ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس ، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس .
ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ.
قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.
ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر.
دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.
ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.
مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ.ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ .
ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ.
ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ.
ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.
"ياخشى بولسا مۇشۇنچىلىك بولار" دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.
قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.
تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.
ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.
ئككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.
بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز "مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە" دەپ بىكار ئېيتمىغان.
ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.
ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.