باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1281 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: تەپەككۇر قىلىڭ ، ئىبرەت ئېلىڭ !!!
دوستلىشىش
ئالدىراش
مەن پەقەت ئاللاھتىن قورققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11171
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-18
ئاخىرقى: 2012-04-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 11:41

تەپەككۇر قىلىڭ ، ئىبرەت ئېلىڭ !!!

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ھۆرمەتلىك ئەقىللىق مىننەتداشلىرىم بۇ يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن سەگەك كاللىڭىز بىلەن قاتتىق چوڭقۇر ئويلۇنۇپ، يۈركىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىڭىزنى يالغان سۆزگە كۆنۈپ كەتكەن ئېغىزىڭىزدىن ئاڭلىماي، ئەمەلىيەت رېئاللىقتىكى ھاياتى پائالىيتىڭىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىپ ئوقۇپ بېقىشڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۆتۈنىمەن.بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق مەقسەتتە، قانداق يولدا قانداق مەنزىلگە قاراپ مېڭۋاتقانلىقىڭىزنى ھاياتى دۇنيادىن خوشلاشقان ۋاقتىڭىزدا سىزنى زادى قانداق جاينىڭ كۈتۈدىغانلىقىنى ئۇقۇپ قېلىڭ. بەلكى بۇ توغرىدا كەمىنە دىلكەشنى بىر نەچچە يىل ئوقۇتۇپ قۇيالايدىغانسىز.
ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن، تۇزۇمايدىغان گۈل بولمىغىنىدەك بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيامۇ ھامان يېقىن كەلگۈسىدە ئاخىرلىشىپ، مەڭگۈ تۈگمەس بىر دۇنيا بىزنى كۈتۈۋالىدۇ. گەرچە سىز ھاياتنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيۈڭ ،  ھامان بۇ ھايات تاپقان پۇل مال ،يۇقۇرى ئىمتىياز چوڭ ئەمەللىرىڭىز سىزگە ۋاقتىلىق بولغاچ سىز قەبرىڭىزگە ئاخىرەت ئالىمىگە بۇلارنى  زىنھار ئېلىپ كىتەلمەيسىز. بۇ ئىنسان قۇلدىن كېلىدىغان ئىشىمۇ ھەم ئەمەس. ئىنسانلارنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان يەر شارىدىكى بارچە ئىنسانلارغا قانۇن بۇلۇپ چۈشكەن ساماۋى كىتاۋىمىز " قۇرئان كەرىم" دە قەيىت قىلىنغان دەھشەتلىك قىيامەت كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى. بازارغا بارغان ئادەممۇ يانچۇقىغا پۇل سېلىشنى ئۇنتۇمىغاندەك ،  سىزمۇ بۇ ئالەمدە ياراتقۇچى زات بەرگەن تۈرلۈك سانسىزلىغان نىمەتلەردىن يەپ ئىچىپ ، ئۇلاردىن ھەقسىز پايدىلىنىپ ، نامەلۇم كۈننىڭ بىرسىدە ، ھايات شامىڭىز تويۇقسىز ئۆچكەندە ، ياراتقۇچى ئالىدىغا ، ئاخىرەتكە قانداق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىشنى بەلكىم بىر كىچە - كۈندۈز ئىچىدە بىر دەقىقە بولسىمۇ ئويلايدىغانسىز . ئويلىمىغان ،  ئويلاشنى خالىمىغان ۋە ئويلىغانلارنى رەقىپ كۆرىدىغانلاردىن بولۇپ قالغان بولىسڭىز، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ راسىت ، ئىشەنچىلىك ھەدىسلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ . بەلكى سىزمۇ قىيامەت توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە شۇ كۈنگە ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن كۈن - تۈن تەييارلىق قىلۋاتقان ياخشى ئىنسانلار قاتارىدىنسىز . بوزۇقچىلىق يالىڭاچلىشىش يەرشارى خارەكتىرلىك جەمىئىيەتلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى ئوقۇپ قىيامەت كۈنىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى مەن بىلەن بىللە ئوقۇپ بېقىڭ."ھاراقنىڭ ئىچىلىشى ،زىنانىڭ تارىلىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىپ ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى ، جاھالەتنىڭ تارىلىشى ، ئىلىمنىڭ ئازىيىشى ، ئىشەنچنىڭ يوقۇلىشى،بىر كەسىپ شۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس ئادەمگە تۇتقۇزلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر" مانا بۈگۈنكى كۈندە قاچان قەيەرگە بارماڭ يالىڭاچ قىز - ئاياللارنى  قەدەمدە بىر ھەتتا يۈزلەپ ئۇچۇرتالايسىز . ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى ئۇلارنى بەزىدە يات مىللەت دەپ خاتا پەرەز قىلىپمۇ قالىسىز ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار سىز ئويلىغان يات مىللەت بولماستىن ، نامى مەشھۇر ئەل ئاۋامنى كۈلدۈرگەن سۇتۇق بۇغراخان، ئېلى خان تۆرەمنىڭ ئەۋلادلىرى. بۈيۈك ئىز ئۈچۈن ۋەدە قەسەملەرنى ئىچكەن باتۇر، ھايا نۇمۇسلۇق، ۋىجداننى ياشاش مىزانى قىلغان ئۇيغۇرنىڭ قىز ئەۋلادلىرى. بۇنداق دىگىنىم ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق يۈرۈيدۇ دىگىنىم ئەمەس. كۈنسىرى زورۇيۋاتقان ئادەم غەزىبى كەلتۈردىغان مىللى ئۆرۈپ-ئادەتكە يات مىللەتنىڭ ئىززەت شەرىپىنى دەپسەندە قىلىدىغان، بۇنداق پەسكەشلەرچە ياشاشنى مەدەنىيەت دەپ قارايدىغان، ئېغىزى مۇسۇلماننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى تامامەن غەربنىڭ ۋە باشقا مىللەتنىڭ بولغان نادان، ئەقلى چولتا، ياشاشتىكى مەقسىتى ئېنىق ئەمەس بىر ئوچۇم ئېغىزى مۇسۇلمانغا تەۋە باشقا ئەزالىرى يات مىللەتكە تەۋە سۆيۈملۈك، ساھىبجامال كەلگۈسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانىسى بۇلۇشتەك ۋەزىنى ئېغىر بولغان مەسئۇليەتنى نازۇك ۋۇجۇدىغا ئالغان قىز ئاياللىرىمىزدۇر. مانا بۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر - نامى بۈيۈك ئۇيغۇر. ئەنە شۇنداقلارغا ئەر، ئاتا، ئاكا  بولغان بىزلەرمۇ يەنە شۇ ئۇيغۇر. بىرەر جايدا بىرەرسى بىزنى «ئاناڭنى پالان قىلاي »دىسە شۇ ئادەمنى قىلغان سۆزگە مىڭ تۆۋە قىلغىدەك سۇقۇشىمىز. ھەتتا جاننى شۇ يولدا پىدا قىلىشتىنمۇ زىنھار باش تارتمايمىز. ئەنە شۇنداق ۋىجدانغا، غۇرۇرغا، ئىمانغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرى، خۇتۇن قىزلىرىمىز بەدەنلىرىنى ئېچىپ قۇيۇپ،مىللەتنىڭ ھۆرمەت ئىززىتىنى كۆزىمىزچە دەپسەندە قىلۋاتسا «ئامال يوق» دىگەن بۇ سۆزنى ئېغىزىمىزدىن كۆپۈك چاچىرتىپ ئاچچىق ئۇھ سىنغان ھالدا دەپ قۇيمىزدە يولىمىزغا راۋان بۇلمىز. ئەسلى ئامال بار، شۇلارنى باشقۇرۇش بىز ئەركەكلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى. ھەققى ئەركەكلەر ئۈچۈن تېخى مەتبۇئاتلاردا «ئەركەكلەر سىلەر قەيەردە؟» دىگەندەك ئادەمنى قايغۇغا سالدىغان ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىندى. ھەي ئاق سۈت ئەمگەن ئىنسان، ئەنە شۇنداق ئايال، قىزلارغا ئەر، ئاتا، ئاكا بولغان نىجىس ئىسپىرمىدىن تۆرەلگەن ئادەم بۇ ساختىغا تولغان دۇنيادىغۇ  «ئامال  يوق» دەپ ئۆزىڭىزنى ئالداپ ئۆتۈپ كىتەرسىز. ئەمما دەھشەتلىك قىيامەتتە ئاتا بالىدىن ، ئەر خۇتۇندىن كىچىدىغان، ئۆزرە قۇبۇل قىلىنمايدىغان شۇ كۈندە «ئاللاھ نىمە ئۈچۈن شۇ ئايال قىزلىرىڭنى باشقۇرمىدىڭ؟» دەپ سورىغان چاغدا نىمە دەپ جاۋاپ بىرەرسىز؟يەنە شۇ «ئامال يوق، بەدەننى ياپقۇدەك كىيىم ئالغىلى پۇل يوق ئىدى» دەپ يالغان سۆزلىيەلەسىزمۇ ؟ زىنھار سۆزلىيەلمەيسىز. شۇ كۈندە ئاللاھ ئىنسان ئېغىزنى پىچەتلىۋېتىپ ھىساپ ئالىدۇ. قول، پۇت ۋە ھەممە ئەزا شۇ ئىنساننىڭ زىيىنىغا سۆزلەيدۇ . مانا شۇنداق تۇرسا سىز قانداقمۇ ئاللا ئالدىدا يالغاننى تۇقۇپ كىتەلەرسىز ؟ ناۋادا قىيامەتكە  ئىشەنسىڭىز، ھەققى چىن قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بەندە بولسىڭىز شۇنداق ئايال قىزىڭىز كوچىلاردا ئېچىپ قۇيۇپ يۈرگەندە قۇلاق تۈۋىگە چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۆيىڭىزگە ئەكىرىپ تەربىيە بېرىڭ. بىراق ئەگرى قوۋرىغىنى سۇندۇرۋەتمەڭ،ئۇرۇپ ئەركەكلىكىڭىزنى نامايەنمۇ قىلماڭ. دوۋزاخ ئوتىنىڭ ھارارتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز سىناپ قولىڭىزغا چاقماق ئوتىنى تۇتاشتۇرۇپ بېقىڭ. بىر مىنۇت بەرداشلىق بىرەلەمسىز؟ «ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟» بۇ ماقالە بىز ئەركەكلەر ئۈچۈن بىر چاقىرىق، بىر سىگنال. بۇ چاقچاق ئەمەس، ئەرلەر قونچاق ئەمەس بەلكى ئايال قىزلارنىڭ ھامىيسى. شۇ بۈگۈنكى كۈندە يالىڭاچ يۈرۋاتقان تاتلىق خۇتۇن قىزىلىرىمىز قىيامەت كۈنىدە بىزنىڭ ياقىمىزغا ئېسىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى قوغداشنى بىز ئەركەكلەرگە تاپشۇرغان. ئايال قىزلار بىز ئۈچۈن بىر چوڭ نېممەت. ئۇلار ھەرگىزمۇ ماگزىنلاردىكى مودىل ئەمەس ياكى يايلاقتىكى يۈگىننى ئۈزۋالغان ئاتمۇ ئەمەس. ئۇلار پەقەت سىز ئۈچۈن بىر نېممەت. كوچىلاردا، رېستۇرانلاردا، تانسىخانىلاردا ئويناپ ياشاپ كەچتە ئېغىز بۇرنى ساق كەلسىلا «خۇتۇنۇم ياخشى» دەپ يۈرسىڭىز سىزنىڭ خورازچىلىكمۇ غورۇرىڭىز يوق ئەلۋەتتە .تېلۋىزور ئائىللەرگە ئورتاقلىشىپ بىزمۇ كۈنۈپ كەتتۇق. تېخى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇزۇق ئاڭ، ياشاش يولنى ئۆگىنۋالدۇق. ھازىر بولسا ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ دۇنيا مەدەنىيەت رىكورتىنى بۇزۋەتتۇق. مانا بۇنىڭ يارقىن دەلىلى ئۈرۈمچىدە ئەللىك مىڭ ئەيدىز بىمارنىڭ بايقالغانلىقى. بۇ ئادەمنىڭ قورقىسى كىلدىغان كۆپ سان .مانا بۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت ،ئېچۋىتىلگەنلىكنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتى .مانا بۇ كېسەلگە خەلقئارادا ھىچبىر دۆلەت بىرەر دورىمۇ ياساپ چىقالمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ  جازاسى. نىجىس ئىسپىرمىدا يارتىلغان ئەقىللىق ئىنسان سىز چۇقۇم ھىساپ كىتاپ مەيدانىغا يەنى قىيامەتتىن ئىبارەت  سۈت ئىمتىۋاتقان ئايال بوۋىقىنى ئۇنتۇيدىغان بوۋاقنىڭ چېچىغا ئاق كىرىكىتىدىغان ، كۈننىڭ نۇرى ئۈچۈپ، تاغلار يۇڭدەك پارتىلاپ كىتىدىغان ، دېڭىزلار قايناپ كىتىدىغان بارچە ئىنسانلار قىيامەتنىڭ دەھشىتى سەۋەپلىك مەس ھالەتتە يۈرۈيدىغان، ھىچبىر ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدىغان، پارە جازانە قۇبۇل قىلمايدىغان  شۇ مەيدانغا قىلۋاتقان ياخشى يامان ئىشلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ يالىڭاچ ھالەتتە بارىسىز. ھەتتا فىرئەۋىنمۇ شۇنداق كەتكەن.  سىز ئىنسان سىز چارىپاي ئەمەس،  ئەۋرىتىنى ئاچقانلىق بۇ مەدەنىيەتمۇ ئەمەس . بۇ ھەددىدىن ئاشقان پەسكەشلىك، ئۆزىنى ئۇنتۇغانلىق، ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا دەپ يۈرۈۋاتقان ئەركەك سىزمۇ ئاڭلاڭ ،سىز قىلۋاتقان ھەر بىر ئىشنى كۆزۈتۈپ تۇرغان ئاللاھنى، مەيلى قانداق يەردە، قانداق ھالدا بولماڭ،ئۇنتۇماڭ. ئىككى مۈرىڭىزدە بىردىن ئىككى پەرشىتىنىڭ قىلغان ياخشى يامان ئەمەلىڭىزنى يازدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ زىرائەت تېرىيدىغان مۇنبەت ئېتىزى نىمە تېرىسىڭىز ئاخىرەتتە شۇنى ئالسىز. قىز ئاياللار ۋە باشقا دۇنيا مەئىشەتلىرى سىزگە مۇئەييەن ۋاقىتقىچە بېرىلگەن ھىساۋى بار نېممەت. يامغۇر يېغىش ئالدىدا ھاۋا تۇتۇلغاندەك، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى  قەدەمدە بىر ئەمىلى دەلىلىرى بىلەن ئىسپاتلىنۋاتسا ، سىز يەنە گۇمراھلىق، زالالەت پاتقىقىدا يۈرەمسىز؟ سىزنىڭ كۈچلۈك دوۋزاخ ئوتىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان زادى نىمىدىن پۈتۈلگەن تىنىڭىز بار . ئەقىللىق ئىنسان ئويلاپ بېقىڭ ، ئاللاھ سىزنى بۇ ئالەمگە يىيىش، ئىچىش، بالا تېپىش ئۈچۈن شۇنداق ئاددى مەقسەتتە ياراتقانمىدۇ؟ . ناۋادا شۇنداق بولسا ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ نىمە پەرقى بولسۇن؟ باغ بىنا قىلغان ئادەممۇ ئۇنىڭدىن مەھسۇلات ئالالمىسا بۇ باغنى ھامان ۋەيران قىلماي قالمايدىغۇ! ئەي ئەقىللىق ئىنسان ئويلاپ، ئىبرەت ئېلىڭ، ئەتىراپىڭىزدىكى ھەر بىر نەرسىدىن ئىبرەت ئېلىڭ...............



                                     مەنبەسى : تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم  
دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش بىلەن ئارام تاپىدۇ .
دوستلىشىش
يۇلغۇن0996
ھايا ، قىز بوينىدىكى زۇنھار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11227
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-23
ئاخىرقى: 2012-03-23

ۋەلەيكوم ئەسسالام !
ئۇقۇپ ئويلىنىشقا ئەرزىگىدەك ياخشى ئەسەر ئىكەن ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4331 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:10

تولىمۇ ئوبدان يېزىپسىز.ئوقۇيدىغانلار قانچىلىكتۇ-ھە؟
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 2895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-05-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:13

بەك ياخشى تىمىكەن قېرىدىشىم ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن قىيامەتتە رەسۋاچىلىقتىن ساقلىسۇن ئامىين!
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11225
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالدىراش ئەپەندى يەنە يۈز كۆرۈشۈپتىمىز ھە!!!! قەلىمىڭىز خېلى ئۆتكۈرمۇ نېمە ھە!!!!
tiremni soysimu allanig duxmini bilan dosbolalmayman
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 209
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 85 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-08
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 12:24

مىڭ ئىغىز قۇرۇق گەپساتقاندىن  بىرقىتىم ئەمەلى ئىش  قىلغان تۇزۇزۇك      
پادىشا ئوۋغا چىقىپ قاغىنى شۇڭقاردىسە
سەن ئۇنى قاغا دىمەي ئەگىشىپ شۇڭقاردىگىن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1608
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1608دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16857 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:03

ۋەئەلەيكۇم -  ئەسسالام ،  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يازمىكەن ، اللەتىن كۆپ ئەجىرلەر تىلەيمەن ، اميىن !
بۈگۈنىمىزنى غەنىيمەت بىلىپ تەپەككۈر قىلايلى .ئۆزىمىزنىڭ  رەببىمىز ئالدىدىكى ۋەزىپىمىزىنى ئادا قىلىشقا تىرىشايلى !
اللا
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:07

ئاۋازلىقى بارغۇ بۇنىڭ.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1208
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1208دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:08

«ئالدىراش» تېمىنى قالتىس يازامدۇ نېمە؟ ئەجەپ ياخشى چىقىپتۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1353 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-23 13:28

نەسىھەتلىك  تىمىنى يەنە بىز ئەستايدىل  كۆرىمىز  ،يەنە ئاشۇ تىخمۇ كۆرۇشكە تىگىشلىك ئادەملەر  كۆرمەيدۇ،يەنە ئاشۇلار ئۆز گۇناھقا  پاتقان دۇنياسىدا يۇرىۋىرىدۇ،بۇنداق تور بكەتلەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيدۇ...