تولۇقلىما
______________________
يادرو قۇراللىرىنىڭ كۈچى قانچىلىك ؟
ھەمەيلەنگە مەلۇمكى يادرو قۇراللىرى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان مەيلى تۈرى ۋە ياكى پارتىلاش كۈچى جەھەتتىن بولمىسۇن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ،يادرو قۇراللىرىنىڭ شەكلى كىچىكى مىنا شەكىللىكتىن چوڭى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتكىچە،پارتىلاش كۈچىمۇ ئىلگىركى نەچچە ئونمىڭ توننىدىن ھازىرقى نەچچە يۈز مىليون توننىغا تەرەققى قىلدى.ھەم شۇجەرياندا ئىككى قېتىم ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىش ۋە 2000قېتىمغا يېقىن سىناق قىلىپ پارتىلتىلىش جەريانىدا ئىنسانىيەتكە بىر تالاي بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.مۇشۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھېس قىلىشىمغا ئاساسلانغاندا جەميىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ھېس قىلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ھەقتە توپلىغان بىلىملىرىم ھەم ماتىريللىرىمغا ئاساسلىنىپ ئاددىي بولسىمۇ بۇ يازمىنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم،كەمچىللىكلىرىم بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
يادرو قۇراللىرىنىڭ تۈرى ھازىرچە ئاتوم بومبىسى،ۋودروت بومبىسى ۋە كىيىنرەك مەيدانغا كەلگەن نىيتىرون بومبىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى ۋودروت بومبىسى،ئەڭ ئاجىزى نىيتىرون بومبىسى.
نۆۋەتتە مەن بۇ ئۈچ خىل بومبىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى ئاددىي،چۈشىنىشلىك مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈمەكچى.
1.ئاتوم بومبىسى
تۇنجى بولۇپ ئىنسانىيەكە يادرونىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغان ھەم ئىسانلار ئۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەتكەن بۇ بومبىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى ئىنسانىيەتكە شۇنچىۋالا كۆپ بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلەرىنى كىممۇ ئويلىغان .ئاتوم بومبىسى ئادەتتە پارچىلنىش رىئاكسىيسىگە قاتناشقۇچى ماتىريالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۇرانلىق بومبا ۋە پىلوتونىيلىق بومبا دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ (كۆپ ئەھۋالدا بۇ ئىككىسى ئارلاشتۇرىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم مىقدارىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ) بۇ ئككىسىنىڭ پارتىلاش كۈچىمۇ بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.
2.ۋودروت بومبىسى.
ۋودروت بومبىسى ئىسسىق بومبا دەپمۇ ئاتىلىدۇ،سەۋەبى ئۇ پارتىلىغاندا غايەت زور ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ ئىسسسىقلىق باشقا ھەرقانداق بومبىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ،ئۇ چىقارغان ئىسسىقلىق قۇياشنىڭ مەركىزىدىكى ھارارەت بىلەن تەڭداش.ۋودروت بومبىسى ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى قۇدرەتلىك ،ئادەتتە ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئاتوم بومبىسىغا سېلىشتۇرغاندا 1000ھەسسىدىن كۆپرەك كۈچلۈك ،ئامرىكىلىق يادرو مۇتەخەسىسىلىرى<ئەگەر 1945-يىلدىكى خىروسماغا تاشلانغان بومبا ئاتوم بومبىسى بولماي ھودروت بومبىسى بولغان بولسا ئۇچاغدا ۋەيران بولىدىغىنى خىروسما بولماي بەلكى پۈتۇن ياپونيە بولغان بولاتتى> دېگەن ئىدى ۋودروت بومبىسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنىڭ پارتىلىشى ئۈچۈن خېلى چوڭ ئىنىرگىيە كېرەك بولىدۇ،شۇڭا ئادەتتە ۋودروت بومبىسىنىڭ ئىچىگە يەنە كىچىك بىر ئاتوم بومبىسىنى ئورۇنلاشتورۇش كېرەك،بۇنداق بولغاندا ئاۋال ئاتوم بومبىسى پارتىلايدۇ ئاندىن ئۇنىڭدىن چىققان ئىنىرگىيە ۋودروت بومبىسىنى پارتىلاش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3.نىيتىرون بومبىسى
نىيتىرون بومبا تەتقىق قىلىنىپ چىقىلغىلى ئۇزاق بولمىدى .ئەمەليەتتە نىيتىرون بومبا بولسا كىچىك تىپتىكى بىر ۋودروت بومبىسى .ھەم ئۇنىڭ پارتىلاش كۈچىمۇ ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس،ئۇنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇ پارتىلىغاندا ئىمارەتلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ،ئۇنچىۋالا يۇقۇرى تېمپۇراتۇرانىمۇ پەيدا قىلمايدۇ،ئېغىر بولغان يادرو بۇلغىنىشنىمۇ پەيدا قىلمايدۇ،ئەمما ئۇ ئىسمىمۇ جىسمىمۇ ئوخشاش بىر ھەقىقى بىر ئالۋاستى،ئەرۋاھ دىيىشكە مۇۋاپىق،چۇنكى ئۇنى ھەرگىز پارتىلتىش نىشانى ئۈستىدە پارتتىلاتمايدۇ،ئۇنى زەربە بەمەكچى بولغان نىشاننىڭ يېقىن ئەتراپتىكى رايونىدا پارتىلاتقاندا (ئاساسەن يۇقۇرى ھاۋا بوشلۇقىدا)ئۇنىڭدىن غايەت زور مىقداردا نىيتىرون ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدۇ ،يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقان سۈرئەتتە كەلگەن بۇ زەررىچىلەرنى يا كۆرگىلى ،يا تۇتقىلى بولمايدۇ،سىز پەقەت ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋاقىت ئىچىدە ئەزرائىل بىلەن سالاملاشقانلىقىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن.
1945-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامىرىكا تۇنجى قىتىم ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى ، ھەم شۇندىن باشلاپ ئىنسانلارمۇ يادرو قوراللىرىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى تەتقىق قىلشقا باشلىدى.
ئادەتتە يادرو بومبىلىرىنىڭ پارتىلاش كۈچى TNTبومبىسىنىڭ پارتىلاش كۈچىگە سېلىشتۇرما قىلىنىدۇ،يادرو قۇراللىرىنىڭ ئېكىۋالىنتى 1000توننىدىن 100مىليون توننىغىچە TNTنىڭ پارتىلاش
كۈچىگە تەڭداش كېلىدۇ.
يادرو قۇراللىرىنىڭ پارتىلاش كۈچى مۇنۇ بىرقانچە تۈرلۈك شەككىللەردە ئىپادىلىنىدۇ.
1. يورۇقلۇق رادىياتسىيسى.
يادرو قۇرالى پارتىلغاندا غايەت زورمىقداردا يورۇقلۇق رادىياتسىيسى پەيدا بولىدۇ،غايەت زور مىقداردىكى گامما نۇرى،رىنتىگىن نۇرى،ئولتىرا بىنەپشە نۇرى،ۋە بارلىق دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ زەررىچىلەر ئېقىمى ناھايىتى تېزلا پارتىلاش مەركىزىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ ھاۋانىڭ تېمپۇراتۇرسىنى قىسقىغىنا نەچچە دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە پارتىلاش مەركىزىنىڭ تېمپۇراتۇرسىنى نەچچە يۈزمىڭ سېلسىيەدىن نەچچە مىليون سېلسىيەگىرادۇسقىچە ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
بىر دانە 20مىڭ توننا ئېكىۋالىنتىكى ئاتوم بومبىسى پارتىلغاندا پارتىلاش مەركىزىدىن 7كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئورۇندا ئادەتتىكى قۇياش نۇرىنىڭ 13ھەسىسىگە باراۋەر يورۇقلۇق رادىياتسىيسى پەيدا قىلىدۇ(مەركىزى قىسمىنىكىنى دىمەيلا قوياي)،بۇنداق كۈچلۈك يورۇقلۇق كۆزنى قارغۇ قىلىپ قويىدۇ،تېرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،چاچ،كىرپىك،قۇلاق،قاتارلىق بەدەندىن ئايرىلىپ تۇرغان ئەزالار
شۇزامات كۆيۈپ كېتىدۇ.ئەتراپتىكى بارلىق كۆيىدىغانلىكى جىسىملارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ پەقەت 20مىڭ توننىلىق ئېكىۋالىنتلىق بومبىنىڭ پارتىلاش كۈچى،لېكىن ھازىرقى كۆپ قىسىم بومبىلارنىڭ كۈچى نەچچە مىليون توننىغا يېتىدۇ.
2.زەربە دولقۇنى.يادرو بومبىسى پارتىلىغاندا ناھايتى كۈچلۈك زەربە دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ،بۇ خىلدىكى زەربە دولقۇنى سىكونتلۇق سۈرئىتى نەچچە يۈز مىتىرلىق سۈئەتتە تۆت ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئۆي ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ تاشلايدۇ،دەل-دەرەخ،ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.بىر دانە 30مىڭ توننىلىق ئېكىۋالىنتتىكى ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندا پارتىلاش مەركىزىدىن 800مىتىر دائىرىدە(پارتىلاش مەركىزىگە يېقىن جايلارنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى) تېمپۇراتۇسى 350سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغان سىكونتلۇق سۈرئىتى 200مىتىرغا يېتىدىغان زەربە دولقۇنى پەيدا قىلالايدۇ، بىز بۇ زەربە دولقۇنىنى 60بال بوراننىڭ كۈچى بىلەن تەڭ دىسەك بۇلىدۇ،
دىمەك بۇ 800 مىتىرلىق رادىيوس ئىچىدىكى رايوندا 350سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپۇراتۇردىكى 60بال بوران چىقىپ كېتىدۇ،بۇنداق كۈچلۈك زەربە دولقۇنى ھەر كۇۋادىرات مىتىر ئىمارەت تېمىغا نىسبەتەن 1000توننىلىق بېسىم بېرەلەيدۇ.بۇنداق ئىسسىق ھەم كۈچلۈك زەربە دولقۇنى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى
ھەرقانداق ئىمارەتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ،كۆيدۇرۈپ تاشلايدۇ،كۆل سۇلىرىنى قاينىتىۋېتىدۇ.ھەرقانداق تەلەيلىك ئادەممۇ بۇرايون ئىچىدە ئامان قالماسلىقى مۇمكىن،1945-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى ياپونيەنىڭ خىروسما ئارىلىغا تاشلانغان< نارەسسىدە ئوغۇل> ناملىق ئاتوم بومبىسى(ئېغىرلىقى 4400كىلوگىرام،دىيامىتىرى 71سانتىمىتىر،ئۇرانلىق بومبا) قىسقىغىنا نەچچە سىكونت ئىچىدە 130مىڭ ئادەمنىڭ جىنىنى ئالغان،60مىڭدىن ئارتۇق ئىمارەتنى ۋەيران قىلىۋەتكەن،شۇ قېتىملىق پارتىلاشتىن چىققان ئىس تۈتەك 18 كىلومىتىر ئىگىزلىككە چىققان.
3.ئىلىكتىر ماگنىت مەيدان زەربىسى.يادرو قۇرالى پارتىلغاندا پەيدا بولغان غايەت زور زەررىچىلەر ئېقىمى ئەتراپتىكى بوشلۇقتا ناھايتى كۈچلۈك ئىلىكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ،بۇنداق كۈچلۈك ئىلىكتىر مەيدانى شۇ رايون ئىچىدىكى توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بارلىكى بارلىق ئۆتكۈگچلەردە يۇقۇرسى نەچچە كىلوۋولتتىن تۆۋىنى نەچچە ۋولتقىچە بولغان توك ئېقىمى پەيدا قىلىپ بارلىق ئىلىكتىر ئەسلىھەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ،تىلۋىزىيە،ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ،ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى كۆيدۈرۋېتىدۇ،رادار،سۇنئى ھەمرا ئالاقىسىنى ئۈزىۋېتىدۇ،
4.دەسلەپكى يادرو رادىياتسىيەسى.يادرو بومبىسى پارتىلىغاندا چاراپ چىققان رادىيو ئاكتىپ ماددىلار ناھايتى كەڭرى رايونلارغا قەدەر تارقىلىپ ئىچىملىك سۇلارنى ،يىمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ،بۇ رادىيو ئاكتىپ ماددىلار توختىماستىن سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان گامما نۇرى چىقىرىدۇ،ئەلۋەتتە يۇقۇرى قۇيوقلۇقتىكى راديو ئاكتىپ ماددا تارقالغان بۇ رايوندا ئىچىدە ئۇزاق تۇرسا ئېغىر بولغاندا تېرە كۆيۈپ زەخىملىنىپ ئۆلىدۇ،ياكى نەپەس يوللىرى ياللۇغلىنىپ،نەپەس قىسىلىپ ئۆلىدىغان گەپ،يىنىك بولغاندا
ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ۇدۇ.
5.پارتىلاشتىن كېيىنكى ئۇزاققا سوزۇلغان يادرو بۇلغىنىش.بۇ خلدىكى بۇلغىنىش باشقا ھەرقانداق بۇلغىنىشتىن ئېغىر بولىدۇ،ئەڭ ئاۋال شۇ رايون ئىچىدە نۇرغۇن غەيرى تۇغۇلغان بوۋاقلار پەيدا بولىدۇ،نۇرغۇن راك كىسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ،يۇقۇرى قۇيۇقلۇقتىكى رادىيو ئاكتىپ مادددىلار ھەممە يەرگە تارقىلىپ كەتكەچكە بۇلغىنىشنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ،توپراق،سۇ،ھاۋا،ئۆسۈملۈك،ھايۋاناتلار تىنىدە راديو ئاكتىپلىق بۇلغۇنۇش كۆرىلىدۇ.ھەم توختىماستىن ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ شۇ دۆلەتكە ئېغىر بولسا پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندە مەن بىر نەچچە قېتىملىق يادرو سىنىقىنىڭ يەكۈنلەنگەن نەتىجىسىنى ئېيتماقچى.
سوۋىت ئىتپاقى 1951-يىلدىن باشلاپ 1990 –يىلغا قەدەر جەمى 800قېتىمدىن ئارتۇق يادرو سىناق قىلدى،بۇنىڭ ئىچىدە 1962-يىلدىكى بىر قېتىمدا 50مىليون توننىلىق ئېكىۋالىنتلىق بىر ۋودروت بومبىسىنى پارتىلاتتى،شۇقېتىملىق پارتىلاشتا45كىلومىتىر دائىرىدە ھەرقانداق جانلىق ئامان قالمىغان،190كىلومىتىر دائىرىدە پارتىلاش تەسىرىنى ھېس قىغىلى بولغان.غەرىپنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسىسلىرى شۇقىتىملىق پارتىلاشنىڭ كۈچىنى مۇنداق شەرئىيلىگەن ،ئەگەر شۇ قېتىملىق پارتىلاش يەر شارى مەركىزىدە يۇز بەرگەن بولسا يەر يۇزىدە تۇرىۋاتقان ئادەملەر 2مىتىر ئىگىزلىككە قاڭقىپ كەتكەن بولاتتى،
ئامرىكا 1945-يىلدىن باشلاپ 1990-يىلغا قەدەر جەمئى 900قېتىمدىن ئارتۇق يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى،
1954 -يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامرىكا بىكىنى ئارىلىدا 150مىليون توننىلىق ئېكىۋالىنتتىكى بىر ۋودروت بومبىسىنى سىناق قىلدى،شۇ چاغدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە
ئۇزۇنلۇقى 257كىلومىتىر،كەڭلىكى64كىلومىتىر رايون ئىچىدە پارتىلاش تەسىرى بولغان،
دۆلىتىمىز 1964-يىلدىن باشلاپ 1990-يىلغىچە ۋاقىتتا جەمئى 40قېتىم يادرو سىناق قىلدى،مۇتلەق كۆپ قىسىم يادرو سىنىقى چۆل باياۋانلاردا ئېلىپ بېرىلغاچقا بۇلغىنىشنىڭ تەسىرى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس،نۆۋەتتە ئېلىمىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان شەرىق شامىلى 41تىپلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان سىنارەت ئېلىپ ئۇچىدىغان يادرو ئوق بىشىنىڭ ئېكىۋالىنتى 10مىليون توننىدىن 50مىليون توننىغىچە.
مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلانى شىنجاڭ ئونۋېرستىتي فىزىكا ئىنىستىتۇتى 2008 يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تەمىنلىگەن.تەپسىلي مەزمۇنلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز
غا مەرھەمەت قىلىڭ.
تۆۋەندىكى سىن فىلىمىنىمۇ كۆرۈپ بىقىڭ
يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش
يادرو ياراغلىرى كەڭ دائىرىدە قىرغىن قىلىدىغان ياراغ بـولـسـىـمـۇ، لېكىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى بىلـىـۋالـسىلا، ئۇنـىـڭ زىـيـىـنـىـنـى يېنىكلەتكىلى ۋە ئازايتقىلى بولىدۇ.
كەڭ دالىدا يادرو پارتلىغان چاغدىكى نـۇرنـى بـايـقـىـغـان ھـامـان، پارتلاش مەركىزىگە ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋېلىش كېرەك. ياتقـانـدا ئىـكـكـى قولنى گىرەلەشتۈرۈپ كۆكرەكنىڭ ئاستىغا باستۇرۇش، ئىككى جەينەكنى يانغا چىقىرىپ، باشنى تەبـىئىـي رەۋىـشـتـە ئىككى بىلەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇش، كۆز، ئېغىزنى چىـڭ يـۇمـۇش، نـەپـەس ئالماسلىق، ئىككى پۇتنى تۈز ئۇزىتىپ جۈپلەش كېـرەك. تـۆپىـلىـك، قـىـر قاتارلىق ئېگىزلىك بار جايلاردا، يادرو پارتلىـغـان چاغدىكى نۇرنى بايقىغان ھامان، يېقىن ئەتراپتىكى يەر شەكلـىـدىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ، دۈمبىسىنى پارتلاش مەركىزىگە قىلىپ، تـوسـۇقنىڭ ئارقىسىغا يېتىۋېلىش كېرەك.
مۇستەھكەم ئىمارەتلەرنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى قىـرغـىـنـچـىـلـىـق ئامىللىرىدىن مۇئەييەن مۇھاپىزەت قىلىش رولى بار. پارتلىغان چاغدىكى نـۇرنـى بايقىغان ھامان، ئۆي ئىچىدىكىلەر بۇلۇڭغا ياكـى كـارىـۋات، ئۈسـتـەل ئاستىلىرىغا يېتىۋېلىش، ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋېلىـش كـېـرەك.
غـار، كـۆۋرۈك ئاستى، يۇندى يولىدىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەلىنىشكىمۇ بولىـدۇ، بـەزىـدە دەل - دەرەخ، ئورمان، قوناقلىق ياكى سۇغا چۆكۈپ مۇداپىئەلـەنـگەنـدىـمـۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. مەسىلەن، نۇرنى بايقىغاندىن كېيىـن، سـۇ ئاستىغا20 سېكۇنت چۆكۈپ تۇرۇپ ئاندىن چىقسا، زىياننى يېنىكلەتكىلـى بولىدۇ.
تۈرلۈك دالا ئۇرۇشى ئاكوپلىرىنىڭ يادرو ياراغلىرىدىن بـىـرقـەدەر ياخشى مۇھاپىزەت قىلـىـش ئۈنۈمـى بـار. پـارتـلاش مـەركـىـزىـگـە كۆندىلەڭ جەڭ ئاكوپى ۋە قاتناش ئاكوپلـىـرىـنـىـڭ رادىئاتـسـىـيـە، زەربـە دولقۇنى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى يادرو رادىئاتىسىيىسىـدىـن بـەلـگـىـلـىـك مۇداپىئە قىلىش ئۈنۈمى بار. يادرو پارتلىغان چاغدىكى نۇرنى بـايـقىـغانـدا، ئاكـوپ ئىچىگە دەرھال يېتىۋېلىش ياكى مۇۋاپىق قىياپەتنى تاللاپ مۇداپىئەلـىـنـىـش كېرەك.
يامغۇرلۇق، پىلاش، كىيىم - كېچەك (كىيىم، قولقاپ، لۆڭگە) قاتارلىقلار بىلەن مۇداپىئەلەنسىمۇ، مۇئەييەن ئارىلىقتا، نۇر رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ. يادرو ھۇجۇمى ترېۋوگانسىنى ئاڭلىغاندا، ئوچۇقچىلىقتىكى كىشىلەر ھەم يوشۇرۇنغۇدەك ئاكوپ، ياكى پايدىلىق ئورۇن تاپالمىسا، يامغۇرلۇق كىيىپ، پىلاش ئارتىپ ياكى كىيىملىرىدىن پايدىلىنىپ مۇداپىئەلىنىشكە تەييارلىنىشى، يادرو پارتلاش نۇرىنى بايقىغان ھامان يەرگە دۈم يېتىپ، كىيىملىرى بىلەن ئوچۇق يەرلىرىنى چۈمكىۋېلىشى كېرەك.
رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ يۇقۇشىدىن مۇداپىئەلىنىش: رادىئوئاكتىپلىق تۈتەكنى كۆرگەندە ياكى بۇ ھەقتىكى سىگنالنى ئاڭلىغاندا، دەرھال يوشۇرۇنۇش ئەسلىھەلىرىگە كىرىۋېلىش كېرەك، ئوچۇقچىلىقتىكى خادىملار ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، يامغۇرلۇق يېپىنىپ پۈتۈن بەدىنىنى مۇداپىئە قىلىش كرەك.
يادرو پارتلىغاندىن كېيىن، يۇققان رادىئوئائاكتىپ ماددىلارنى تازىلاپ، رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ ئادەمگە زىيىنىنى تۈگىتىش ياكى ئازايتىش كېرەك. تازىلاش ئادەتتە قىسمەن تازىلاش ۋە پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاش دەپ ئايرىلىدۇ. قىسمەن تازىلاش بەدەننىڭ ئوچۇق يەرلىرى (باش، يۈز، بويۇن، قول) لاردىكى، بولۇپمۇ كۆز جىيىكى، قۇلاق تۆشۈكى، بۇرۇن تۆشۈكى، ئېڭەك قاتارلىق يەرلەرنى تازىلاشتۇر. قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتسە تازىلاش نىسبىتى 65% دىن ئاشىدۇ، ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتسە %90 كە يېتىدۇ، سۇ بىلەن يۇسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاش پۈتۈن بەدەننى دوشتا يۇيۇش ياكى سۇ بىلەن چايقاشتۇر. پۈتۈن بەدەنلىك تازىلاشنىڭ تازىلاش نىسبىتى %95 تىن ئاشىدۇ.
بىئو قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش
بىئو ياراغلار بىـرقـەدەر زور ئۆلـتـۈرۈش، يـارىلانـدۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنداقلا چەكلىمىلىككىمۇ ئىگـە ھەم ئۇنـىـڭـدىـن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇسۇل قـوللانغاندىلا، زىيىنىنى يېنىكلەتكىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
نەپەس يولىنى قوغداش. دۈشمەن بىئولوگىك دورا ئايروزولـىنى قويۇپ بەرگەندە، مۇداپىئە ماسكىسى ياكى نىقاب تاقاش كېـرەك، يـۇقـۇمدىن ساقلىنىش، چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش ماسكىسى تاقاشقىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى سايمانلار بولمىغاندا، لۆڭگە، قولياغلىق، جىددىي قۇتقـۇزۇش سـومكىسىدىكى پاختىدىن ياسالغان ئاددىي ماسكا ياكى قولياغلىق، بۆك، كىيـىـمنىڭ پېشى قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى ئېتىۋالغاندىمۇ مـۇئەيـيـەن قـوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
كۆزنى قوغداش. ماسكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىـر ۋاقـىـتـتـا، كۆزنى قوغداشقىمۇ دىققەت قىلىپ، بىئولوگىك دورىلارنىڭ بىـرىـكتۈرگۈچى پەردە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنـى ئېـلـىـش كـېرەك. ئۆزى ياسىۋالغان زەھەردىن ساقلىنىش كۆزەينىكى، شامالدىن دالدىلىنىش كۆزەينىكى تاقاشقىمۇ ياكى سۈزۈك سۇلياۋ رەخت ئوراپ مۇداپـىئەلـىنىشكىمۇ بولىدۇ.
تېرىنى قوغداش. زەھەردىن ساقلىنىش كىيىمى ياكى يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيگەندە، بىئولوگىك دورا ئايروزولىنىڭ تېـرىـنـى بۇلغىشىدىن ساقلانغىلى ھەم بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنـى ئېـلىـپ يۈرگۈچى ھاشاراتلارنىڭ چېقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەڭ، ياقـا، پـۇشقاقنى چىڭ ئېتىش، پەلەي كىيىش، ئۆتۈك كىيىشنىڭمۇ بەلگىلىك قوغداش رولى بار. مەسىلەن، يامغۇرلۇق كىيگەندە ياكى يېپىنـچا، سـۇلياۋ قاتارلىقلارنى ئارتىۋالغاندا، بۇلارنىڭ قوغداش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زەھەر سۈزىدىغان ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بـار دالـدا ئورۇنلاردىن خەندەك ۋە لەخمە قاتارلىق جايلارنىڭ بىئولوگىك دورا ئايـروزولىدىن ياخشى قوغداش ئۈنۈمى بار. كىشىلەر بىئو ياراغلارنىڭ ھۇجۇمىدىن بېرىلگەن سىگنالنى ئاڭلىغىنىدا، ئاكوپلارغا كىرىپ يـوشـۇرۇنىدۇ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىدىن بۇلغانغانلار يـوشـۇرۇنـۇش ئورنىغا كىرىشتە، زەھەردىن ساقلىنىش ئۆتۈشمە يولى سىرتىدا كىـيـىـم، ئاياغ، بۆكلىرىنى سېلىۋېتىشى ھەم ئۇنى خالتىغا سېلىپ خالتا ئاغزىنى ھىملىشى ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇشى، يۇيۇنۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش بۆلۈمىـگـە كـىرىپ، يۇيۇنۇپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يوشۇرۇنۇش ئورنىغا كىرىشى لازىم.
ئىممۇنىتېتنى قوغداش. ئادەتتىكى چاغلاردا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنـى ياخشى ئىشلەش، جەڭ ۋاقىتـلـىـرىـدا دۈشـمـەننىڭ جابدۇنغان ئاسـاسـىي بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەمـلەش كـېرەك.
دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. دۈشمەننىڭ بىئو يارىغىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىشلىتىلگەن بىئولوگـىــك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ دورىلارنى ئىچىش لازىم. ئەگـەر، دۈشمەننىڭ قايسى خىل جەڭ دورىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا جەزم قىلغىلى بـولمىسا، رولى كۆپ خىل ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىدىن بۇلغانغـان ھاۋا، يـەر، ياراغ - جابدۇق، ئادەم، كىيىم ۋە باشقا بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيە قىـلـىـش كـېرەك. دېزىنفېكسىيە ئۇسۇللىرىدىن دۈملەپ ھورداش ئۇسۇلـى، كـۆيـدۈرۈش ئۇسۇلى، چوڭقۇر كۆمۈش ئۇسۇلى، كۈنگە سېلىش ئۇسۇللىرى بار، ئۇنـىـڭدىن باشقا، خىمىيىۋى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن دېزىنفېكسىيىلەشكە بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-03-23 23:29قايتا تەھرىرلى ]