ئەمدى ئۇمۇ ئۆيىگە مىھمان كەلسە شىزاڭنىڭ بۇتىدەك قاراپ تۇرىدىغان بۇلۇپتۇ،يەنە سىلى يول بۇيىدىكى بىرنەچچە كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، ئەزەلدىن قۇلۇب سېلىنمايدىغان ئۇ ئىشىكلەرگە قۇلۇب سېلىنىپتۇ، ئىشقىلىپ دەريا بۇيى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىگە ئوخشىماي قاپتۇ.بۇنداق بۇلۇشتا چۇقۇم بىر سەۋەپ بار...
- سىلى پەرەز قىلىپ بېقىڭلا قېنى ،قايسى سەۋەپتىن بۇ يەردىكى ئادەملار ئۆزگۈرۈپ كەتكەندۇ، ھەم ئىشىكلەرگە قۇلۇب سېلىنغاندۇ؟-دىدىم كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى يىشىش مەخسىتىدە ئابدۇلئەزىزنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ،
- ئاداش، مەن قايتىپ كىلىۋېتىپ ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ بولدۇم ، نەچچە يىلدىن بىرى سىلى قەلەمنى تۇتۇپ قەغەزگە قاراپ ئولتۇرغىنىڭلار بىلەن مەن ماشىنىنىڭ رۇلىنى تۇتۇپ بىر يەردە جىم تۇرمۇدۇم، قىسقىسى كۆپ ئىشلارنى كۆردۇم، راستىنى دىسەم دەريا بۇيىنى ،ھەم بۇيەردىكى كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىۋەتكەن باشقا ئىش ئەمەس، سىلى بىزگە ئوخشاش سىرىتتىن بۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى! سىىلى بىز بۇ يەرگە مۇھىم خىزمەت بىلەن كەلگەن بىلەن يەنە نۇرغۇن ئادەم ھەرخىل مەخسەتتە كىلىدۇ، قىسقىسى بۇ يەردىكى قويدەك يوۋاش ،مۇلايىم ،ساددا ئادەملەرنى ئالداپ قارا قۇيىدىغان كاززاپلارمۇ كىلىدۇ، ھەر خىل تاپاۋەت بىلەن كىلىپ يامان ئىللىتىنى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئۈگۈتىدىغان ئالا قاناتلارمۇ كىلىدۇ، مانا مانا ئىسىمگە كەلدى ،جەزە قويغاننىڭ تەۋەسىدە قاسىم ئاخۇن ئىسىملىك بىرسى بۇلىدىغان ، بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىز بىر نەچچە ماشىنىدا بۇ يەرگە سىمۇت تۇشىغاندا ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ،قاسىم ئاخۇن قىرىق ياشلاردىن ئاشقان تۇلىمى ئاقكۆڭۈل يوۋاش كىشى ئىدى، گەرچە ئۇنىڭ تۇرالغۇسى بىز ئۇتىدىغان يولدىن قىرىق نەچچە كىلومىتىر ئىچكىرىدە بولسىمۇ ئۇ كۆپ ھاللاردا يول بۇيىغا كىلىپ گۇلخان سېلىپ ، قوقاسقا كۈمەچ كۆمۈپ ،چاينى دەملەپ يۇلىچىلارنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ مەخسىدى بۇ يەردىن ئۆتكەن يۇلۇچىلارغا ئۇسسۇلۇق بىرىپ قۇرسىقىنى تۇقلاپ قۇيۇپ ئاز -تۇلا مۇڭدۇشۇشلا ئىدى، دىمىسىمۇ بۇ تەۋەدىكى يول بىر نەچچچە داۋاندىن ئۆتكەچكە ھەرقانداق يۇلىچى بۇ تەۋەگە كەلگەندە بىر كىچە قۇنماي كىتەلمەيىتتى، قاسىم ئاخۇن يۇلىچىلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بىرىشنى كۆزلەپ بىرنەچچە يىلدىن بىرى بۇ ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەچكە كىشىلەر ئۇنىڭغا «قاسىم جۇتۇڭ» ( جوتۇڭ ‹ قاتناش› مەنىسىدە، بۇ يەردە ‹ قاتناش ساقچىسى مەنىسىدە قۇللۇنۇلغان›) دەپ ئىسىم قۇيۇشقان بۇلۇپ قاسىم ئاخۇنمۇ بۇ لەقەمگە كۈنۈپ قالغان ئىكەن، بىر كۈنى بىز بىرنەچچىمىز ئۇ تەييارلىغان گۇلخاندا ئىسسىق كۈمەچ بىلەن قۇرساقنى تۇقلاپ ئولتۇرغاندا ئارىمىزدىكى شوپىرلارنىڭ بىرسى بىر ئۇرام تاماكىنى گېزىت قەغىزىگە ئۇراپ ئوتلىغاندىن كىيىن قاسىم ئاخۇنغا تۇتتى ۋە؛
- قاسىم ئاخۇن ، شەھەرگە كۈچۈپ چىقىڭلار دىسەك گىپىمىزنى ئالمىدىڭلا، بۇ قۇملۇقتا جاھاننىڭ راھېتىنى كۆرمەي ئۇلۇپ كەتمەڭلا ،تاماكۇ بولسىمۇ چىكىڭلا، ئۇغۇل بالا دىگەنگە يەتمىش ئىككى خىل ھۇنەر كەملىك قىلىدۇ دىگەن گەپ بار، بۇ تاماكۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق لەززىتى بار –دىدى، قاسىم ئاخۇن ئۇنىڭغا چاي سۇنىۋېتىپ ،
- ئېغىزىمغا چىش چىقىپ مۇشۇنداق كېيىپنى قىلپ باقمىغان ئىدىم، مىنى زورلىماڭ ،بىزنىڭ دەريا بۇيىدا تاماكۇ چىكىدىغان ئادەم يوق، مەن باشلاپ بەرسەم قاملاشماس- دىدى، سىپايىلىق بىلەن، بىراق شوپىر دوستىمىز ئۇنىڭغا يىلىمدەك چاپلىشىۋالدى، دەريا بويلۇقلارنىڭ شۇنداق بىر ئادىتى باركى بىركىم ئۇلارغا «گىپىمگە قۇشۇلمىسىڭىز سىزدىن رەنجىيمەن» دىسە ئۇ ئىتائەتتىن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاشنى ئەۋزەل كۆرۈپ ئۇنىڭ تەلىۋىنى شۇئان ئۇرۇنلايدۇ، مانا بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، شوپىر دوستىمىز قاسىم ئاخۇنگە شۇ گەپنى دىگەن ئىدى ئەتىدىن بىرى جاھىللىشىپ تۇرغان قاسىم ئاخۇن ئۇنىڭ قۇلىدىن تاماكۇنى ئېلىپ ‹ سىلىنى رەنجىتكىچە چەكتىما مانا، بىرقېتىم چەككەنگە جېنىمنى ئالاس› دەپلا تاماكۇنى چىكىشكە باشلىدى، مەن شوپىر دوستىمىزنى ئېيىپلىغان بولساممۇ ئۇ ماڭا پىسەتىنىت قىلماي تېخى قاسىم ئاخۇنغا تاماكۇنى ئىچىگە تارتىشنى ئۈگۈتۈش بىلەن بۇلۇپ كەتتى،ھەي، ئاڭلىسام ھېلىقى مەرھۇم گىتتارچى ئەخمەتجانغىمۇ دەسلەپتە خىروئىن چىكىشنى مانا مۇشۇنداق زورلامچىلار ئۇگەتكەن ئىكەن، كىيىن مەن يېرىم يىلدىن كىيىن دەريا بۇيىغا كىلىۋېتىپ ھېلىقى جايدا قاسىم ئاخۇن بىلەن كۈرۈشتۈم، بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان تاماكۇغا خۇمار بۇلۇپ كور بەڭگىگە يەنە تېخى دەريا بۇيلۇق بىرنەچچە كىشىگە تاماكۇ چەكتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇستازى بۇلۇپ قاپتۇ، مانا ئەمدى ئۇ يېنىدا تاماكىسى تۇگەپ قالسا قىرىق نەچچە كلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ يول بۇيىغا كىلىپ يۇلىچىلاردىن بىر ئۇرام تاماكۇ سۇرايدىغان بۇلۇپتۇ، تاماكۇ چىكىش ئادەتتىكى ئىش بولغان بىلەن دەريا بۇيىدەك تارىختىن بىرى بولغانماي پاكىزە تۇرغان جايغا نىسپەتەن كىچىك ئىش ئەمەس ،ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ يەردە ئۆپكە كىسىلىنى پەيدا قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرىنى قىسقارتىدۇ، ئاخىردا دەريا بۇيىنىڭ ‹ئۇزۇن ئومۈركۆرۈش چولپانلىرىنىڭ يۇرتى› دىگەن چىرايلىق نامىنى يۇقۇتىدۇ شۇ... ئابدۇلئەزىز سۇزىنى توختۇتۇپ ئۇلۇغ نەپەس ئالدى، مەن بېشىمنى ياستۇقتىن كۇتۈرۈپ تامغا يۇلەنگىنىمچە ئۇنىڭغا تىكىلىپلا قالغاندىم، راستىنى ئېيىتسام مەن ئابدۇلئەزىزنىڭ باشتا ئۆزى دىگەندەك ماشىنا ھەيدەپ يۇرۇپ جاھاننىڭ نۇرغۈن ئىشلىرىنى دەڭسەپ كۆرگەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندىم،
- ئاداش، سىلە ناھايىتى توغرا دىدىڭلا، راستىنى دىسەم مەن ئەتىدىن بىرى مۇشۇ ئىشلارنى توغرىسىدا ئويلاندىم ، ئەتتىگەندە مەن ھېلىقى مەتتۇرزى پايەن بىلەن مۇڭدۇشۇپ سىلىگە ئوخشاش ئەجەپلەنگەن ئىدىم، مانا تۇگۇننى سىلى يەشتىڭلا، دەريا بۇيىنى بۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەر ئەمەس سىلى بىزگە ئوخشاش سىرىتتىن بۇ يەرگە كەلگەنلەر بولغاپتۇ، ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرى يامان ئادەتلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن بولغۇنۇپ بولغاچقا ئۆزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇ مەينەتچىلىكلەرنى بۇ يەردىكى پاك ئادەملەرگە خۇددى يۇقۇملۇق كىسەلگە ئوخشاش يۇقتۇرغان گەپ ،شۇڭا ئۇلار تەدىرجى ھالدا بىزگە ئوخشاش مەدەنىيەتلىك كىشىلەردىن، يەنى زامانىۋى شەھەر كىشىلىرىدىن بىزار بۇلۇپتۇ، دىمىسىمۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى ئالاكۆڭۈللۈك ،ئىتىقادسىزلىق، پەزىلەتسىزلىك، ۋىژدانسىزلىق ،قاتارلىق يامان ئادەتلەر بۇ يەردىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەچكە ئۇنىڭ زىيىنىنى بۇ يەردىكى كىشىلەر بىلىشكە باشلاپتۇ، مانا ئۇلار سىرىتتىن كەلگەن كىشىلەرگە ئىلگىرىكىدەك خوش مۇئامىلى قىلمايدىغان قىسقىسى ئۇلار بىلەن ئىلگىرىكىدەك ئىچ قۇيۇن تاشقۇيۇن بۇلۇشتا يوق بەلكى مۇئاييەن ئارىلىق ساقلايدىغان بۇلۇپتۇ،- دىدىم ئۆز قارىشىمنى كەسكىن ئىپادىلەپ ،راستىنى دىسەم ئابدۇلئەزىزنىڭ مەسىلىلەرگە ئۇبۇكتىپ باھا بىرىدىغان ئادىتىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈڭگە مۇناسىپ مۇڭداشچى بىلەن مۇڭدۇشۇپ قۇرساقنىڭ كۈپۈكىنى چىقىرىشمۇ كىشىگە بىردەملىك بولسىمۇ ئاراملىق بىرىدىكەن،
ئەمدى چۇشەندىم ئاداش، يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا يۇسۇپجان شاڭجاڭ ،ماڭا يەل يىمىشنى كۆپرەك ئېلىۋېلىڭلا، دەپ تاپىلاپلا تۇرغان ئىدى، ئۇ بۇ گەپنىمۇ بىكارغا دىمەپتىكەندە ئەسلى،قارىغاندا بۇ قېتىم جاپانى خىلى تارىتقۇدەكمىز، ئۆزىمىزنىڭ شورى، ئەمدى ئويلىسام ھەممە مەسىلە دەريا بۇيلۇقلاردا ئەمەس ئۆزمىزدىكەن، ھەقىقەتەنمۇ بىزگە ئوخشاش تۇكباشلارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى، شۇ چاغدا مەن بىلەن بىرگە بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە باشقىلارنى « بۇ يەرنىڭ قىزلىرى ناھايىتى چىرايلىق ،ھەم ساددا، ئاسانلا ئالدىغىلى بۇلىدۇ، بىزمۇ بۇ قېتىم تازا بىر ئوينىۋالايلى» دەپ دەي دەيگە سالغانلارمۇ بولغان ،مەن ئۇلارنى تىللاپ ئانا مانىسىنى قويغان ئىدىم، ئۇلار مۇشۇنداق يامان نىيەتتە بۇلۇشۇپ يۇرسە بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلارنى قانداقمۇ ئىلگىرىكىدەك قەدىرلىسۇن؟
ئابدۇلئەزىز شۇنداق دىگىنىچە تۇرۇسقا قاراپ يېتىپ ئۇلۇغ نەپەس ئالدى، مەن ئۇنىڭ ئوتكەن يىللار ئىچىدە بىلىم ئېلىش، ۋە ياخشىراق خىزمەت شارايىتى دىگەنلەرگە ئىرىشەلمىگەن ،ھېلى قارىسا يۈك ماشىنىسى، ھېلى قارىسا بىرەر ئىدارىنىڭ كىچىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ ئاخىرىدا سۇ ئىدىرىسىغا بىكىپ قالغان بولسىمۇ ھەر ھالدا جەمىيەت ۋە تۇرمۇشتىن ئىبارەت مۇھىم «داشۆ» دە خىېلى ياخشى ئۇقۇغانلىقىدىن سۈيۇنۇپ قالدىم،دىمىسىمۇ ئۇنىڭ ھېلىقى قاراشلىرىنىڭ مۇئاييەن ئاساسى بار ئىدى، قىسقىسى مىنىڭ ئويۇم بىلەن ئۇنىڭ ئويى بىر يەردىن چىققان ئىدى،مەن ئۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپ كەچ كىرگۇچە دەريا بۇيى توغرۇلۇق مۇڭداشتىم،دىمىسىمۇ ئابدۇلئەزىز يىللاردىن بۇيان دەريا بۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسىلەرنى ياخشى بىلگەندىن باشقا ھۈكۇمەتنىڭ غەمخورلىقى بىلەن بۇ يەردە قۇرۇلغان ئولمۇئەسسە قۇرۇلۇشلىرىغا ھەر خىل ۋەزىپىلەر بىلەن قاتناشقان ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلگەنلىرى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەن، شۇ كۈنى كەچلىگى ئەتىرىتىمىزدىكى توت نەپەر دوستۇم يېقىن ئەتىراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك روھى سولغۇن ھالدا قايتىپ كەلدى، كىيىن ئايان بولدىكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئەھۋاللارغا يۇلۇقۇپ تۇلىمۇ ئەجەپلىنىپتۇ، كىيىن بىر مەھەل بولغۇچە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ياتىقىمىزدا بۇ ھەقتە بەس مۇنازىرە بولدى، يەنىلا ئابدۇلئېزىزنىڭ قاراشلىرى باشقىلارنى قايىل قىلدى، بىزگە كۈمەچ ئېلىپ كەلگەن ئابدۇللا كېرىممۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى دۇرۇس كوردى بولغاي ،
- ئابلىزاخۇن ئۇستام دەريا بۇيىغا كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ كەلگەن، ئۇ دەريا بۇيىنى ھەممىڭلاردىن ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭ بايا دىگەنلىرى ناھايىتى توغرا بولدى، ئەممازە بىزنىڭ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئادەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكىمى يوق، نىمىشقا دىگەندە كونىلارنىڭ قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، دەيدىغان گىپى بار ئەمەسمۇ،ئۆيى يول بۇيىغا جايلاشقانلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئۆيى تۆرگە جايلاشقانلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ،ئىشەنمىسەڭلا بۇ دورەم كۆرۈپ باقارسىلەر، بەزىبىر ئىشلاردا كۆڭلۈڭلار چىگىلىپ قالغان بولسا ئۇلار ئۈچۈن مەن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن، خاپا بولماڭلار ،ھەممىمىز تۇققان تۇرساق، -دىدى ئويچان ھالدا ،مەن ۋۇجىدىغا دەريا بۇيىنىڭ بارلىق خىسلەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن ،بۇ سەمىمى ئىنساننىڭ بۇ گىپىدىن يەنىلا بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاياۋاتقانلىقىنى بىلدىم، دىمىسىمۇ ئابدۇللا كېرىم دەريا بۇيىنىڭ پىشقەدەم رەھبىرى بۇلۇپلا قالماستىن بۇ يەردىكى مىڭ نەچچە يۈز كىشىگە ۋەكىللىق قىلالايدىغان يەنە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مۇلايىملىقى،ئاددى ساددىلىغى،ئاقكۆڭۈللىگى، ئىشچانلىقى ۋە مىھماندوستلىقى بىلەن دەريا بويلۇقلارنىڭلا ئەمەس بەلكى دەريا بۇيىغا كەلگەن چەتئەللىكلەردىن باشلاپ كېريەلىكلەرگىچە نامى زىكرى قىلىنىدىغان موھتىرەم كىشى ئىدى، مەن بۇ كىشى توغرىسىدا باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ،كەم سۆز، كىشىگە داۋاملىق تەبەسسۇم بىلەن باقىدىغان بۇ كىشى دەريا بۇيىدا ئۇزاق يىل مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ باشقا سەھەدىكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەمۇرى دەرىجىدىكى بىر قىسىم رەھبىرى يولداشلاردىكى چوڭچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق، شەخسىيەتچىلىك، ئىللەتلىرى بۇكىشىدە ھوددەس يوق ئىدى، قاچان قارىسا ھالال مىھنەت بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ باشقىلارغا يارىدەم بىرىش پۇرسىتىنى ئىزدەپلا يۈرۈيدىغان بۇ ئادەمنىڭ بۈككىدە ئۆسكەن توغراقلىق ئارىسىغا جايلاشقان ئازادە ئۆيى دەريا بۇيىغا سىرىتتىن كەلگەن ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ ئۆتىڭى بۇلۇپ ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر ئىككى كۈن كۈتۈنۈپ ئاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى باشلايدۇ ،ئابدۇللا كېرىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھەر كۈنى بۇ خىلدىكى مىھمانلارنى كۈتۈشكە ئادەتلىنىپ كېتىشكەن ئىكەن، دەريا بۇيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ؛ « بىر ئايدا ئابدۇللا كېرىمنىڭ ئائىلىسىدە بىر ماشىنىنىڭ كۇزۇپىدىكى ئۇن ،گۈرۈچ، ياغ، سەي كۆكتات تۈگەيدۇ» دىگەن گەپمۇ مۇشۇ ئىشلارغا قاراپ تارقالغان ئىكەن. شۇ تاپتا ئۇ بىزنىڭ دەريا بۇيىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىشۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ بىر ئاز ئۇڭايسىزلانغاندەك قىلاتتى.مەن ئۇنىڭ مۇلايىملىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان قارامتۇل، ياغاق چىرايىغا مەپتۇنلۇق ئىچىدە قاراپ ئويغا چۆمۇپ قالدىم ،گەرچە بىزنىڭ بەس مۇنازىرىمىز چوڭقۇرلۇشۇپ ئاخىردا «دەريا بۇيىغا سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن مۇئامىلىسىگە مۇيەسسەر بۇلالماسلىقى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ شورى» دىگەن خۇلاسىگە كىلىشىپ ئىلگىرى بۇ يەردىكى كىشىلەرنى بىزار قىلغانلارغا نەپرەتلەنگەن بولساقمۇ ئابدۇللا كېرىمنىڭ ئۆز كىشىلىرىنىڭ پەزىلىتىدىن بىزنى يەنىلا ئۈمۈدلەردۇرگەنلىكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى دەريا بۇيىچە قىممەتلىك خىسلەتنىڭ يارقىن ئىپادىسى ئىدى خالاس،كىيىنكى يىگىرمە كۈنگە يېقىن داۋام قىلغان تەكشۈرۈش پائالىيىتىمىزدە ئابدۇللا كېرىمنىڭ ھېلىقى سۆزىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى، يەنى بىز بۇ جەرياندا دەريا بۇيىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە بېرىپ بۇيەردە خۇددى يۇلتۇزلاردەك چاچقۇن ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى كۈزۈتۈپ ماتىريال توپلاش جەريانىدا بىزنى ئەجەپلەندۇرگەن ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە يەتتۇق، قىسقىسى ئابدۇللا كېرىم دىگەندەك سىرىتتىن كەلگەن بىر قىسىم بەت قىلىق ئادەملەرنىڭ مەينەت قەدىمى يەتكەن ئۇرۇنلار بىلەن ھازىرچە ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن ئۇرۇنلاردىكى ئەھۋال ئوخشىمايدىكەن، يول بويلىرىغا جايلاشقان بىر قىسىم ئائىلىلەردىكى كىشىلەر بىزگە سىرىتتىن كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قۇلۇب سېلىنماي ئۇچۇق تۇرغان ئۆيلەرگە كىرىپ نەرسە كىرەكلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى ھەتتا قويلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېچىنىش ئىچىدە سۆزلەپ بەردى ، ئۇلار يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بالا چاقلىرىغا بىرقىسىم ناچار ئادەتلەرنى ئۈگۈتۈپ تارىختىن بۇيان پاكىزە تۇرغان بۇ ماكاننى بولغىغانلىقلىرىغا يەتكۈچە ئېچىنىدىغانلىقىنى ،شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بىرى سىرىتتىن كېلىشكەن كىشىلەرگە ئىلگىرىكىدەك قىزغىن مۇئامىلە قىلشمىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى، دىگەندەك يالغۇز توغراق ،باسقاق ئېغىل دىگەنگە ئوخشاش چەت، يىراق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئىلگىرىكى ئەنئەنىسىنى ھازىرمۇ ئەينەن داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ، بۇ ھالەت بىز يالغۇز توغراقتا يۇمىلاققۇم قەدىمى شەھرىگە بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا ھازىرلانغان ۋاختىمىزدا تۇلىمۇ يارقىن گەۋدىلەندى، يەنى بىزنىڭ ئۇزاق سەپەرگە ھازىرلانغانلىقىمىزنى ئاڭلىغان كىشىلەر شۈنچە يىراق يوللارنى بېسىپ يالغۇز توغراققا كىلىپ بىزگە تىنىچ ئامانلىق تىلىشىپ ئۇزۇتۇپ قۇيۇشتى، بىز كىيىنكى پائالىيىتىمىز جەريانىدا ئۇلارنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئىنسانى يارىدەملىرىگە يۈزىمىز قىزارغان، ۋۇجۇدىمىز تىتىرىگەن ھالدا تەشەككۇر ئېيتىشقان ھەمدە ئۇلار بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشقان بولساقمۇ كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇلارغا دەيدىغان قانداقتۇر بىر يۇرەك سوزىمىز باردەك ئىدى،جۈملىدىن مەن ھازىرغا قەدەر بۇھەقتىكى گادىرماچ خياللار بىلەن چېلىشىپ كىلىۋاتىمەن ،ئىنىقراق ئېيىتسام ئۆزۈم ياشاۋاتقان زامانىۋى شەھەر بىلەن دەريا بۇيىدا تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ ھازىرغا كەلگەندە تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بىر قىسىم ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ پىغانى يۈرۈگۇمنى ماڭدامدا بىر سىقىدۇ، نىمە ئۈچۈن دەريا بۇيى ئۇزاق مۇددەت پىنھاندا تۇرۇپ ئەمدىلا رەستىگە چىققاندا مۇنداقچە ئېيىتقاندا قان قېرىنداشلىق مىھرىمىز بىر بىرىگە قايتا چېتىلغاندا ئۇ بىزدىن يەنە يىراقلىشىشقا يۈزلىنىدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسلە زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تۇقۇنىشىمۇ ياكى بىزنىڭ مەدەنىيەت دەپ بۇ يەرگە تاڭغانلىرىمىز ئەمىليەتتە باشقا نەرسىمۇ؟ دىگەنگە ئوخشاش بىر تالاي سۇئاللار مەندىن جاۋاپ كۈتىدۇ، بەلكىم بۇ سۇئاللار ھورمەتلىك كىتاپخانىلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش قىزىقتۇرسا كىرەك.يېقىندا ئاڭلىسام دەريا بويىدا يەنە بىر يېڭىلىق تازا ئەۋىج ئېلىپتۇ، يەنى ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ مەدەىنى ھەم زامانىۋى دۇنيادىن شۇنچە يىراقتا تۇرىۋاتقان بۇ پىنھان ماكاندا يان تىلفۇن ئالاقىسى يولغا قۇيۇلۇپتۇ، بۇ زامانىۋى ئالاقىلىش ۋاستىسى يەرلىك كىشىلەرنى تاشقى دۇنيا بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتۇرۇپتۇ، ئۇلار كۈندە دىگۈدەك ئۆزئارا تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ، يىراقنى يېقىن قىلىشقان بولسىمۇ ئەپسۇس،ئارىدىكى ۋەدە، ئەھدىلەر نىمىشقىدۇر ئىلگىرىكىدەك راست بولماستىن، كۆپ ھاللاردا يالغان بولىۋاتقۇدەك...
ئاپتۇر : «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىدە
يېڭى قاشتېشى 2008-يىللىق ئالاھىدە سانى
مەنبە
http://bbs.alkin.cn